< ئەزاكىيال 41 >
ئۇ مېنى [مۇقەددەسخانىدىكى] مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ جاينىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان تامنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى. | 1 |
他領我到了聖所,量了壁柱,兩邊,各厚六肘;
كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئون گەز ئىدى؛ مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسى بەش گەز چىقتى؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، قىرىق گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز چىقتى. | 2 |
門口寬十肘;門口兩邊的牆,各為五肘;他又量了聖所的長度為四十肘,寬為二十肘。
ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز؛ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى؛ [ئىككى تەرەپتىكى] توغرا تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا، يەتتە گەز ئىدى. | 3 |
他進到裏面,量了門口的壁柱,厚二肘,入口六肘,門口總寬七肘。
ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىگىرمە گەز چىقتى؛ كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى. ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى. | 4 |
量了聖所的盡頭長二十肘,寬二十肘。以後對我說:「這是至聖所。」
ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىنى ئۆلچىدى، قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى؛ ياندىكى كىچىك خانىلارنىڭ بولسا، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى؛ كىچىك خانىلار مۇقەددەسخانىنى چۆرىدەپ سېلىنغانىدى. | 5 |
他量了殿牆,厚六肘;沿殿周圍的廂房,寬四肘。
يېنىدىكى كىچىك خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك، بىر-بىرىگە ئۈستىلەكلىك ئىدى، ھەر قەۋەتتە ئوتتۇزدىن خانا بار ئىدى؛ كىچىك خانىلارنىڭ لىملىرى مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لىملار كىچىك خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىغا بېكىتىلگەنىدى. | 6 |
廂房一層在另一層之上,共三層,每層三十間。廂房周圍靠著殿牆,有突出的牆,為銜接廂房,免得嵌在殿牆內。
يۇقىرىلىغانسېرى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك خانىلار كېڭىيىپ بارغانىدى؛ چۈنكى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇقەددەسخانىمۇ ئېگىزلىگەنسېرى كېڭەيگەن. تۆۋەندىكى قەۋەتتىن يۇقىرىدىكى قەۋەتكىچە ئوتتۇرىدىكى قەۋەت ئارقىلىق چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى. | 7 |
廂房越高越寬,因為周圍聖殿的牆越高越窄,為此上邊的房間較寬。人由下層可登至中層,再登往上層。
مەن مۇقەددەسخانىنىڭ ئېگىز ئۇللۇق سۇپىسى بارلىقىنى كۆردۇم؛ ئۇ ھەم يېنىدىكى كىچىك خانىلارنىڭ ئۇلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى. | 8 |
我見殿周圍有一高台,為廂房的基礎,台腳高一竿,即六肘。
يېنىدىكى خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار بىلەن [كاھىنلارنىڭ] ھۇجرىلىرى ئارىلىقىدىكى بوش يەرنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ بۇ بوش يەر مۇقەددەسخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى. | 9 |
廂房的外牆厚五肘。在靠殿的廂房之前的人行道,也寬五肘。
يېنىدىكى كىچىك خانىلارغا كىرىش ئېغىزى بولسا بوش يەرگە قارايتتى؛ بىر كىرىش ئېغىزى شىمالغا، يەنە بىرى جەنۇبقا قارايتتى. سۇپا ئۈستىدىكى خانىلارنى چۆرىدىگەن بوش يەرنىڭ كەڭلىكى بەش گەز ئىدى. | 11 |
廂房的門向著人行道:一朝北,一朝南;人行道寬五肘。
غەربكە جايلاشقان، بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى. | 12 |
在空地的西面有一建築物:寬七十肘,長九十肘;這建築物周圍的牆厚五肘。
ھېلىقى كىشى مۇقەددەسخانىنىڭ ئۆزىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. بوش يەرنىڭ كەڭلىكى [يۈز گەز ئىدى]، بىنانىڭ تاملىرى قوشۇلۇپ جەمئىي كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. | 13 |
他量了聖殿,長一百肘:包括空地、建築物和牆,共長一百肘。
مۇقەددەسخانىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە شەرققە جايلاشقان ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. | 14 |
