< ئەزرا 1 >
پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قورەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ | 1 |
Pers Kralı Koreş'in krallığının birinci yılında RAB, Yeremya aracılığıyla bildirdiği sözü yerine getirmek amacıyla, Pers Kralı Koreş'i harekete geçirdi. Koreş yönetimi altındaki bütün halklara şu yazılı bildiriyi duyurdu:
«پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. | 2 |
“Pers Kralı Koreş şöyle diyor: ‘Göklerin Tanrısı RAB yeryüzünün bütün krallıklarını bana verdi. Beni Yahuda'daki Yeruşalim Kenti'nde kendisi için bir tapınak yapmakla görevlendirdi.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغانلاردىن ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى يېرۇسالېمغا چىقسۇن، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سالسۇن! ئۇ بولسا خۇدادۇر، ماكانى يېرۇسالېمدىدۇر! | 3 |
Aranızda O'nun halkından kim varsa Tanrısı onunla olsun. Yahuda'daki Yeruşalim Kenti'ne gidip İsrail'in Tanrısı RAB'bin, Yeruşalim'deki Tanrı'nın Tapınağı'nı yeniden yapsınlar.
[سۈرگۈنلۈكتە] قالغان خەلق قەيەرلەردە ماكانلاشقان بولسا، [ئۇ يېرۇسالېمغا چىقسۇن]؛ شۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇلارغا ئالتۇن، كۈمۈش، مال-مۈلۈك، چارپايلارنى تەمىنلەپ ياردەم بەرسۇن ۋە شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا جايلاشقان خۇدانىڭ شۇ ئۆيى ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلسۇن» ــ دېدى. | 4 |
Krallığımda yaşayan yerliler, sürgün oldukları yerlerde sağ kalmış olanlara altın, gümüş, mal ve hayvanlar sağlamakla birlikte Yeruşalim'deki Tanrı'nın Tapınağı'na gönülden sunular sunsun.’”
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى قەبىلە باشلىقلىرى، كاھىنلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا خۇدا تەرىپىدىن روھى قوزغىتىلغان بارلىق خەلق ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى [يېڭىۋاشتىن] سېلىشقا بېرىشقا تەييارلاندى. | 5 |
Böylece Yahuda ve Benyamin oymaklarının boy başları, kâhinler, Levililer ve ruhları Tanrı tarafından harekete geçirilen herkes, RAB'bin Yeruşalim'deki Tapınağı'nı yeniden yapmak için gidiş hazırlıklarına girişti.
ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كۈمۈش قاچا-قۇچا، ئالتۇن، مال-مۈلۈك، چارپايلار ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملار بىلەن ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى، بۇنىڭدىن باشقا سۇنۇلىدىغان ھەرخىل ئىختىيارىي ھەدىيە-قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەرخىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. | 6 |
Komşuları gönülden verdikleri armağanların yanısıra, altın, gümüş kaplar, mal, hayvan ve değerli armağanlarla onları desteklediler.
پادىشاھ قورەش پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلىرىنىمۇ، يەنى ئىلگىرى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن ئەكىلىپ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ قويغان قاچا-قۇچىلارنىمۇ ئېلىپ چىقتى. | 7 |
Pers Kralı Koreş de Nebukadnessar'ın Yeruşalim'deki RAB'bin Tapınağı'ndan alıp kendi ilahının tapınağına koymuş olduğu kapları çıkardı. Bunları hazine görevlisi Mitredat'a getirterek sayımını yaptırdı ve Yahuda önderi Şeşbassar'a verdi.
پارس پادىشاھى قورەش خەزىنە بېگى مىترەداتنى بۇيرۇپ بۇ قاچا-قۇچىلارنى ئالدۇرۇپ چىقتى؛ مىترەدات شۇلارنى يەھۇدانىڭ ئەمىرى شەشبازارغا سانى بويىچە ساناپ تاپشۇرۇپ بەردى. | 8 |
قاچا-قۇچىلارنىڭ سانى مۇنداق: ــ ئالتۇن داس ئوتتۇز، كۈمۈش داس مىڭ، پىچاق يىگىرمە توققۇز، | 9 |
Sayım sonucu şuydu: 30 altın leğen, 1 000 gümüş leğen, 29 tas,
ئالتۇن پىيالە ئوتتۇز، بىر-بىرىگە ئوخشاش بولغان كۈمۈش پىيالە تۆت يۈز ئون؛ باشقا قاچا-قۇچىلار بىر مىڭ. | 10 |
30 altın tas ve birbirinin benzeri 410 gümüş tas, 1 000 parça değişik kap.
بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا، بەش مىڭ تۆت يۈز. سۈرگۈن قىلىنغان خەلق بابىلدىن يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدا، شەشبازار بۇ قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلگەنىدى. | 11 |
Altın ve gümüş eşyaların toplamı 5 400 parçaydı. Sürgünler Babil'den Yeruşalim'e dönerken Şeşbassar bunların hepsini birlikte getirdi.