< ئەزاكىيال 38 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
καὶ ἐγένετο λόγος κυρίου πρός με λέγων
ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ماگوگ زېمىنىدىكى روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى گوگقا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ | 2 |
υἱὲ ἀνθρώπου στήρισον τὸ πρόσωπόν σου ἐπὶ Γωγ καὶ τὴν γῆν τοῦ Μαγωγ ἄρχοντα Ρως Μοσοχ καὶ Θοβελ καὶ προφήτευσον ἐπ’ αὐτὸν
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ | 3 |
καὶ εἰπὸν αὐτῷ τάδε λέγει κύριος κύριος ἰδοὺ ἐγὼ ἐπὶ σὲ Γωγ ἄρχοντα Ρως Μοσοχ καὶ Θοβελ
مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، ئېڭىكىڭگە ئىلمەكلەرنى سېلىپ، سەن ۋە پۈتۈن قوشۇنۇڭنى ــ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، ھەممىسى تولۇق قوراللانغان، سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرگەن، قىلىچ تۇتقان توپ-توپ كىشىلەرنى جەڭگە چىقىرىمەن؛ | 4 |
καὶ συνάξω σε καὶ πᾶσαν τὴν δύναμίν σου ἵππους καὶ ἱππεῖς ἐνδεδυμένους θώρακας πάντας συναγωγὴ πολλή πέλται καὶ περικεφαλαῖαι καὶ μάχαιραι
پارس، ئېفىئوپىيە ۋە پۇت، ھەممىسى قالقان-دۇبۇلغا بىلەن قوراللىنىدۇ | 5 |
Πέρσαι καὶ Αἰθίοπες καὶ Λίβυες πάντες περικεφαλαίαις καὶ πέλταις
ــ گومېر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن كەلگەن تورگاماھ جەمەتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، بۇ كۆپ ئەللەر ساڭا ھەمراھ بولۇپ بىللە بولىدۇ. | 6 |
Γομερ καὶ πάντες οἱ περὶ αὐτόν οἶκος τοῦ Θεργαμα ἀπ’ ἐσχάτου βορρᾶ καὶ πάντες οἱ περὶ αὐτόν καὶ ἔθνη πολλὰ μετὰ σοῦ
ئۆزۈڭنى تەييارلا؛ سەن ۋە ساڭا يىغىلغان بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىڭ تەييارلانغان پېتىدا بول؛ سەن ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىسەن. | 7 |
ἑτοιμάσθητι ἑτοίμασον σεαυτὸν σὺ καὶ πᾶσα ἡ συναγωγή σου οἱ συνηγμένοι μετὰ σοῦ καὶ ἔσῃ μοι εἰς προφυλακήν
كۆپ كۈنلەردىن كېيىن سەن [جەڭگە] چاقىرىلىسەن؛ سەن ئاخىرقى يىللاردا قىلىچتىن قۇتقۇزۇلغان، كۆپ ئەللەردىن يىغىلغان خەلقنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇزۇندىن بېرى ۋەيران قېلىنىپ كەلگەن ئىسرائىل تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن؛ ئۇنىڭ خەلقى ئەللەردىن يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامان-ئېسەن تۇرىۋېرىدۇ؛ | 8 |
ἀφ’ ἡμερῶν πλειόνων ἑτοιμασθήσεται καὶ ἐπ’ ἐσχάτου ἐτῶν ἐλεύσεται καὶ ἥξει εἰς τὴν γῆν τὴν ἀπεστραμμένην ἀπὸ μαχαίρας συνηγμένων ἀπὸ ἐθνῶν πολλῶν ἐπὶ γῆν Ισραηλ ἣ ἐγενήθη ἔρημος δῑ ὅλου καὶ οὗτος ἐξ ἐθνῶν ἐξελήλυθεν καὶ κατοικήσουσιν ἐπ’ εἰρήνης ἅπαντες
سەن، بارلىق توپ ئادەملىرىڭ ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر بىلەن بىللە ئالغا بېسىپ، بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن؛ سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك بولىسەن». | 9 |
καὶ ἀναβήσῃ ὡς ὑετὸς καὶ ἥξεις ὡς νεφέλη κατακαλύψαι γῆν καὶ ἔσῃ σὺ καὶ πάντες οἱ περὶ σὲ καὶ ἔθνη πολλὰ μετὰ σοῦ
