< ئەزاكىيال 43 >

ئۇ مېنى دەرۋازىغا، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا ئاپاردى؛ 1
И веде мя ко вратом зрящым на востоки и изведе мя:
مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى شەرق تەرەپتىن كەلدى؛ ئۇنىڭ ئاۋازى ئۇلۇغ سۇلارنىڭ شارقىرىغان ساداسىدەك ئىدى؛ يەر يۈزى ئۇنىڭ شان-شەرىپى بىلەن يورۇتۇلدى. 2
и се, слава Бога Израилева грядяше по пути врат зрящих на востоки, и глас полка аки глас усугубляющих многих, и земля светяшеся аки свет от славы Его окрест.
مەن كۆرگەن بۇ ئالامەت كۆرۈنۈش بولسا، ئۇ شەھەرنى ھالاك قىلىشقا كەلگەن قېتىمدا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ ئالامەت كۆرۈنۈشلەر يەنە مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتەك بولدى؛ مەن دۈم يىقىلدىم. 3
И видение, еже видех, по видению, еже видех, егда вхождах помазати град: и видение колесницы, юже видех, подобяшеся видению, еже видех на реце Ховар. И падох на лице мое.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى؛ 4
Слава же Господня вниде во храм по пути врат зрящих на восток.
روھ مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئىبادەتخانىنى تولدۇردى. 5
И взя мя дух и введе мя во двор внутренний: и се, полн славы дом Господень.
ھېلىقى كىشى يېنىمدا تۇرغاندا، ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىن بىرسىنىڭ سۆزلىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم؛ 6
И стах, и се, глас от храма глаголющаго ко мне, и муж стояше близ мене
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ مېنىڭ تەختىم سېلىنغان جاي، مەن ئاياغ باسىدىغان، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىدىغان جايدۇر؛ ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ــ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى پادىشاھلىرى بۇزۇقلۇقى بىلەن ياكى «يۇقىرى جايلار»دا پادىشاھنىڭ جەسەتلىرى بىلەن مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يەنە ھېچ بۇلغىمايدۇ. 7
и рече ко мне: сыне человечь, видел ли еси место престола Моего и место стопы ног Моих, идеже вселится имя Мое среде дому Израилева во век? И не осквернят ктому имене Моего святаго дом Израилев, тии и старейшины их во блужении своем и во убийствах старейшин своих среде себе,
ئۇلار ئۆز بوسۇغىسىنى مېنىڭ بوسۇغىمنىڭ يېنىغا، ئىشىك كېشىكىنى مېنىڭ ئىشىك كېشىكىمنىڭ يېنىغا سالغان، ئۇلار بىلەن مېنى پەقەت بىر تاملا ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى يىرگىنچلىكلىرى بىلەن بۇلغىغان. شۇڭا مەن غەزىپىم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىۋەتتىم. 8
внегда полагаху преддверие Мое во преддвериих своих и праги Моя близ прагов своих: и даша стену Мою яко держащуюся Мене и онех, и оскверниша имя Мое святое в беззакониих своих, яже творяху: и скончах я в ярости Моей и во избиении:
ئەمدى ھازىر ئۇلار بۇزۇقلۇقىنى، پادىشاھلارنىڭ جەسەتلىرىنى مەندىن يىراق قىلسۇن؛ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تۇرىمەن. 9
и ныне да отринут блужение свое и убийства старейшин своих от Мене, и вселюся среде их во век.
ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرىدىن خىجالەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ ئۆينى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بەرگىن؛ ئۇلار كاللىسىدا ئىبادەتخانىنى ئۆلچەپ باقسۇن. 10
Ты же, сыне человечь, покажи дому Израилеву храм, и да престанут от грехов своих: и видение его, и чиноположение его,
ئەگەردە ئۇلار ئۆز قىلغانلىرىدىن خىجىل بولسا، ئەمدى سەن مۇشۇ ئۆينىڭ شەكلىنى، ئۇنىڭ سېلىنىشىنى، چىقىش يوللىرىنى، كىرىش يوللىرىنى ۋە بارلىق لايىھىسىنى ۋە بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ــ شۇنداق، بارلىق شەكلىنى ۋە بارلىق قانۇنلىرىنى ئايان قىلىپ بەرگىن؛ ئۇلارنىڭ پۈتكۈل شەكلىنى ئېسىدە تۇتۇشى ھەم ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا يازغىن. 11
и тии приимут казнь свою о всех, яже сотвориша: и распишеши храм и уготование его, и исходы его и входы его, и бытие его и вся повеления его и вся законы его возвестиши им и да впишеши пред ними, и снабдят вся оправдания Моя и вся повеления Моя и сотворят я.
ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنى شۇنداق بولىدۇ: ئۇ تۇرغان تاغنىڭ چوققىسىنىڭ بېكىتىلگەن پاسىلغىچە بولغان دائىرىسى «ئەڭ مۇقەددەس» بولىدۇ؛ مانا، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ قانۇنىدۇر. 12
И расписание храма на верху горы: вси пределы его окрест Святая Святых суть.
