< ئەزاكىيال 39 >
«ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ | 1 |
Aa le mitokia amy Goge ry ana’ ondatio, le ano ty hoe: Inay ty nafè’ Iehovà Talè: Inao t’ie atreatreko ry Goge, roandrian-drovabei’ i Meseke naho i Tobale;
مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، يېتكىلەپ، سېنى شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن چىقىرىمەن، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە تاجاۋۇز قىلدۇرىمەن؛ | 2 |
hampitoliheko naho haronjeko mb’eo naho ho rambeseko boak’ an-kotsokotsoke fara’ i avaratsey vaho haseseko hiatreatre o vohi’ Israeleo;
مەن ئوقيايىڭنى سول قولۇڭدىن ئۇرۇپ تاشلىغۇزىۋېتىمەن، ئوقلىرىڭنى ئوڭ قولۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن؛ | 3 |
ho takapiheko boak’ am-pità’o havia ty fale’o, vaho hampipopoheko boak’ am-pità’o havana o ana-pale’ oo.
سەن ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىسەن؛ سەن ۋە سېنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىڭ، ساڭا ھەمراھ بولغان ئەللەر يىقىلىسىلەر؛ مەن سېنى بارلىق يىرتقۇچ ئۇچار-قاناتلارغا گۆش، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوۋ بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. | 4 |
Ie hitsingoro amo vohi’ Israeleo, ihe naho o lia-rai’o iabio naho i valobohòke mihipok’ ama’oy; hatoloko amy ze hene karaza-voroñe naho amy ze fonga mpitiliñe vaho amo bibin-kivokeo habotse’e.
سەن دالادا يىقىلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 5 |
Hitsingoritritse amy ze montoñe iaby irehe; amy te Izaho ty nivolañe, hoe t’Iehovà Talè.
مەن ماگوگ ئۈستىگە ۋە دېڭىز بويىدا ئامان-ئېسەن تۇرغانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. | 6 |
Hahitriko amy Magoge ty afo, naho amo mimoneñe amo tokonoseoo. vaho ho fohi’ iareo te Izaho Iehovà.
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى خەلقىم ئىسرائىل ئارىسىدا تونۇتىمەن؛ پاك-مۇقەددەس نامىمنىڭ قايتىدىن بۇلغىنىشقا قەتئىي يول قويمايمەن؛ ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا تۇرغان مۇقەددەس بولغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. | 7 |
Izay ty hampahafohineko añivo’ ondatiko Israeleo ty tahinako masiñe naho tsy ho tivàñe ka ty añarako masiñe vaho ho fohi’ o fifeheañeo te Izaho Iehovà ro Masiñe am’Israele ao.
مانا، ئۇ كېلىدۇ! بۇ ئىشلار چوقۇم بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بۇ دەل مەن ئېيتقان كۈنىدۇر. | 8 |
Hehe te tondroke, naho toe ho heneke, hoe t’Iehovà Talè, i andro nivolañakoy.
ئىسرائىل شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار چىقىپ قوراللارنى، جۈملىدىن سىپار-قالقانلار، ئوقيالار، توقماقلار ۋە نەيزىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئوت قالايدۇ ــ ئۇلار بۇلار بىلەن يەتتە يىل ئوت قالايدۇ. | 9 |
Hiakatse mb’eo o mpimoneñe amo rova’ Israeleo le ho viañe’ iereo afo hamorototo o fialiañeo, o fikalañan’ arañañeo, o fañaron-tsirao, o fale naho ana-paleo, o kobaiñe naho lefoñeo vaho harehe’ iareo añ’ afo hahamodo fito taoñe;
دالادىن ھېچ ئوتۇن ئېلىنمايدۇ، ئورمانلاردىن ھېچ ياغاچ كېسىلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار قوراللارنى ئوت قالاشقا ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئولجا تۇتقانلارنى ئولجا تۇتىدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 10 |
le tsy eo ty hitoha hatae an-kivok’ añe, ndra hamira hatae añ’ala ao; fa harehe’e añ’ afo ao o fialiañeo; naho ho kopaheñe o nikopak’ iareoo, vaho ho kamereñe o nikametse am’ iareoo, hoe t’Iehovà Talè.
