< ئەزرا 2 >

تۆۋەندىكىلەر نېبوقادنەسار تەرىپىدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىدىكىلەردىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە چىقىپ، ھەربىرى ئۆز شەھىرلىرىگە كەتكەنلەر: ــ 1
Or ce sont ici ceux de la province qui remontèrent de la captivité, d'entre ceux qui avaient été transportés, que Nébucadnetsar Roi de Babylone avait transportés à Babylone, et qui retournèrent à Jérusalem, et en Judée; chacun en sa ville;
ــ ئۇلار زەرۇببابەل، يەشۇئا، نەھەمىيا، سېرايا، رەئىلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رەھۇم ۋە بائاناھلار بىلەن بىللە قايتىپ كەلدى. ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئەركەكلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ 2
Qui vinrent avec Zorobabel, Jésuah, Néhémie, Séraja, Réhélaja, Mardochée, Bilsan, Mispar, Bigvaï, Réhun, et Bahana; le nombre, [dis-je], des hommes du peuple d'Israël fut [le suivant];
پاروشنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 3
Les enfants de Parrhos, deux mille cent soixante et douze.
شەفاتىيانىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يەتمىش ئىككى كىشى؛ 4
Les enfants de Séphatia, trois cent soixante et douze.
ئاراھنىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز يەتمىش بەش كىشى؛ 5
Les enfants d'Arah, sept cent soixante et quinze.
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى يەشۇئا بىلەن يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 6
Les enfants de Pahath-Moab, des enfants de Jésuah, [et] de Joab, deux mille huit cent et douze.
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 7
Les enfants de Hélam, mille deux cent cinquante-quatre.
زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 8
Les enfants de Zattu, neuf cent quarante-cinq.
زاككاينىڭ ئەۋلادلىرى يەتتە يۈز ئاتمىش كىشى؛ 9
Les enfants de Zaccaï, sept cent soixante.
بانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز قىرىق ئىككى كىشى؛ 10
Les enfants de Bani, six cent quarante-deux.
بىباينىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 11
Les enfants de Bébaï, six cent vingt et trois.
ئازگادنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 12
Les enfants d'Hazgad, mille deux cent vingt et deux.
ئادونىكامنىڭ ئەۋلادلىرى ئالتە يۈز ئاتمىش ئالتە كىشى؛ 13
Les enfants d'Adonikam, six cent soixante-six.
بىگۋاينىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى مىڭ ئەللىك ئالتە كىشى؛ 14
Les enfants de Bigvaï, deux mille cinquante-six.
ئادىننىڭ ئەۋلادلىرى تۆت يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 15
Les enfants de Hadin, quatre cent cinquante-quatre.
ھەزەكىيانىڭ جەمەتىدىن بولغان ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان سەككىز كىشى؛ 16
Les enfants d'Ater, [issu] d'Ezéchias, quatre-vingt-dix-huit.
بىزاينىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 17
Les enfants de Betsaï, trois cent vingt et trois.
يوراھنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئون ئىككى كىشى؛ 18
Les enfants de Jora, cent et douze.
ھاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 19
Les enfants de Hasum, deux cent vingt et trois.
گىببارنىڭ ئەۋلادلىرى توقسان بەش كىشى؛ 20
Les enfants de Guibhar, quatre-vingt et quinze.
بەيت-لەھەملىكلەر بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 21
Les enfants de Bethléhem, six-vingt et trois.
نىتوفالىقلار ئەللىك ئالتە كىشى؛ 22
Les gens de Nétopha, cinquante-six.
ئاناتوتلۇقلار بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى؛ 23
Les gens de Hanathoth, cent vingt et huit.
ئازماۋەتلىكلەر قىرىق ئىككى كىشى؛ 24
Les enfants d'Hazmaveth, quarante-deux.
