< ئەزاكىيال 43 >
ئۇ مېنى دەرۋازىغا، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا ئاپاردى؛ | 1 |
U meni dǝrwaziƣa, yǝni xǝrⱪⱪǝ ⱪaraydiƣan dǝrwaziƣa apardi;
مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شەرق تەرەپتىن كەلدى؛ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك ئىدى؛ يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپى بىلەن يورۇتۇلدى. | 2 |
Mana, Israilning Hudasining xan-xǝripi xǝrⱪ tǝrǝptin kǝldi; Uning awazi uluƣ sularning xarⱪiriƣan sadasidǝk idi; yǝr yüzi uning xan-xǝripi bilǝn yorutuldi.
مەن كۆرگەن بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بولسا، ئۇ شەھەرنى ھالاك قىلىشقا كەلگەن قېتىمدا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ ئالامەت كۆرۈنۈشلەر يەنە مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ مەن دۈم يىقىلدىم. | 3 |
Mǝn kɵrgǝn bu alamǝt kɵrünüx bolsa, u xǝⱨǝrni ⱨalak ⱪilixⱪa kǝlgǝn ⱪetimda kɵrgǝn alamǝt kɵrünüxtǝk boldi; alamǝt kɵrünüxlǝr yǝnǝ mǝn Kewar dǝryasi boyida turup kɵrgǝn alamǝt kɵrünüxtǝk boldi; mǝn düm yiⱪildim.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى؛ | 4 |
Pǝrwǝrdigarning xan-xǝripi xǝrⱪⱪǝ ⱪaraydiƣan dǝrwaza arⱪiliⱪ ibadǝthaniƣa kirdi;
روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئىبادەتخانىنى تولدۇردى. | 5 |
Roⱨ meni kɵtürüp, iqki ⱨoyliƣa apardi; mana, Pǝrwǝrdigarning xan-xǝripi ibadǝthanini toldurdi.
ھېلىقى كىشى يېنىمدا تۇرغاندا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم؛ | 6 |
Ⱨeliⱪi kixi yenimda turƣanda, ibadǝthanining iqidin Birsining sɵzligǝn awazini anglidim;
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ مېنىڭ تەختىم سېلىنغان جاي، مەن ئاياغ باسىدىغان، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىدىغان جايدۇر؛ ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ــ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى پادىشاھلىرى بۇزۇقلۇقى بىلەن ياكى «يۇقىرى جايلار»دا پادىشاھنىڭ جەسەتلىرى بىلەن مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يەنە ھېچ بۇلغىمايدۇ. | 7 |
U manga: — I insan oƣli, bu Mening tǝhtim selinƣan jay, Mǝn ayaƣ basidiƣan, Mǝn Israillar arisida mǝnggügǝ turidiƣan jaydur; Israil jǝmǝtidikilǝr — ularning ɵzliri yaki padixaⱨliri buzuⱪluⱪi bilǝn yaki «yuⱪiri jaylar»da padixaⱨning jǝsǝtliri bilǝn Mening pak-muⱪǝddǝs namimni yǝnǝ ⱨeq bulƣimaydu.
ئۇلار ئۆز بوسۇغىسىنى مېنىڭ بوسۇغىمنىڭ يېنىغا، ئىشىك كېشىكىنى مېنىڭ ئىشىك كېشىكىمنىڭ يېنىغا سالغان، ئۇلار بىلەن مېنى پەقەت بىر تاملا ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يىرگىنچلىكلىرى بىلەن بۇلغىغان. شۇڭا مەن غەزىپىم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىۋەتتىم. | 8 |
Ular ɵz bosuƣisini Mening bosuƣimning yeniƣa, ixik kexikini Mening ixik kexikimning yeniƣa salƣan, ular bilǝn Meni pǝⱪǝt bir tamla ayrip turatti, ular Mening pak-muⱪǝddǝs namimni yirginqlikliri bilǝn bulƣiƣan. Xunga Mǝn ƣǝzipim bilǝn ularni yoⱪitiwǝttim.
ئەمدى ھازىر ئۇلار بۇزۇقلۇقىنى، پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرىنى مەندىن يىراق قىلسۇن؛ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىمەن. | 9 |
Əmdi ⱨazir ular buzuⱪluⱪini, padixaⱨlarning jǝsǝtlirini Mǝndin yiraⱪ ⱪilsun; wǝ Mǝn ular arisida mǝnggügǝ turimǝn.
ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرىدىن خىجالەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئۆينى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بەرگىن؛ ئۇلار كاللىسىدا ئىبادەتخانىنى ئۆلچەپ باقسۇن. | 10 |
— Əmdi sǝn, i insan oƣli, Israil jǝmǝtining ɵz ⱪǝbiⱨlikliridin hijalǝt boluxi üqün bu ɵyni ularƣa kɵrsitip bǝrgin; ular kallisida ibadǝthanini ɵlqǝp baⱪsun.
