< ئەزاكىيال 6 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Perwerdigarning sözi manga kélip mundaq déyildi: —
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەپ بېشارەت بەرگىن: ــ | 2 |
I insan oghli, Israilning taghlirigha yüzüngni qaritip ularni eyiblep mundaq dep bésharet bergin: —
«ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار: رەب پەرۋەردىگار تاغلار ۋە ئېگىزلىكلەرگە، ۋادىلار ۋە جىلغىلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچنى چۈشۈرۈپ، «يۇقىرى جاي»لىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن. | 3 |
«Israilning taghliri, Reb Perwerdigarning sözini anglap qoyunglar: Reb Perwerdigar taghlar we égizliklerge, wadilar we jilghilargha mundaq deydu: — Mana, Men üstünglargha bir qilichni chüshürüp, «yuqiri jay»liringlarni weyran qilimen.
شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قۇربانگاھلىرىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار بۇزۇلىدۇ؛ سىلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى بۇتلىرىڭلارنىڭ ئالدىغا تاشلايمەن. | 4 |
Shuning bilen silerning qurban’gahliringlar weyrane bolidu, «kün tüwrük»liringlar buzulidu; silerdin öltürülgenlerni butliringlarning aldigha tashlaymen.
ئىسرائىللاردىن بولغان ئۆلۈكلەرنى ئۆز بۇتلىرى ئالدىغا ياتقۇزىمەن؛ قۇربانگاھلىرىڭلار ئەتراپىغا ئۇستىخانلىرىنى چېچىۋېتىمەن. | 5 |
Israillardin bolghan ölüklerni öz butliri aldigha yatquzimen; qurban’gahliringlar etrapigha ustixanlirini chéchiwétimen.
سىلەر تۇرغان بارلىق جايلاردا شەھەرلەر يەر بىلەن يەكسان قىلىنىدۇ، «يۇقىرى جايلار» ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھلىرىڭلار ھالاك بولىدۇ، بۇتلىرىڭلار چېقىلىپ يوقىلىدۇ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلار كېسىلىپ غۇلىتىلىدۇ، ۋە ھەممە ياسىغىنىڭلار يوق قىلىۋېتىلىدۇ؛ | 6 |
Siler turghan barliq jaylarda sheherler yer bilen yeksan qilinidu, «yuqiri jaylar» weyrane bolidu; shuning bilen qurban’gahliringlar halak bolidu, butliringlar chéqilip yoqilidu, «kün tüwrük»liringlar késilip ghulitilidu, we hemme yasighininglar yoq qiliwétilidu;
ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئاراڭلاردا يىقىلىشى بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 7 |
We öltürülgenler aranglarda yiqilishi bilen, siler Méning Perwerdigar ikenlikimni tonup yétisiler.
بىراق مەن سىلەردىن بىر قالدىنى قالدۇرىمەن؛ چۈنكى يات مەملىكەتلەرگە تارقىتىۋېتىلگىنىڭلاردا، سىلەردىن ئەللەر ئارىسىدا قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولىدۇ. | 8 |
Biraq Men silerdin bir qaldini qaldurimen; chünki yat memliketlerge tarqitiwétilgininglarda, silerdin eller arisida qilichtin qutulup qalghanlar bolidu.
ۋە سىلەردىن [قىلىچتىن] قۇتۇلۇپ قالغانلار سۈرگۈن قىلىنغان مەملىكەتلەردە مەندىن يانغان ۋاپاسىز قەلبلىرى ۋە بۇتلىرىغا پاھىشىۋازلاردەك ھەۋەس قىلغان كۆزلىرى بىلەن باغرىمنى پارە-پارە قىلغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلغان رەزىللىكلىرى ھەم يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئۆزلىرىدىن نەپرەتلىنىدۇ. | 9 |
We silerdin [qilichtin] qutulup qalghanlar sürgün qilin’ghan memliketlerde Mendin yan’ghan wapasiz qelbliri we butlirigha pahishiwazlardek hewes qilghan közliri bilen baghrimni pare-pare qilghanliqini ésige keltüridu; shuning bilen ular qilghan rezillikliri hem yirginchlik qilmishliri tüpeylidin öz-özliridin nepretlinidu.
ۋە ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ مەن مۇشۇ كۈلپەتنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن دېگەنلىكىم بىكاردىن-بىكار ئەمەس». | 10 |
We ular Méning Perwerdigar ikenlikimni tonup yétidu; Men mushu külpetni silerning béshinglargha chüshürimen dégenlikim bikardin-bikar emes».
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن: «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق قەبىھ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ۋاي! چۈنكى ئۇلار قىلىچ، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى بىلەن يىقىلىدۇ» ــ دېگىن! | 11 |
Reb Perwerdigar mundaq deydu: — «Aliqiningni-aliqininggha urup, putung bilen yerni tepkin: «Israil jemetining barliq qebih, yirginchlik qilmishliri üchün way! Chünki ular qilich, acharchiliq we waba késili bilen yiqilidu» — dégin!
يىراقتا تۇرغان ۋابادىن ئۆلىدۇ؛ يېقىندا تۇرغان قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ ھەم تىرىك قالغان، يەنى مۇھاسىرىگە چۈشكەن كىشى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇلارغا بولغان قەھرىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن. | 12 |
Yiraqta turghan wabadin ölidu; yéqinda turghan qilich bilen yiqilidu; hem tirik qalghan, yeni muhasirige chüshken kishi acharchiliqtin ölidu; shuning bilen méning ulargha bolghan qehrimni chüshürüp pighandin chiqimen.
ئەمدى ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۆز بۇتلىرى ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى ئەتراپىدا، ئۆز بۇتلىرىغا خۇشبۇي ياققان ھەر بىر ئېگىز دۆڭ ئۈستىدە، تاغ چوققىلىرىدا، بارلىق يېشىل دەرەخ ۋە باراقسان دۇب ئاستىدا ياتقان چاغدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. | 13 |
Emdi ulardin öltürülgenler öz butliri arisida, ularning qurban’gahliri etrapida, öz butlirigha xushbuy yaqqan her bir égiz döng üstide, tagh choqqilirida, barliq yéshil derex we baraqsan dub astida yatqan chaghda, ular Méning Perwerdigar ikenlikimni tonup yétidu.
ۋە مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سوزىمەن، ئۇلار ھەر تۇرغان جايلىرىدا زېمىننى دىبلاتتىكى چۆل-باياۋاندىن بەتتەر ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئاندىن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». | 14 |
We Men Öz qolumni ularning üstige sozimen, ular her turghan jaylirida zéminni Diblattiki chöl-bayawandin better weyran qiliwétimen. Andin ular Méning Perwerdigar ikenlikimni tonup yétidu».