< ئەزاكىيال 45 >
سىلەر زېمىننى مىراس قىلىپ بۆلۈش ئۈچۈن چەك تاشلاپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە زېمىندىكى مۇقەددەس بىر ئۈلۈشنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىسىلەر. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى يىگىرمە مىڭ [خادا] بولىدۇ. بۇ پارچە يەر ھەر تەرەپتىكى چىگرىسىغىچە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. | 1 |
Hothloilah ram coe hanelah ram na kârei awh toteh, BAWIPA hanelah ram buet touh na pek awh han. Kathounge ram a coe hanelah, ayung dong 25,000, adangka 10,000 khori abuemlahoi kathounge ram lah ao han.
ئۇ يەردىن بەش مىڭ [خادا] ئۇزۇنلۇقتىكى، بەش مىڭ [خادا] كەڭلىكتىكى تۆت چاسىلىق يەر مۇقەددەس جايغا ئايرىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا بوش يەر بولۇش ئۈچۈن ئەللىك گەزلىك كەڭلىكتىكى يەر بۆلۈنىدۇ. | 2 |
A hmuen kathoung hanelah, ayung hoi adangka dong 500, petkâkalup lah kathounge ram hai dong 50 touh dueng ao han.
بۇ ئۈلۈشتىن سەن ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا]، كەڭلىكى ئون مىڭ [خادا] بولغان يەرنى ئۆلچەپ بۆلىسەن؛ بۇنىڭ ئىچى مۇقەددەس جاي، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولىدۇ. | 3 |
Hete bangnue tangcoung e dawk hoi, ayung dong 25,000 touh hoi, adangka dong 10,000 touh na bangnue vaiteh, hawvah, kathounge hmuen kathoung hah ao han.
بۇ يەر زېمىننىڭ مۇقەددەس ئۈلۈشى بولىدۇ؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىدە بولغان، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا يېنىغا يېقىن كېلىدىغان كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇقەددەس جاينىڭ ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن مۇقەددەس ئورۇن بولىدۇ. | 4 |
Kathounge ram teh, hmuen kathoung dawk thaw katawkkung, a thaw tawk hanelah, BAWIPA ouk ka hnai e vaihmanaw hanelah doeh. A imhmuen hanelah hoi hmuen kathoung lah ao nahanelah kathounge ram lah ao han.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ گەز، كەڭلىكى ئون مىڭ گەز بولغان يەر، ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان لاۋىيلارنىڭ ئىگىلىكى، يەنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلىرى ئۈچۈن بولىدۇ. | 5 |
A hmuen alouke ayung dong 25,000, adangka dong 10,000, Levih miphun im dawk thaw katawknaw rakhan 20 touh sak thai nahan hoi kho a sak awh nahane doeh.
سىلەر بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ يېنىدىن شەھەر ئۈچۈن كەڭلىكى بەش مىڭ [خادا]، ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مىڭ [خادا] يەرنى بۆلۈپ بېكىتىسىلەر. بۇ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بولىدۇ. | 6 |
Khopui hoi kâkuen e talai teh, kathounge hmuen phek kadangka lah ayung dong 25,000, adangka 5,000 touh a pha teh, Isarel imthungnaw hanelah doeh ao han.
شاھزادىنىڭ ئۈلۈشى بولسا، بۇ مۇقەددەس ئۈلۈشنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، شۇنداقلا شەھەرگە تەۋە جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە تۇتىشىدۇ، يەنى غەربىي تەرىپى غەربكە قارايدىغان، شەرق تەرىپى شەرققە قارايدىغان ئىككى پارچە يەر بولىدۇ؛ بۇ پارچە يەرلەرنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى قەبىلىلەرنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن پاراللېل بولىدۇ. | 7 |
Hahoi bawi ham teh kathoung talai hoi khopui khori kanîloumlae pueng a tangawn, kanîtholae pueng a tangawn teh bawinaw hane doeh.