قۇربانگاھنىڭ «[چوڭ] گەز»دە ئۆلچەنگەن ئۆلچەملىرى شۇنداق ئىدى: ــ. بۇ گەز بولسا بىر گەز قوشۇلغان بىر ئالىقان بولىدۇ. قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇلىنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا بىر ئالىقان ئىدى. مانا بۇ قۇربانگاھنىڭ ئۇلى ئىدى. 13
Сей закон храма, и сия мера требника, в лакоть лактя и длани, недро глубины лакоть на лакоть и лакоть в широту, и ограждение устия ему окрест, пяди.
ئۇنىڭ ئۇلىدىن ئاستىنقى تەكچىگىچە ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ بۇ «كىچىك تەكچە»دىن «چوڭ تەكچە»گىچە تۆت گەز، كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ 14
И сия высота требника, и от глубины начала вдоления его ко очистилищу великому, еже внизу, двух лактей, широта же лакоть: а от очистилища малаго ко очистилищу великому лакти четыри, и широта лакоть.
قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئېگىزلىكى تۆت گەز ئىدى؛ ئوت سۇپىسىدا تۆت مۈڭگۈز چوقچىيىپ چىقىپ تۇراتتى. 15
И ариил четырех лактей, а от ариила и выше рогов лакоть:
قۇربانگاھنىڭ ئوت سۇپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون ئىككى گەز، كەڭلىكى ئون ئىككى گەز بولۇپ، ئۇ تۆت چاسىلىق ئىدى. 16
ариил же дванадесять лактей в долготу и дванадесять лактей в широту, четвероуголен на четыри части своя.
يۇقىرى تەكچىگىچىمۇ تۆت چاسىلىق ئىدى، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت گەز، كەڭلىكى ئون تۆت گەز؛ ئەتراپىدىكى گىرۋىكى بولسا يېرىم گەز ئىدى؛ ئاستىنىڭ كەڭلىكى بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپىيى شەرققە قارايتتى. 17
И очистилище четыренадесять лактей в долготу и четыренадесять лактей в широту, четвероуголно на четыри части своя: и ограждение ему окрест окружающее его пол лактя, и обдержание его лакоть окрест, и степени его зрящыя на восток.
ئۇ ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: بۇ قۇربانگاھ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ۋە ئۈستىگە قان سېپىش ئۈچۈن ئۇنى ياسىغان كۈنىدە، شۇلار ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ: ــ 18
И рече ко мне: сыне человечь, сия глаголет Господь Бог Израилев: сия заповеди требника в день сотворения его, еже возносити на нем всесожжения и возливати нань кровь.
سەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان، يەنى مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىنلىشىدىغان زادوك نەسلىدىكىلەردىن بولغان كاھىنلارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ياش بىر تورپاقنى بېرىسەن؛ 19
И даси жерцем и левитом, иже суть от семене Садукова, приступающым ко Мне, глаголет Господь Бог, еже служити Мне, телца от говяд за грех:
سەن ئۇنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چوڭ تەكچىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ھەم ئەتراپىدىكى گىرۋەكلىرى ئۈستىگە سۈرىسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى پاكىزلاپ ۋە ئۇنىڭغا كافارەت قىلىسەن. 20
и да возмут от крове его и да возложат на четыри роги требника и на четыри части очистилища и на основание окрест, и окропиши е, и очистят е:
سەن گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ سىرتىدا بولغان، ئىبادەتخانىدىكى ئالاھىدە بېكىتىلگەن جايدا كۆيدۈرىسەن؛ 21
и да возмут телца, иже за грех, и да сожжется во отлученнем храме вне святых.
ئىككىنچى كۈنىدە سەن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى تورپاق بىلەن پاكلاندۇرغاندەك تېكە بىلەن ئۇنى پاكلايدۇ. 22
А во вторый день да возмут два козлища от коз непорочных за грех и да очистят требник, якоже очистиша телцем.
سەن ئۇنى پاكلىغاندىن كېيىن، سەن بېجىرىم ياش بىر تورپاق، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى سۇنىسەن؛ 23
И егда скончают очищение, да принесут телца от говяд непорочна и овна от овец непорочна,
سەن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىسەن؛ كاھىنلار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىدۇ ۋە ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. 24
и да принесете пред Господа: и да возвергут на ня жерцы соль и да вознесут я Господеви всесожжения.
يەتتە كۈن سەن ھەر كۈنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكىنى سۇنىسەن؛ ئۇلار بېجىرىم ياش بىر تورپاقنى، قوي پادىسىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنىمۇ سۇنىدۇ. 25
Седмь дний да сотвориши козлище за грех по вся дни, и телца от говяд и овна от овец непорочна, да сотворят седмь дний:
ئۇلار يەتتە كۈن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت قىلىپ ئۇنى پاكلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئايرىيدۇ. 26
и да очистят требник и освятят его, и наполнят руки своя.
بۇ كۈنلەر تۈگىگەندە، سەككىزىنچى كۈنى ۋە شۇ كۈندىن كېيىن، كاھىنلار سىلەرنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 27
И скончают седмь дний, и будет от осмаго дне и потом, сотворят жерцы на жертвеннице всесожжения ваша и яже спасения вашего: и прииму вы, глаголет Господь.

< ئەزاكىيال 43 >