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، كۆڭلۈڭگە باشقىچە خىياللار كىرىپ، سەن رەزىل ھىيلە-نەيرەڭنى ئويلاپ چىقىسەن؛ | 10 |
τάδε λέγει κύριος κύριος καὶ ἔσται ἐν τῇ ἡμέρᾳ ἐκείνῃ ἀναβήσεται ῥήματα ἐπὶ τὴν καρδίαν σου καὶ λογιῇ λογισμοὺς πονηροὺς
سەن: «مەن سېپىلسىز يېزا-كەنتلەر جايلاشقان زېمىنغا بېسىپ كىرىمەن؛ مەن ئامان-ئېسەن تۇرۇۋاتقان بىر خەلققە يېقىنلىشىمەن ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېپىلسىز، تاقاقسىز ۋە دەرۋازىسىز تۇرۇۋاتىدۇ»، دەيسەن، ــ | 11 |
καὶ ἐρεῖς ἀναβήσομαι ἐπὶ γῆν ἀπερριμμένην ἥξω ἐπὶ ἡσυχάζοντας ἐν ἡσυχίᾳ καὶ οἰκοῦντας ἐπ’ εἰρήνης πάντας κατοικοῦντας γῆν ἐν ᾗ οὐχ ὑπάρχει τεῖχος οὐδὲ μοχλοί καὶ θύραι οὐκ εἰσὶν αὐτοῖς
«شۇنىڭ بىلەن ئولجىلارنى ئېلىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىمەن؛ قولۇمنى ئەسلىدە ۋەيران بولۇپ ئەمدىلىكتە ماكانلىق بولغان جايلارغا، ئەللەردىن يىغىلغان، مال-دۇنياغا ئىگە بولغان، دۇنيانىڭ كىندىكىدە ياشاۋاتقان خەلققە قارشى قىلىمەن». | 12 |
προνομεῦσαι προνομὴν καὶ σκυλεῦσαι σκῦλα αὐτῶν τοῦ ἐπιστρέψαι χεῖρά σου εἰς τὴν ἠρημωμένην ἣ κατῳκίσθη καὶ ἐπ’ ἔθνος συνηγμένον ἀπὸ ἐθνῶν πολλῶν πεποιηκότας κτήσεις κατοικοῦντας ἐπὶ τὸν ὀμφαλὸν τῆς γῆς
شۇ تاپتا شېبا، دېدان، تارشىشتىكى سودىگەرلەر بارلىق ياش شىرلىرى بىلەن سەندىن: «سەن ئولجا ئېلىشقا كەلدىڭمۇ؟ سەن توپ-توپ ئادەملىرىڭنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېلىشقا ــ ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ كېتىشكە، مال-دۇنيانى ئېلىپ كېتىشكە، زور بىر ئولجىغا ئېرىشىۋېلىشقا يىغدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ. | 13 |
Σαβα καὶ Δαιδαν καὶ ἔμποροι Καρχηδόνιοι καὶ πᾶσαι αἱ κῶμαι αὐτῶν ἐροῦσίν σοι εἰς προνομὴν τοῦ προνομεῦσαι σὺ ἔρχῃ καὶ σκυλεῦσαι σκῦλα συνήγαγες συναγωγήν σου λαβεῖν ἀργύριον καὶ χρυσίον ἀπενέγκασθαι κτῆσιν τοῦ σκυλεῦσαι σκῦλα
شۇڭا بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگقا شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىل ئامان-ئېسەن بولىدىغان كۈنىنى، سەن بىلىپ يەتمەمسەن؟ | 14 |
διὰ τοῦτο προφήτευσον υἱὲ ἀνθρώπου καὶ εἰπὸν τῷ Γωγ τάδε λέγει κύριος οὐκ ἐν τῇ ἡμέρᾳ ἐκείνῃ ἐν τῷ κατοικισθῆναι τὸν λαόν μου Ισραηλ ἐπ’ εἰρήνης ἐγερθήσῃ
سەن ئۆز جايىڭدىن، يەنى شىمالنىڭ ئەڭ چەت جايىدىن چىقىسەن، سەن ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر، ھەممىسى ئاتلىق بولۇپ، توپ-توپ ئادەملەر، چوڭ قوشۇن بولىسەن. | 15 |
καὶ ἥξεις ἐκ τοῦ τόπου σου ἀπ’ ἐσχάτου βορρᾶ καὶ ἔθνη πολλὰ μετὰ σοῦ ἀναβάται ἵππων πάντες συναγωγὴ μεγάλη καὶ δύναμις πολλή
سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك خەلقىم ئىسرائىلغا قارشى چىقىسەن ــ بۇ ئاخىرقى زامانلاردا بولىدۇ ــ مەن سېنى ئۆز زېمىنىمغا قارشىلىشىشقا چىقىرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئارقىلىق، ئى گوگ، ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ». | 16 |
καὶ ἀναβήσῃ ἐπὶ τὸν λαόν μου Ισραηλ ὡς νεφέλη καλύψαι γῆν ἐπ’ ἐσχάτων τῶν ἡμερῶν ἔσται καὶ ἀνάξω σε ἐπὶ τὴν γῆν μου ἵνα γνῶσιν πάντα τὰ ἔθνη ἐμὲ ἐν τῷ ἁγιασθῆναί με ἐν σοὶ ἐνώπιον αὐτῶν
ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مەن قەدىمكى زامانلاردا قۇللىرىم بولغان ئىسرائىلدىكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بېشارەت قىلغان بىرسى سەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار شۇ كۈنلەردە، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بېرى، مېنىڭ سېنى خەلقىمگە قارشىلىشىشقا چىقىرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟ | 17 |
τάδε λέγει κύριος κύριος τῷ Γωγ σὺ εἶ περὶ οὗ ἐλάλησα πρὸ ἡμερῶν τῶν ἔμπροσθεν διὰ χειρὸς τῶν δούλων μου προφητῶν τοῦ Ισραηλ ἐν ταῖς ἡμέραις ἐκείναις καὶ ἔτεσιν τοῦ ἀγαγεῖν σε ἐπ’ αὐτούς
ۋە شۇ كۈنى، يەنى گوگ ئىسرائىل زېمىنىغا قارشى چىققان كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ غەزىپىم بىلەن مېنىڭ قەھرىم ئۆرلەپ چىقىدۇ. | 18 |
καὶ ἔσται ἐν τῇ ἡμέρᾳ ἐκείνῃ ἐν ἡμέρᾳ ᾗ ἂν ἔλθῃ Γωγ ἐπὶ τὴν γῆν τοῦ Ισραηλ λέγει κύριος κύριος ἀναβήσεται ὁ θυμός μου
مېنىڭ [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن، غەزەپ بىلەن شۇنداق سۆز قىلغانمەنكى، ئىسرائىل زېمىنىدا زور يەر تەۋرەش بولىدۇ؛ | 19 |
καὶ ὁ ζῆλός μου ἐν πυρὶ τῆς ὀργῆς μου ἐλάλησα εἰ μὴν ἐν τῇ ἡμέρᾳ ἐκείνῃ ἔσται σεισμὸς μέγας ἐπὶ γῆς Ισραηλ
شۇنىڭ بىلەن دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى ھايۋانلار، يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە يەر يۈزىدە تۇرغان بارلىق ئىنسانلار مېنىڭ يۈزۈم ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ تاغلار ئۆرۈلۈپ، تىك يارلار غۇلاپ كېتىدۇ، بارلىق تاملار يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. | 20 |
καὶ σεισθήσονται ἀπὸ προσώπου κυρίου οἱ ἰχθύες τῆς θαλάσσης καὶ τὰ πετεινὰ τοῦ οὐρανοῦ καὶ τὰ θηρία τοῦ πεδίου καὶ πάντα τὰ ἑρπετὰ τὰ ἕρποντα ἐπὶ τῆς γῆς καὶ πάντες οἱ ἄνθρωποι οἱ ἐπὶ προσώπου τῆς γῆς καὶ ῥαγήσεται τὰ ὄρη καὶ πεσοῦνται αἱ φάραγγες καὶ πᾶν τεῖχος ἐπὶ τὴν γῆν πεσεῖται
مەن بارلىق تاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا بىر قىلىچ چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرسىنىڭ قىلىچى ئۆز قېرىندىشىگە قارشى چىقىدۇ. | 21 |
καὶ καλέσω ἐπ’ αὐτὸν πᾶν φόβον λέγει κύριος μάχαιρα ἀνθρώπου ἐπὶ τὸν ἀδελφὸν αὐτοῦ ἔσται
مەن ۋابا كېسىلى ۋە قان تۆكۈش بىلەن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاشقا كىرىشىمەن؛ مەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىگە، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر ئۈستىگە دەھشەتلىك يامغۇر، زور مۆلدۈر تاشلىرى، ئوت ۋە گۈنگۈرت ياغدۇرىمەن؛ | 22 |
καὶ κρινῶ αὐτὸν θανάτῳ καὶ αἵματι καὶ ὑετῷ κατακλύζοντι καὶ λίθοις χαλάζης καὶ πῦρ καὶ θεῖον βρέξω ἐπ’ αὐτὸν καὶ ἐπὶ πάντας τοὺς μετ’ αὐτοῦ καὶ ἐπ’ ἔθνη πολλὰ μετ’ αὐτοῦ
مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزۈمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ ۋە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». | 23 |
καὶ μεγαλυνθήσομαι καὶ ἁγιασθήσομαι καὶ ἐνδοξασθήσομαι καὶ γνωσθήσομαι ἐναντίον ἐθνῶν πολλῶν καὶ γνώσονται ὅτι ἐγώ εἰμι κύριος