< ئەزاكىيال 45 >

سىلەر زېمىننى مىراس قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن چەك تاشلاپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە زېمىندىكى مۇقەددەس بىر ئۈلۈشنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ [خادا] بولىدۇ. بۇ پارچە يەر ھەر تەرەپتىكى چىگرىسىغىچە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 1
Siler zéminni miras qilip bölüsh üchün chek tashlap teqsim qilghininglarda, siler «kötürme hediye» süpitide zémindiki muqeddes bir ülüshni Perwerdigargha atap sunisiler. Uning uzunluqi yigirme besh ming [xada], kengliki yigirme ming [xada] bolidu. Bu parche yer her tereptiki chigrisighiche muqeddes hésablinidu.
ئۇ يەردىن بەش مىڭ [خادا] ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بوش يەر بولۇش ئۈچۈن ئەللىك گەزلىك كەڭلىكتىكى يەر بۆلۈنىدۇ. 2
U yerdin besh ming [xada] uzunluqtiki, besh ming [xada] kengliktiki töt chasiliq yer muqeddes jaygha ayrilidu; uning etrapida bosh yer bolush üchün ellik gezlik kengliktiki yer bölünidu.
بۇ ئۈلۈشتىن سەن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولغان يەرنى ئۆلچەپ بۆلىسەن؛ بۇنىڭ ئىچى مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولىدۇ. 3
Bu ülüshtin sen uzunluqi yigirme besh ming [xada], kengliki on ming [xada] bolghan yerni ölchep bölisen; buning ichi muqeddes jay, eng muqeddes jay bolidu.
بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. 4
Bu yer zéminning muqeddes ülüshi bolidu; u muqeddes jayning xizmitide bolghan, yeni Perwerdigarning xizmitide bolushqa yénigha yéqin kélidighan kahinlar üchün bolidu; u ularning öyliri üchün, shundaqla muqeddes jayning orunlishishi üchün muqeddes orun bolidu.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز، كەڭلىكى ئون مىڭ گەز بولغان يەر، ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان لاۋىيلارنىڭ ئىگىلىكى، يەنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلىرى ئۈچۈن بولىدۇ. 5
Uningdin sirt yene uzunluqi yigirme besh ming gez, kengliki on ming gez bolghan yer, öyning xizmitide bolidighan Lawiylarning igiliki, yeni özliri turidighan sheherliri üchün bolidu.
سىلەر بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ يېنىدىن شەھەر ئۈچۈن كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] يەرنى بۆلۈپ بېكىتىسىلەر. بۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بولىدۇ. 6
Siler bu «kötürme hediye» bolghan muqeddes ülüshning yénidin sheher üchün kengliki besh ming [xada], uzunluqi yigirme besh ming [xada] yerni bölüp békitisiler. Bu pütkül Israil jemeti üchün bolidu.
شاھزادىنىڭ ئۈلۈشى بولسا، بۇ مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە تەۋە جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، يەنى غەربىي تەرىپى غەربكە قارايدىغان، شەرق تەرىپى شەرققە قارايدىغان ئىككى پارچە يەر بولىدۇ؛ بۇ پارچە يەرلەرنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پاراللېل بولىدۇ. 7
Shahzadining ülüshi bolsa, bu muqeddes ülüshning ikki teripige tutishidu, shundaqla sheherge tewe jayning ikki teripige tutishidu, yeni gherbiy teripi gherbke qaraydighan, sherq teripi sherqqe qaraydighan ikki parche yer bolidu; bu parche yerlerning jemiy uzunluqi qebililerning ülüshining uzunluqi bilen parallél bolidu.
بۇ يەر شاھزادىنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىگىلىكى بولىدۇ؛ ۋە مېنىڭ شاھزادىلىرىم خەلقىمنى يەنە ھېچ ئەزمەيدۇ؛ زېمىن ئىسرائىل جەمەتىگە، قەبىلىلىرى بويىچە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنىدۇ. 8
Bu yer shahzadining Israil zéminidiki igiliki bolidu; we Méning shahzadilirim xelqimni yene héch ezmeydu; zémin Israil jemetige, qebililiri boyiche bölüp teqsim qilinidu.
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بولدى بەس، ئى ئىسرائىل شاھزادىلىرى! جەبىر-زۇلۇم ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى ئۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزۈڭلار؛ مېنىڭ خەلقىمنى قايتا يېرىدىن ھەيدىۋەتكۈچى بولماڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 9
Reb Perwerdigar shundaq deydu: — Boldi bes, i Israil shahzadiliri! Jebir-zulum we bulang-talangni özünglardin néri qilip, toghra höküm chiqirip adalet yürgüzünglar; Méning xelqimni qayta yéridin heydiwetküchi bolmanglar, — deydu Reb Perwerdigar.
سىلەردە توغرا مىزان، توغرا ئەفاھ، توغرا «بات» بولسۇن. 10
Silerde toghra mizan, toghra efah, toghra «bat» bolsun.
«ئەفاھ» ۋە «بات» بولسا بىر ئۆلچەم بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن؛ خومىر بولسا ئۇلار ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلچەم بولسۇن. 11
«Efah» we «bat» bolsa bir ölchem bolsun; shuning bilen bat xomirning ondin birige, efah xomirning ondin birige barawer bolsun; xomir bolsa ular ikkisi üchün ölchem bolsun.
بىر شەكەل بولسا يىگىرمە «گەراھ» بولسۇن. يىگىرمە شەكەل، يىگىرمە بەش شەكەل، ئون بەش شەكەل قوشۇلۇپ سىلەرگە «مىنا» بولىدۇ. 12
Bir shekel bolsa yigirme «gerah» bolsun. Yigirme shekel, yigirme besh shekel, on besh shekel qoshulup silerge «mina» bolidu.