ئەگەردە ئۇلار ئۆز قىلغانلىرىدىن خىجىل بولسا، ئەمدى سەن مۇشۇ ئۆينىڭ شەكلىنى، ئۇنىڭ سېلىنىشىنى، چىقىش يوللىرىنى، كىرىش يوللىرىنى ۋە بارلىق لايىھىسىنى ۋە بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ــ شۇنداق، بارلىق شەكلىنى ۋە بارلىق قانۇنلىرىنى ئايان قىلىپ بەرگىن؛ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل شەكلىنى ئېسىدە تۇتۇشى ھەم ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا يازغىن. | 11 |
Əgǝrdǝ ular ɵz ⱪilƣanliridin hijil bolsa, ǝmdi sǝn muxu ɵyning xǝklini, uning selinixini, qiⱪix yollirini, kirix yollirini wǝ barliⱪ layiⱨisini wǝ barliⱪ bǝlgilimilirini, — xundaⱪ, barliⱪ xǝklini wǝ barliⱪ ⱪanunlirini ayan ⱪilip bǝrgin; ularning pütkül xǝklini esidǝ tutuxi ⱨǝm uning bǝlgilimilirigǝ ǝmǝl ⱪilixi üqün, uni ularning kɵz aldiƣa yazƣin.
ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنى شۇنداق بولىدۇ: ئۇ تۇرغان تاغنىڭ چوققىسىنىڭ بېكىتىلگەن پاسىلغىچە بولغان دائىرىسى «ئەڭ مۇقەددەس» بولىدۇ؛ مانا، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنىدۇر. | 12 |
Ibadǝthanining ⱪanuni xundaⱪ bolidu: U turƣan taƣning qoⱪⱪisining bekitilgǝn pasilƣiqǝ bolƣan dairisi «ǝng muⱪǝddǝs» bolidu; mana, bu ibadǝthanining ⱪanunidur.
قۇربانگاھنىڭ «[چوڭ] گەز»دە ئۆلچەنگەن ئۆلچەملىرى شۇنداق ئىدى: ــ. بۇ گەز بولسا بىر گەز قوشۇلغان بىر ئالىقان بولىدۇ. قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا بىر ئالىقان ئىدى. مانا بۇ قۇربانگاھنىڭ ئۇلى ئىدى. | 13 |
Ⱪurbangaⱨning «[qong] gǝz»dǝ ɵlqǝngǝn ɵlqǝmliri xundaⱪ idi: — bu gǝz bolsa bir gǝz ⱪoxulƣan bir aliⱪan bolidu. Ⱪurbangaⱨning ǝtrapidiki ulining egizliki bir gǝz, kǝngliki bir gǝz, ǝtrapidiki girwiki bolsa bir aliⱪan idi. Mana bu ⱪurbangaⱨning uli idi.
ئۇنىڭ ئۇلىدىن ئاستىنقى تەكچىگىچە ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ بۇ «كىچىك تەكچە»دىن «چوڭ تەكچە»گىچە تۆت گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ | 14 |
Uning ulidin astinⱪi tǝkqigiqǝ ikki gǝz, kǝngliki bir gǝz idi; bu «kiqik tǝkqǝ»din «qong tǝkqǝ»giqǝ tɵt gǝz, kǝngliki bir gǝz idi;
قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت گەز ئىدى؛ ئوت سۇپىسىدا تۆت مۈڭگۈز چوقچىيىپ چىقىپ تۇراتتى. | 15 |
ⱪurbangaⱨning ot supisining egizliki tɵt gǝz idi; ot supisida tɵt münggüz qoⱪqiyip qiⱪip turatti.
قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون ئىككى گەز، كەڭلىكى ئون ئىككى گەز بولۇپ، ئۇ تۆت چاسىلىق ئىدى. | 16 |
Ⱪurbangaⱨning ot supisining uzunluⱪi on ikki gǝz, kǝngliki on ikki gǝz bolup, u tɵt qasiliⱪ idi.
يۇقىرى تەكچىگىچىمۇ تۆت چاسىلىق ئىدى، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت گەز، كەڭلىكى ئون تۆت گەز؛ ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا يېرىم گەز ئىدى؛ ئاستىنىڭ كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپىيى شەرققە قارايتتى. | 17 |
Yuⱪiri tǝkqigiqimu tɵt qasiliⱪ idi, uzunluⱪi on tɵt gǝz, kǝngliki on tɵt gǝz; ǝtrapidiki girwiki bolsa yerim gǝz idi; astining kǝngliki bir gǝz idi; uningƣa qiⱪidiƣan pǝlǝmpiyi xǝrⱪⱪǝ ⱪaraytti.
