< ئەزرا 4 >
يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى رەقىبلەر سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆينى يېڭىۋاشتىن سالماقچىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، | 1 |
Now when the adversaries of Judah and Benjamin heard that the children of the captivity were building a temple to Yahweh, the God of Israel,
زەرۇببابەل ۋە جەمەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ: ــ بىز سىلەر بىلەن بىللە سالايلى؛ چۈنكى بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنى ئىزلەپ، بىزنى بۇ يەرگە ئەكەلگەن ئاسۇرىيە پادىشاھى ئېسار-ھاددوننىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ ئۇنىڭغا قۇربانلىق سۇنۇپ كېلىۋاتىمىز، دېيىشتى. | 2 |
they came near to Zerubbabel, and to the heads of fathers’ households, and said to them, “Let us build with you, for we seek your God as you do; and we have been sacrificing to him since the days of Esar Haddon king of Assyria, who brought us up here.”
لېكىن زەرۇببابەل، يەشۇئا بىلەن ئىسرائىلنىڭ باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: ــ خۇدايىمىزغا ئۆي سېلىشتا سىلەرنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقەڭلار يوق؛ بەلكى پارس پادىشاھى قورەش بىزگە بۇيرۇغاندەك، پەقەت بىز ئۆزىمىزلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ئۆي سالىمىز، دېيىشتى. | 3 |
But Zerubbabel, Jeshua, and the rest of the heads of fathers’ households of Israel said to them, “You have nothing to do with us in building a house to our God; but we ourselves together will build to Yahweh, the God of Israel, as King Cyrus the king of Persia has commanded us.”
شۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردىكى ئاھالە يەھۇدالارنىڭ قولىنى ئاجىز قىلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا كاشىلا تۇغدۇرۇپ تۇردى. | 4 |
Then the people of the land weakened the hands of the people of Judah, and troubled them in building.
ئۇلار يەنە پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بارلىق كۈنلىرىدىن تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە ئولتۇرغان ۋاقىتقىچە، دائىم مەسلىھەتچىلەرنى سېتىۋېلىپ، يەھۇدالار بىلەن قېرىشىپ، قۇرۇلۇش نىشانىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى. | 5 |
They hired counselors against them to frustrate their purpose all the days of Cyrus king of Persia, even until the reign of Darius king of Persia.
ئاھاشۋېروش تەختكە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئۇنىڭغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈستىدىن بىر ئەرزنامە يازدى. | 6 |
In the reign of Ahasuerus, in the beginning of his reign, they wrote an accusation against the inhabitants of Judah and Jerusalem.
شۇنىڭدەك ئارتاخشاشتا كۈنلىرىدە بىشلام، مىترىدات، تابەئەل ۋە ئۇلارنىڭ قالغان شېرىكلىرىمۇ پارس پادىشاھى ئارتاخشاشتاغا ئارامىي تىلىدا بىر ئەرز خېتىنى يازدى؛ خەت ئارامىي تىلىدىن تەرجىمە قىلىندى. | 7 |
In the days of Artaxerxes, Bishlam, Mithredath, Tabeel, and the rest of his companions wrote to Artaxerxes king of Persia; and the writing of the letter was written in Syrian and delivered in the Syrian language.
ۋالىي رەھۇم بىلەن دىۋان بېگى شىمشاي پادىشاھ ئارتاخشاشتاغا يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى: ــ | 8 |
Rehum the chancellor and Shimshai the scribe wrote a letter against Jerusalem to Artaxerxes the king as follows.
«مەزكۇر مەكتۇپنى يازغانلاردىن، ۋالىي رەھۇم، كاتىپ بېگى شىمشاي ۋە ئۇلارنىڭ باشقا ھەمراھلىرى بولغان سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار، ئارقىۋىلىقلار، بابىللىقلار، شۇشانلىقلار، يەنى ئېلامىيلار | 9 |
Then Rehum the chancellor, Shimshai the scribe, and the rest of their companions, the Dinaites, and the Apharsathchites, the Tarpelites, the Apharsites, the Archevites, the Babylonians, the Shushanchites, the Dehaites, the Elamites,
ۋە ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار سامارىيە شەھىرىگە ۋە [ئەفرات] دەرياسىنىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئاھالىمۇ بار | 10 |
and the rest of the nations whom the great and noble Osnappar brought over and settled in the city of Samaria, and in the rest of the country beyond the River, and so forth, wrote.
(مانا بۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھقا يازغان خېتىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى) ــ ئۆزلىرىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن پادىشاھ ئالىلىرى ئارتاخشاشتاغا سالام! | 11 |
This is the copy of the letter that they sent: To King Artaxerxes, from your servants, the people beyond the River.
پادىشاھ ئالىيلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، ئۆزلىرى تەرەپتىن بىز تەرەپكە كەلگەن يەھۇدىيلار يېرۇسالېمغا كېلىشتى؛ ئۇلار ئاشۇ ئاسىي ۋە سېسىق شەھەرنى قۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلىنى ياساپ پۈتتۈردى، سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ. | 12 |
Be it known to the king that the Jews who came up from you have come to us to Jerusalem. They are building the rebellious and bad city, and have finished the walls and repaired the foundations.
