< ئەزاكىيال 44 >
ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ئۇ ئېتىكلىك ئىدى. | 1 |
Then he brought me back to the outer gate of the sanctuary, which looketh toward the east; and it was shut.
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ دەرۋازا ئېتىكلىك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئېچىلمايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن كىرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇنىڭدىن كىرگەن؛ شۇڭا ئۇ ئېتىكلىك قالىدۇ. | 2 |
Then said Jehovah to me: This gate shall be shut; it shall not be opened, and no man shall enter in by it; because Jehovah, the God of Israel, entered in by it, therefore it shall be shut.
پەقەت شاھزادە، شاھزادىلىك سۈپىتى بىلەن شۇ دەرۋازىنىڭ [كارىدورىدا] ئولتۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا نان يېيىشكە بولىدۇ؛ ئۇ [دەرۋازنىنىڭ] دالىنىدىن كىرىدۇ ۋە شۇ يولدىن چىقىدۇ، ــ دېدى. | 3 |
The prince, because he is prince, shall sit in it, to eat food before Jehovah; he shall enter through the porch of that gate, and by the same way shall he go out.
ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىرىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ مەن كۆردۇم، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇردى؛ مەن دۈم يىقىلدىم. | 4 |
Then he brought me to the north gate before the house; and I looked, and behold, the glory of Jehovah filled the house of Jehovah. And I fell upon my face.
پەرۋەردىگار ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى ھەم قانۇنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزۈڭ بىلەن كۆر، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا؛ ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش يولى ۋە مۇقەددەس جاينىڭ چىقىش يوللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئېسىڭدە تۇت. | 5 |
And Jehovah said to me: Son of man, mark well, and behold with thine eyes, and hear with thine ears all that I say to thee concerning all the ordinances of the house of Jehovah, and all the laws thereof; and mark well all the entrances of the house, and all the outward passages of the sanctuary.
ئاندىن ئاسىيلارغا، يەنى ئىسرائىل جەمەتىگە شۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلارغا بولدى بەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى! | 6 |
And say to the rebellious house of Israel, Thus saith the Lord Jehovah: Let it suffice you of all your abominations, O house of Israel,
سىلەر بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن سىرت، ماڭا نان، قۇربانلىق مېيى ۋە قېنىنى سۇنغىنىڭلاردا، سىلەر يات ئادەملەرنى، قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغانلارنى مېنىڭ مۇقەددەس جايىمدا، يەنى مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇپ ئۇنى بۇلغاشقا كىرگۈزدۇڭلار؛ ئۇلار ئەھدەمنى بۇزدى. | 7 |
in that ye brought strangers, uncircumcised in heart and uncircumcised in flesh, to be in my sanctuary, so that ye polluted my house when ye offered my food, the fat and the blood, and broke my covenant by all your abominations.
سىلەر مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە مەسئۇلىيەت بىلەن سادىق بولماي، بەلكى مۇقەددەس جايىمدا ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىغا مەسئۇل بولۇشقا [يات ئادەملەرنى] ئىشقا قويدۇڭلار». | 8 |
And ye kept not the charge of my holy place, but appointed for yourselves such keepers of my charge in my sanctuary.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرغان يات ئادەملەردىن، يەنى قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغان ھەرقانداق يات ئادەمنىڭ مېنىڭ مۇقەددەس جايىمغا كىرىشىگە بولمايدۇ | 9 |
Thus saith the Lord Jehovah: No stranger, uncircumcised in heart and uncircumcised in flesh, shall enter into my sanctuary, of all the strangers that are among the sons of Israel.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ مەندىن ئېزىپ كېتىشى بىلەن، مەندىن يىراقلىشىپ ئازغان، مەبۇدلىرىغا ئىنتىلگەن لاۋىي جەمەتىدىكىلەر ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ | 10 |
But even the Levites, who departed from me when Israel went astray, who went astray from me after their idols, shall bear their iniquity.
ھالبۇكى، ئۇلار يەنىلا مۇقەددەس ئورنۇمدا، ئۆي دەرۋازىلىرىدا نازارەتچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۆي خىزمىتىدە بولىدىغان خىزمەتكارلار بولىدۇ؛ ئۇلار خەلق ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. | 11 |
Yet they shall be ministers in my sanctuary, having charge at the gates of the house, and ministering at the house; they shall slay the burnt-offering and sacrifice for the people, and they shall stand before them to minister to them.
ئەمما خەلق مەبۇدلىرىغا چوقۇنغاندا، ئۇلار خەلقنىڭ شۇ ئىشلىرىدا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتىنى قەبىھلىككە ئېلىپ بارىدىغان پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇڭا مەن ئۇلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. | 12 |
Because they ministered to them before their idols, and caused the house of Israel to fall into iniquity, therefore have I lifted up my hand against them, saith the Lord Jehovah, that they shall bear their iniquity.
شۇڭا ئۇلار مەن ئۈچۈن كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مېنىڭ يېنىمغا يېقىن كەلمەيدۇ، ياكى مېنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلىرىمگە يېقىن كەلمەيدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئۆز خىجالىتىنى ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك. | 13 |
And they shall not come near to me to do the office of a priest to me, and to come near to any of my holy things in the most holy place, but they shall bear their shame, and their abominations which they have committed.
بىراق مەن ئۇلارنى ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمىتىگە ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل قىلىمەن. | 14 |
But I will make them keepers of the charge of the house, for all the service thereof, and for all which is to be done therein.
