< ئەزرا 8 >
پادىشاھ ئارتاخشاشتا سەلتەنەت سۈرۈپ تۇرغان ۋاقىتتا، بابىلدىن مېنىڭ بىلەن بىللە قايتقانلارنىڭ ئاتا جەمەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ | 1 |
Padishah Artaxshashta seltenet sürüp turghan waqitta, Babildin méning bilen bille qaytqanlarning ata jemet bashliqliri we ularning nesebnamiliri töwendikiche: —
فىنىھاسنىڭ ئەۋلادلىرىدىن گەرشون، ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن دانىيال، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاتتۇش، | 2 |
Finihasning ewladliridin Gershon, Itamarning ewladliridin Daniyal, Dawutning ewladliridin Hattush,
شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن نەسەبنامىدە تىزىملانغان ئەركەكلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك كىشى؛ | 3 |
Shékaniyaning ewladliridin, yeni Paroshning ewladliridin Zekeriya we uning bilen nesebnamide tizimlan’ghan erkekler jemiy bir yüz ellik kishi;
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن زەراھىياھنىڭ ئوغلى ئەليويىناي ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز كىشى؛ | 4 |
Pahat-Moabning ewladliridin Zerahiyahning oghli Elyoyinay we uning bilen bille qaytqan erkekler ikki yüz kishi;
شېكانىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ياھازىيەلنىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئۈچ يۈز كىشى؛ | 5 |
Shékaniyaning ewladliridin bolghan Yahaziyelning oghli we uning bilen bille qaytqan erkekler üch yüz kishi;
ئادىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبەد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئەللىك كىشى؛ | 6 |
Adinning ewladliridin Yonatanning oghli Ebed we uning bilen bille qaytqan erkekler ellik kishi;
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاتالىيانىڭ ئوغلى يەشايا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى؛ | 7 |
Élamning ewladliridin Ataliyaning oghli Yeshaya we uning bilen bille qaytqan erkekler yetmish kishi;
شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر سەكسەن كىشى؛ | 8 |
Shefatiyaning ewladliridin Mikailning oghli Zebadiya we uning bilen bille qaytqan erkekler seksen kishi;
يوئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەھىيەلنىڭ ئوغلى ئوبادىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئىككى يۈز ئون سەككىز كىشى؛ | 9 |
Yoabning ewladliridin Yehiyelning oghli Obadiya we uning bilen bille qaytqan erkekler ikki yüz on sekkiz kishi;
شېلومىتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوسىفىيانىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئاتمىش كىشى؛ | 10 |
Shélomitning ewladliridin Yosifiyaning oghli we uning bilen bille qaytqan erkekler bir yüz atmish kishi;
بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىباينىڭ ئوغلى زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يىگىرمە سەككىز كىشى؛ | 11 |
Bibayning ewladliridin Bibayning oghli Zekeriya we uning bilen bille qaytqan erkekler yigirme sekkiz kishi;
ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھاككاتاننىڭ ئوغلى يوھانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر بىر يۈز ئون كىشى؛ | 12 |
Azgadning ewladliridin Hakkatanning oghli Yohanan we uning bilen bille qaytqan erkekler bir yüz on kishi;
ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەڭ ئاخىرىدا قايتقانلارنىڭ ئىسىملىرى ئەلىفەلەت، جەئىيەل ۋە شېمايا بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر ئاتمىش كىشى؛ | 13 |
Adonikamning ewladliridin eng axirida qaytqanlarning isimliri Elifelet, Jeiyel we Shémaya bolup, ular bilen bille qaytqan erkekler atmish kishi;
بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۇتاي بىلەن زاببۇد ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قايتقان ئەركەكلەر يەتمىش كىشى. | 14 |
Bigwayning ewladliridin Utay bilen Zabbud we ular bilen bille qaytqan erkekler yetmish kishi.
