< ئەزرا 10 >
ئەزرا دۇئا قىلىپ، گۇناھىنى تونۇپ يىغلاپ خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتقان چاغدا، ئىسرائىللاردىن ناھايىتى چوڭ بىر جامائەت، ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يىغىلدى؛ كۆپچىلىكمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى. | 1 |
Mientras Esdras oraba y confesaba sus pecados, llorando y cayendo de bruces ante el Templo de Dios, una gran multitud de israelitas, hombres, mujeres y niños, se reunió a su alrededor. El pueblo también lloraba amargamente.
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەھىيەلنىڭ ئوغلى شېكانىيا ئەزراغا: ــ بىز خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ بۇ زېمىندىكى يات تائىپىلەردىن خوتۇن ئاپتۇق. ھالبۇكى، ئىسرائىل ئۈچۈن يەنىلا ئۈمىد بار؛ | 2 |
Secanías, hijo de Jehiel, un elamita, dijo a Esdras: “Sí, hemos sido infieles a nuestro Dios porque nos hemos casado con mujeres extranjeras de los pueblos de la tierra. Pero aun así, todavía hay esperanza para Israel en cuanto a esto.
بىز ئەمدى خۇدايىمىز بىلەن ئەھدىلىشەيلى، خوجامنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن بۇ خوتۇنلارنى ۋە ئۇلاردىن تۆرەلگەن پەرزەنتلەرنى يولغا سېلىپ قويايلى. ھەممە ئىش تەۋرات قانۇنى بويىچە قىلىنسۇن. | 3 |
Hagamos un acuerdo solemne ahora mismo ante nuestro Dios de que despediremos a todas las esposas extranjeras y a sus hijos. Seguiremos las instrucciones dadas por ti y por los que respetan las instrucciones de nuestro Dios, llevadas a cabo de acuerdo con la Ley.
تۇر! بۇ ئىش ساڭا باغلىقتۇر، بىز سېنى قوللايمىز؛ جۈرئەتلىك بولۇپ ئىشنى ئادا قىلغىن، ــ دېدى. | 4 |
¡Haz algo! Porque es tu responsabilidad. Estamos contigo. Sé valiente y hazlo”.
شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ، كاھىنلارنىڭ لاۋىيلارنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ باشلىقلىرىنى شۇ سۆز بويىچە ئىش قىلىمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكە ئۈندىدى، ئۇلار قەسەم ئىچتى. | 5 |
Entonces Esdras se puso de pie e hizo que los principales sacerdotes, los levitas y todos los israelitas presentes prestaran juramento de actuar conforme a lo que se acababa de decir. Todos hicieron el juramento.
ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدىن قوپۇپ ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى يەھوھاناننىڭ ئۆيىگە كىردى؛ ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەندە غىزامۇ يېمىدى، سۇمۇ ئىچمىدى، چۈنكى ئۇ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىناتتى. | 6 |
Entonces Esdras los dejó frente al Templo de Dios y se dirigió a la habitación de Johanán, hijo de Eliasib. Durante el tiempo que permaneció allí, no comió ni bebió nada, porque seguía lamentando la infidelidad de los exiliados.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە جاكارلىنىپ، يېرۇسالېمغا يىغىلىڭلار، | 7 |
Entonces se emitió una proclama en todo Judá y Jerusalén para que todos los exiliados se reunieran en Jerusalén.
ئەمىرلەر ۋە ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتى بويىچە، كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېتىپ كەلمىسە، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ جامائىتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، دەپ، جاكارنامە چىقىرىلدى. | 8 |
Al que no viniera en el plazo de tres días se le confiscarían todos sus bienes y se le prohibiría participar en la asamblea de los exiliados. Esta fue la decisión de los líderes y de los ancianos.
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى بارلىق ئەرلەر ئۈچ كۈنگىچە يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولدى. ئۇ توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى ئىدى؛ بارلىق خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى مەيدانغا كېلىپ ئولتۇردى، كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن قورقاچقا، شۇنىڭدەك قاتتىق ياغقان يامغۇر تۈپەيلىدىن، تىترەپ كېتىشتى. | 9 |
A los tres días, todos los de Judá y Benjamín se reunieron en Jerusalén. El vigésimo día del noveno mes, todo el pueblo se sentó en la plaza junto al Templo de Dios, temblando por este asunto y también por la fuerte lluvia.