بۇ يەر شاھزادىنىڭ ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىگىلىكى بولىدۇ؛ ۋە مېنىڭ شاھزادىلىرىم خەلقىمنى يەنە ھېچ ئەزمەيدۇ؛ زېمىن ئىسرائىل جەمەتىگە، قەبىلىلىرى بويىچە بۆلۈپ تەقسىم قىلىنىدۇ. | 8 |
Maimae bawinaw ni maimae tami rep bout a coungroe hoeh nahan, hote talai teh Isarel ram dawkvah bawi ni a tawn e lah ao han, kaawm rae talai hah Isarel catounnaw lengkaleng a rei han.
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بولدى بەس، ئى ئىسرائىل شاھزادىلىرى! جەبىر-زۇلۇم ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى ئۆزۈڭلاردىن نېرى قىلىپ، توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئادالەت يۈرگۈزۈڭلار؛ مېنىڭ خەلقىمنى قايتا يېرىدىن ھەيدىۋەتكۈچى بولماڭلار، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 9 |
Bawipa Jehovah ni hettelah a dei, Oe Isarel bawinaw, yit touh ma leih, kâhmuhmanae kâsaveknae hah takhoe awh leih, kalan lah hnosaknae kahawi e hnosak e hah hringkhai awh leih, ka taminaw rektapnae kâhat awh leih, telah Bawipa Jehovah ni a dei.
سىلەردە توغرا مىزان، توغرا ئەفاھ، توغرا «بات» بولسۇن. | 10 |
Yawcu kahman e, khinglung kakuep e, ephah kahman e, bath kahman e na tawm awh han.
«ئەفاھ» ۋە «بات» بولسا بىر ئۆلچەم بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بات خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە، ئەفاھ خومىرنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر بولسۇن؛ خومىر بولسا ئۇلار ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلچەم بولسۇن. | 11 |
ephah hoi bath heh rei a kânging hanelah ao. Homer hoi khing hanelah ao. Het patetlah ephah hra touh ni bath hra touh heh a kânging awh teh, hothateh Homer buet touh doeh.
بىر شەكەل بولسا يىگىرمە «گەراھ» بولسۇن. يىگىرمە شەكەل، يىگىرمە بەش شەكەل، ئون بەش شەكەل قوشۇلۇپ سىلەرگە «مىنا» بولىدۇ. | 12 |
Nangmae khinglung teh hot patetlah ao han, gerah 20 touh hoi shekel buet touh a kâvan vaiteh, shekel 60 touh e hah mina buet touh a pha han.
بۇ سىلەرنىڭ [شاھزادە ئۈچۈن] «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار بولىدۇ؛ بىر «خومىر» بۇغدايدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ بۇغداي، بىر «خومىر» ئارپىدىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ئارپا سۇنىسىلەر؛ | 13 |
Hahoi hethateh thuengnae hno na poe awh hanelah ao han. Cakang homer buet touh dawk ephah pung taruk pung touh hoi catun homer buet touh dawk ephah pung taruk pung touh na poe han.
زەيتۇن مېيى بولسا، «بات» بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ھەربىر «كور»دىن ئوندىن بىر بات سۇنىسىلەر (بىر «كور» ئون «بات» ياكى بىر «خومىر» بولىدۇ، چۈنكى ئون بات بىر خومىر بولىدۇ). | 14 |
Satui thuengnae teh Kor buet touh dawk bath pung hra pung touh, Kor teh bath 10 touh doeh. Homer hoi a kâvan, bangkongtetpawiteh, homer buet touh teh bath 10 touh doeh.
ئىسرائىلنىڭ سۈيى مول يايلاقلىرىدىن، ھەر ئىككى يۈز تۇياق پادىغا بىردىن پاخلان سۇنىسىلەر ــ بۇلار بولسا، «ئاشلىق ھەدىيە»، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»، «ئىناقلىق قۇربانلىق»لار بولۇپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 15 |
Isarelnaw e saring a pânae koe ka pâ e tuhu thung hoi 200 touh dawk a ca buet touh a poe han. Hetnaw heh tavai thuengnae, hmaisawi thuengnae, roum thuengnae, yonthanae lah ao han telah Bawipa Jehovah ni a dei.
زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسرائىلنىڭ شاھزادىسىگە سۇنغان بۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»گە تۆھپىسى بولىدۇ. | 16 |
Ram dawk e tami pueng ni hete hno poe e heh Isarel bawi koevah a poe awh han.
شاھزادىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ھېيتلەرگە، «يېڭى ئاي»لارغا، «شابات كۈن»لەرگە، جۈملىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى تەمىنلەشتىن ئىبارەت؛ ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كافارەت ئېلىپ كېلىدىغان گۇناھ قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى تەمىنلىگۈچى دەل شۇ بولىدۇ. | 17 |
Pawi hoi thapa reinae, sabbath hoi Isarel pawi hninthanaw dawkvah hmaisawi thuengnae, tavai thuengnae, nei thuengnae, roum thuengnae hah Isarel imthung yontha hanlah a ma ni a sak han.
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى ئالىسەن، ئۇنىڭ بىلەن سەن مۇقەددەس جاينى پاكلايسەن. | 18 |
Bawipa Jehovah ni hettelah a dei, thapa yung pasuek, hnin pasuek navah, maitoca kacueme na hno vaiteh, hmuen kathoung na thoung sak han.
كاھىن بۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىك كېشەكلىرىگە، قۇربانگاھنىڭ يۇقىرى تەكچىسىدىكى تۆت بۇرجەككە ۋە ئىچكى ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ كېشەكلىرىگە سۈرىدۇ؛ | 19 |
Vaihma ni yon thuengnae a thi hah youn touh a la vaiteh, bawkim takhang khom dawk khoungroe rahim lae hrawtnae hoi takin pali touh e athung patuen e thongma e takhang khom dawk thoseh, a hluk han.
شۇنىڭدەك يولدىن ئازغانلار ياكى نادانلار ئۈچۈن سەن شۇ ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنىدە ئوخشاش ئىش قىلىشىڭ كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىبادەتخانا ئۈچۈن كافارەت قىلىسەن. | 20 |
Hote thapa hnin sari touh nah panue hoeh e yonnae ka sak hoi kamawngrame hanelah, hot patetlah boiboelah na sak pouh han. Hot patetlae bawkim hanelah yonthanae hah na sak han.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىدە سىلەر «ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى، يەتتە كۈنلۈك بىر ھېيتنى ئۆتكۈزىسىلەر؛ پېتىر ناننى يېيىش كېرەك. | 21 |
Thapa yung pasuek, hnin 14 nah ceitakhai pawi na ya awh han, hahoi hnin sari touh thung vaiyei tawn phuen hoeh e hah na ca awh han.
شۇ كۈنى شاھزادە ئۆزى ۋە زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنىدۇ. | 22 |
Hot hnin dawkvah, bawi ni ama hoi a ram pueng hanelah, yon thuengnae poe hane maitotanca a thueng han.
ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، يەنى يەتتە كۈننىڭ ھەربىرىدە يەتتە تورپاق ۋە يەتتە قوچقارنى، ھەممىسىنى بېجىرىم ھالدا سۇنىدۇ؛ ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكىنى سۇنىدۇ. | 23 |
Hote pawi hnin sari touh thung pueng dawk maitotan kacueme sari touh hoi, tutan sari touh Bawipa hanlah, hmaisawi thueng nahane hoi yon thueng nahanelah, a hnintangkuem hmaetan buet touh hoi thuengnae a sak han.
ئۇ ھەربىر تورپاققا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى، ھەربىر قوچقارغا بىر ئەفاھ ئاشلىق ھەدىيەنى قوشۇپ سۇنىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. | 24 |
Vaiyei thueng nahanelah maitotan buet touh dawkvah, ephah buet touh, tutan buet touh dawkvah ephah buet touh hoi, ephah buet touh dawk satui hin touh hmoun naseh.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە باشلانغان ھېيتتا، ھېيتنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ھەربىرىدە ئۇ مۇشۇنداق گۇناھ قۇربانلىقلىرى، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلەرنى ۋە زەيتۇن مېيى قاتارلىقلارنى ئوخشاش سۇنۇشى كېرەك. | 25 |
Thapa yung sari, hnin 15 nae pawi dawkvah, hnin sari touh thung, hot patetlah a sak han, yon thuengnae tavai hoi satui hah a hmoun han telah ati.