ۋە شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىل زېمىنىدىن، يەنى دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ جىلغىسىدىن گوگقا بىر يەرلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇننى بېرىمەن؛ بۇ يەرلىك بولسا ئۆتكۈچىلەرنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە گوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىنى كۆمىدۇ؛ ئۇ «ھامون-گوگ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. | 11 |
Hifetsak’ amy andro zay te ho tolorako toetse e Israele ao ho kibori’ i Goge, i vavatanem-pitsàhañe atiñana’ i riakeiy; ze hanebam-pitsake; ao ty handeveña’ iareo i Goge naho i valobohò’ey; vaho ho tokaveñe ty hoe: Vavatanem-balobohò’ i Goge.
ئىسرائىل جەمەتى زېمىنىنى ھالال قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى يەتتە ئاي كۆمىدۇ؛ | 12 |
Fito volañe ty handeveña’ i anjomba’ Israeley iareo hañalio i taney.
زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۇلارنى يەرلىككە قويىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئۇلۇغلانغان مۇشۇ كۈنىدە بۇ ئىش ئۇلارغا شەرەپ بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 13 |
Eka hene handenteke iareo ze ondati’ i taney, le hahazoako engeñe vaho ho andro añonjonañe ahy hoe t’Iehovà Talè.
ئۇلار بىرنەچچە ئادەمنى زېمىننى داۋاملىق ئارىلاپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زېمىن يۈزىدە قالغان جەسەتلىرىنى كۆمۈشتەك ئالاھىدە ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ؛ ئۇلار شۇ يەتتە ئاي تۈگىگەندە، ئاندىن جەسەتلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى باشلايدۇ. | 14 |
Ho joboñe’ iereo ondaty mahafitoloñe, hiranga i taney mindre amo mpitsàkeo handenteke ze mbe midoñe ambone tane eo, hañalio aze; toe hitsoeke mifototse ami’ty volam-paha-fito iereo.
بۇ «زېمىندىن ئۆتكۈچىلەر» ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر بىرسى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنى كۆرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا بىر بەلگە تىكلەيدۇ؛ «ئىزدەپ كۆمگۈچىلەر» ئۇنى ھامون-گوگ جىلغىسىغا دەپنە قىلغۇچە بەلگە تۇرىدۇ | 15 |
Aa naho iranga’ t’indaty vaho ie mahaisake taola’ ondaty, le hañoreña’e vorovoro marine aze eo ampara’ te naleve’ o mpandentekeo am-bavatane’ i Valobohò’ i Gogey ao.
([جىلغىدا] «ھاموناھ» دەپ ئاتالغان بىر شەھەر بولىدۇ). ئۇلار شۇ يول بىلەن زېمىننى پاكلايدۇ». | 16 |
Le hatao Hamonà ka ty añara’ i rovay; izay ty hañaliova’ iareo i taney.
ــ «ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا مۇنداق دېگىن: «يىغىلىشىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمغا، يەنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە قىلىنغان چوڭ قۇربانلىققا ھەرياندىن جەم بولۇڭلار! سىلەر شۇ يەردە گۆش يەپ، قان ئىچىسىلەر. | 17 |
Aa ihe, ana’ondatio, hoe ty nafè’ Iehovà Talè: Misaontsia amy ze fonga karazam-boroñe naho amy ze hene bibin-kivoke: Mitontona, mb’etoa; songa hivory añ’ ila’ i fisoroñakoy, i hisoroñako ho anahareoy, fisoroñam-bey an-kaboa’ Israele ey, hihinana’ areo nofotse naho hinoma’ areo lio.
سىلەر باتۇرلارنىڭ گۆشىنى، يەر يۈزىدىكى شاھزادىلارنىڭ قېنىنى ــ قوچقارلارنىڭ، ئۆچكىلەرنىڭ، تورپاقلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشاندىكى بوردالغان ماللاردۇر! | 18 |
Habotse’ areo ty nofo’ o fanalolahio naho hinoñe ty lio’ o roandria’ ty tane toio; hoe t’ie añondrilahy naho ose-lahy vaho añombelahy songa vinondrake e Basane ao.