بۇ سىلەرنىڭ [شاھزادە ئۈچۈن] «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ بىر «خومىر» بۇغدايدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ بۇغداي، بىر «خومىر» ئارپىدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ئارپا سۇنىسىلەر؛ 13
Bu silerning [shahzade üchün] «kötürme hediye»nglar bolidu; bir «xomir» bughdaydin altidin bir efah bughday, bir «xomir» arpidin altidin bir efah arpa sunisiler;
زەيتۇن مېيى بولسا، «بات» بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ھەربىر «كور»دىن ئوندىن بىر بات سۇنىسىلەر (بىر «كور» ئون «بات» ياكى بىر «خومىر» بولىدۇ، چۈنكى ئون بات بىر خومىر بولىدۇ). 14
zeytun méyi bolsa, «bat» bilen ölchinidu, herbir «kor»din ondin bir bat sunisiler (bir «kor» on «bat» yaki bir «xomir» bolidu, chünki on bat bir xomir bolidu).
ئىسرائىلنىڭ سۈيى مول يايلاقلىرىدىن، ھەر ئىككى يۈز تۇياق پادىغا بىردىن پاخلان سۇنىسىلەر ــ بۇلار بولسا، «ئاشلىق ھەدىيە»، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئىناقلىق قۇربانلىق»لار بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 15
Israilning süyi mol yaylaqliridin, her ikki yüz tuyaq padigha birdin paxlan sunisiler — bular bolsa, «ashliq hediye», «köydürme qurbanliq», «inaqliq qurbanliq»lar bolup, Israillar üchün kafaret qilish üchün bolidu, — deydu Reb Perwerdigar.
زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ شاھزادىسىگە سۇنغان بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە تۆھپىسى بولىدۇ. 16
Zémindiki xelqning hemmisining Israilning shahzadisige sun’ghan bu «kötürme hediye»ge töhpisi bolidu.
شاھزادىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھېيتلەرگە، «يېڭى ئاي»لارغا، «شابات كۈن»لەرگە، جۈملىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت؛ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كافارەت ئېلىپ كېلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى تەمىنلىگۈچى دەل شۇ بولىدۇ. 17
Shahzadining wezipisi bolsa, héytlerge, «yéngi ay»largha, «shabat kün»lerge, jümlidin Israil jemetining barliq «ibadet sorun»lirigha köydürme qurbanliqlar, ashliq hediyeler we sharab hediyelerni teminleshtin ibaret; Israil jemeti üchün kafaret élip kélidighan gunah qurbanliqi, ashliq hediye, köydürme qurbanliq we inaqliq qurbanliqlirini teminligüchi del shu bolidu.
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى ئالىسەن، ئۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس جاينى پاكلايسەن. 18
Reb Perwerdigar shundaq deydu: — Birinchi ayning birinchi künide sen béjirim yash bir torpaqni alisen, uning bilen sen muqeddes jayni paklaysen.
كاھىن بۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك كېشەكلىرىگە، قۇربانگاھنىڭ يۇقىرى تەكچىسىدىكى تۆت بۇرجەككە ۋە ئىچكى ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ كېشەكلىرىگە سۈرىدۇ؛ 19
Kahin bu gunah qurbanliqining qénidin élip ibadetxanining ishik késheklirige, qurban’gahning yuqiri tekchisidiki töt burjekke we ichki hoylining derwazisining kirish yolining késheklirige süridu;
شۇنىڭدەك يولدىن ئازغانلار ياكى نادانلار ئۈچۈن سەن شۇ ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئوخشاش ئىش قىلىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن كافارەت قىلىسەن. 20
shuningdek yoldin azghanlar yaki nadanlar üchün sen shu ayning yettinchi künide oxshash ish qilishing kérek; shuning bilen sen ibadetxana üchün kafaret qilisen.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىدە سىلەر «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى، يەتتە كۈنلۈك بىر ھېيتنى ئۆتكۈزىسىلەر؛ پېتىر ناننى يېيىش كېرەك. 21
Birinchi ayning on tötinchi künide siler «ötüp kétish» héyti, yette künlük bir héytni ötküzisiler; pétir nanni yéyish kérek.
شۇ كۈنى شاھزادە ئۆزى ۋە زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنىدۇ. 22
Shu küni shahzade özi we zémindiki barliq xelq üchün gunah qurbanliqi süpitide bir torpaqni sunidu.
ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ. 23
Héytning yette künining herbiride u Perwerdigargha köydürme qurbanliqni, yeni yette künning herbiride yette torpaq we yette qochqarni, hemmisini béjirim halda sunidu; her küni gunah qurbanliqi üchün bir tékini sunidu.
ئۇ ھەربىر تورپاققا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى، ھەربىر قوچقارغا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 24
U herbir torpaqqa bir efah ashliq hediyeni, herbir qochqargha bir efah ashliq hediyeni qoshup sunidu; herbir efah un’gha u bir xin zeytun méyini qoshup sunidu.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيتتا، ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ مۇشۇنداق گۇناھ قۇربانلىقلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەرنى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئوخشاش سۇنۇشى كېرەك. 25
Yettinchi ayning on beshinchi künide bashlan’ghan héytta, héytning yette künining herbiride u mushundaq gunah qurbanliqliri, köydürme qurbanliqlar, ashliq hediyelerni we zeytun méyi qatarliqlarni oxshash sunushi kérek.

< ئەزاكىيال 45 >