كىرىئات-ئارىملىقلار، كەفىراھلىقلار ۋە بەئەروتلۇقلار بولۇپ جەمئىي يەتتە يۈز قىرىق ئۈچ كىشى؛ 25
Les enfants de Kiriath-harim, de Képhira, et de Bééroth, sept cent quarante-trois.
راماھلىقلار بىلەن گېبالىقلار جەمئىي ئالتە يۈز يىگىرمە بىر كىشى؛ 26
Les enfants de Rama et de Guérah, six cent vingt et un.
مىكماشلىقلار بىر يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى؛ 27
Les gens de Micmas, cent vingt et deux.
بەيت-ئەللىكلەر بىلەن ئايىلىقلار جەمئىي ئىككى يۈز يىگىرمە ئۈچ كىشى؛ 28
Les gens de Béth-el et de Haï, deux cent vingt et trois.
نېبولىقلار ئەللىك ئىككى كىشى؛ 29
Les enfants de Nébo, cinquante-deux.
ماگبىشنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز ئەللىك ئالتە كىشى؛ 30
Les enfants de Magbis, cent cinquante-six.
ئىككىنچى بىر ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تۆت كىشى؛ 31
Les enfants d'un autre Hélam, mille deux cent cinquante-quatre.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ يۈز يىگىرمە كىشى؛ 32
Les enfants de Harim, trois cent et vingt.
لود، ھادىد ۋە ئونونىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي يەتتە يۈز يىگىرمە بەش كىشى؛ 33
Les enfants de Lod, de Hadid, et d'Ono, sept cent vingt-cinq.
يېرىخولۇقلار ئۈچ يۈز قىرىق بەش كىشى؛ 34
Les enfants de Jérico, trois cent quarante-cinq.
سىنائاھنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچ مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى. 35
Les enfants de Sénaa, trois mille six cent trente.
كاھىنلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەشۇئا جەمەتىدىكى يەدايانىڭ ئەۋلادلىرى توققۇز يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى؛ 36
Des Sacrificateurs. Les enfants de Jédahia, de la maison de Jésuah, neuf cent soixante et treize.
ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئەللىك ئىككى كىشى؛ 37
Les enfants d'Immer, mille cinquante-deux.
پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئىككى يۈز قىرىق يەتتە كىشى؛ 38
Les enfants de Pasur, mille deux cent quarante-sept.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىر مىڭ ئون يەتتە كىشى. 39
Les enfants de Harim, mille et dix-sept.
لاۋىيلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ خوداۋىيانىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى يەشۇئا بىلەن كادمىيەلنىڭ ئەۋلادلىرى يەتمىش تۆت كىشى؛ 40
Des Lévites. Les enfants de Jésuah, et de Kadmiel, d'entre les enfants de Hodavia, soixante et quatorze.
غەزەلكەشلەردىن: ــ ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى. 41
Des chantres. Les enfants d'Asaph, cent vingt-huit.
دەرۋازىۋەنلەرنىڭ نەسلىدىن: ــ شاللۇمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاتېرنىڭ ئەۋلادلىرى، تالموننىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، خاتىتانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شوباينىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي بىر يۈز ئوتتۇز توققۇز كىشى. 42
Des enfants des portiers. Les entants de Sallum, les enfants d'Ater, les enfants de Talmon, les enfants de Hakkub, les enfants de Hatita, les enfants de Sobaï, tous cent trente-neuf.
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ زىخانىڭ ئەۋلادلىرى، خاسۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، تاببائوتنىڭ ئەۋلادلىرى، 43
Des Néthiniens. Les enfants de Tsiha, les enfants de Hasupha, les enfants de Tabbahoth.
كىروسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىياھانىڭ ئەۋلادلىرى، پادوننىڭ ئەۋلادلىرى، 44
Les enfants de Kéros, les enfants de Sihaha, les enfants de Padon,
لىباناھنىڭ ئەۋلادلىرى، ھاگاباھنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاككۇبنىڭ ئەۋلادلىرى، 45
Les enfants de Lebana, les enfants de Hagaba, les enfants de Hakkub,
ھاگابنىڭ ئەۋلادلىرى، شاملاينىڭ ئەۋلادلىرى، ھاناننىڭ ئەۋلادلىرى، 46
Les enfants de Hagab, les enfants de Samlaï, les enfants de Hanan,
گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، گاھارنىڭ ئەۋلادلىرى، رېئاياھنىڭ ئەۋلادلىرى، 47
Les enfants de Guiddel, les enfants de Gahar, les enfants de Réaja.
رەزىننىڭ ئەۋلادلىرى، نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى، گاززامنىڭ ئەۋلادلىرى، 48
Les enfants de Retsin, les enfants de Nékoda, les enfants de Gazam,
ئۇززانىڭ ئەۋلادلىرى، پاسىيانىڭ ئەۋلادلىرى، بىساينىڭ ئەۋلادلىرى، 49
Les enfants de Huza, les enfants de Paséah, les enfants de Bésaï,
ئاسناھنىڭ ئەۋلادلىرى، مەئۇنىمنىڭ ئەۋلادلىرى، نەفۇسسىمنىڭ ئەۋلادلىرى، 50
Les enfants d'Asna, les enfants de Méhunim, les enfants de Néphusim,
باكبۇكنىڭ ئەۋلادلىرى، خاكۇفانىڭ ئەۋلادلىرى، خارخۇرنىڭ ئەۋلادلىرى، 51
Les enfants de Bakbuk, les enfants de Hakupha, les enfants de Harhur,
بازلۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، مەھىدانىڭ ئەۋلادلىرى، خارشانىڭ ئەۋلادلىرى، 52
Les enfants de Batsluth, les enfants de Méhida, les enfants de Harsa,
باركوسنىڭ ئەۋلادلىرى، سىسېرانىڭ ئەۋلادلىرى، تېماھنىڭ ئەۋلادلىرى، 53
Les enfants de Barkos, les enfants de Sisra, les enfants de Témah,
نەزىيانىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن خاتىفانىڭ ئەۋلادلىرى. 54
Les enfants de Netsiah, les enfants de Hatipha.
سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ سوتاينىڭ ئەۋلادلىرى، سوفەرەتنىڭ ئەۋلادلىرى، پىرۇدانىڭ ئەۋلادلىرى، 55
Des enfants des serviteurs de Salomon; les enfants de Sotaï, les enfants de Sophereth, les enfants de Peruda,
يائالاھنىڭ ئەۋلادلىرى، داركوننىڭ ئەۋلادلىرى، گىددەلنىڭ ئەۋلادلىرى، 56
Les enfants de Jahala, les enfants de Darkon, les enfants de Guiddel,
شەفەتىيانىڭ ئەۋلادلىرى، خاتتىلنىڭ ئەۋلادلىرى، پوقەرەت-ھاززىبائىمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئامىنىڭ ئەۋلادلىرى. 57
Les enfants de Sépharia, les enfants de Hattil, les enfants de Pokéreth-hatsébajim, les enfants d'Ami.
ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئۈچ يۈز توقسان ئىككى كىشى. 58
Tous les Néthiniens, et les enfants des serviteurs de Salomon, [furent] trois cent quatre-vingt douze.
تۆۋەندىكى كىشىلەر تەل-مېلاھ، تەل-خارشا، كېرۇب، ئاددان ۋە ئىممەردىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ياكى نەسەبىنىڭ ئىسرائىل ئادىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. 59
Or ce sont ici ceux qui montèrent de Telmelah, de Tel-harsa, de Kérub, d'Adan, [et] d'Immer; lesquels ne purent montrer la maison de leurs pères, ni leur race, [et faire voir] s'ils étaient d'Israël.
