< ئەزاكىيال 5 >

«ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزۈڭ ئۆتكۈر بىر قىلىچنى ئال؛ ئۇنى ئۇستىرا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چېچىڭ ۋە ساقىلىڭغا سۈرتۈپ قوي؛ ئاندىن تارازىنى ئېلىپ ئالغان چاچلارنى تەڭ بۆلگىن. 1
「人子啊,你要拿一把快刀,當作剃頭刀,用這刀剃你的頭髮和你的鬍鬚,用天平將鬚髮平分。
مۇھاسىرە كۈنلىرى تۈگىگەندە، ئۈچتىن بىرىنى شەھەر ئىچىدە كۆيدۈرگىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ شەھەر ئەتراپىغا چېپىۋەتكىن؛ يەنە ئۈچتىن بىرىنى شامالغا سورىۋەتكىن؛ مەن بىر قىلىچنى سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. 2
圍困城的日子滿了,你要將三分之一在城中用火焚燒,將三分之一在城的四圍用刀砍碎,將三分之一任風吹散;我也要拔刀追趕。
سەن يەنە ئۇلاردىن بىرنەچچە تالنى ئېلىپ تونۇڭنىڭ پېشىگە تىقىپ قويغىن؛ 3
你要從其中取幾根包在衣襟裏,
بۇلاردىن يەنە نەچچە تالنى ئېلىپ ئوت ئىچىگە تاشلاپ كۆيدۈرىۋەتكىن؛ بۇلاردىن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىگە ئوت تۇتىشىپ كېتىدۇ». 4
再從這幾根中取些扔在火中焚燒,從裏面必有火出來燒入以色列全家。
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ يېرۇسالېم؛ مەن ئۇنى ئەللەرنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇم؛ باشقا مەملىكەتلەر ئۇنىڭ ئۆپچۆرىسىدە تۇرىدۇ؛ 5
主耶和華如此說:這就是耶路撒冷。我曾將她安置在列邦之中;列國都在她的四圍。
بىراق ئۇ مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە قارشىلىشىپ رەزىللىكتە ئەللەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى، بەلگىلىمىلىرىمگە قارشىلىشىشتا ئۆپچۆرىسىدىكى مەملىكەتلەردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى؛ چۈنكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئۇلار رەت قىلدى، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بولسا، ئۇلاردا ئاقمايدۇ. 6
她行惡,違背我的典章,過於列國;干犯我的律例,過於四圍的列邦,因為她棄掉我的典章。至於我的律例,她並沒有遵行。
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەردىنمۇ بەكرەك باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلاردىن، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭماسلىقىڭلاردىن ۋە ھۆكۈملىرىمنى تۇتماسلىقىڭلاردىن، ھەتتا ئۆپچۆرەڭلەردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرىدىمۇ ماڭماسلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، 7
所以主耶和華如此說:因為你們紛爭過於四圍的列國,也不遵行我的律例,不謹守我的典章,並以遵從四圍列國的惡規尚不滿意,
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئۆزۈمكى ساڭا قارشىمەن، [ئى يېرۇسالېم]؛ سېنىڭ ئاراڭغا ئەللەرنىڭ كۆز ئالىدىلا جازالارنى يۈرگۈزىمەن؛ 8
所以主耶和華如此說:看哪,我與你反對,必在列國的眼前,在你中間,施行審判;
ۋە سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاراڭدا ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان ھەمدە كەلگۈسى ئىككىنچى قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن. 9
並且因你一切可憎的事,我要在你中間行我所未曾行的,以後我也不再照着行。
شۇنىڭ بىلەن ئاتىلار ئۆز بالىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ، بالىلار ئۆز ئاتىلىرىنى يەيدىغان بولىدۇ؛ ۋە مەن ساڭا جازالارنى يۈرگۈزىمەن، ۋە سېنىڭ بارلىق قالغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن. 10
在你中間父親要吃兒子,兒子要吃父親。我必向你施行審判,我必將你所剩下的分散四方。」
شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن. 11
主耶和華說:「我指着我的永生起誓,因你用一切可憎的物、可厭的事玷污了我的聖所,故此,我定要使你人數減少,我眼必不顧惜你,也不可憐你。
شەھەردىكىلەردىن ئۈچتىن بىر قىسمى ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلىدۇ ھەمدە ئاراڭلاردا بولىدىغان ئاچارچىلىقتىن بېشىنى يەيدۇ؛ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆپچۆرەڭلەردە قىلىچلىنىدۇ؛ ۋە مەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر تەرەپتىن چىققان شامالغا سورىۋېتىمەن، ئاندىن بىر قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. 12
你的民三分之一必遭瘟疫而死,在你中間必因饑荒消滅;三分之一必在你四圍倒在刀下;我必將三分之一分散四方,並要拔刀追趕他們。
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ غەزىپىم بېسىقىدۇ، مېنىڭ قەھرىمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ قونغۇزۇپ، پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ رەزىللىككە چىدىمايدىغان ئوتۇمدىن سۆز قىلغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 13
「我要這樣成就怒中所定的;我向他們發的忿怒止息了,自己就得着安慰。我在他們身上成就怒中所定的那時,他們就知道我-耶和華所說的是出於熱心;
ۋە مەن سېنىڭ ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەر ئارىسىدا ھەمدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا سېنى ۋەيرانە قىلىمەن ۋە مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىمەن؛ 14
並且我必使你在四圍的列國中,在經過的眾人眼前,成了荒涼和羞辱。
سېنىڭ ئۈستۈڭگە غەزەپ ھەم قەھر ۋە قەھرلىك ئەيىبلەر بىلەن جازالارنى يۈرگۈزگىنىمدە سەن ئۆپچۆرەڭدىكى ئەللەرگە خورلۇق ۋە تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى، بىر ئىبرەت ھەم ئالاقزادىلىك چىقارغۇچى بولىسەن؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم! 15
這樣,我必以怒氣和忿怒,並烈怒的責備,向你施行審判。那時,你就在四圍的列國中成為羞辱、譏刺、警戒、驚駭。這是我-耶和華說的。
مەن ئۇلارغا ھالاكەت ئېلىپ كەلگۈچى، ئاچارچىلىق زەھەرلىك ئوقلىرىنى ياغدۇرغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ئاچارچىلىقنى كۈچەيتىمەن، ۋە يۆلەنچۈك بولغان نېنىڭنى قۇرۇتىۋېتىمەن. 16
那時,我要將滅人、使人饑荒的惡箭,就是射去滅人的,射在你們身上,並要加增你們的饑荒,斷絕你們所倚靠的糧食;
ۋە ئۈستۈڭلارغا ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان ئاچارچىلىق ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ ۋابا كېسىللىرى ۋە قان تۆككۈچىلەر ئاراڭلارغا يامراپ كېتىدۇ؛ ئۈستۈڭلارغا قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم!». 17
又要使饑荒和惡獸到你那裏,叫你喪子,瘟疫和流血的事也必盛行在你那裏;我也要使刀劍臨到你。這是我-耶和華說的。」

< ئەزاكىيال 5 >