ئۇ ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: بۇ قۇربانگاھ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ۋە ئۈستىگە قان سېپىش ئۈچۈن ئۇنى ياسىغان كۈنىدە، شۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ: ــ | 18 |
U manga xundaⱪ dedi: — I insan oƣli, Rǝb Pǝrwǝrdigar xundaⱪ dǝydu: Bu ⱪurbangaⱨ üstigǝ kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪlarni sunux wǝ üstigǝ ⱪan sepix üqün uni yasiƣan künidǝ, xular uning bǝlgilimiliri bolidu: —
سەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، يەنى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىنلىشىدىغان زادوك نەسلىدىكىلەردىن بولغان كاھىنلارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ياش بىر تورپاقنى بېرىسەن؛ | 19 |
sǝn Lawiy ⱪǝbilisidin bolƣan, yǝni Mening hizmitimdǝ bolux üqün Manga yeⱪinlixidiƣan Zadok nǝslidikilǝrdin bolƣan kaⱨinlarƣa gunaⱨ ⱪurbanliⱪi süpitidǝ yax bir torpaⱪni berisǝn;
سەن ئۇنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چوڭ تەكچىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ھەم ئەتراپىدىكى گىرۋەكلىرى ئۈستىگە سۈرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ئۇنىڭغا كافارەت قىلىسەن. | 20 |
sǝn uning ⱪenidin azraⱪ elip ⱪurbangaⱨning münggüzlirigǝ, qong tǝkqining tɵt burjikigǝ ⱨǝm ǝtrapidiki girwǝkliri üstigǝ sürisǝn; xuning bilǝn sǝn uni pakizlap wǝ uningƣa kafarǝt ⱪilisǝn.
سەن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ سىرتىدا بولغان، ئىبادەتخانىدىكى ئالاھىدە بېكىتىلگەن جايدا كۆيدۈرىسەن؛ | 21 |
Sǝn gunaⱨ ⱪurbanliⱪi bolƣan torpaⱪni elip uning jǝsitini «muⱪǝddǝs jay»ning sirtida bolƣan, ibadǝthanidiki alaⱨidǝ bekitilgǝn jayda kɵydürisǝn;
ئىككىنچى كۈنىدە سەن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى تورپاق بىلەن پاكلاندۇرغاندەك تېكە بىلەن ئۇنى پاكلايدۇ. | 22 |
ikkinqi künidǝ sǝn gunaⱨ ⱪurbanliⱪi süpitidǝ bejirim bir tekini sunisǝn; ular ⱪurbangaⱨni torpaⱪ bilǝn paklandurƣandǝk tekǝ bilǝn uni paklaydu.
سەن ئۇنى پاكلىغاندىن كېيىن، سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاق، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى سۇنىسەن؛ | 23 |
Sǝn uni pakliƣandin keyin, sǝn bejirim yax bir torpaⱪ, ⱪoy padisidin bejirim bir ⱪoqⱪarni sunisǝn;
سەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىسەن؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىدۇ ۋە ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. | 24 |
sǝn ularni Pǝrwǝrdigarning aldiƣa sunisǝn; kaⱨinlar ularning üstigǝ tuz sepidu wǝ ularni Pǝrwǝrdigarƣa atap kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ süpitidǝ sunidu.
يەتتە كۈن سەن ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنىمۇ سۇنىدۇ. | 25 |
Yǝttǝ kün sǝn ⱨǝr küni gunaⱨ ⱪurbanliⱪi süpitidǝ bir tekini sunisǝn; ular bejirim yax bir torpaⱪni, ⱪoy padisidin bejirim bir ⱪoqⱪarnimu sunidu.
ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت قىلىپ ئۇنى پاكلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىيدۇ. | 26 |
Ular yǝttǝ kün ⱪurbangaⱨ üqün kafarǝt ⱪilip uni paklaydu; xuning bilǝn ular uni pak-muⱪǝddǝs dǝp ayriydu.
بۇ كۈنلەر تۈگىگەندە، سەككىزىنچى كۈنى ۋە شۇ كۈندىن كېيىن، كاھىنلار سىلەرنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 27 |
Bu künlǝr tügigǝndǝ, sǝkkizinqi küni wǝ xu kündin keyin, kaⱨinlar silǝrning kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪliringlarni wǝ inaⱪliⱪ ⱪurbanliⱪliringlarni ⱪurbangaⱨ üstigǝ sunidu; xuning bilǝn Mǝn silǝrni ⱪobul ⱪilimǝn, — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.