< ئەزرا 5 >
بۇ چاغدا پەيغەمبەرلەر، يەنى ھاگاي پەيغەمبەر بىلەن ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيا پەيغەمبەر يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيلارغا بېشارەت بېرىشكە باشلىدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ نامىدا ئۇلارغا بېشارەت بېرىشتى. | 1 |
Toho času prorokoval Aggeus prorok a Zachariáš syn Iddo, proroci, Židům, kteříž byli v Judstvu a v Jeruzalémě, ve jménu Boha Izraelského mluvíce k nim.
شۇنىڭ بىلەن شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا باشلىدى؛ خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ ئۇلارغا ياردەم بەردى. | 2 |
Tedy povstavše Zorobábel syn Salatielův, a Jesua syn Jozadakův, počali zase stavěti domu Božího, kterýž jest v Jeruzalémě, a byli s nimi proroci Boží, pomáhajíce jim.
شۇ چاغدا دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟» دەپ سورىدى. | 3 |
Téhož času přišel k nim Tattenai, vývoda za řekou, a Setarbozenai, i tovaryši jejich, kteříž takto k nim řekli: Kdo vám poručil dům tento stavěti a zdi tyto dělati?
ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولغۇچىلارنىڭ ئىسمى نېمە؟» دەپ سورىدى. | 4 |
Tedy jsme jim řekli takto, ano i ty muže, kteří to stavení dělali, jmenovali.
لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدا ئاقساقاللىرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى، شۇڭا باش ۋالىي قاتارلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا مەلۇم قىلغۇچە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە بىرەر جاۋاب يارلىق كەلگۈچە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى. | 5 |
Nad staršími pak Židovskými byla ochrana Boha jejich, tak že nepřekazili jim, dokudž ta věc nepřišla před Daria, jehož tehdáž odpověd přinesli o té věci.
دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ ۋالىيسى تاتتىناي بىلەن شېتار-بوزناي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى، يەنى دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار پادىشاھ دارىئۇسقا خەت ئەۋەتتى؛ خەتنىڭ كۆچۈرۈلمىسى مانا تۆۋەندىكىدەك: | 6 |
Přípis listu, kterýž poslal Tattenai vývoda za řekou, a Setarbozenai s tovaryši svými, i Afarsechaiští, kteříž byli za řekou, k Dariovi králi.
ئۇلار پادىشاھقا ئەۋەتكەن مەلۇماتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دارىئۇس ئالىيلىرىغا چوڭقۇر ئامان-ئېسەنلىك بولغاي! | 7 |
List poslali jemu, a takto bylo psáno v něm: Dariovi králi pokoj všeliký.
پادىشاھىمىزغا شۇ ئىش يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى، بىز يەھۇدىيەگە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆردۇقكى، شۇ ئۆي يوغان تاشلار بىلەن ياسىلىۋاتىدۇ، تاملىرىغا لىملار ئۆتكۈزۈلۈپ سېلىنماقتا؛ بۇ قۇرۇلۇش تېز سۈرەتتە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. | 8 |
Známo buď králi, že jsme přišli do Judské krajiny k domu Boha velikého. Kterýžto stavějí kamením velikým, a dříví kladou do stěn, a dílo to spěšně se staví, a daří se v rukou jejich.
ئاندىن بىز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللاردىن: ــ كىم سىلەرگە بۇ ئۆينى سېلىشقا، بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇق بەردى؟ ــ دەپ سورىدۇق. | 9 |
Tedy otázali jsme se těch starších, a takto jsme jim řekli: Kdo vám poručil stavěti dům tento, a zdi tyto dělati?
ۋە ئالىيلىرىغا مەلۇم بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسمىلىرىنى پۈتۈپ خاتىرىلىمەكچى ئىدۇق. | 10 |
Ano i na jména jejich ptali jsme se jich, abychom oznámili tobě, a napsali jména mužů těch, kteříž jsou přední mezi nimi.
ئۇلار بىزگە: «بىز ئاسمان-زېمىننىڭ خۇداسىنىڭ قۇللىرى، بىز ھازىر بۇنىڭدىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سېلىنغان ئۆينى يېڭىۋاشتىن سېلىۋاتىمىز. مۇشۇ ئۆينى ئەسلىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ بىر پادىشاھى سالدۇرغانىدى. | 11 |
Těmito pak slovy nám odpověděli, řkouce: My jsme služebníci Boha nebe a země, a stavíme dům, kterýž byl ustaven prvé před mnohými lety, jejž byl veliký král Izraelský stavěl i dokonal.
لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاسماندىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغاچقا، خۇدا ئۇلارنى كالدىيەلىك بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرغان؛ ئۇ بۇ ئۆينى چاقتۇرۇۋېتىپ، خەلقنى بابىلغا تۇتقۇن قىلىپ ئەكەتكەن. | 12 |
Ale potom, když popudili otcové naši Boha nebeského, vydal je v ruku Nabuchodonozora krále v Babyloně, Kaldejského, kterýž dům tento zbořil, a lid převedl do Babylona.
لېكىن بابىل پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى پادىشاھ قورەش خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن. | 13 |
A však léta prvního Cýra krále Babylonského, Cýrus král rozkázal, aby tento Boží dům byl staven.
ۋە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىل بۇتخانىسىغا ئاپىرىپ قويغان خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىمۇ پادىشاھ قورەش ئۇلارنى بابىل بۇتخانىسىدىن ئەپچىقتۇرۇپ، شەشبازار ئىسىملىك بىر كىشىگە تاپشۇرغان؛ ئۇ ئۇنى باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. | 14 |
Nadto i nádoby domu Božího zlaté a stříbrné, kteréž byl Nabuchodonozor vynesl z chrámu, jenž byl v Jeruzalémě, a vnesl je do chrámu Babylonského, i ty vynesl Cýrus král z chrámu Babylonského, a dány jsou Sesbazarovi, jehož byl vývodou ustanovil.
ھەم ئۇنىڭغا: ــ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ قويغىن؛ خۇدانىڭ ئۆيى ئەسلى جايىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن، دەپ بۇيرۇغان | 15 |
A poručil mu, řka: Nádoby tyto vezma, odejdi a slož je v chrámě, kterýž jest v Jeruzalémě, a dům Boží ať stavějí na místě jeho.
ئاندىن شۇ شەشبازار دېگەن كىشى كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە ئۇل سالغان؛ ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە ياسىلىۋاتىدۇ، تېخى پۈتمىدى» دەپ جاۋاپ بەردى. | 16 |
Tedy Sesbazar ten přišed, založil grunty domu Božího, kterýž jest v Jeruzalémě, a od toho času až po dnes staví se, a ještě není dokonán.
ئەمدى ئالىيلىرىغا لايىق كۆرۈنسە، پادىشاھىمىزنىڭ شۇ يەردە، يەنى بابىلدىكى خەزىنىنى ئاختۇرۇپ بېقىشىنى، ئۇ يەردە پادىشاھ قورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىنى يېڭىۋاشتىن سېلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىشىنى سورايمىز ھەم پادىشاھىمىزنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆز ئىرادىسىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمىز». | 17 |
Nyní tedy jestli se za dobré králi vidí, nechť se pohledá mezi poklady královskými, kteříž jsou tam v Babyloně, jest-li tak, že by Cýrus král poručil, aby staven byl dům Boží tento, kterýž jest v Jeruzalémě. Potom vůli královskou nechť nám pošle o té věci.