聖殿的前面和東邊的空地,共寬一百肘。
ئۇ [مۇقەددەسخانىنىڭ] كەينىدىكى بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ كەڭلىكىنى، جۈملىدىن ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى كارىدورنى ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. مۇقەددەسخانىنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى بىلەن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ى ۋە سىرتقا قارايدىغان دالىنى بولسا، ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن؛ ئۇنىڭ بوسۇغىلىرى، ئىچىدىكى ئۈچ جاينىڭ ئەتراپىدىكى روجەكلىرى ھەم دەھلىزلىرى بولسا، بوسۇغىسىدىن تارتىپ ھەممە يەر، پولدىن دېرىزىلەرگىچە ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن (دېرىزىلەر ئۆزى روجەكلىك ئىدى). | 15 |
他量了聖殿後邊的建築,連空地和牆在內,由這一端到另一端,共長一百肘。至於聖所內部和外邊的門廊、
門框、帶櫺的窗和三面的圍牆,以及門限周圍都鑲上木板,由地到窗──窗是遮蔽的;
دالاندىن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غىچە بولغان تورۇس، ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىنىڭ ھەممە يېرى كېرۇب ۋە پالما دەرەخلىرى بىلەن ئۆلچەملىك نەقىشلەنگەنىدى. ھەر ئىككى كېرۇب ئارىسىدا بىر پالما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى؛ ھەربىر كېرۇبنىڭ ئىككى يۈزى بار ئىدى. | 17 |
直到門上邊,以至殿的內部和外部;周圍所有的,裏面和外面的牆上,都有雕像,
雕刻著革魯賓和棕櫚枝,棕櫚枝在革魯賓與革魯賓之間;革魯賓有兩個面貌:
كېرۇبنىڭ ئىنسان يۈزى بۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ شىر يۈزى ئۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ پۈتكۈل مۇقەددەسخانىنىڭ [ئىچكى] ھەممە تەرىپى شۇنداق ئىدى؛ | 19 |
人的面貌向著這邊的棕櫚枝,獅的面貌向著那邊的棕櫚枝;全殿四周都是這樣。
دالاننىڭ پولدىن تارتىپ تورۇسىغىچە، شۇنىڭدەك «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىغا كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىش قىلىنغان. | 20 |
由地到門上邊,聖所的牆上都雕刻著革魯賓和棕櫚枝。
«مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىك كېشەكلىرى بولسا، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئالدىدىكى ئىشىك كېشەكلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى. | 21 |
聖所的門框是方的。在至聖所前面,有一座看似木頭的祭壇:
«[مۇقەددەس جاي]»[نىڭ] ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان؛ ئۇنىڭ بۇرجەكلىرى، يۈزى ۋە تاملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان؛ ھېلىقى كىشى ماڭا: «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» ــ دېدى. | 22 |
高三肘,長寬各二肘;角、底座和鑲板,都是木的。以後他對我說:「這是在上主前的祭桌。」
[مۇقەددەسخانىنىڭ] «مۇقەددەس جاي» ھەم «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ىنىڭ ھەربىرىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى بار ئىدى. | 23 |
聖所與至聖所各有兩門,
ھەربىر قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ بۇ ئىككى قاتلام قاتلىناتتى؛ بۇ تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكىسىنىڭمۇ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى. | 24 |
門各有兩扇,每扇又有兩頁;可以摺疊。每一扇門都有兩頁。
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىگە، تاملارنىڭ ئۈستىنى نەقىشلىگەندەك، كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىشلەنگەنىدى؛ سىرتقى دالاننىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ئايۋان بار ئىدى. | 25 |
門扇上都雕刻著革魯賓和棕櫚枝,像牆上刻的一樣。門廊外的前面有木做的飛簷。
دالاننىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدە روجەكلەر ۋە پالما دەرەخ نەقىشلىرى بار ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار ۋە ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ شەكلىمۇ شۇنداق ئىدى. | 26 |
門廊兩邊與靠殿的廂房牆上,有有櫺的窗和棕櫚枝,還有飛簷。