بۇلار دېلايانىڭ ئەۋلادلىرى، توبىيانىڭ ئەۋلادلىرى ۋە نىكودانىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئالتە يۈز ئەللىك ئىككى كىشى؛ 60
Les enfants de Délaja, les enfants de Tobija, les enfants de Nékoda, six cent cinquante et deux.
كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە خابايانىڭ ئەۋلادلىرى، كوزنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرى بار ئىدى؛ بارزىللاي گىلېئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىنى ئالغاچقا ئۇلارنىڭ ئېتى بىلەن ئاتالغانىدى. 61
Des enfants des Sacrificateurs; les enfants de Habaja, les enfants de Kots, les enfants de Barzillaï, qui ayant pris pour femme une des filles de Barzillaï Galaadite, fut appelé de leur nom.
بۇلار جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئىزدەپ تاپالمىدى؛ شۇڭا ئۇلار «ناپاك» ھېسابلىنىپ كاھىنلىقتىن قالدۇرۇلدى. 62
Ceux-là cherchèrent leur registre, en recherchant leur généalogie, mais ils n'y furent point trouvés; c'est pourquoi ils furent rejetés de la sacrificature.
ۋالىي ئۇلارغا: ــ ئۇرىم ۋە تۇممىمنى كۆتۈرگۈچى كاھىن ئارىمىزدا خىزمەتتە بولغۇچە «ئەڭ مۇقەددەس يىمەكلىكلەر»گە ئېغىز تەگكۈزمەيسىلەر، دېدى. 63
Et Attirsatha leur dit qu'ils ne mangeassent point des choses très-saintes, tandis que le Sacrificateur assisterait avec l'Urim et le Thummim.
پۈتۈن جامائەت جەمئىي قىرىق ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشى؛ 64
Tout le peuple ensemble était de quarante-deux mille trois cent soixante;
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە يەتتە مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە قۇل-دېدىكى بار ئىدى؛ يەنە ئىككى يۈز ئەر-ئايال غەزەلچىسى بار ئىدى. 65
Sans leurs serviteurs et leurs servantes, qui étaient sept mille trois cent trente-sept; et ils avaient deux cents chantres ou chanteuses.
ئۇلارنىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز ئالتە ئېتى، ئىككى يۈز قىرىق بەش قېچىرى، 66
Ils avaient sept cent trente-six chevaux, et deux cent quarante-cinq mulets,
تۆت يۈز ئوتتۇز بەش تۆگىسى ۋە ئالتە مىڭ يەتتە يۈز يىگىرمە ئېشىكى بار ئىدى. 67
Quatre cent trente-cinq chameaux, et six mille sept cent vingt ânes.
جەمەت كاتتىۋاشلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمغا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كەلگەن چاغدا، خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئەسلى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن سېلىنىشى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. 68
Et [quelques-uns] d'entre les Chefs des pères, après qu'ils furent venus pour [rebâtir] la maison de l'Eternel, qui habite à Jérusalem, offrant volontairement pour la maison de Dieu, afin de la remettre en son état,
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇربىغا قاراپ قۇرۇلۇش خەزىنىسىگە ئاتمىش بىر مىڭ دارىك ئالتۇن، بەش مىڭ مىنا كۈمۈش ۋە يۈز قۇر كاھىن تونى تەقدىم قىلدى. 69
Donnèrent au trésor de l'ouvrage, selon leur pouvoir, soixante et un mille drachmes d'or, et cinq mille mines d'argent, et cent robes de Sacrificateurs.
شۇنىڭدىن كېيىن كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە بىر قىسىم خەلق قوشۇلۇپ، غەزەلكەشلەر، دەرۋازىۋەنلەر، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى؛ قالغان ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۆز شەھەرلىرىگە ماكانلاشتى. 70
Et ainsi les Sacrificateurs, les Lévites, quelques-uns du peuple, les chantres, les portiers, et les Néthiniens, habitèrent dans leurs villes, et tous ceux d'Israël aussi dans leurs villes.

< ئەزرا 2 >