ــ مەن ئۇلارنى ئاخاۋاغا ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا يىغدىم؛ بىز ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئۈچ كۈن تۇردۇق. خەلقنى ۋە كاھىنلارنى ئارىلاپ قارىسام ئۇ يەردە لاۋىيلار يوق ئىكەن. | 15 |
— Men ularni Axawagha aqidighan Deryaning boyigha yighdim; biz u yerde chédir tikip üch kün turduq. Xelqni we kahinlarni arilap qarisam u yerde Lawiylar yoq iken.
شۇڭا مەن باشلىقلاردىن ئەلىئېزەر، ئارىيەل، شېمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زەكەرىيا بىلەن مەشۇللاملارنى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ ئوقۇمۇشلۇق ئالىملاردىن يوئارىب بىلەن ئەلناتاننى چاقىرتىپ كېلىپ، | 16 |
Shunga men bashliqlardin Eliézer, Ariyel, Shémaya, Elnatan, Yarib, Elnatan, Natan, Zekeriya bilen Meshullamlarni we ulargha qoshup oqumushluq alimlardin Yoarib bilen Elnatanni chaqirtip kélip,
ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ كاسىفىيا دېگەن يەرگە، ئىددو دېگەن ئاتامان بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتىم. مەن كاسىفىيا دېگەن يەردە ئىددوغا ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بولغان قېرىنداشلىرىغا دەيدىغان گەپلەرنى ئاغزىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى بىزگە ئەكېلىشنى ئۆتۈندۇم. | 17 |
ulargha hawale qilip Kasifiya dégen yerge, Iddo dégen Ataman bilen körüshüshke ewettim. Men Kasifiya dégen yerde Iddogha we uning ibadetxana xizmetkarliri bolghan qérindashlirigha deydighan geplerni aghzigha sélip, ularning bu yerge Xudayimizning öyi üchün xizmet qilidighan xizmetchilerni bizge ekélishni ötündum.
خۇدايىمىزنىڭ شاپائەتلىك قولى بىزدە بولغاچقا، ئۇلار بىزگە ئىسرائىلنىڭ ئەۋرىسى، لاۋىينىڭ نەۋرىسى ماھلىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئوقۇمۇشلۇق بىر ئادەمنى، يەنى شەرەبىيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمئىي ئون سەككىز كىشىنى باشلاپ كەلدى. | 18 |
Xudayimizning shapaetlik qoli bizde bolghachqa, ular bizge Israilning ewrisi, Lawiyning newrisi Mahlining ewladliri ichidin oqumushluq bir ademni, yeni Sherebiyani we uning oghulliri hem qérindashliri bolup jemiy on sekkiz kishini bashlap keldi.
ئۇلار يەنە ھاشابىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يەشايا ھەم ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي يىگىرمە كىشىنى، | 19 |
Ular yene Hashabiya we uning bilen bille Merarining ewladliridin Yeshaya hem uning qérindashliri hem ularning oghulliri bolup, jemiy yigirme kishini,
يەنە ئىلگىرى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرى لاۋىيلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا تەيىنلىگەن «نەتىنىيلار»دىن ئىككى يۈز يىگىرمە كىشىنى باشلاپ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسىملىرى بىلەن تىزىملاندى. | 20 |
Yene ilgiri Dawut we uning emirliri Lawiylarning xizmitide bolushqa teyinligen «Netiniylar»din ikki yüz yigirme kishini bashlap keldi, bularning hemmisi isimliri bilen tizimlandi.
شۇ چاغدا ئاخاۋا دەرياسى بويىدا مەن خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمىزنى تۆۋەن قىلىپ، ئۆزىمىز ۋە كىچىك بالىلىرىمىز ھەم بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن خۇدايىمىزدىن ئاق يول تىلەشكە روزا تۇتايلى، دەپ جاكارلىدىم. | 21 |
Shu chaghda Axawa deryasi boyida men Xudayimizning aldida özümizni töwen qilip, özimiz we kichik balilirimiz hem barliq mal-mülkimiz üchün Xudayimizdin aq yol tileshke roza tutayli, dep jakarlidim.
