پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى. | 1 |
دست خداوند بر من قرار گرفت و مرا در روح خداوند به درهای که پر از استخوانهای خشک بود، برد. |
ئۇ مېنى سۆڭەكلەر ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتكۈزدى؛ مانا، بۇ ئوچۇق جىلغىدا [سۆڭەكلەر] ئىنتايىن نۇرغۇن ئىدى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئىنتايىن قۇرۇپ كەتكەنىدى. | 2 |
او مرا به هر سو در میان استخوانها که روی زمین پخش شده بودند گردانید. |
ئۇ مەندىن: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر قايتىدىن ياشنامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، ــ دېدىم. | 3 |
سپس به من گفت: «ای پسر انسان، آیا این استخوانها میتوانند دوباره جان بگیرند و انسانهای زندهای شوند؟» گفتم: «ای خداوند یهوه، تو میدانی.» |
ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىگە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «ئى قۇرۇق سۆڭەكلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! | 4 |
آنگاه به من فرمود که بر این استخوانها نوبت کرده، بگویم: «ای استخوانهای خشک به کلام خداوند گوش دهید! |
رەب پەرۋەردىگار بۇ سۆڭەكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر. | 5 |
خداوند یهوه میگوید: من به شما جان میبخشم تا دوباره زنده شوید. |
مەن ئۈستۈڭلەرگە پەي-سىڭىرلەرنى سالىمەن، سىلەرنى تېرە بىلەن ياپىمەن، سىلەرگە روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر». | 6 |
گوشت و پی به شما میدهم و با پوست، شما را میپوشانم. در شما روح میدمم تا زنده شوید. آنگاه خواهید دانست که من یهوه هستم.» |
شۇڭا مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە بېشارەت بەردىم؛ مەن بېشارەت بېرىشىمگە، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى، مانا جالاق-جۇلاق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، سۆڭەكلەر جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىگە قوشۇلدى. | 7 |
آنچه را که خداوند فرموده بود به استخوانها گفتم. ناگهان سروصدایی برخاست و استخوانهای هر بدن به یکدیگر پیوستند! |
مەن كۆردۇم، مانا، پەي-سىڭىرلەر ۋە ئەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى قاپلىدى؛ بىراق ئۇلاردا ھېچ روھ-نەپەس بولمىدى. | 8 |
سپس در حالی که نگاه میکردم، دیدم گوشت و پی بر روی استخوانها ظاهر شد و پوست، آنها را پوشانید. اما بدنها هنوز جان نداشتند. |
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس، ۋە مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تىرىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈۋلەڭلەر» ــ دېدى. | 9 |
خداوند یهوه به من فرمود: «ای پسر انسان به روح بگو از چهار گوشهٔ دنیا بیاید و به بدنهای این کشتهشدگان بدمد تا دوباره زنده شوند.» |
شۇڭا مەن بۇيرۇلغاندەك بېشارەت بېرىۋىدىم، روھ-نەپەس ئۇلارغا كىردى-دە، ئۇلار ھايات بولۇپ تىك تۇردى ــ بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. | 10 |
پس همانطور که خداوند به من امر فرموده بود گفتم و روح داخل بدنها شد و آنها زنده شده، ایستادند و لشکری بزرگ تشکیل دادند. |
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جەمەتىدۇر. مانا، ئۇلار: «بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى؛ بىز تۈگەشتۇق!» ــ دەيدۇ. | 11 |
سپس خداوند معنی این رؤیا را به من فرمود: «این استخوانها قوم اسرائیل هستند؛ آنها میگویند:”ما به صورت استخوانهای خشک شده در آمدهایم و همهٔ امیدهایمان بر باد رفته است.“ |
شۇڭا بېشارەت بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن گۆرۈڭلەرنى ئېچىپ، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقىرىمەن، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئېلىپ كىرىمەن؛ | 12 |
ولی تو به ایشان بگو که خداوند یهوه میفرماید: ای قوم من اسرائیل، من قبرهای اسارت شما را که در آنها دفن شدهاید میگشایم و دوباره شما را زنده میکنم و به سرزمین اسرائیل باز میگردانم. |
