< ئەزاكىيال 4 >
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن. | 1 |
A ty, synu człowieczy, weź sobie glinianą tabliczkę, połóż ją przed sobą i wyryj na niej miasto Jerozolimę;
ئاندىن ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پوتەيلەرنى قۇرۇپ، سېپىلغا چىقىدىغان بىر دۆڭلۈك ياساپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بارگاھلارنى تىكىپ ۋە سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەپ قويغىن. | 2 |
Sporządź jego oblężenie, zbuduj przeciwko niemu szańce, usyp przeciwko niemu wał, uszykuj przeciwko niemu wojska i ustaw przeciwko niemu tarany dokoła.
بىر تۆمۈر تاختىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئارىسىغا تىكلە؛ يۈزۈڭنى ئۇنىڭغا قارىتىپ تىكلە؛ ئۇ مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالىسەن؛ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت بولىدۇ. | 3 |
Następnie weź sobie patelnię żelazną, postaw ją [jakby] mur żelazny pomiędzy sobą a miastem i odwróć swą twarz przeciwko niemu. Ono będzie oblężone, a ty będziesz je oblegał. To [będzie] znak dla domu Izraela.
ۋە سەن، سول يېنىڭغا يانپاشلاپ ياتقىن؛ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي؛ سولغا يانپاشلاپ قانچە كۈن ياتساڭ، سەن شۇنچە كۈن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. | 4 |
Potem połóż się na lewym boku i złóż na nim nieprawość domu Izraela. Ile dni będziesz na nim leżał, tak długo będziesz znosił ich nieprawość.
مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى ئۇلارنىڭ قەبىھلىك قىلغان يىللىرى بويىچە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. | 5 |
A ja wyznaczam ci lata ich nieprawości według liczby dni: trzysta dziewięćdziesiąt dni. Tak długo będziesz znosił nieprawość domu Izraela.
بۇ كۈنلەر تۈگىگەندىن كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ. | 6 |
A [gdy] je wypełnisz, położysz się na prawym boku i będziesz znosił nieprawość domu Judy przez czterdzieści dni. Wyznaczam ci jeden dzień za każdy rok.
ۋە سەن يۈزۈڭنى يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارىتىپ، يېڭىڭنى تۈرگەن ھالدا، ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىسەن؛ | 7 |
Tak więc obróć swoją twarz na oblężenie Jerozolimy, obnaż swoje ramię i prorokuj przeciwko niej.
ۋە مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن. | 8 |
A oto kładę na ciebie pęta, abyś nie mógł się obrócić z jednego boku na drugi, aż wypełnisz dni swego oblężenia.
ۋە سەن ئۆزۈڭگە بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، قىزىل ماش تېرىق ۋە قارا بۇغدايلارنى ئېلىپ بىر ئىدىش ئىچىگە سال؛ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلايسەن؛ سەن بۇنى يانپاشلاپ ياتقان كۈنلەردە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈندە يەيسەن؛ | 9 |
Weź sobie też pszenicę, jęczmień, bób, soczewicę, proso i orkisz, włóż to do jednego naczynia i przygotuj sobie z tego chleb, a będziesz go jadł przez tyle dni, ile będziesz leżeć na swym boku – przez trzysta dziewięćdziesiąt dni.
سەن يەيدىغان تاماق بولسا مىقدارى بويىچە ھەر كۈنى يىگىرمە شەكەلدىن بولۇشى كېرەك؛ سەن ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا يەيسەن؛ | 10 |
A waga twego pokarmu, który będziesz jadł, wyniesie dwadzieścia syklów na dzień. Będziesz go jadł w ustalonym czasie.
ۋە [ھەر كۈنى] سۇنىمۇ نورما بويىچە، يەنى ئالتىدىن بىر ھىن ئىچىسەن؛ [ھەر كۈندىكى] بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن. | 11 |
Także wodę będziesz pił w określonej ilości; szóstą [część] hinu będziesz pił w ustalonym czasie.
سەن ئۇنى ئارپا كۆمىچى شەكلىدە قىلىپ يەيسەن؛ سەن ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسان نىجاسىتى ئۈستىدە پىشۇرىسەن». | 12 |
[Chleb] będziesz jadł jak podpłomyki jęczmienne, upieczesz go na ich oczach na ludzkich odchodach.
پەرۋەردىگار: «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ» ــ دېدى. | 13 |
I PAN powiedział: Tak synowie Izraela będą jeść swój nieczysty chleb wśród pogan, do których ich wypędzę.
ئاندىن مەن: «ئى پەرۋەردىگار! مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم، ۋە ياشلىقىمدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزى ئۆلگەندىن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان نەرسىدىن ھېچ يېمىگەنمەن؛ ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان!» ــ دېدىم. | 14 |
I powiedziałem: Ach, Panie BOŻE! Oto moja dusza [nigdy] się nie splamiła: od mojego dzieciństwa aż do tej pory nie jadłem padliny ani tego, co [zwierzę] rozszarpało; żadne mięso obrzydłe nie weszło do moich ust.
ۋە ئۇ ماڭا: «مانا، مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم؛ سەن نېنىڭنى شۇنىڭ ئۈستىدە پىشۇرىسەن» ــ دېدى. | 15 |
Ale on powiedział do mnie: Oto daję ci odchody wołowe zamiast odchodów ludzkich, abyś sobie na nich upiekł chleb.
ۋە ئۇ ماڭا: «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئۇلار ناننى تارازىغا سېلىپ، ئۇنى تەشۋىش ئىچىدە يەيدۇ، سۇنى ئۆلچەم بىلەن ئالاقزىدىلىك ئىچىدە ئىچىدۇ؛ | 16 |
Potem powiedział do mnie: Synu człowieczy, oto ja zniszczę zapas chleba w Jerozolimie, tak że będą jedli chleb w odważonej ilości i w zmartwieniu i będą pić wodę w odmierzonej ilości i z przerażeniem;
چۈنكى نان ۋە سۇ ئۇلاردىن قالىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ دەھشەت باسىدۇ، ئۆز قەبىھلىكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ». | 17 |
Aby im brakowało chleba i wody, aby każdy z nich był przerażony i niszczał w swoich nieprawościach.