ئالتىنچى يىلى، ئالتىنچى ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىدە شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدىكى، مەن ئۆز ئۆيۈمدە ئولتۇرغىنىمدا، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇغىنىدا، رەب پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى. | 1 |
و در سال ششم در روز پنجم از ماه ششم، چون من در خانه خود نشسته بودم ومشایخ یهودا پیش من نشسته بودند، آنگاه دست خداوند یهوه در آنجا بر من فرود آمد. | ۱ |
مەن قارىدىم، مانا، ئوتنىڭ قىياپىتىدە بىر زاتنىڭ كۆرۈنۈشى تۇراتتى؛ بېلىنىڭ تۆۋىنى ئوت تۇرقىدا تۇراتتى؛ بېلىنىڭ ئۈستى بولسا جۇلالىغان يورۇقلۇق، قىزىتىلغان مىس پارقىرىغاندەك كۆرۈنۈش تۇراتتى. | 2 |
و دیدم که اینک شبیهی مثل صورت آتش بود یعنی ازنمایش کمر او تا پایین آتش و از کمر او تا بالا مثل منظر درخشندگی مانند صورت برنج لامع ظاهرشد. | ۲ |
ئۇ قولنىڭ كۆرۈنۈشىدەك بىر شەكىلنى سوزۇپ، بېشىمدىكى بىر تۇتام چاچنى تۇتتى؛ روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە يېرۇسالېمغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى. ئاشۇ يەر «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد تۇرغان جاي ئىدى. | 3 |
و شبیه دستی دراز کرده، موی پیشانی مرابگرفت و روح، مرا در میان زمین و آسمان برداشت و مرا در رویاهای خدا به اورشلیم نزددهنه دروازه صحن اندرونی که بطرف شمال متوجه است برد که در آنجا نشیمن تمثال غیرت غیرت انگیز میباشد. | ۳ |
مانا، مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى. | 4 |
و اینک جلال خدای اسرائیل مانند آن رویایی که در هامون دیده بودم ظاهر شد. | ۴ |
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ باق، دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قارىدىم، مانا، قۇربانگاھنىڭ دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، بوسۇغىدا شۇ «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشلاشقان مەبۇد» تۇراتتى. | 5 |
و اومرا گفت: «ای پسر انسان چشمان خود را بسوی راه شمال برافراز!» و چون چشمان خود را بسوی راه شمال برافراشتم، اینک بطرف شمالی دروازه مذبح این تمثال غیرت در مدخل ظاهر شد. | ۵ |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنى ــ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنى مۇقەددەس جايىمدىن يىراق كەتكۈزىدىغان، مۇشۇ يەردە قىلغان ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆردۈڭسەن؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. | 6 |
و اومرا گفت: «ای پسر انسان آیا تو آنچه را که ایشان میکنند میبینی؟ یعنی رجاسات عظیمی که خاندان اسرائیل در اینجا میکنند تا از مقدس خود دور بشوم؟ اما باز رجاسات عظیم تر خواهی دید.» | ۶ |
ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئاپاردى، مەن قارىدىم، مانا، تامدا بىر تۆشۈك تۇراتتى. | 7 |
پس مرا به دروازه صحن آورد و دیدم که اینک سوراخی در دیوار است. | ۷ |
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، تامنى كولاپ تەشكىن، دېدى. مەن تامنى كولاپ تەشتىم، مانا، بىر ئىشىك تۇراتتى. | 8 |
و او مرا گفت: «ای پسر انسان دیوار را بکن.» و چون دیوار راکندم، اینک دروازهای پدید آمد. | ۸ |
ئۇ ماڭا: ــ كىرگىن، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەردە قىلغان رەزىل يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرۈپ باق، دېدى. | 9 |
و او مرا گفت: «داخل شو و رجاسات شنیعی را که ایشان دراینجا میکنند ملاحظه نما.» | ۹ |
مەن كىرىپ قارىدىم، مانا، ئەتراپىدىكى تاملارغا نەقىش قىلىنغان ھەرخىل ئۆمىلىگۈچى ھەم يىرگىنچلىك ھايۋانلارنى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ھەممە بۇتلىرىنى كۆردۈم. | 10 |
