< ئەزرا 9 >

بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ئەمىرلەر مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى يېنىمغا كېلىپ: ــ ئىسرائىللار، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن، يەنى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىدىن ئايرىپ تۇرمىدى، ــ دېمەك، ئۇلار قانائانىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار، ئاممونىيلار، موئابىيلار، مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 1
А як скінчи́лося це, підійшли до мене зверхники, говорячи: „Цей народ, Ізраїль, і священики та Левити не відділи́лися від народів цих країв з їхніми гидо́тами, від ханане́ян, періззе́ян, євусе́ян, аммоне́ян, моаві́тян, єги́птян та аморе́ян,
چۈنكى ئۇلار بۇ يات تائىپىلەردىن ئۆزلىرىگە ۋە ئوغۇللىرىغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، [خۇداغا] خاس مۇقەددەس نەسىلنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمىرلەر بىلەن ئەمەلدارلار بۇ ساداقەتسىزلىكنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، ــ دېيىشتى. 2
бо побрали з їхніх дочо́к собі та своїм сина́м, змішалося святе насіння з наро́дами цих країв, а рука зве́рхників та предста́вників була́ перша в цьому спроневі́ренні“.
مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا كۆڭلەك بىلەن تونۇمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ غەم-قايغۇغا چۈشۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. 3
А коли я почув це слово, то розде́р я одежу свою та плаща́ свого, і рвав воло́сся з голови своєї та з бороди своєї, і сидів остовпі́лий...
ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم. 4
І зібра́лися до ме́не всі тремтя́чі перед словами Бога Ізраїлевого за спроневі́рення пове́рненців, а я сидів остовпі́лий аж до жертви вечірньої.
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ، 5
А за вечірньої жертви встав я з упоко́рення свого, і, роздерши шату свою та плаща́ свого, упав я на коліна свої, і простягну́в ру́ки свої до Господа, Бога мого...
دۇئا قىلىپ: ــ «ئاھ خۇدايىم، شەرمەندىلىكتە يۈزۈمنى ساڭا قارىتىشتىن ئىزا تارتماقتىمەن، ئى خۇدايىم؛ چۈنكى قەبىھلىكلىرىمىز تولىلىقىدىن باشلىرىمىزدىن ئاشتى، ئاسىيلىق-ئىتائەتسىزلىكىمىز ئاسمانلارغا تاقاشتى. 6
І сказав я: „Боже мій, соро́млюся я та стидаюся підне́сти, Боже мій, обличчя своє до Те́бе, бо беззако́ння наші помно́жилися понад голову, а наша провина виросла аж до неба!
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر زور ئىتائەتسىزلىكتە يۈرۈپ كەلدۇق، شۇڭا قەبىھلىكلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىز، بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز ۋە كاھىنلىرىمىز خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھەرقايسى يۇرتلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىلىچقا، سۈرگۈنلۈككە، بۇلاڭ-تالاڭغا، نومۇسقا تاپشۇرۇلدۇق. 7
Від днів наших батьків ми в великій провині аж до дня цього, а за наші беззако́ння були́ ві́ддані ми, наші царі, наші священики в руку царів цих краї́в на меча́, на поло́н, і на грабі́ж, і на посоро́млення обличчя, як цього дня.
ئەمدى ھازىر ئازغىنە ۋاقىت خۇدايىمىز كۆزلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە ئازغىنا ئارام بېرىلسۇن دەپ، قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىپ، بىزگە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىدىن خۇددى قاققان قوزۇقتەك مۇقىم ئورۇن بېرىپ، بىزگە خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات كۆرسىتىلدى. 8
А тепер на малу́ хвилю ста́лася нам милість від Господа, Бога нашого, щоб позоста́вити нам оста́нок, і дати нам затверди́тися на місці святині Його, щоб освітити очі наші, Боже наш, і дати нам трохи ожити в нашій неволі!
