< ئەزاكىيال 5 >
«ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزۈڭ ئۆتكۈر بىر قىلىچنى ئال؛ ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي؛ ئاندىن تارازىنى ئېلىپ ئالغان چاچلارنى تەڭ بۆلگىن. | 1 |
Et tu fili hominis sume tibi gladium acutum, radentem pilos: et assumes eum, et duces per caput tuum, et per barbam tuam: et assumes tibi stateram ponderis, et divides eos.
مۇھاسىرە كۈنلىرى تۈگىگەندە، ئۈچتىن بىرىنى شەھەر ئىچىدە كۆيدۈرگىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ شەھەر ئەتراپىغا چېپىۋەتكىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى شامالغا سورىۋەتكىن؛ مەن بىر قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. | 2 |
Tertiam partem igne combures in medio civitatis, iuxta completionem dierum obsidionis: et assumes tertiam partem, et concides gladio in circuitu eius: tertiam vero aliam disperges in ventum, et gladium nudabo post eos.
سەن يەنە ئۇلاردىن بىرنەچچە تالنى ئېلىپ تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن؛ | 3 |
Et sumes inde parvum numerum: et ligabis eos in summitate pallii tui.
بۇلاردىن يەنە نەچچە تالنى ئېلىپ ئوت ئىچىگە تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتكىن؛ بۇلاردىن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدۇ». | 4 |
Et ex eis rursum tolles, et proiicies eos in medio ignis, et combures eos igne: et ex eo egredietur ignis in omnem domum Israel.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ يېرۇسالېم؛ مەن ئۇنى ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ؛ | 5 |
Haec dicit Dominus Deus: Ista est Ierusalem, in medio Gentium posui eam, et in circuitu eius terras.
بىراق ئۇ مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە قارشىلىشىپ رەزىللىكتە ئەللەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، بەلگىلىمىلىرىمگە قارشىلىشىشتا ئۆپچۆرىسىدىكى مەملىكەتلەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئۇلار رەت قىلدى، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بولسا، ئۇلاردا ئاقمايدۇ. | 6 |
Et contempsit iudicia mea, ut plus esset impia quam Gentes: et praecepta mea ultra quam terrae, quae in circuitu eius sunt. iudicia enim ea proiecerunt, et in praeceptis meis non ambulaverunt.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەردىنمۇ بەكرەك باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلاردىن، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭماسلىقىڭلاردىن ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتماسلىقىڭلاردىن، ھەتتا ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىمۇ ماڭماسلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، | 7 |
Idcirco haec dicit Dominus Deus: Quia superastis Gentes, quae in circuitu vestro sunt, et in praeceptis meis non ambulastis, et iudicia mea non fecistis, et iuxta iustitias Gentium, quae in circuitu vestro sunt, non estis operati;
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆزۈمكى ساڭا قارشىمەن، [ئى يېرۇسالېم]؛ سېنىڭ ئاراڭغا ئەللەرنىڭ كۆز ئالىدىلا جازالارنى يۈرگۈزىمەن؛ | 8 |
Ideo haec dicit Dominus Deus: Ecce ego ad te, et ipse ego faciam in medio tui iudicia in oculis Gentium.
ۋە سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاراڭدا ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان ھەمدە كەلگۈسى ئىككىنچى قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن. | 9 |
et faciam in te quod non feci, et quibus similia ultra non faciam propter omnes abominationes tuas.
شۇنىڭ بىلەن ئاتىلار ئۆز بالىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ، بالىلار ئۆز ئاتىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ؛ ۋە مەن ساڭا جازالارنى يۈرگۈزىمەن، ۋە سېنىڭ بارلىق قالغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن. | 10 |
Ideo patres comedent filios suos in medio tui, et filii comedent patres suos, et faciam in te iudicia, et ventilabo universas reliquias tuas in omnem ventum.
شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن. | 11 |
Idcirco vivo ego, dicit Dominus Deus: Nisi pro eo quod sanctum meum violasti in omnibus offensionibus tuis, et in cunctis abominationibus tuis: ego quoque confringam, et non parcet oculus meus, et non miserebor.
شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ؛ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆپچۆرەڭلەردە قىلىچلىنىدۇ؛ ۋە مەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن، ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. | 12 |
Tertia pars tui peste morietur, et fame consumetur in medio tui: et tertia pars tui in gladio cadet in circuitu tuo: tertiam vero partem tuam in omnem ventum dispergam, et gladium evaginabo post eos.
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ غەزىپىم بېسىقىدۇ، مېنىڭ قەھرىمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ قونغۇزۇپ، پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇمدىن سۆز قىلغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ. | 13 |
Et complebo furorem meum, et requiescere faciam indignationem meam in eis, et consolabor: et scient quia ego Dominus locutus sum in zelo meo, cum implevero indignationem meam in eis.
ۋە مەن سېنىڭ ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەر ئارىسىدا ھەمدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا سېنى ۋەيرانە قىلىمەن ۋە مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىمەن؛ | 14 |
Et dabo te in desertum, et in opprobrium Gentibus, quae in circuitu tuo sunt, in conspectu omnis praetereuntis.
سېنىڭ ئۈستۈڭگە غەزەپ ھەم قەھر ۋە قەھرلىك ئەيىبلەر بىلەن جازالارنى يۈرگۈزگىنىمدە سەن ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەرگە خورلۇق ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى، بىر ئىبرەت ھەم ئالاقزادىلىك چىقارغۇچى بولىسەن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم! | 15 |
Et eris opprobrium, et blasphemia, exemplum, et stupor in Gentibus, quae in circuitu tuo sunt, cum fecero in te iudicia in furore, et in indignatione, et in increpationibus irae.
مەن ئۇلارغا ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچى، ئاچارچىلىق زەھەرلىك ئوقلىرىنى ياغدۇرغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ئاچارچىلىقنى كۈچەيتىمەن، ۋە يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتىۋېتىمەن. | 16 |
Ego Dominus locutus sum: Quando misero sagittas famis pessimas in eos: quae erunt mortiferae, et quas mittam ut disperdam vos: et famem congregabo super vos, et conteram in vobis baculum panis.
ۋە ئۈستۈڭلارغا ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان ئاچارچىلىق ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ ۋابا كېسىللىرى ۋە قان تۆككۈچىلەر ئاراڭلارغا يامراپ كېتىدۇ؛ ئۈستۈڭلارغا قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم!». | 17 |
Et immittam in vos famem, et bestias pessimas usque ad internecionem: et pestilentia, et sanguis transibunt per te, et gladium inducam super te. ego Dominus locutus sum.