پس چون داخل شدم، دیدم که هرگونه حشرات و حیوانات نجس و جمیع بتهای خاندان اسرائیل بر دیوار از هر طرف نقش شده بود. | ۱۰ |
ۋە بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شافاننىڭ ئوغلى جائازانىيا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدا ئۆز خۇشبۇيدېنىنى تۇتۇپ تۇراتتى؛ خۇشبۇي قۇيۇق بۇلۇتتەك ئۆرلەپ چىقتى. | 11 |
و هفتاد نفر از مشایخ خاندان اسرائیل پیش آنهاایستاده بودند و یازنیا ابن شافان در میان ایشان ایستاده بود و هرکس مجمرهای در دست خودداشت و بوی ابر بخور بالا میرفت. | ۱۱ |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، يەنى ھەربىرىنىڭ ئۆز مەبۇد نەقىش قىلىنغان ھۇجرىسىدا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ؛ پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى» ــ دەيدۇ، ــ دېدى. | 12 |
و او مراگفت: «ای پسر انسان آیا آنچه را که مشایخ خاندان اسرائیل در تاریکی و هرکس درحجره های بتهای خویش میکنند دیدی؟ زیرامی گویند که خداوند ما را نمی بیند و خداوند این زمین را ترک کرده است. | ۱۲ |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ بىراق سەن ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى كۆرىسەن، دېدى. | 13 |
و به من گفت که بازرجاسات عظیم تر از اینهایی که اینان میکنندخواهی دید.» | ۱۳ |
ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى؛ مانا، شۇ يەردە «تاممۇز ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ» يىغلاۋاتقان ئاياللار ئولتۇراتتى. | 14 |
پس مرا به دهنه دروازه خانه خداوند که بطرف شمال بود آورد. و اینک در آنجا بعضی زنان نشسته، برای تموز میگریستند. | ۱۴ |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ بىراق سەن تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، ــ دېدى. | 15 |
و او مراگفت: «ای پسر انسان آیا این را دیدی؟ بازرجاسات عظیم تر از اینها را خواهی دید.» | ۱۵ |
ۋە ئۇ مېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا ئاپاردى. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ كىرىش يولىدا، پېشايۋان ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يىگىرمە بەش ئادەم، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى. | 16 |
پس مرا به صحن اندرونی خانه خداوندآورد. و اینک نزد دروازه هیکل خداوند در میان رواق و مذبح به قدر بیست و پنج مرد بودند که پشتهای خود را بسوی هیکل خداوند و رویهای خویش را بسوی مشرق داشتند و آفتاب را بطرف مشرق سجده مینمودند. | ۱۶ |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن مۇشۇلارنى كۆردۇڭمۇ؟ يەھۇدا جەمەتى ئۆزى مۇشۇ يەردە قىلغان يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېنىك دەپ، ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۈستىگە زېمىننى جەبىر-زۇلۇم بىلەن تولدۇرۇپ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قايتا-قايتا قوزغاتسا بولامدۇ؟ ۋە مانا، ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا! | 17 |
و به من گفت: «ای پسر انسان این را دیدی؟ آیا برای خاندان یهودابجا آوردن این رجاسات که در اینجا بجامی آورند سهل است؟ زیرا که زمین را از ظلم مملو ساختهاند و برای هیجان خشم من برمی گردند و هان شاخه را به بینی خودمی گذارند. | ۱۷ |
شۇڭا مەن قەھر بىلەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ ئۇلار قۇلىقىمغا يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن، ــ دېدى. | 18 |
بنابراین من نیز در غضب، عمل خواهم نمود و چشم من شفقت نخواهد کرد ورحمت نخواهم فرمود و اگرچه به آواز بلند به گوش من بخوانند، ایشان را اجابت نخواهم نمود.» | ۱۸ |