چۈنكى بىز ھازىر قۇللارمىز؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز مۇشۇ قۇللۇقىمىزدا يەنىلا بىزنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرۈپ، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنى سېلىپ، خارابىلەشكەن جايلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭلاشقا بىزنى روھلاندۇردى، شۇنداقلا بىزنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىللىق قىلدى. 9
Бо раби ми, та в нашій неволі не покинув нас Бог наш, і прихилив до нас милість перед пе́рськими царями, щоб дати нам ожити, щоб підне́сти дім нашого Бога й щоб відбудува́ти руїни його, та щоб дати нам за́хист в Юдеї та в Єрусалимі.
ئى خۇدا، بىز بۇ [ئىلتىپاتلار] ئالدىدا يەنە نېمە دېيەلەيمىز؟ چۈنكى بىز يەنىلا سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تاپىلغان ئەمرلىرىڭنى تاشلىۋەتتۇق؛ سەن [ئۇلار ئارقىلىق]: «سىلەر كىرىپ مىراس قىلىپ ئىگىلەيدىغان زېمىن بولسا، شۇ زېمىندىكى تائىپىلەرنىڭ نىجىسلىقى بىلەن بۇلغانغان بىر زېمىن؛ چۈنكى ئۇلار تۈرلۈك ناپاكلىقلارنى قىلىپ، يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن بۇ زېمىننى بۇ چەتتىن ئۇ چېتىغىچە تولدۇرۇۋەتتى. 10
А тепер що ска́жемо, Боже наш, по цьо́му? Бо ми поки́нули заповіді Твої,
11
які Ти наказа́в через Своїх рабів пророків, говорячи: Цей Край, що ви йдете посісти, він край нечистий через нечистість наро́ду цих країв, через їхні гидо́ти, що напо́внили його від кра́ю до кра́ю своєю нечи́стістю.
شۇڭا سىلەر قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەڭلار، ئوغۇللىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەڭلار؛ سىلەر كۈچىيىپ، زېمىننىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە، زېمىننى ئەبەدىلئەبەد ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئامان-تىنچلىقى ياكى مەنپەئىتىنى ھەرگىز ئىزدىمەڭلار» ــ دېگەنىدىڭ. 12
А тепер дочо́к своїх не давайте їхнім синам, а їхніх дочо́к не беріть для своїх синів, і не питайте їх про мир та про добро їх аж навіки, щоб ви стали сильні, та спожива́ли добро цієї землі, і віддали́ на спа́док вашим синам аж навіки.
بىزنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىمىز ۋە ناھايىتى ئېغىر ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ھەممە بالا-قازا بېشىمىزغا كەلگەنىدى ۋە سەن، ئى خۇدايىمىز، قەبىھلىكلىرىمىزگە تېگىشلىك بولغان جازايىمىزنى يېنىكلىتىپ، بىزگە بۈگۈنكىدەك نىجاتلىق ئىلتىپاتنى كۆرسەتكەن تۇرۇقلۇق، 13
А по то́му всьому, що прийшло на нас за наші злі чи́ни та за нашу велику провину, — бо Ти, Боже наш, стримав кару більше від гріха́ нашого, і дав нам таку рештку, —
بىز قانداقمۇ يەنە ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇنداق يىرگىنچلىك قائىدىلەرنى تۇتقان بۇ تائىپىلەر بىلەن نىكاھلىنىۋېرىمىز؟ مۇبادا شۇنداق قىلىدىغان بولساق، سەن بىزگە غەزەپلىنىپ، بىزگە بىر قالدى ياكى قۇتۇلغۇدەك بىرسىنىمۇ قالدۇرماي يوقاتماي قالامسەن؟ 14
чи зно́ву ми лама́тимемо заповіді Твої, і бу́демо посвоя́чуватися з оцими мерзо́тними наро́дами? Чи ж Ти не розгні́ваєшся на нас аж до ви́гублення нас, так що ніхто не позоста́вси б і не врятува́вся?
ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىيدۇرسەن! شۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈنكىدەك قۇتۇلۇپ قالغان بىر قالدىمىز. قارا، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچقايسىمىز تىك تۇرالماي قالدۇق» ــ دېدىم. 15
Господи, Боже Ізраїлів, Ти праведний, бо ми позоста́лися останком, як цього дня. Ось ми в провині своїй перед лицем Твоїм, бо не всто́яти нам за це перед лицем Твоїм!“

< ئەزرا 9 >