< ئەزرا 6 >
ئاندىن پادىشاھ دارىئۇس بابىلدىكى دۆلەت-بايلىقلار ساقلانغان «ئارخىپلار ئۆيى»نى تەكشۈرۈپ چىقىشقا يارلىقلارنى چۈشۈردى. | 1 |
Sesudah itu, sesuai perintah Raja Darius, diadakanlah penyelidikan terhadap arsip kerajaan yang disimpan di Babel.
مېدىئا ئۆلكىسىدىكى ئاخمېتا قەلئەسىدىن بىر ئورام قەغەز تېپىلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر خاتىرە پۈتۈلگەن: | 2 |
Kemudian sebuah gulungan ditemukan di benteng Ahmeta di provinsi Media. Keputusan dalam gulungan tersebut dituliskan pada surat balasan kepada para pejabat provinsi, yakni sebagai berikut:
«پادىشاھ قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پادىشاھ قورەش يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە دائىر مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرىدۇ: ــ «قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان ئورۇن بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۆي يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن؛ ئۇلى پۇختا سېلىنسۇن، ئۆينىڭ ئىگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئاتمىش گەز بولسۇن. | 3 |
“Pada tahun pertama pemerintahannya, Raja Kores memerintahkan pembangunan rumah Allah di Yerusalem. Rumah itu harus dibangun kembali sebagai tempat untuk mempersembahkan kurban. Pondasinya harus diletakkan dengan kukuh. Tinggi bangunan itu dua puluh tujuh meter dan lebarnya dua puluh tujuh meter.
ئۈچ قەۋەت يوغان تاش، بىر قەۋەت يېڭى ياغاچ بىلەن سېلىنسۇن، بارلىق خىراجەت پادىشاھلىق خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنسۇن. | 4 |
Bangunan itu harus dibuat dari batu-batu besar yang disusun secara berlapis. Setelah tiga lapisan batu diletakkan, di atasnya harus diletakkan lapisan kayu. Pembangunan ini akan dibiayai dengan kas kerajaan.
ئەسلىدە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىلغا ئاپىرىپ قويغان، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا قايتىدىن يەتكۈزۈلۈپ، ھەربىرى ئۆز جايىغا قويۇلسۇن؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىگە قۇيۇلسۇن!». | 5 |
Semua perkakas dari emas dan perak yang diambil Raja Nebukadnezar dari rumah Allah di Yerusalem dan dibawa ke Babel harus dikembalikan ke Yerusalem. Semuanya harus dimasukkan ke dalam rumah Allah.”
[دارىئۇستىن يارلىق چۈشۈرۈلۈپ]: «ــ شۇڭا، ئى دەريانىڭ شۇ تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي ۋە شېتار-بوزناي ھەم سىلەرنىڭ ھەمراھلىرىڭلار، يەنى دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار، ئەمدى سىلەر ئۇ يەردىن نېرى كېتىڭلار! | 6 |
Selanjutnya surat balasan raja, “Oleh karena itu, Tatnai, gubernur Provinsi Sebelah Barat sungai Efrat, bersama dengan Syetar Boznai, dan semua pejabat lain: Biarkan mereka dan jauhilah proyek pembangunan itu!
خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن؛ يەھۇدىيلارنىڭ باش ۋالىيسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا سېلىشىغا يول قويۇڭلار. | 7 |
Jangan mengganggu pembangunan rumah Allah. Biarlah rumah itu dibangun kembali di tempatnya semula, dan jangan menghalangi gubernur wilayah Yehuda dan pemimpin orang Yahudi dalam pembangunan itu.
شۇنىڭدەك مەن خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنىڭ سېلىنىشى ئۈچۈن يەھۇدالارنىڭ ئاقساقاللىرى توغرۇلۇق سىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردۇمكى: ــ دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىن، پادىشاھلىق خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان باج كىرىمىدىن سىلەر كېچىكتۈرمەي شۇ ئادەملەرگە تولۇق خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىڭلار، قۇرۇلۇش ھېچ توختاپ قالمىسۇن. | 8 |
“Lagipula saya memutuskan bahwa kalian juga harus membantu para pemimpin Yahudi itu dalam membangun kembali rumah Allah. Kalian harus membayar penuh biaya pembangunan dengan menggunakan pajak yang terkumpul di provinsi kalian, agar pekerjaan itu tidak tertunda.
ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا، جۈملىدىن ئاسماندىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا، مەيلى ئەركەك تورپاق بولسۇن، قوچقار ياكى قوزىلار بولسىمۇ، شۇلار بېرىلسۇن؛ يەنە يېرۇسالېمدىكى كاھىنلارنىڭ بەلگىلىگىنى بويىچە بۇغداي، تۇز، شاراب ياكى زەيتۇن مايلار بولسۇن شۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم قىلىنماي، ھەر كۈنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇلسۇن. | 9 |
Tanyakanlah kepada imam-imam di Yerusalem untuk mengetahui berapa jumlah sapi jantan muda, domba jantan, dan anak-anak domba yang mereka butuhkan untuk kurban yang dibakar habis yang dipersembahkan kepada Allah Penguasa surga. Siapkan juga gandum, garam, anggur, dan minyak zaitun yang mereka butuhkan setiap hari. Semua itu harus diberikan kepada mereka hari demi hari, tanpa henti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسماندىكى خۇداغا خۇشبۇي قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈپ، پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىسۇن. | 10 |
Dengan demikian mereka dapat mempersembahkan kurban yang dibakar habis, yang harum kepada Allah Penguasa surga, serta mendoakan saya dan anak-anak saya.
