< ئەزاكىيال 9 >
ئۇ قۇلىقىمغا كۈچلۈك بىر ئاۋازدا توۋلاپ: ــ يېقىن كېلىڭلار، شەھەرگە مەسئۇل بولغۇچىلار، ھەربىرىڭلار ئۆز ھالاكەت قورالىڭلارنى قولۇڭلارغا تۇتۇڭلار، ــ دېدى. | 1 |
斯て彼大聲に吾耳に呼はりて言たまふ邑を主どる者等各々剪滅の器具を手にとりて前み來れと
ۋە مانا، ئالتە كىشىنىڭ [ئىبادەتخانىنىڭ] شىمالىغا قارايدىغان «يۇقىرى دەرۋازا» تەرەپتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان؛ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن بىرسى بار ئىدى؛ ۋە ئۇلار [ئىبادەتخانىغا] كىرىپ، مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇردى. | 2 |
即ち北にむかへる上の門の路より六人の者おのおの打壞る器具を手にとりて來る其中に一人布の衣を着筆記人の墨盂を腰におぶる者あり彼等來りて銅の壇の傍に立てり
شۇ چاغدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. پەرۋەردىگار يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ | 3 |
爰にイスラエルの神の榮光その居るところのケルブの上より起あがりて家の閾にいたり彼の布の衣を着て腰に筆記人の墨盂をおぶる者を呼ぶ
شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن، ــ دېدى. | 4 |
時にヱホバかれに言たまひけるは邑の中ヱルサレムの中を巡れ而して邑の中に行はるるところの諸の憎むべき事のために歎き哀しむ人々の額に記號をつけよと
ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار! | 5 |
我聞に彼またその他の者等にいひたまふ彼にしたがひて邑を巡りて撃てよ汝等の目人を惜み見るべからず憐れむべからず
بىرنىمۇ قويماي ھەممىنى ــ قېرىلار، ياش يىگىت-قىزلار، بوۋاق-بالىلار ۋە ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ پەقەت بەلگە قويۇلغان كىشىلەرگە يېقىنلاشماڭلار؛ بۇ ئىشنى ئۆز مۇقەددەس جايىمدىن باشلاڭلار، ــ دېدى. شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا تۇرغان ھېلىقى ئاقساقاللاردىن باشلىغان. | 6 |
老人も少者も童女も孩子も婦人も悉く殺すべし然ど身に記號ある者には觸べからず先わが聖所より始めよと彼等すなはち家の前にをりし老人より始む
ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۆينى بۇلغاڭلار، ھويلىلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار؛ ئەمدى بېرىڭلار! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چىقىپ شەھەر بويىچە ئادەملەرنى قىرىشقا باشلىدى. | 7 |
彼またかれらに言たまふ家を汚し死人をもて庭に充せよ汝等往けよと彼等すなはち出ゆきて邑の中に人を撃つ
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئادەملەرنى قىرغىنىدا، مەن يالغۇز قالدىم؛ ئۆزۈمنى يەرگە دۈم تاشلىدىم ۋە: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟ ــ دېدىم. | 8 |
彼等人を撃ちける時我遺されたれば俯伏て叫び言ふ嗚呼主ヱホバよ汝怒をヱルサレムにもらしてイスラエルの殘餘者を悉くほろぼしたまふや
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى ئىنتايىن رەزىل؛ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. | 9 |
彼われに言たまひけるはイスラエルとユダの家の罪甚だ大なり國には血盈ち邑には邪曲充つ即ち彼等いふヱホバは此地を棄てたりヱホバは見ざるなりと
«مەن بولسام، مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، ــ دېدى. | 10 |
然ば亦わが目かれらを惜み見ず我かれらを憐まじ彼らの行ふところを彼等の首に報いん
ۋە مانا، يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنىنى ئاسقان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشى قىلغان ئىشنى مەلۇم قىلىپ: «ماڭا سەن بۇيرۇغان ئىشنى ئورۇندىدىم» ــ دېدى. | 11 |
時にかの布の衣を着て腰に筆記人の墨盂をおぶる人復命まをして言ふ汝が我に命じたまひしごとく爲たりと