سىلەر مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمدىن، تويغۇچە ماي يەپ، تويغۇچە قان ئىچىسىلەر! | 19 |
Fonga hamotseke solike ampara’ te etsake, naho hinon-dio ampara’ te mamo amy soroñe nisoroñako ho anahareoy
سىلەر داستىخىنىمدا ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىسىدىكىلەر، باتۇرلار، بارلىق جەڭچى پالۋانلار بىلەن تويۇنىسىلەر» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 20 |
ie hampivontsiñeñe am-pandambañako eo amo soavalao naho amo sarete maozatseo vaho amo lahin-defoñe iabio, hoe t’Iehovà Talè.
ــ ۋە مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئەللەر ئارىسىغا كۆرسىتىمەن، بارلىق ئەللەر مېنىڭ يۈرگۈزگەن جازالىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويغان قولۇمنى كۆرىدۇ. | 21 |
Aa le hajadoko amo kilakila’ ndatio ty engeko, naho ho oni’ o kilakila’ ndatio i zaka nafetsakoy vaho ty tañako napetako am’ iareo.
ۋە شۇ كۈندىن تارتىپ ئىسرائىل جەمەتى مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. | 22 |
Le ho fohi’ i anjomba’ Israeley te Izaho Iehovà, Andrianañahare’ iareo henane zay vaho nainai’e.
ئەللەر ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مانا، مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يىقىلدى. | 23 |
Ho fohi’ o kilakila’ ndatio te nisese mb’ am-pandrohizañe añe ty anjomba’ Israele ty amo hakeo’eo amy t’ie niola amako, le naetako am’ iereo ty tareheko naho natoloko am-pità’ o rafelahi’ iareoo, vaho fonga nitsingorom-pibara.
ئۇلارنىڭ پاسكىنىچىلىقى ۋە ئاسىيلىقلىرى بويىچە مەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدىم، يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇردۇم». | 24 |
Mira ami’ty haleora’ iareo naho ami’ty fiolà’ iareo ty nanoeko am’ iareo, vaho nañetahako tarehe.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ھازىر ياقۇپنى سۈرگۈن بولغانلىقىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە رەھىم قىلىپ، ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن ئوتلۇق قىزغىنلىقىمنى كۆرسىتىمەن. | 25 |
Aa le hoe ty nafè’Iehovà Talè: Hampoliko henane zao ty fandrohiza’ Iakobe naho ho tretrezeko iaby ty anjomba’ Israele vaho ho farahieko ty añarako masiñe.
ئۆز زېمىنىدا ئامان-ئېسەن تۇرغىنىدا، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدىغان چاغ كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئەللەردىن قايتۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغقىنىمدا، ۋە كۆپ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، شۇ چاغدا ئۇلار خىجالىتىنى ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ قىلغان ئاسىيلىقىنىڭ بارلىق گۇناھىنى كۆتۈرىدۇ؛ | 26 |
Ie amy zay, ho haliño’ iereo ty fisalara’ iareo ty amo fiolàñe niolà’ iareo amakoo ie fa mierañerañe an-tane’ iareo ao, ie tsy eo ty mpañembañe,
naho hampoliko hirik’ amo kilakila’ ndatio iereo, naho hambineko boak’ an-tane’ o rafelahi’eo vaho ho toloreñ’ asin-draho am-pahaisaham-pifeheañe maro;
ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا سۈرگۈن قىلدۇرغانلىقىم تۈپەيلىدىن، ۋە ئاندىن ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى شۇ يەردە قالدۇرماي ئۆز زېمىنىغا يىغقانلىقىم تۈپەيلىدىن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ | 28 |
le ho fohi’ iereo te Izaho Iehovà Andrianañahare’ iareo, ty nanese iareo mb’am-pandrohizañe añe añivo’ o kilakila’ ndatio naho natontoko boak’ an-tane’ iareo añe naho leo raike tsy hapoko
ۋە مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن قايتا ھېچ يوشۇرمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە ئۆز روھىمنى قۇيغان بولىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 29 |
vaho tsy hañetahako tarehe ka fa hakofòko amy anjomba’ Israeley ty Tioko, hoe t’Iehovà Talè.