< ئەزاكىيال 40 >
بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، يەنى شەھەر بۆسۈلگەندىن ئون تۆت يىل كېيىن ــ دەل ئاشۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى [شەھەرگە] ئاپاردى. | 1 |
Двадесет пете године робовања нашег, у почетку године, десети дан месеца, четрнаесте године од како се узе град, исти дан дође нада ме рука Господња и одведе ме онамо.
خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇ مېنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئاپىرىپ، ئىنتايىن ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى. | 2 |
Утварама Божјим одведе ме у земљу Израиљеву, и постави ме на гору врло високу, на којој беше с југа као саграђен град.
ئۇ مېنى شۇ يەرگە ئاپاردى؛ مانا قولىدا كاناپ تانىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تۇتقان، مىسنىڭ كۆرۈنۈشىدە بولغان بىر كىشى؛ ئۇ دەرۋازىدا تۇراتتى. | 3 |
И одведе ме онамо, и гле, човек, који на очи беше као од бронзе, с ужем ланеним у руци и с трском мерачком, и стајаше на вратима.
بۇ كىشى ماڭا: «ئىنسان ئوغلى، كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلارغا باغلىغىن؛ چۈنكى بۇنىڭ ساڭا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن سەن مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. ئىسرائىل جەمەتىگە بارلىق كۆرگىنىڭنى ئايان قىل». | 4 |
И проговори ми тај човек: Сине човечји, гледај очима својим и слушај ушима својим, и узми на ум све што ћу ти показати, јер си доведен овамо да ти покажем; кажи дому Израиљевом све што видиш.
ۋە مانا، ئىبادەتخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە تام بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى؛ شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى. ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى. | 5 |
И гле, беше зид споља око дома, а у руци оном човеку трска мерачка од шест лаката, а лакат беше с подланице дужи од обичног; и измери грађевину у ширину, и беше једна трска, и у висину, и беше једна трска.
ئۇ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقتى؛ ئۇنىڭ بوسۇغىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ئۇ بىر خادا چىقتى. يەنە بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بىر خادا چىقتى. | 6 |
Па дође на врата која беху према истоку, и изиђе уз басамаке, и измери један праг вратима, и беше у ширину једна трска, и други праг, и беше у ширину једна трска;
[دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى] ھەربىر «ئويۇق ئۆي»نىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر خادا، كەڭلىكى بىر خادا ئىدى؛ ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى بەش گەز ئىدى؛ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى بوسۇغا، يەنى ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى بوسۇغىنىڭ [ئىككى تەرىپىنىڭ] ئۇزۇنلۇقى [ئايرىم-ئايرىم] بىر «خادا» چىقتى؛ | 7 |
И клети, и свака беше једну трску дуга и једну трску широка; а између клети беше пет лаката; и праг на вратима код трема на унутрашњим вратима, и беше с једне трске.
ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنى ئۆلچىدى، [ئۇزۇنلۇقى] بىر خادا چىقتى. | 8 |
И измери трем на вратима унутрашњим, и беше једна трска.
ئۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، سەككىز گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كېشىكىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى ئىككى گەز چىقتى. مۇشۇ دالان ئىچكىرىگە قارايتتى. | 9 |
И измери трем на вратима, и беше осам лаката; и довратнике им, и беху два лакта; а трем на вратима беше изнутра;
شەرققە قارىغان دەرۋازىنىڭ ئىچىدە، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن، بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى؛ ئۈچ ئۆينىڭ ئىككى يان تېمى ئوخشاش قېلىنلىقتا ئىدى. | 10 |
И клети код врата према истоку беху три амо и три тамо, једне мере све три, и једне мере беху довратници тамо и амо.
ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى ئون گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئون ئۈچ گەز ئىدى. | 11 |
И измери ширину вратима, и беше десет лаката, и тринаест лаката беше у дужину вратима.
بۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتىكى بىر توسما تام بار ئىدى، ۋە ئۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتا بىر توسما تام بار ئىدى؛ ھەرياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى. | 12 |
И пред клетима беше места један лакат, и за један лакат беше места с друге стране, и у свакој клети беше шест лаката од туда и шест лаката од овуда.
ئۇ دەرۋازىنىڭ جەمئىي كەڭلىكىنى، يەنى بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىدىن] ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىغىچە] يىگىرمە بەش گەز چىقتى؛ بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى. | 13 |
После измери врата од крова једне клети до крова друге, и беше у ширину двадесет и пет лаката, врата према вратима.
ئۇ ئىچكى ھويلىغا كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنى ئۆلچىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى. | 14 |
И начини довратнике од шездесет лаката, и пред довратницима трем на вратима унаоколо.
دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن دالاننىڭ ئىچكى ئېغىزىغىچە ئەللىك گەز چىقتى. | 15 |
И од лица врата на која се улази до лица трема на унутрашњим вратима беше педесет лаката.
ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇدۇل تېمىدا، شۇنداقلا ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا، دالاننىڭ يېنىدا ئوخشاشلا روجەكلەر بار ئىدى؛ مۇشۇ روجەكلەر سىرتىغا قاراپ تارىيىپ ماڭغان ئىدى؛ ھەربىر ئارىلىقتىكى تام-تۈۋرۈكلەرگە پالما دەرەخلىرى نەققىشلەنگەنىدى. | 16 |
И беху прозори на клетима и на довратницима њиховим сужени унутра око врата, тако и на тремовима, прозори беху изнутра свуда унаоколо, и по довратницима палме.
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، كىچىك خانىلار، ۋە سىرتقى ھويلىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاش تاختايلىق سۇپا؛ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇز كىچىك خانا سېلىنغان. | 17 |
Потом ме уведе у спољашњи трем, и гле, беху клети и под начињен свуда унаоколо у трему, тридесет клети на поду.
بۇ تاش تاختايلىق سۇپا ھويلىدىكى دەرۋازىلارغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر ئىدى؛ بۇ «پەس تاش سۇپا» ئىدى. | 18 |
А тај под покрај врата према дужини врата беше нижи под.
ئۇ تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئىچكى ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىدى؛ شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرنىڭمۇ يۈز گەز چىقتى. | 19 |
Потом измери ширину од лица доњих врата до лица унутрашњег трема споља, и беше сто лаката к истоку и северу.
ئاندىن سىرتقى ھويلىغا كىرىدىغان، شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچىدى. | 20 |
И врата која беху к северу на трему спољашњем измери у дужину и у ширину;
ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي بار ئىدى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرى بىرىنچى دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز. | 21 |
И беху три клети тамо и три амо, и довратници им и тремови беху исте мере као у првих врата; педесет лаката беше у дужину а у ширину двадесет и пет лаката;
ئۇنىڭ دېرىزىلىرى، دالانلىرى، پالما دەرەخ نەقىشلىرى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ كىشىلەر ئۇنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بىلەن چىقاتتى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى. | 22 |
И прозори им и тремови и палме беху на меру као на вратима која гледају на исток, и иђаше се к њима уза седам басамака, и тремови беху пред њима.
ئىچكى ھويلىدا شىمال ۋە شەرقتىكى دەرۋازىلارغا ئۇدۇل بىردىن دەرۋازە تۇراتتى؛ ئۇ دەرۋازىدىن دەرۋازىغىچە ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. | 23 |
И врата од унутрашњег трема беху према вратима северним и источним, и измери од врата до врата, и беше сто лаката.
ئۇ مېنى جەنۇب تەرەپكە ئاپاردى؛ مانا، جەنۇبقىمۇ قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرىنى ئۆلچىدى، ئۇلار باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. | 24 |
После ме одведе к југу, и гле, беху врата према југу; и измери им довратнике и тремове, и беше иста мера.
دەرۋازىنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپىدىكى دېرىزىلەر باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. | 25 |
И беху прозори на њима и на тремовима њиховим унаоколо као они прозори; педесет лаката беше у дужину и двадесет и пет лаката у ширину.
ئۇنىڭغا چىقىدىغان يەتتە باسقۇچ بار ئىدى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە پالما دەرىخىنىڭ نەقىشى بار ئىدى، ئۇ تەرەپتە بىرى، بۇ تەرەپتە بىرى بار ئىدى. | 26 |
И иђаше се к њима уза седам басамака, и тремови беху пред њима, и палме једна од туда, а једна од овуда по довратницима.
ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان، جەنۇبقا قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ جەنۇبىي تەرەپتە دەرۋازىدىن دەرۋازىغا ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. | 27 |
И врата од унутрашњег трема беху према југу; и измери од врата до врата к југу, и беше сто лаката.
ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىغا جەنۇبىي دەرۋازىدىن ئەكىردى؛ ۋە جەنۇبىي دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقا دەرۋازىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. | 28 |
Тада ме уведе у унутрашњи трем јужним вратима; и измери јужна врата, и беше иста мера.
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. | 29 |
И клети њихове и довратници и тремови беху исте мере, и прозори на њима и на тремовима унаоколо; педесет лаката беше у дужину, и двадесет и пет лаката у ширину.
ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى. | 30 |
И тремови беху унаоколо, двадесет и пет лаката у дужину и пет лаката у ширину.
ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. | 31 |
И тремови им беху према спољашњем трему, и палме по довратницима, и уз осам басамака иђаше се к њима.
ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىدا شەرق تەرەپكە ئاپاردى؛ ئۇ تەرەپتىكى دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. | 32 |
Потом ме одведе у унутрашњи трем к истоку, и измери врата, и беше иста мера;
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. | 33 |
И клети им и довратници и тремови беху исте мере; и беху прозори на њима и на тремовима њиховим унаоколо; у дужину беше педесет лаката, а у ширину двадесет и пет лаката;
ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىنىڭ] ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. | 34 |
И тремови им беху према спољашњем трему, и палме по довратницима и тамо и амо, и уз осам басамака иђаше се к њима.
ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىغا ئاپاردى، ۋە ئۇنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. | 35 |
Потом одведе ме на северна врата и измери их, и беху исте мере.
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالانلىرى [باشقىلىرىغا] ئوخشاش ئىدى؛ ئەتراپىدا دېرىزىلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. | 36 |
Тако и клети им и довратници и тремови и прозори унаоколо; у дужину педесет лаката, а у ширину двадесет и пет лаката.
ئۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىدىكى] ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. | 37 |
И довратници им беху према спољашњем трему, и палме по довратницима и тамо и амо, и уз осам басамака иђаше се к њима.
ھەربىر دەرۋازا [ئىككى] تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدا ئىشىكلىك كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ ئۆيلەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى يۇياتتى. | 38 |
И клети с вратима беху код довратника тих врата, онде се праху жртве паљенице.
دەرۋازىنىڭ دالىنىدا ئۇياندا ئىككىدىن شىرە، بۇياندا ئىككىدىن شىرە بار ئىدى؛ ئۇلار شىرەلەرنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى سويىدۇ. | 39 |
А у трему од врата беху два стола с једне стране и два стола с друге стране да се на њима кољу жртве паљенице и жртве за грех и за кривицу;
شىمالىي دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەينىڭ بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى؛ دالاننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يەنە بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى. | 40 |
И на страни споља како се улази на северна врата беху два стола, и на другој страни у трему од истих врата беху два стола;
شۇنىڭدەك دەرۋازىنىڭ ئۇ يېنىدا تۆت شىرە، بۇ يېنىدا تۆت شىرە بار ئىدى ــ جەمئىي سەككىز جوزا بار ئىدى؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سويىدۇ. | 41 |
Четири стола беху с једне стране и четири с друге стране уз врата, осам столова, на којима се кољаше.
يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ. | 42 |
А четири стола за жртву паљеницу беху од тесаног камена, у дужину подруг лакта, и подруг лакта у ширину а у висину један лакат, и на њима се остављаше оруђе којима се кољаху жртве паљенице и друге жртве.
دەرۋازا ئىچىدە، تاملىرى ئۈستىگە بىر ئالىقان ئۇزۇنلۇقتىكى جۈپ ئىلمەكلىك كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ. | 43 |
И унутра беху куке с подланице свуда у наоколо, а на столове се меташе месо од жртава.
ئىچكى ھويلا ئىچىدە ۋە ئىچكى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مەدھىيە ناخشىچىلىرى ئۈچۈن ئىككى كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ بىرى شىمالىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، جەنۇبقا يۈزلەنگەن؛ يەنە بىرى جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، شىمالغا يۈزلەنگەنىدى. | 44 |
И споља пред вратима унутрашњим беху клети за певаче у унутрашњем трему; једне беху уз врата северна и гледаху према југу, а друге беху уз источна врата и гледаху према северу.
ئۇ ماڭا: «جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. | 45 |
Тада ми рече: Ове клети што гледају на југ јесу за свештенике који служе око дома;
جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى قۇربانگاھ ۋەزىپىسىگە مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. بۇلار بولسا زادوكنىڭ جەمەتىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى؛ شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ دېدى. | 46 |
А оне клети што гледају на север јесу за свештенике који служе код олтара; то су синови Садокови, који између синова Левијевих приступају ка Господу да Му служе.
ئۇ ھويلىنى ئۆلچىدى؛ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى يۈز گەز، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى. | 47 |
Потом измери трем, и беше у дужину сто лаката и у ширину сто лаката, четвртаст; и олтар беше пред домом.
ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىنىڭ دالىنىغا ئاپاردى؛ ئۇ دالان ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى؛ بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز، يەنە بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز چىقتى؛ دالان ئېغىزىنىڭ [ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى]؛ دالان ئېغىزىدىكى تامنىڭ [ئىچكى تەرىپىنىڭ] كەڭلىكى بۇ تەرىپى ئۈچ گەز، ئۇ تەرىپى ئۈچ گەز ئىدى. | 48 |
После ме одведе у трем од дома, и измери довратнике трему, и беше пет лаката отуд и пет лаката одовуд; а врата беху широка три лакта отуд и три лакта одовуд;
دالاننىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى؛ تۈۋرۈكىمۇ بار ئىدى، ئۇ يېنىدا بىرى، بۇ يېنىدا بىرى بار ئىدى. | 49 |
Дужина трему беше двадесет лаката, а ширина једанаест лаката, и уз басамаке се иђаше к њему, и ступови беху уз довратнике, један отуд и један одовуд.