< ئەزاكىيال 47 >
[ھېلىقى كىشى] مېنى ئۆينىڭ دەرۋازىسىغا قايتا ئاپاردى. مانا، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن سۇلار شەرققە قاراپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. سۇلار ئۆينىڭ ئاستىدىن، ئوڭ تەرىپىدىن، قۇربانگاھنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئېقىپ چۈشەتتى. | 1 |
Un viņš mani veda atpakaļ pie tā nama durvīm, un redzi, tur ūdens iztecēja apakš tā nama sliekšņa pret rītiem, jo tā nama priekšgals bija pret rītiem, un tas ūdens notecēja no apakšas no tā nama labās puses, sānis altārim pret dienvidu.
ئۇ مېنى شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىسىدىن چىقاردى؛ ئۇ مېنى ئايلاندۇرۇپ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئاپاردى؛ مانا، سۇلار ئوڭ تەرىپىدىن ئېقىپ تۇراتتى. | 2 |
Un viņš mani izveda pa Ziemeļa vārtiem, un mani apveda apkārt pa āra ceļu pie ārējiem vārtiem, kas pret rītiem, un redzi, ūdens iztecēja no labās puses.
ھېلىقى كىشى قولىدا ئۆلچىگۈچ تانىنى تۇتۇپ، شەرققە قاراپ ماڭدى؛ ئۇ مىڭ گەز ئۆلچىدى، ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ ئوشۇقىغا چىقاتتى. | 3 |
Kad nu tas vīrs izgāja pret rītiem, tad mēra aukla bija viņa rokā, un viņš mēroja tūkstoš olektis, un lika man brist pār to ūdeni, un tas ūdens man sniedzās līdz krimšļiem.
ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ تىزلىرىغا يەتتى. ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ بېلىگە چىقاتتى. | 4 |
Atkal viņš mēroja tūkstoš olektis un lika man brist pār to ūdeni, un tas ūdens man sniedzās līdz ceļiem, un viņš mēroja vēl tūkstoš olektis, un lika man pārbrist, un tas ūdens man sniedzās līdz gurniem.
ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئۇ مەن ئۆتەلمەيدىغان دەريا بولۇپ چىقتى؛ چۈنكى سۇلار ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇنىڭدا سۇ ئۈزگىلى بولاتتى، ئۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا بولۇپ چىقتى. | 5 |
Atkal viņš mēroja tūkstoš olektis, tad bija upe, ko es nevarēju izbrist, jo tas ūdens bija dziļš, ūdens, kur bija jāpeld, upe, kur nevarēja iet cauri.
ئۇ مەندىن: «ئىنسان ئوغلى، بۇنى كۆرگەنسەن؟» دەپ سورىدى؛ ئاندىن مېنى دەريانىڭ قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. | 6 |
Un viņš uz mani sacīja: vai tu to esi redzējis, cilvēka bērns? Tad viņš mani veda atkal atpakaļ upes malā.
قىرغاققا قايتتىم، مانا، دەريانىڭ قىرغىقىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئىنتايىن كۆپ دەرەخلەر بار ئىدى. | 7 |
Kad es nu nācu atpakaļ, redzi, tad upes malā bija ļoti daudz koku, šinī un viņā pusē.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ سۇلار يۇرتنىڭ شەرقىگە چىقىدۇ؛ شۇ يەردىن ئۇلار ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشۈپ، ئاندىن دېڭىزغا كىرىدۇ. ئۇلار دېڭىزغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن، دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ. | 8 |
Un viņš uz mani sacīja; šis ūdens iztek pret rīta pusi un notek klajumā, pēc tas nāk jūrā, un jūrā notecējis tas ūdens taps veselīgs.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ «جۈپ دەريا» قايسى يەرگە ئېقىپ كەلسە، شۇ يەردىكى بارلىق سۇ ئۈزىدىغان جانىۋارلار ياشايدۇ؛ دېڭىزدا نۇرغۇن بېلىقلار بولىدۇ؛ چۈنكى سۇلار شۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدۇ، ۋە دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ؛ دەريا نەگە ئاقسا، شۇ يەرنىڭ ھەممىسى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. | 9 |
Un notiek, ka ikviena dzīva dvaša, kas kustās, kurp šī upe(no diviem avotiem) nāk, dzīvos, un tur būs ļoti daudz zivju, tāpēc ka šis ūdens turp nāks, un būs veseli un viss dzīvos, kur šī upe nāk.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بېلىقچىلار دېڭىز بويىدا تۇرىدۇ؛ ئەن-گەدىدىن ئەن-ئەگلائىمگىچە ئۇلارنىڭ تورلىرى يېيىلىدىغان جايلىرى بولىدۇ؛ دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ «ئوتتۇرا دېڭىز»دىكىدەك بەك كۆپ سورتلىرى بولىدۇ؛ | 10 |
Un zvejnieki pie tās stāvēs no Enģediem līdz EnEģlaīm, tur būs vietas, kur tīklus izmetīs. Viņu zivis būs pēc savas kārtas, kā tās lielās zivis jūrā, ļoti daudz.
بىراق ئۇنىڭ زەي-سازلىقلىرى ساقايتىلمايدۇ؛ ئۇلار شورلۇق بولۇشقا تاپشۇرۇلىدۇ. | 11 |
Bet viņas paltis(dumbrāji) un viņas dīķi netaps veselīgi; tie būs priekš sāls.