كاھىن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ يات تائىپىلەرنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاشۇردۇڭلار. | 10 |
El sacerdote Esdras se levantó y les dijo: “Ustedes han cometido un pecado al casarse con mujeres extranjeras, agravando aún más la culpa de Israel.
ئەمدى سىلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىڭلارنى تونۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇ زېمىندىكى تائىپىلەردىن ۋە بۇ يات ئەللىك خوتۇنلىرىڭلاردىن ئارىنى ئوچۇق قىلىڭلار، دېدى. | 11 |
Ahora deben confesar su pecado al Señor, el Dios de sus antepasados, y hacer lo que él les pide. Corta tus vínculos con la gente de la tierra y con tus esposas extranjeras”.
پۈتۈن جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بېرىپ: ــ ماقۇل، بىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ گەپلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز. | 12 |
Toda la asamblea respondió en voz alta: “¡Estamos de acuerdo y prometemos hacer lo que dices!
بىراق ئادەملەر بەك كۆپ، يەنە كېلىپ يامغۇر پەسلى بولغاچقا تالادا تۇرالمايمىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، چۈنكى بىزدە بۇ ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلار ناھايىتى كۆپتۇر! | 13 |
Pero hay mucha gente aquí, y está lloviendo a cántaros. No podemos quedarnos fuera. Más aún, esto no es algo que se pueda arreglar en uno o dos días, pues hemos pecado gravemente en esto.
خۇدانىڭ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى كەلگەن قاتتىق غەزىپىنىڭ بىزدىن كەتكۈچە، باشلىقلىرىمىز پۈتكۈل جامائەتكە ۋەكىل بولۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن؛ بىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىمىزدە يات ئەللەردىن خوتۇن ئالغانلارمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقال ۋە ھاكىملىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلسۇن، ــ دېدى. | 14 |
Que nuestros líderes actúen en nombre de toda la asamblea. Entonces, que cada hombre de cada una de nuestras ciudades que se haya casado con una mujer extranjera reciba una cita para venir a reunirse, junto con los ancianos y los jueces de esa ciudad, hasta que nuestro Dios deje de estar enojado con nosotros por esto”.
بۇ ئىشقا پەقەت ئاساھەلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياھزىيا قارشى چىقتى، مەشۇللام بىلەن لاۋىي شاببىتاي ئۇلارنى قوللىدى. | 15 |
Los únicos que se opusieron a esto fueron Jonatán, hijo de Asahel, y Jahzeías, hijo de Ticva, apoyados por Mesulam y el levita Sabetai.
شۇنىڭ بىلەن سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئەنە شۇنداق قىلدى. كاھىن ئەزرا ۋە ئاتا جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولغانلار جەمەتى بويىچە بۇ ئىشقا ئايرىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملاندى. ئۇلار ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى. | 16 |
Esto fue lo que hicieron los exiliados, seleccionando al sacerdote Esdras y a los jefes de familia, según sus divisiones familiares, todos ellos nombrados específicamente. El primer día del décimo mes se sentaron para comenzar la investigación,
ئۇلار يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغان ئەرلەرنىڭ سورىقىنى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تۈگەتتى. | 17 |
y para el primer día del primer mes habían terminado de tratar todos los casos de hombres que se habían casado con mujeres extranjeras.
كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلاردىن مۇشۇلار چىقتى: ــ يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مائاسېياھ، ئەلىئېزەر، يارىب، گەدالىيا. | 18 |
Entre los descendientes de los sacerdotes, los siguientes se habían casado con mujeres extranjeras: de los hijos de Jesúa hijo de Josadac, y de sus hermanos Maasías, Eliezer, Jarib y Gedalías.
ئۇلار خوتۇنلىرىمىزنى يولغا سېلىپ قويىمىز دەپ [قەسەم قىلىپ] قول بېرىشتى ۋە گۇناھى ئۈچۈن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىسىدىن بىر قوچقارنى سۇندى. | 19 |
Hicieron voto de despedir a sus mujeres, y presentaron un carnero del rebaño como ofrenda por su culpa.
ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھانانى بىلەن زەبادىيا؛ | 20 |
De los hijos de Imer: Hanani y Zebadías.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە مائاسېياھ، ئېلىياھ، شېمايا، يەھىيەل ۋە ئۇززىيا؛ | 21 |
De los hijos de Harim Maasías, Elías, Semaías, Jehiel y Uzías.
پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، مائاسېياھ، ئىسمائىل، نەتانەل، يوزاباد ۋە ئەلاساھ. | 22 |
De los hijos de Pasur Elioenai, Maasías, Ismael, Natanael, Jozabad y Elasa.