چۈنكى بىز ئەسلىدە پادىشاھقا: «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى بارلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قويۇلىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا زەربە بېرىشكە تەيياردۇر» دېگەنىدۇق، ئەمدى يەنە ئۇنىڭدىن يولدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەر تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. | 22 |
Chünki biz eslide padishahqa: «Xudayimizning qoli Uni barliq izdigenlerning üstige iltipat körsitishke qoyulidu; lékin Uning qudriti bilen ghezipi Özini tashlighanlargha zerbe bérishke teyyardur» dégeniduq, emdi yene uningdin yoldiki düshmenlerge taqabil turushqa piyade we atliq leshkerler teyinlep bérishni telep qilghanliqimdin xijil bolup qaldim.
شۇنىڭ بىلەن بىز روزا تۇتۇپ خۇدايىمىزدىن شۇ ئىش توغرۇلۇق ئۆتۈندۇق، ئۇ دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى. | 23 |
Shuning bilen biz roza tutup Xudayimizdin shu ish toghruluq ötünduq, u duayimizni ijabet qildi.
مەن كاھىن باشلىرى ئىچىدىن ئون ئىككى ئادەمنى ۋە شەرەبىيا، ھاشابىيا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ئاكا-ئۇكىلىرىدىن ئون ئادەمنى تاللاپ، | 24 |
Men kahin bashliri ichidin on ikki ademni we Sherebiya, Hashabiya we ular bilen bille bolghan aka-ukiliridin on ademni tallap,
ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى، يەنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمىرلىرى ۋە شۇنىڭدەك شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللار «كۆيدۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە قىلغان سوۋغاتلارنى تاپشۇردۇم. | 25 |
ulargha altun, kümüsh we qacha-quchilarni, yeni padishah, uning meslihetchiliri, emirliri we shuningdek shu yerde turuwatqan barliq Israillar «köydürme hediye» süpitide Xudayimizning öyige hediye qilghan sowghatlarni tapshurdum.
مەن كۈمۈشتىن ئالتە يۈز ئەللىك تالانت، يۈز تالانت ئېغىرلىقتىكى كۈمۈش قاچا-قۇچا، يۈز تالانت ئالتۇننى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆلچەپ تاپشۇردۇم. | 26 |
Men kümüshtin alte yüz ellik talant, yüz talant éghirliqtiki kümüsh qacha-qucha, yüz talant altunni ularning qoligha ölchep tapshurdum.
ئۇلارغا تاپشۇرغانلىرىمدىن يەنە ئالتۇن داس يىگىرمە بولۇپ، قىممىتى مىڭ دارىك، سۈپەتلىك ۋە ۋالىلداپ پارقىرايدىغان مىس چوڭ داس ئىككى بولۇپ، ئالتۇندەك قىممەتلىك ئىدى. | 27 |
Ulargha tapshurghanlirimdin yene altun das yigirme bolup, qimmiti ming darik, süpetlik we walildap parqiraydighan mis chong das ikki bolup, altundek qimmetlik idi.
مەن ئۇلارغا: ــ سىلەر پەرۋەردىگارغا مۇقەددەستۇرسىلەر، قاچا-قۇچىلارمۇ مۇقەددەستۇر، ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئىختىيارىي ھەدىيە قىلىنغان سوۋغاتتۇر. | 28 |
Men ulargha: — Siler Perwerdigargha muqeddestursiler, qacha-quchilarmu muqeddestur, altun-kümüshler ata-bowanglarning Xudasi Perwerdigargha ixtiyariy hediye qilin’ghan sowghattur.
تاكى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى ئامبار-خەزىنىلەرگە يەتكۈزۈپ، كاھىنلار ۋە لاۋىيلارنىڭ باشلىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا تارازىدىن ئۆتكۈزگۈچە بۇلارنى ئوبدان قاراپ قوغداڭلار، دېدىم. | 29 |
Taki Yérusalémdiki Perwerdigarning öyidiki ambar-xezinilerge yetküzüp, kahinlar we Lawiylarning bashliri we Israillarning qebile-jemet bashliqlirining aldida tarazidin ötküzgüche bularni obdan qarap qoghdanglar, dédim.