دەريا بويىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئوزۇق بولىدىغان ھەرخىل دەرەخلەر ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سولاشمايدۇ، ئۇلار مېۋىسىز قالمايدۇ؛ ئۇلار ھەر ئايدا يېڭىدىن مېۋىلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سۇغىرىدىغان سۇلار مۇقەددەس جايدىن چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېۋىسى ئوزۇق، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دورا-دەرمانلار بولىدۇ. | 12 |
Un pie tās upes viņas malas abējās pusēs augs visādi augļu koki, kam lapas nesavītīs un augļi nemitēsies, un ikmēnešus tie nesīs jaunus augļus. Jo viņas ūdens iztek no tās svētās vietas, un viņas augļi būs par barību un viņas lapas par dziedināšanu.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ تۆۋەندە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە زېمىن مىراس سۈپىتىدە بۆلۈنۈپ تەقسىم قىلىنىپ چېگرالار ئايرىلىدۇ؛ يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ. | 13 |
Tā saka Tas Kungs Dievs: šī lai ir robeža, pēc kuras jums to zemi būs ņemt par mantību pēc tām divpadsmit Israēla ciltīm: Jāzepam pienākas divas daļas.
مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم ئىچكەندەك، سىلەر بىر-بىرىڭلارغا باراۋەرلىك بىلەن زېمىننى مىراس بولۇشقا بۆلىسىلەر؛ ئۇ سىلەرگە مىراس بولىدۇ. | 14 |
Un jums to būs iemantot, vienam kā otram; par to es savu roku esmu pacēlis, to dot jūsu tēviem; un šī zeme jums piekritīs par mantību.
زېمىننىڭ [تۆت] تەرىپىنىڭ چېگراسى مۇنداق: شىمالىي تەرىپى، «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلىنىپ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، زەداد شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ | 15 |
Šī nu ir tās zemes robeža: pret ziemeli no lielās jūras pār Etlonu, kamēr nāk uz Cedadu,
ئۇ خامات، بېروتاھ، سىبرائىم (دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)، ھاۋراننىڭ چېگرىسىدا بولغان خازار-ھاتتىكون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ | 16 |
Hamata, Berota, Zibraīma, kas ir starp Damaskus robežu un Hamatas robežu, AcarTikons, kas ir pie Averana robežas.
شۇنىڭدەك «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلانغان چېگرا ھازار-ئېنانغىچە سوزۇلىدۇ؛ ئۇ دەمەشقنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ، خاماتنىڭ شىمالىي رايونىنىڭ چېگراسىغا تۇتىشىدۇ؛ بۇ بولسا شىمالىي تەرىپى بولىدۇ. | 17 |
Tā būs tā robeža no jūras līdz AcarEnonam, Damaskus robežai; un tālāk pret ziemeli ir Hamatas robeža, un šī būs tā ziemeļa mala.
شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر. بۇ بولسا شەرق تەرىپى بولىدۇ. | 18 |
Un tā rītu mala starp Averanu un Damasku un starp Gileādu un Israēla zemi jums būs Jardāne; no tās robežas līdz rītu jūrai jums būs mērot. Un šī ir tā rītu mala.
جەنۇبىي تەرىپى بولسا، تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن مىسىر ۋادىسىدىن «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. بۇ جەنۇبىي چېگرا بولىدۇ. | 19 |
Un tā dienvidu mala pret dienvidiem lai ir no Tamāra līdz Kādeša strīdus ūdenim, un tad gar upi līdz lielai jūrai. Un šī būs tā dienvidu mala pret dienvidiem.
غەربىي تەرىپى بولسا «ئوتتۇرا دېڭىز»نىڭ ئۆزى، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ بۇ غەربىي چېگرىسى بولىدۇ. | 20 |
Un tā vakaru mala lai ir tā lielā jūra no tās robežas, līdz kamēr iet uz Hamatu. Šī būs tā vakaru mala.
سىلەر بۇ زېمىننى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىسى بويىچە ئۆز-ئاراڭلاردا ئۈلۈشۈشۈڭلار كېرەك. | 21 |
Un jums šo zemi savā starpā būs izdalīt pēc Israēla ciltīm.
شۇنداق بولۇش كېرەككى، سىلەر ئۆز-ئاراڭلار ۋە ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئاراڭلاردا بالىلىق بولغان مۇساپىرلارغا ئۇنى مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ۋەتىنىدە تۇغۇلغان ئىسرائىللارغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئۇلار سىلەر بىلەن تەڭ چەك تاشلاپ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن مىراس ئالسۇن. | 22 |
Un jums to būs izdalīt par mantību sev un arī tiem svešiniekiem, kas jūsu starpā dzīvo un bērnus dzemdinājuši jūsu vidū, un tie lai jums ir kā tas, kas no Israēla bērniem dzimis!
مۇساپىر قايسى قەبىلە ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولسا، سىلەر شۇ يەردىن ئۇنىڭغا مىراس تەقسىم قىلىسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 23 |
Tiem būs līdz ar jums mantot Israēla cilšu vidū, un tai ciltī, pie kuras tas svešinieks dzīvo, tur jums viņam būs dot daļu, saka Tas Kungs Dievs.