لاۋىيلار ئىچىدە يوزاباد، شىمەي، كېلايا («كېلىتا»مۇ دېيىلىدۇ)، پىتاھىيا، يەھۇدا بىلەن ئەلىئېزەر؛ | 23 |
De los levitas: Jozabad, Simei, Kelaía (o Kelita), Petaías, Judá y Eliezer.
غەزەلكەشلەر ئىچىدە ئەلىياشىب؛ دەرۋازىۋەنلەر ئىچىدە شاللۇم، تەلەم، ئۇرى. | 24 |
Entre los cantores: Eliasib. Entre los porteros: Salum, Telem y Uri.
ئىسرائىللاردىن: ــ پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن رامىيا، يىززىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلىئازار، مالكىيا، بىنايا؛ | 25 |
Entre los israelitas: De los hijos de Paros: Ramía, Jezías, Malquías, Mijamín, Eleazar, Hasabías, y Benaía.
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتانىيا، زەكەرىيا، يەھىيەل، ئابدى، يەرىموت بىلەن ئېلىياھ؛ | 26 |
De los hijos de Elam: Matanías, Zacarías, Jehiel, Abdi, Jeremot y Elías.
زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، ئەلىياشىب، ماتتانىيا، يەرىموت، زاباد بىلەن ئازىزا؛ | 27 |
De los hijos de Zatu: Elioenai, Eliasib, Matanías, Jeremot, Zabad y Aziza.
بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوھوھانان، ھانانىيا، زابباي بىلەن ئاتلاي؛ | 28 |
De los hijos de Bebai Johanán, Ananías, Zabai y Atlai.
بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشۇللام، ماللۇق، ئادايا، ياشۇب، شېئال بىلەن راموت؛ | 29 |
De los hijos de Bani Mesulam, Maluc, Adaía, Jasub, Seal y Jeremot.
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئادنا، جىلال، بىنايا، مائاسېياھ، ماتتانىيا، بەزالەل، بىننۇئىي بىلەن ماناسسەھ؛ | 30 |
De los hijos de Pahat-moab Adna, Quelal, Benaías, Maasías, Matanías, Bezaleel, Binui y Manasés.
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلىئېزەر، يىشىيا، مالكىيا، شېمايا، شىمېئون، | 31 |
De los hijos de Harim Eliezer, Isías, Malquías, Semaías, Simeón,
بىنيامىن، ماللۇق ۋە شەمارىيا؛ | 32 |
Benjamín, Maluc y Semarías.
خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتىناي، ماتتاتاھ، زاباد، ئەلىفەلەت، يەرەماي، ماناسسەھ ۋە شىمەي؛ | 33 |
De los hijos de Hasum Matenai, Matata, Zabad, Elifelet, Jeremai, Manasés y Simei.
بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماداي، ئامرام، ئۇئەل، | 34 |
De los hijos de Baní Madai, Amram, Uel,
بىنايا، بەدىيا، كېلۇھاي، | 35 |
Benaías, Bedías, Quelúhi,
ۋانىيا، مەرەموت، ئەلىياشىب، | 36 |
Vanías, Meremot, Eliasib,
ماتتانىياھ، ماتتىناي، يائاسۇ، | 37 |
Matanías, Matenai y Jaasai.
بانى، بىننۇئىي، شىمەي، | 38 |
De los hijos de Binui: Simei,
شەلەمىيا، ناتان، ئادايا، | 39 |
Selemías, Natán, Adaía,
ماكنادىباي، شاشاي، شاراي، | 40 |
Macnadebai, Shashai, Sharai,
ئازارەل، شەلەمىيا، شەمارىيا، | 41 |
Azarel, Selemías, Semarías,
شاللۇم، ئامارىيا، يۈسۈپ؛ | 42 |
Salum, Amarías y José.
نېبونىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەئىيەل، ماتتىتىياھ، زاباد، زېبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا. | 43 |
De los hijos de Nebo: Jeiel, Matatías, Zabad, Zebina, Jadau, Joel y Benaías.
بۇلارنىڭ ھەممىسى يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلار ئىدى، ۋە شۇنىڭدەك ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ خوتۇنلىرى پەرزەنتمۇ كۆرگەنىدى. | 44 |
Todos estos hombres mencionados se habían casado con mujeres extranjeras. Se divorciaron de ellas y las despidieron con sus hijos.