بىراق ئىسرائىل مەندىن ئېزىپ كەتكەندە، ئۆز مۇقەددەس جايىمغا قاراشقا سادىق كاھىنلار، يەنى لاۋىيلار بولغان زادوكنىڭ ئەۋلادىلىر ــ ئۇلار خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار قۇربانلىقىلارنىڭ مېيىنى ۋە قېنىنى سۇنۇشقا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 15 |
But the priests, the Levites, the sons of Zadok, that kept the charge of my sanctuary when the sons of Israel went astray from me, they shall come near to me to minister to me, and they shall stand before me to offer to me the fat and the blood, saith the Lord Jehovah.
ئۇلار مۇقەددەس جايىمغا كىرىدۇ، مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا داستىخىنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ تاپشۇرۇقۇمغا مەسئۇل بولىدۇ. | 16 |
They shall come into my sanctuary, and they shall draw near to my table to minister to me, and shall keep my charge.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدىن كىرگەندە، كاناپ كىيىمنى كىيىشى كېرەك؛ ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدا ياكى مۇقەددەسخانا ئالدىدا خىزمەتتە بولغاندا، ئۇلاردا ھەرقانداق يۇڭدىن بولغان نەرسە بولمايدۇ؛ | 17 |
And when they enter the gates of the inner court, they shall be clothed with linen garments, and no wool shall come upon them while they minister in the gates of the inner court, and within the house.
بېشىغا كاناپتىن تىكىلگەن سەللە، بېلىنىڭ تۆۋىنىگە كاناپتىن تامبال كىيىدۇ؛ ئۇلار ئادەمنى تەرلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنى كىيمەسلىكى كېرەك. | 18 |
They shall have linen coverings upon their heads, and linen breeches upon their loins; they shall not gird themselves with anything that causeth sweat.
ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىغا سىرتقى ھويلىغا چىققاندا، ئۇلار خىزمەت كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۇلارنى مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا قويۇپ قويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ بۇ كىيىملىرىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن باشقا كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. | 19 |
And when they go forth into the outer court, even into the outer court to the people, they shall put off their garments in which they ministered, and lay them in the holy rooms, and shall clothe themselves with other garments, that they may not sanctify the people with their garments.
ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىكى، ياكى چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋەتمەسلىكى لازىم؛ ئۇلار پەقەت قىسقا چاچ قويۇشى كېرەك. | 20 |
They shall neither shave their heads, nor suffer their locks to grow long; they shall shear their heads.
ئىچكى ھويلىغا كىرگەندە ھېچقايسى كاھىن شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك. | 21 |
And no priest shall drink wine when they enter into the inner court.
ئۇلار تۇل ياكى ئاجراشقان ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ ئۇلار ئىسرائىل نەسلىدىن بولغان پاك قىزنى، ياكى كاھىندىن تۇل قالغان ئايالنى ئېلىشقا بولىدۇ. | 22 |
Neither shall they take for their wives a widow, or her that is put away; but they shall take virgins of the race of the house of Israel, or a widow that is the widow of a priest.
ئۇلار خەلقىمگە پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىينىڭ پەرقىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنى قانداق پەرق ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ. | 23 |
And they shall teach my people the difference between the holy and unholy, and cause them to discern between the unclean and the clean.
ئەرز-دەۋالاردا ئۇلار ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا بولىدۇ؛ ئۇلار بۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆز ھۆكۈملىرىم بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ مەن بېكىتكەن بارلىق ھېيت-بايراملىرىم توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلىشى كېرەك. | 24 |
And in controversy they shall stand to judge; according to my statutes shall they judge. And they shall keep my laws and my statutes in all my festivals, and they shall hallow my sabbaths.
ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆلۈكنىڭ يېنىغا ھېچ بارماسلىقى كېرەك؛ ھالبۇكى، ئۆلگەن ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى ئېرى يوق ئاچا-سىڭلىسى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ناپاك قىلىشقا بولىدۇ. | 25 |
And they shall come to no dead person to defile themselves; but for father, or for mother, or for son, or for daughter, for brother, or for sister that hath had no husband, they may defile themselves.
ئۆزىنى پاكلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە كۈن سانىلىشى كېرەك؛ | 26 |
And after his cleansing they shall reckon to him seven days.
ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، يەنى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇشقا ئىچكى ھويلىغا كىرگەن شۇ كۈنىدە، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇشى كېرەك، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 27 |
And in the day that he goeth into the sanctuary, into the inner court, to minister in the sanctuary, he shall offer his sin-offering, saith the Lord Jehovah.
بۇ ئۇلارغا مىراس بولىدۇ: ــ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا مىراس بولىمەن؛ سىلەر ئۇلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق ئىگىلىكنى تەقسىم قىلمايسىلەر؛ مەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىمەن. | 28 |
And it shall be to them for an inheritance, that I am their inheritance. And ye shall give them no possession in Israel; I am their possession.
ئۇلار ئاشلىق ھەدىيە، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن يەيدۇ؛ ئىسرائىلدا مەخسۇس خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئۇلارنىڭكى بولىدۇ. | 29 |
They shall eat the flour-offering, and the sin-offering, and the trespass-offering; and every dedicated thing in Israel shall be theirs.
تۇنجى چىققان ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېسىلى، بارلىق ۋە ھەرقانداق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەر كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. سىلەر [ئارپا-بۇغدىيىڭلارنىڭ] ھوسۇلىنىڭ تۇنجى خېمىرىنى كاھىنغا تەقدىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بەخت-بەرىكەت ئۆيۈڭلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. | 30 |
And the first of all the first-fruits, and every oblation of all your oblations, shall belong to the priests. Ye shall also give to the priest the first of your meal, that he may cause a blessing to rest on thine house.
كاھىنلار ئۆزلۈگىدىن ئۆلگەن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھېچقانداق ھايۋان ياكى ئۇچار-قاناتلاردىن يېيىشكە بولمايدۇ. | 31 |
The priests shall not eat of anything that dieth of itself, or that is torn, whether it be fowl or beast.