< ئەزرا 9 >
بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ئەمىرلەر مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى يېنىمغا كېلىپ: ــ ئىسرائىللار، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن، يەنى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىدىن ئايرىپ تۇرمىدى، ــ دېمەك، ئۇلار قانائانىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار، ئاممونىيلار، موئابىيلار، مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 1 |
Kiam ĉio tio estis finita, aliris al mi la estroj, kaj diris: La popolo Izraela kaj la pastroj kaj la Levidoj ne apartigis sin de la popoloj de la landoj koncerne iliajn abomenindaĵojn, de la Kanaanidoj, Ĥetidoj, Perizidoj, Jebusidoj, Amonidoj, Moabidoj, Egiptoj, kaj Amoridoj;
چۈنكى ئۇلار بۇ يات تائىپىلەردىن ئۆزلىرىگە ۋە ئوغۇللىرىغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، [خۇداغا] خاس مۇقەددەس نەسىلنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمىرلەر بىلەن ئەمەلدارلار بۇ ساداقەتسىزلىكنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، ــ دېيىشتى. | 2 |
ĉar ili prenis el iliaj filinoj edzinojn por si kaj por siaj filoj, kaj miksiĝis la sankta semo kun la popoloj de la landoj; kaj la mano de la eminentuloj kaj ĉefoj estis la unua en ĉi tiu malbonago.
مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا كۆڭلەك بىلەن تونۇمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ غەم-قايغۇغا چۈشۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. | 3 |
Kiam mi aŭdis tion, mi disŝiris miajn vestojn kaj mian tunikon, mi elŝiris harojn de mia kapo kaj el mia barbo, kaj mi sidis konsternite.
ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم. | 4 |
Kaj kolektiĝis al mi ĉiuj, kiuj timis la vortojn de Dio de Izrael, pro la krimo de la forkaptitoj; kaj mi sidis konsternite ĝis la vesperofero.
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ، | 5 |
Kaj ĉe la vesperofero mi leviĝis de mia aflikto, kaj kun disŝiritaj vestoj kaj tuniko mi stariĝis surgenue kaj etendis miajn manojn al la Eternulo, mia Dio,
دۇئا قىلىپ: ــ «ئاھ خۇدايىم، شەرمەندىلىكتە يۈزۈمنى ساڭا قارىتىشتىن ئىزا تارتماقتىمەن، ئى خۇدايىم؛ چۈنكى قەبىھلىكلىرىمىز تولىلىقىدىن باشلىرىمىزدىن ئاشتى، ئاسىيلىق-ئىتائەتسىزلىكىمىز ئاسمانلارغا تاقاشتى. | 6 |
kaj mi diris: Ho mia Dio, mi hontas, kaj ĝenas min levi mian vizaĝon al Vi, ho mia Dio; ĉar niaj malbonagoj kreskis pli alten ol nia kapo, kaj nia kulpo fariĝis granda ĝis la ĉielo.
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر زور ئىتائەتسىزلىكتە يۈرۈپ كەلدۇق، شۇڭا قەبىھلىكلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىز، بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز ۋە كاھىنلىرىمىز خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھەرقايسى يۇرتلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىلىچقا، سۈرگۈنلۈككە، بۇلاڭ-تالاڭغا، نومۇسقا تاپشۇرۇلدۇق. | 7 |
De post la tempo de niaj patroj ni estas en granda kulpo ĝis la nuna tago; pro niaj malbonagoj ni estis transdonitaj, ni kaj niaj reĝoj kaj niaj pastroj, en la manojn de la alilandaj reĝoj, sub glavon, en kaptitecon, al disrabo kaj malhonoro, kiel tio estas nun.
ئەمدى ھازىر ئازغىنە ۋاقىت خۇدايىمىز كۆزلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە ئازغىنا ئارام بېرىلسۇن دەپ، قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىپ، بىزگە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىدىن خۇددى قاققان قوزۇقتەك مۇقىم ئورۇن بېرىپ، بىزگە خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات كۆرسىتىلدى. | 8 |
Kaj nun antaŭ momento venis pardono de la Eternulo, nia Dio, kaj Li restigis al ni saviĝintojn kaj permesis al ni alfortikiĝi sur Lia sankta loko; nia Dio donis lumon al niaj okuloj, kaj Li permesis al ni iom reviviĝi en nia sklaveco.
