< ئەزاكىيال 46 >
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچكى ھويلىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسى ئالتە «ئىش كۈنى»دە ئېتىكلىك بولىدۇ؛ بىراق شابات كۈنىدە ئۇ ئېچىلىدۇ؛ ۋە «يېڭى ئاي» بولغان كۈنلىرىدە ئۇ ئېچىلىدۇ. | 1 |
主ヱホバかく言たまふ内庭の東向の門は事務をなすところの六日の間は閉ぢ置き安息日にこれを開き又月朔にこれを開くべし
شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ. | 2 |
君たる者は外より門の廊の路をとほりて入り門の柱の傍に立つべし祭司等その時かれの爲に燔祭と酬恩祭を備ふべし彼は門の閾において禮拜をなして出べし但し門は暮まで閉べからず
زېمىندىكى خەلقمۇ شابات كۈنلىرىدە ۋە «يېڭى ئاي»لاردا شۇ دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ. | 3 |
國の民は安息日と月朔とにその門の入口においてヱホバの前に禮拜をなすべし
شابات كۈنىدە شاھزادە پەرۋەردىگارغا سۇنغان قۇربانلىق بولسا ئالتە بېجىرىم پاخلان، بىر بېجىرىم قوچقار بولىدۇ. | 4 |
君が安息日にヱホバに獻ぐる燔祭には六の全き羔羊と一の全き牡羊を用ふべし
بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلەر قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. | 5 |
又素祭は牡羊のために一エパを用ふべし羔羊のために用ふる素祭はその手の出しうる程を以し一エパに油一ヒンを加ふべし
«يېڭى ئاي»نىڭ كۈنىدە ئۇ سۇنغان قۇربانلىق ياش بىر بېجىرىم تورپاق، ئالتە پاخلان، بىر قوچقار بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولىدۇ. | 6 |
月朔には犢なる一頭の全き牡牛および六の羔羊と一の牡羊の全き者を用ふべし
بۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلەرنى قۇشۇپ سۇنىدۇ؛ تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. | 7 |
素祭は牛のために一エパ牡羊のために一エパ羔羊のために其手のおよぶ程を備へ一エパに油一ヒンを加ふべし
شاھزادە كىرگەندە، دەرۋازىنىڭ دالىنى بىلەن كىرىدۇ، ۋە شۇ يول بىلەن چىقىدۇ. | 8 |
君は來る時に門の廊の路より入りまたその路より出べし
زېمىندىكى خەلق ھېيت كۈنلىرىدە بېكىتىلگەن «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا پەرۋەردىگار ئالدىغا كىرگەندە، سەجدە قىلىشقا شىمالىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ كىرگەن دەرۋازىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇدۇلىغا مېڭىپ چىقىدۇ. | 9 |
國の民祭日にヱホバの前に來る時は北の門よりいりて禮拜をなせる者は南の門より出で南の門より入る者は北の門より出べし其入りたる門より歸るべからず眞直に進みて出べし
خەلق كىرگەندە شاھزادە ئۇلار بىلەن بىللە كىرىدۇ؛ ئۇلار چىققاندا، بىللە چىقىدۇ. | 10 |
君彼らの中にありてその入る時に入りその出る時に出べし
ھېيت-بايراملاردا ۋە «ئىبادەت سورۇن»لىرىدا بولسا، ئۇ قوشۇمچە سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەلەر تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. | 11 |
祭日と祝日には素祭として牛のために一エパ牡羊のために一エパ羔羊のためにその手の出し得る程を備へ一エパに油一ヒンを加ふべし
شاھزادە پەرۋەردىگارغا خالىس كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ياكى خالىس ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنماقچى بولسا، ئەمدى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ شابات كۈنىدە قىلغاندەك، ئۇ ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ قايتىپ چىقىدۇ؛ چىققاندىن كېيىن دەرۋازا ئېتىلىدۇ. | 12 |
君もし自ら好んでヱホバに燔祭を備へんとし又は自ら好んで酬恩祭を備へんとせば彼のために東向の門を開くべし彼は安息日に爲ごとくその燔祭と酬恩祭を備ふべし又彼が出たる時はその出たる後に門を閉べし
ھەر كۈندە سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر ياشلىق بېجىرىم پاخلاننى سۇنىسەن؛ سەن ھەر ئەتىگىنى تەييارلاپ بېرىسەن. | 13 |
汝日々に一歳の全き羔羊一箇を燔祭としてヱホバに備ふべし即ち朝ごとにこれを備ふべし