شۇنىڭ بىلەن كاھىنلار بىلەن لاۋىيلار يېرۇسالېمدىكى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدىغان، تارازىدىن ئۆتكۈزۈلگەن شۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى تاپشۇرۇۋالدى. | 30 |
Shuning bilen kahinlar bilen Lawiylar Yérusalémdiki Xudayimizning öyige apiridighan, tarazidin ötküzülgen shu altun-kümüsh we qacha-quchilarni tapshuruwaldi.
شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى بىز ئاخاۋا دەرياسىنىڭ بويىدىن قوزغىلىپ يېرۇسالېمغا چىقىشقا ماڭدۇق. خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۈستىمىزدە بولغاچقا، ئۇ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يولدا پايلاپ تۇرغان قاراقچىلاردىنمۇ قۇتقۇزدى. | 31 |
Shuning bilen birinchi ayning on ikkinchi küni biz Axawa deryasining boyidin qozghilip Yérusalémgha chiqishqa mangduq. Xudayimizning qoli üstimizde bolghachqa, u bizni düshmenlirimizdin we yolda paylap turghan qaraqchilardinmu qutquzdi.
بىز يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق؛ | 32 |
Biz Yérusalémgha kélip u yerde üch kün turduq;
تۆتىنچى كۈنى خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىدە ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلار تارازىدا ئۆلچىنىپ كاھىن ئۇرىيانىڭ ئوغلى مەرەموتنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئەلىئازار، يەنە لاۋىيلاردىن يەشۇئانىڭ ئوغلى يوزاباد بىلەن بىننۇئىينىڭ ئوغلى نوئادىياھلار بار ئىدى. | 33 |
tötinchi küni Xudayimizning öyide altun-kümüsh we qacha-quchilar tarazida ölchinip kahin Uriyaning oghli Meremotning qoligha tapshuruldi; uning yénida Finihasning oghli Eliazar, yene Lawiylardin Yeshuaning oghli Yozabad bilen Binnuiyning oghli Noadiyahlar bar idi.
ھەممە نەرسە سانى بويىچە ۋە ئېغىرلىقى بويىچە ئۆلچەندى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈپ قويۇلدى. | 34 |
Hemme nerse sani boyiche we éghirliqi boyiche ölchendi we shuning bilen bille herbirining éghirliqi pütüp qoyuldi.
شۇ چاغدا ئەسلى ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتقانلار ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن ئون ئىككى تورپاق، توقسان ئالتە قوچقار، يەتمىش يەتتە قوزا سۇندى، يەنە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكە سۇندى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئىدى. | 35 |
Shu chaghda esli élip kétilgenlerning ewladliri, yeni sürgünlüktin qaytqanlar Israillarning Xudasigha «köydürme qurbanliq» süpitide pütkül Israil üchün on ikki torpaq, toqsan alte qochqar, yetmish yette qoza sundi, yene gunah qurbanliqi süpitide on ikki téke sundi; bularning hemmisi Perwerdigargha atalghan köydürme qurbanliq idi.
ئۇلار پادىشاھنىڭ يارلىق خەتلىرىنى پادىشاھنىڭ ۋالىيلىرىغا ۋە دەريانىڭ بۇ غەرب تەرىپىدىكى ھۆكۈمدارلارغا تاپشۇرۇۋىدى، ئۇلار خەلققە ۋە خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىغا ئىزچىل ياردەم بەردى. | 36 |
Ular padishahning yarliq xetlirini padishahning waliylirigha we Deryaning bu gherb teripidiki hökümdarlargha tapshuruwidi, ular xelqqe we Xudaning öyining ishlirigha izchil yardem berdi.