چۈنكى بىز ھازىر قۇللارمىز؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز مۇشۇ قۇللۇقىمىزدا يەنىلا بىزنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرۈپ، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنى سېلىپ، خارابىلەشكەن جايلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭلاشقا بىزنى روھلاندۇردى، شۇنداقلا بىزنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىللىق قىلدى. | 9 |
Ni estas ja sklavoj; sed en nia sklaveco nia Dio nin ne forlasis. Kaj Li donis al ni favorkorecon de la reĝoj de Persujo, por permesi al ni reviviĝi, por konstrui la domon de nia Dio kaj restarigi ĝiajn ruinojn, kaj por doni al ni barilon en Judujo kaj Jerusalem.
ئى خۇدا، بىز بۇ [ئىلتىپاتلار] ئالدىدا يەنە نېمە دېيەلەيمىز؟ چۈنكى بىز يەنىلا سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تاپىلغان ئەمرلىرىڭنى تاشلىۋەتتۇق؛ سەن [ئۇلار ئارقىلىق]: «سىلەر كىرىپ مىراس قىلىپ ئىگىلەيدىغان زېمىن بولسا، شۇ زېمىندىكى تائىپىلەرنىڭ نىجىسلىقى بىلەن بۇلغانغان بىر زېمىن؛ چۈنكى ئۇلار تۈرلۈك ناپاكلىقلارنى قىلىپ، يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن بۇ زېمىننى بۇ چەتتىن ئۇ چېتىغىچە تولدۇرۇۋەتتى. | 10 |
Kaj nun kion ni diros, ho nia Dio, post tio? ĉar ni forlasis Viajn ordonojn,
kiujn Vi ordonis per Viaj servantoj, la profetoj, dirante: La lando, en kiun vi venas por ekposedi ĝin, estas lando malpura pro la malpureco de la popoloj alilandaj, pro iliaj abomenindaĵoj, per kiuj ili plenigis ĝin de rando al rando en sia malpureco;
شۇڭا سىلەر قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەڭلار، ئوغۇللىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەڭلار؛ سىلەر كۈچىيىپ، زېمىننىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە، زېمىننى ئەبەدىلئەبەد ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئامان-تىنچلىقى ياكى مەنپەئىتىنى ھەرگىز ئىزدىمەڭلار» ــ دېگەنىدىڭ. | 12 |
ne donu do viajn filinojn al iliaj filoj, kaj iliajn filinojn ne prenu por viaj filoj, neniam zorgu pri ilia paco kaj bonstato, por ke vi fortiĝu kaj por ke vi nutru vin per la bonaĵoj de la tero kaj por ke vi heredigu ĝin por eterne al viaj filoj.
بىزنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىمىز ۋە ناھايىتى ئېغىر ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ھەممە بالا-قازا بېشىمىزغا كەلگەنىدى ۋە سەن، ئى خۇدايىمىز، قەبىھلىكلىرىمىزگە تېگىشلىك بولغان جازايىمىزنى يېنىكلىتىپ، بىزگە بۈگۈنكىدەك نىجاتلىق ئىلتىپاتنى كۆرسەتكەن تۇرۇقلۇق، | 13 |
Kaj post ĉio, kio trafis nin pro niaj malbonaj faroj kaj pro nia granda kulpo, kaj kiam nun Vi indulgis nin malgraŭ niaj malbonagoj kaj donis al ni tian saviĝon,
بىز قانداقمۇ يەنە ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇنداق يىرگىنچلىك قائىدىلەرنى تۇتقان بۇ تائىپىلەر بىلەن نىكاھلىنىۋېرىمىز؟ مۇبادا شۇنداق قىلىدىغان بولساق، سەن بىزگە غەزەپلىنىپ، بىزگە بىر قالدى ياكى قۇتۇلغۇدەك بىرسىنىمۇ قالدۇرماي يوقاتماي قالامسەن؟ | 14 |
ĉu ni nun denove malobeu Viajn ordonojn, kaj boparenciĝu kun la popoloj de tiuj abomenindaĵoj? Ĉu Vi ne koleros kontraŭ ni ĝis plena ekstermo sen restigo de ia restaĵo kaj savitaĵo?
ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىيدۇرسەن! شۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈنكىدەك قۇتۇلۇپ قالغان بىر قالدىمىز. قارا، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچقايسىمىز تىك تۇرالماي قالدۇق» ــ دېدىم. | 15 |
Ho Eternulo, Dio de Izrael! Vi estas justa; ĉar ni restis saviĝintoj ĝis la nuna tago. Jen ni estas antaŭ Vi en nia kulpo; ni ne povas teni nin antaŭ Vi pro tio.