ئەمدى ئۇلۇغ پادىشاھ ئالىيلىرىگە شۇ مەلۇم بولغايكى، مۇبادا بۇ شەھەر ئوڭلانسا، سېپىل پۈتكۈزۈلسە، ئۇلار باج تاپشۇرمايدىغان، ئولپان تۆلىمەيدىغان ۋە پاراق تاپشۇرمايدىغان بولۇۋالىدۇ، بۇنداق كېتىۋەرسە پادىشاھلارنىڭ خەزىنىسىگە سۆزسىز زىيان بولىدۇ. | 13 |
Be it known now to the king that if this city is built and the walls finished, they will not pay tribute, custom, or toll, and in the end it will be hurtful to the kings.
بىز ئوردىنىڭ تۇزىنى يەپ تۇرۇپ، پادىشاھىمىزنىڭ بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا قاراپ تۇرۇشىمىزغا قەتئىي توغرا كەلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن پادىشاھىمىزغا مەلۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلدۇق. | 14 |
Now because we eat the salt of the palace and it is not appropriate for us to see the king’s dishonor, therefore we have sent and informed the king,
شۇنىڭ ئۈچۈن [ئالىيلىرىنىڭ] ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تارىخنامىسىنى سۈرۈشتە قىلىشلىرىنى تەشەببۇس قىلىمىز؛ سىلى تارىخنامىدىن بۇ شەھەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھلارغىمۇ، ھەرقايسى ئۆلكىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ كەلگەن ئاسىي بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، قەدىمدىن تارتىپ بۇ شەھەردىكىلەر ئاغدۇرمىچىلىق تېرىغانلىقىنى بىلگەيلا؛ دەل شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەر ۋەيران قىلىنغانىدى. | 15 |
that search may be made in the book of the records of your fathers. You will see in the book of the records, and know that this city is a rebellious city, and hurtful to kings and provinces, and that they have started rebellions within it in the past. That is why this city was destroyed.
شۇڭا بىز ئالىيلىرىغا شۇنى ئۇقتۇرماقچىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قۇرۇلسا، سېپىللىرى پۈتكۈزۈلسە، ئۇنداقتا سىلىنىڭ دەريانىڭ مۇشۇ تەرىپىدىكى يەرلەرگە ھېچقانداق ئىگىدارچىلىقلىرى بولماي قالىدۇ». | 16 |
We inform the king that if this city is built and the walls finished, then you will have no possession beyond the River.
پادىشاھ مۇنداق جاۋاب يوللىدى: ــ «ۋالىي رەھۇم، دىۋان بېگى شىمشايغا ۋە سامارىيە ھەم دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى باشقا يەرلەردە تۇرۇشلۇق ھەمراھلىرىڭلارغا سالام! | 17 |
Then the king sent an answer to Rehum the chancellor, and to Shimshai the scribe, and to the rest of their companions who live in Samaria, and in the rest of the country beyond the River: Peace.
سىلەرنىڭ بىزگە يازغان ئەرز خېتىڭلار مېنىڭ ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ بېرىلدى. | 18 |
The letter which you sent to us has been plainly read before me.
تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى بۇيرۇۋىدىم، بۇ شەھەرنىڭ دەرۋەقە قەدىمدىن تارتىپ پادىشاھلارغا قارشى چىقىپ ئىسيان قوزغىغان، شەھەردە دائىم ئاسىيلىق-قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتەك ئىشلارنىڭ بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى. | 19 |
I decreed, and search has been made, and it was found that this city has made insurrection against kings in the past, and that rebellion and revolts have been made in it.
ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا قۇدرەتلىك پادىشاھلار يېرۇسالېمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى پۈتۈن يەرلەرنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن، ئۇلار شۇلارغا بېقىنىپ باج، ئولپان ۋە پارىقىنى تاپشۇرۇپ كەلگەنىكەن. | 20 |
There have also been mighty kings over Jerusalem who have ruled over all the country beyond the River; and tribute, custom, and toll was paid to them.
ئەمدى سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇ خەلقنى ئىشتىن توختىتىڭلار، مەندىن باشقا يارلىق چۈشۈرۈلمىگۈچە، بۇ شەھەرنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىشقا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇڭلار. | 21 |
Make a decree now to cause these men to cease, and that this city not be built until a decree is made by me.
بۇ ئىشنى ئادا قىلماي قېلىشتىن پەخەس بولۇڭلار؛ پادىشاھلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئاپەت نېمىشقا كۈچىيىۋېرىدىكەن؟». | 22 |
Be careful that you not be slack doing so. Why should damage grow to the hurt of the kings?
پادىشاھ ئارتاخشاشتانىڭ يارلىقىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى رەھۇمغا، دىۋان بېگى شىمشاي ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوقۇپ بېرىلىشى بىلەنلا، ئۇلار ئالمان-تالمان يېرۇسالېمدىكى يەھۇدالارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئىشنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. | 23 |
Then when the copy of King Artaxerxes’ letter was read before Rehum, Shimshai the scribe, and their companions, they went in haste to Jerusalem to the Jews, and made them to cease by force of arms.
شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئىشلار توختىدى؛ ئىش تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە چىقىپ ئىككىنچى يىلىغىچە توختاغلىق قالدى. | 24 |
Then work stopped on God’s house which is at Jerusalem. It stopped until the second year of the reign of Darius king of Persia.