مەن يەنە بۇيرۇيمەنكى، كىمكى بۇ يارلىقنى ئۆزگەرتسە، شۇ كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال لىمى سۇغۇرۇۋېلىنىپ تىكلەنگەندىن كېيىن، شۇ كىشى ئۇنىڭغا ئېسىپ مىخلاپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلسۇن! | 11 |
Di samping itu, saya memerintahkan bahwa jika ada orang yang tidak taat pada perintah ini, dia harus dihukum mati dengan cara ditancapkan pada balok kayu dari rumahnya sendiri. Rumahnya itu juga harus dijadikan timbunan sampah.
ۋە ئۆزىنىڭ نامىنى شۇ يەردە قالدۇرغان خۇدا مۇشۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆيىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇشقا قول ئۇزارتقان ھەرقانداق پادىشاھ ياكى خەلقنى ھالاك قىلسۇن! مەن دارىئۇس مۇشۇ يارلىقنى چۈشۈردۇم، ئەستايىدىللىق بىلەن بەجا كەلتۈرۈلسۇن!» دېيىلدى. | 12 |
“Semoga Allah, yang memilih Yerusalem sebagai tempat-Nya disembah, akan menghancurkan raja atau bangsa mana pun yang menentang perintah ini dan yang mencoba menghancurkan rumah Allah. Saya, Raja Darius, sudah memberikan perintah ini. Laksanakanlah dengan sebaik-baiknya.”
ئاندىن دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي، شېتار-بوزناي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى پادىشاھ دارىئۇسنىڭ ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ ئىشنى بەجا كەلتۈردى. | 13 |
Kemudian Gubernur Tatnai, Syetar Boznai, dan para pejabat segera melakukan persis sesuai perintah raja.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ بېشارەت بېرىشلىرى بىلەن شۇ ئىشتا روناق تاپتى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەمرى بويىچە، شۇنداقلا قورەش، دارىئۇس ۋە ئارتاخشاشتا قاتارلىق پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشلەپ، ئۆينى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش ئىشىنى پۈتتۈردى. | 14 |
Jadi para pemimpin Yahudi melanjutkan pekerjaan mereka, dan mereka sangat bersemangat karena khotbah nabi Hagai dan Zakaria anak Ido. Akhirnya pembangunan rumah Allah selesai, sesuai dengan perintah Allah Israel dan keputusan tiga raja Persia, yaitu Kores, Darius, dan Artasasta.
بۇ ئۆي دارىئۇس پادىشاھى سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى، ئادار ئېيىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى پۈتكۈزۈلدى. | 15 |
Rumah itu selesai dibangun pada hari ketiga bulan Adar, pada tahun keenam pemerintahan Raja Darius.
ئىسرائىللار ــ كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاش مۇراسىمىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزدى. | 16 |
Rakyat Israel, para imam, orang Lewi, dan semua orang yang sudah pulang dari pembuangan di Babel merayakan peresmian rumah Allah dengan sukacita.
ئۆينى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئاتاش مۇراسىمىدا ئۇلار يۈز تورپاق، ئىككى يۈز قوچقار ۋە تۆت يۈز قوزا سۇندى ھەم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە بارلىق ئىسرائىل ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكىنى سۇندى. | 17 |
Dalam perayaan itu mereka mempersembahkan seratus ekor sapi jantan, dua ratus ekor domba, dan empat ratus ekor anak domba sebagai kurban sembelihan, juga dua belas kambing jantan sebagai kurban penghapus dosa, setiap ekor mewakili satu suku Israel.
ئۇلار يەنە يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئىبادەت-خىزمىتىنى ئۆتەشكە، مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە، كاھىنلارنى ئۆز نۆۋىتى بويىچە، لاۋىيلارنى گۇرۇپپىلىرى بويىچە تۇرغۇزدى. | 18 |
Kemudian para imam dan orang-orang Lewi dibagi menjadi beberapa kelompok untuk melayani di rumah Allah di Yerusalem, sesuai dengan perintah yang tercatat dalam Kitab Musa.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى. | 19 |
Pada tanggal empat belas bulan pertama, orang-orang yang kembali dari pembuangan itu merayakan Paskah.
چۈنكى كاھىنلار ۋە لاۋىيلار بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە پاكلىنىش رەسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممىسى پاكلاندى؛ ئاندىن ئۇلار بارلىق سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان كاھىنلار ۋە ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان [قوزىلىرىنى] سويدى. | 20 |
Semua imam dan orang Lewi sudah mengikuti upacara penyucian diri. Para pelayan dari suku Lewi menyembelih semua binatang kurban Paskah untuk seluruh keluarga yang sudah kembali dari pembuangan, juga untuk para imam dan diri mereka sendiri.
سۈرگۈنلۈكتىن [يېڭىلا] قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى زېمىندىكى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن ئايرىپ چىققان بارلىق كىشىلەر قوزا گۆشلىرىنى بىرلىكتە يېيىشتى. | 21 |
Daging kurban itu dimakan oleh rakyat Israel yang sudah kembali dari pembuangan. Tetapi tidak semuanya mengikuti perayaan ini, hanya orang-orang yang bertekad untuk menyembah TUHAN Allah Israel, yaitu mereka yang menolak terlibat dalam cara hidup bangsa-bangsa kafir yang tinggal di tanah ini.
ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ھەم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇلارغا مايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىنى قۇرۇشقا ئۇلارنىڭ قولىنى مۇستەھكەملىدى. | 22 |
Mereka merayakan hari raya Roti Tidak Beragi selama tujuh hari dengan bersukacita, karena TUHAN sudah mengubah sikap raja Asyur terhadap mereka sehingga raja mau membantu mereka membangun kembali rumah Allah Israel.