ھەر ئەتىگەندە سەن ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە، يەنى ئۇندىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ۋە ئۇننى مايلاشقا زەيتۇن مېيىدىن ئۈچتىن بىر ھىن تەييارلايسەن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئەبەدىي بەلگىلىمە بىلەن بېكىتىلگەن ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. | 14 |
汝朝ごとに素祭をこれに加ふべし即ち一エパの六分一と麥粉を濕す油一ヒンの三分一とを素祭としてヱホバに獻ぐべし是は長久に續くところの例典なり
ئۇلار ھەر ئەتىگەندە پاخلاننى، ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى زەيتۇن مېيى بىلەن ئەبەدىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. | 15 |
即ち朝ごとに羔羊と素祭と油とを燔祭にそなへて止ことなかるべし
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ شاھزادە ئۆز مىراسىدىن ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىگە سوۋغا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغۇل-ئەجدادلىرى ئۈچۈن بولىدۇ؛ مىراس يولى بويىچە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىدۇ. | 16 |
主ヱホバかく言たまふ君もし其子の一人に讓物をなす時は是その人の產業となりその子孫に傳はりて之が所有となるべし
بىراق ئۇ ئۆز مىراسىدىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىگە سوۋغا بەرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭكى «خالاس قىلىش يىلى»غىچە بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ شاھزادىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ [شاھزادىنىڭ مىراسى] ئەسلى ئۆز ئوغۇللىرىغىلا مەنسۇپ بولىدۇ. | 17 |
然ど若その產業の中をその僕の一人に與ふる時は是は解放の年までその人に屬し居て遂に君にかへるべし彼の產業は只その子孫にのみ傳はるべきなり
ۋە شاھزادە خەلققە جەبىر-زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى مىراسىدىن ھەيدىۋەتمەيدۇ؛ ئۇ ئوغۇللىرىغا ئۆز ئىگىلىكىدىن مىراس تەقسىم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئۆز ئىگىلىكىدىن تارقىتىلمايدۇ. | 18 |
君たる者は民の產業を取て民をその所有より逐放すべからず只己の所有の中をその子等に傳ふべし是わが民のその所有をはなれて散ことなからんためなり
ئاندىن [ھېلىقى كىشى] مېنى شىمالغا قارايدىغان، كاھىنلار ئۈچۈن بولغان مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كىرىش يولى بىلەن ئاپاردى؛ مانا، ئۇنىڭ غەرب تەرىپىدە مەخسۇس بىر جاي بار ئىدى؛ | 19 |
斯て彼門の傍の入口より我をたづさへいりて北向なる祭司の聖き室にいたるに西の奧に一箇の處あり
ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ [ئاشلارنى] سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ. | 20 |
彼われに言けるは是は祭司が愆祭および罪祭の物を烹 素祭の物を拷ところなり斯するはこれを外庭に携へいでて民を聖くすることなからんためなり
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپىرىپ، مېنى ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ئۆتكۈزدى؛ مانا، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا [كىچىك] ھويلا بار ئىدى. | 21 |
彼また我を外庭に携へいだして庭の四隅をとほらしむるに庭の隅々にまた庭あり
ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا، ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز، كەڭلىكى ئوتتۇز گەز بولغان توسما تاملىق ھويلىلار بار ئىدى؛ بۇ تۆت ھويلىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوخشاش ئىدى. | 22 |
即ち庭の四隅に庭の設ありてその長四十キユビト廣三十キユビトなり四隅の處その寸尺みな同じ
بۇ تۆت ھويلا ئىچىدە ئەتراپىدا تاش تاختايلىق تەكچە بار ئىدى؛ تەكچە ئاستىدا ھەممە ئەتراپىدا قازان قاينىتىدىغان [ئوت قالايدىغان] جايلىرى بار ئىدى. | 23 |
凡てその四の周圍なるその建物の下に烹飪の處造りてあり
ئۇ ماڭا: «بۇلار «گۆش قاينىتىش ئۆيلىرى»، مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ» ــ دېدى. | 24 |
彼われに云けるは是等は家の役者等が民の犧牲の品を烹る厨房なり