< ئەزاكىيال 4 >

ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بىر كېسەكنى ئېلىپ ئۆز ئالدىڭغا قويغىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر شەھەرنى ــ يەنى يېرۇسالېمنى ئويۇپ قويغىن. 1
「人子,你拿一塊磚,放在你面前,把一座耶路撒冷城刻劃在上面。
ئاندىن ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا پوتەيلەرنى قۇرۇپ، سېپىلغا چىقىدىغان بىر دۆڭلۈك ياساپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بارگاھلارنى تىكىپ ۋە سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەپ قويغىن. 2
安排圍城的事;製造攻城的雲梯,堆起攻城的高台,擺列攻城的陣營,四周架起破城機。
بىر تۆمۈر تاختىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئارىسىغا تىكلە؛ يۈزۈڭنى ئۇنىڭغا قارىتىپ تىكلە؛ ئۇ مۇھاسىرىگە ئېلىنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالىسەن؛ بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت بولىدۇ. 3
再拿一個鐵鏊,將它立在你和城的中間,當作鐵牆。然後朝著城板起面孔,使城好像被圍困,你好像在攻城:這樣給以色列家一個徵兆。」
ۋە سەن، سول يېنىڭغا يانپاشلاپ ياتقىن؛ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز ئۈستۈڭگە قوي؛ سولغا يانپاشلاپ قانچە كۈن ياتساڭ، سەن شۇنچە كۈن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. 4
你要向左側臥下! 我把以色列家的罪惡放在你身上。你臥多少日子,就多少日子承擔他們的罪惡。
مەن ساڭا يېتىش كېرەك بولغان كۈنلەرنى ئۇلارنىڭ قەبىھلىك قىلغان يىللىرى بويىچە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈن قىلىپ بېكىتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن. 5
我把他們犯罪的年數算為三百九十日,你要在這些日子內承擔以色列家的罪惡。
بۇ كۈنلەر تۈگىگەندىن كېيىن، سەن يەنە ئوڭ يانپاشلاپ يېتىپ، يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكىنى كۆتۈرىسەن؛ ساڭا قىرىق كۈننى بېكىتكەنمەن، ھەربىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ. 6
滿了那些日子,你要向右側臥下,為承擔猶大家的罪惡,共四十日;我給你規定一日算一年。
ۋە سەن يۈزۈڭنى يېرۇسالېمنىڭ مۇھاسىرىسىگە قارىتىپ، يېڭىڭنى تۈرگەن ھالدا، ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىسەن؛ 7
你要朝著被圍困的耶路撒冷板起面孔,露出臂膊,向她預言。
ۋە مانا، مەن ئۈستۈڭگە ئارغامچىلارنى سالىمەنكى، سەن مۇھاسىرىنىڭ كۈنلىرىنى تۈگەتمىگۈچە ئۇيان-بۇيانغا ھېچ ئۆرۈلمەيسەن. 8
看,我要用繩索捆縛你,叫你不能輾轉反側,直到你被困的日子期滿。」「
ۋە سەن ئۆزۈڭگە بۇغداي، ئارپا، پۇرچاق، قىزىل ماش تېرىق ۋە قارا بۇغدايلارنى ئېلىپ بىر ئىدىش ئىچىگە سال؛ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن تاماق تەييارلايسەن؛ سەن بۇنى يانپاشلاپ ياتقان كۈنلەردە، يەنى ئۈچ يۈز توقسان كۈندە يەيسەن؛ 9
你要拿小麥、大麥、豆子、扁豆、黍米和粗麥,裝在一個器皿裏,用來為你做一些餅,在你三百九十日側臥的日子內,就吃這些餅。
سەن يەيدىغان تاماق بولسا مىقدارى بويىچە ھەر كۈنى يىگىرمە شەكەلدىن بولۇشى كېرەك؛ سەن ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا يەيسەن؛ 10
每天要按分量吃,每日二十「協刻耳,」按時食用。
ۋە [ھەر كۈنى] سۇنىمۇ نورما بويىچە، يەنى ئالتىدىن بىر ھىن ئىچىسەن؛ [ھەر كۈندىكى] بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا ئىچىسەن. 11
喝水也要有分量,每日喝六分之一「歆」的水,按時而飲。
سەن ئۇنى ئارپا كۆمىچى شەكلىدە قىلىپ يەيسەن؛ سەن ئۇنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىنسان نىجاسىتى ئۈستىدە پىشۇرىسەن». 12
你吃那食物像吃烙的大麥餅,且用人糞在他們眼前烤。」
پەرۋەردىگار: «ئىسرائىللار مەن ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئەللەر ئارىسىدا تۇرۇپ شۇ ھارام يولدا ئۆز نېنىنى ھارام يەيدۇ» ــ دېدى. 13
上主說:「以色列子民也要這樣在我趕他們所到的異民中,吃不潔之物。」
ئاندىن مەن: «ئى پەرۋەردىگار! مەن ئۆزۈمنى ھېچقاچان بۇلغاپ قويمىدىم، ۋە ياشلىقىمدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۆزى ئۆلگەندىن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان نەرسىدىن ھېچ يېمىگەنمەن؛ ھېچقانداق يىرگىنچلىك گۆشكە ئاغزىم تېگىپ باقمىغان!» ــ دېدىم. 14
我答說:「哎呀! 吾主上主! 我從來沒有受過玷污;從幼年到現在,沒有吃過自然死的,或被撕裂的獸肉;不潔的祭肉從未進過我的口。」
ۋە ئۇ ماڭا: «مانا، مەن ساڭا ئىنساننىڭ نىجاسىتىنىڭ ئورنىغا كالىنىڭ تېزىكىنى بەردىم؛ سەن نېنىڭنى شۇنىڭ ئۈستىدە پىشۇرىسەن» ــ دېدى. 15
他向我說:「好罷! 我許你用牛糞代人糞烤你的餅。」
ۋە ئۇ ماڭا: «ئى ئىنسان ئوغلى، مانا مەن يېرۇسالېمدا ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان ناننى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئۇلار ناننى تارازىغا سېلىپ، ئۇنى تەشۋىش ئىچىدە يەيدۇ، سۇنى ئۆلچەم بىلەن ئالاقزىدىلىك ئىچىدە ئىچىدۇ؛ 16
他又向我說:「人子! 看,我要斷絕耶路撒冷的糧源,叫他們懷著焦慮吃配給的飯,懷著恐怖喝限制的水;
چۈنكى نان ۋە سۇ ئۇلاردىن قالىدۇ؛ ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ دەھشەت باسىدۇ، ئۆز قەبىھلىكىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ». 17
甚至缺少食糧和水,個個消瘦,因自己的罪惡而歸於消滅。」

< ئەزاكىيال 4 >