< ئەزرا 3 >
ئىسرائىل خەلقى ھەرقايسىسى ئۆز شەھەرلىرىدە ماكانلاشقانىدى؛ يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، خەلق بىر ئادەمدەك بولۇپ يېرۇسالېمغا يىغىلدى. | 1 |
It was the seventh month after the people of Israel came back to their cities, when they gathered together as one man in Jerusalem.
يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى، شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى مۇسا پۈتكەن قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ قۇربانگاھىنى سېلىشقا كىرىشتى. | 2 |
Jeshua son of Jozadak and his brothers the priests, and Zerubbabel son of Shealtiel, and his brothers rose up and built the altar of the God of Israel to offer burnt offerings as it is written in the law of Moses the man of God.
گەرچە ئۇلار شۇ يەرلىك خەلقلەردىن قورقسىمۇ، لېكىن قۇربانگاھنى ئەسلىدىكى ئۇلى ئۈستىگە سېلىپ، ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە كىرىشتى. | 3 |
Then they established the altar on its stand, for dread was on them because of the people of the land. They offered burnt offerings to Yahweh at dawn and evening.
ئۇلار يەنە [مۇقەددەس قانۇندا] پۈتۈلگىنى بويىچە «كەپىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە مۇۋاپىق سان بويىچە كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇشاتتى. | 4 |
They also observed the Festival of Shelters as it is written and offered burnt offerings day by day according to the decree, each day's duty on its day.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ھەر كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، يېڭى ئاي قۇربانلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق مۇقەددەس دەپ بېكىتىلگەن ھېيتلىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىدىغان ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ تۇراتتى. | 5 |
Accordingly, there were daily burnt offerings and monthly ones and offerings for all the fixed feasts of Yahweh, along with all the freewill offerings.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشقا باشلىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى تېخى سېلىنمىدى. | 6 |
They began to offer up burnt offerings to Yahweh on the first day of the seventh month, although the temple had not been founded.
ئۇلار تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارغا پۇل تاپشۇردى ۋە شۇنداقلا پارس پادىشاھى قورەشنىڭ ئىجازىتى بىلەن زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلارغا كېدىر ياغىچىنى لىۋاندىن [ئوتتۇرا] دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا يىمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىدى. | 7 |
So they gave silver to the stoneworkers and craftsmen, and they gave food, drink, and oil to the people of Sidon and Tyre, so they would bring cedar trees by sea from Lebanon to Joppa, as authorized for them by Cyrus, king of Persia.
جامائەت يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئايدا شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل، يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىنىڭ قالدىسى، شۇنىڭدەك سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ يېرۇسالېمغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىدى؛ ئۇلار يەنە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىككە قويدى. | 8 |
Then in the second month of the second year after they came to the house of God in Jerusalem, Zerubbabel son of Shealtiel, Jeshua son of Jozadak, the rest of the priests, the Levites, and those who came from captivity back to Jerusalem began the work. They assigned the Levites twenty years old and older to oversee the work of Yahweh's house.
يەشۇئا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى، كادمىيەل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى نازارەت قىلىشقا بىر نىيەتتە ئاتلاندى؛ ھېنادادنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ۋە قېرىنداش لاۋىيلار ئۇلارغا ياردەملەشتى. | 9 |
Jeshua and his sons and brothers, and Kadmiel and his sons, who were descendants of Hodaviah), and the sons of Henadad and their sons and brothers-all of them were Levites-joined together in supervising those working on the house of God.
تامچىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا كاھىنلار خاس كىيىملىرىنى كىيىپ، كانايلىرىنى چېلىپ، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان لاۋىيلار جاڭجاڭ چېلىپ، ھەممىسى قاتار-قاتار سەپ بولۇپ تۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار داۋۇت بەلگىلىگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. | 10 |
The builders laid a foundation for Yahweh's temple. This enabled the priests to stand in their garments with trumpets, and the Levites, sons of Asaph, to praise Yahweh with cymbals, just as the hand of David, king of Israel had commanded.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆزئارا: ــ «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ھەمدۇسانا ۋە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنىپ بولغاچقا، خالايىق پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ توۋلاپ تەنتەنە قىلىشتى. | 11 |
They sang with praise and thankfulness to Yahweh, “He is good! His covenant faithfulness to Israel endures forever.” All the people cried out with a great shout of joy in praise of Yahweh because the temple's foundations had been laid.
لېكىن كاھىنلاردىن، لاۋىيلاردىن ۋە جەمەت باشلىقلىرىدىن نۇرغۇنلىرى، يەنى ئەسلىدە ئىلگىرىكى ئۆينى كۆرگەن نۇرغۇن قېرى ئادەملەر كۆز ئالدىدا سېلىنغان بۇ ئۆينىڭ ئۇلىغا قاراپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى؛ نۇرغۇن باشقا كىشىلەر خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلىپ توۋلاشتى؛ | 12 |
But many of the priests, Levites, and chief patriarchs, those who were old and had seen the first house, when this house's foundations were laid before their eyes, wept loudly. But many people had shouts of joy with gladness and an excited sound.
ۋە خەلق ھەتتا كىملەرنىڭ تەنتەنە قىلىشىۋاتقانلىقى بىلەن كىملەرنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئايرىۋالالماي قالدى؛ چۈنكى جامائەت تەنتەنە قىلىپ قاتتىق توۋلىشاتتى؛ ۋە بۇ ئاۋاز يىراق-يىراقلارغا ئاڭلىناتتى. | 13 |
As a result, people were not able to distinguish the joyful and glad sounds from the sound of people weeping, for the people were crying out with great joy, and the sound was heard from far away.