مەن گۆرۈڭلەرنى ئاچقىنىمدا، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقارغىنىمدا، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. | 13 |
سرانجام، ای قوم من، خواهید دانست که من یهوه هستم. |
ۋە مەن ئۆز روھىمنى سىلەرگە كىرگۈزىمەن، سىلەر ھايات بولىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزىمەن؛ سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنى شۇنداق سۆزنى قىلىپ، شۇنى ئادا قىلدى، دەپ بىلىپ يېتىسىلەر». | 14 |
روح خود را در شما قرار میدهم و شما بار دیگر احیا شده، به وطن خودتان باز میگردید. آنگاه خواهید دانست من که یهوه هستم به قولی که دادهام عمل میکنم.» |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 15 |
این پیغام نیز از طرف خداوند بر من نازل شد: |
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ يەنە بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەفرائىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ | 16 |
«یک عصا بگیر و روی آن این کلمات را بنویس:”برای یهودا و اسرائیلیانِ متحد با او“. بعد یک عصای دیگر بگیر و این کلمات را روی آن بنویس:”برای یوسف (یعنی افرایم) و تمامی خاندان اسرائیل که با او متحدند“. |
ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ قوي؛ ئۇلار قولۇڭدا بىر بولسۇن. | 17 |
هر دو آنها را به هم بچسبان تا مثل یک عصا در دستت باشند. |
خەلقىمدىكىلەر سەندىن: «بۇ ئىشلار بىلەن نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى بىزگە دەپ بەرمەمسەن؟» دەپ سورىسا، | 18 |
وقتی قومت بپرسند که منظورت از اینها چیست، |
ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئەفرائىمنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ قولى تۇتقان يۈسۈپنىڭ تايىقىنى ئېلىپ، ئۇنى يەھۇدانىڭ تايىقىغا قوشۇپ ئۇلاپ، ئۇلارنى بىرلا تاياق قىلىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ قولۇمدا بىر تاياق بولىدۇ. | 19 |
به آنها بگو:”خداوند یهوه چنین میفرماید: من افرایم و قبایل اسرائیل را به یهودا ملحق میسازم و آنها مثل یک عصا در دستم خواهند بود.“ |
سەن يازغان تاياقلارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قولۇڭدا تۇتۇپ ئۇلارغا شۇنداق دېگىن: ــ | 20 |
پس در حالی که آن عصاها را که روی آنها نوشتی، دراز میکنی تا مردم ببینند |
«رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىسرائىل بالىلىرىنى بارغان ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھەرياندىن يىغىپ ئۆز زېمىنىغا ئېپكېلىمەن. | 21 |
به ایشان بگو که خداوند یهوه میفرماید: قوم اسرائیل را از میان قومها جمع میکنم و از سراسر دنیا ایشان را به وطن خودشان باز میگردانم |
مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر ئەل قىلىمەن؛ بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلار قايتىدىن ئىككى ئەل بولمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئىككى پادىشاھلىققا ھېچ بۆلۈنمەيدۇ. | 22 |
تا به صورت یک قوم واحد درآیند. یک پادشاه بر همهٔ ایشان سلطنت خواهد کرد. دیگر به دو قوم تقسیم نخواهند شد، |
ئۇلار ئۆزلىرىنى قايتىدىن ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى، لەنەتلىك ئىشلىرى ياكى ئاسىيلىقلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى بىلەن ھېچ بۇلغىمايدۇ؛ مەن ئۇلارنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى پاكلاندۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. | 23 |
و دیگر با بتپرستی و سایر گناهان، خودشان را آلوده نخواهند ساخت. من ایشان را از همهٔ گناهانشان پاک میسازم و نجات میدهم. آنگاه قوم واقعی من خواهند شد و من خدای ایشان خواهم بود. |
ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. | 24 |
خدمتگزار من داوود، پادشاه ایشان خواهد شد و آنها یک رهبر خواهند داشت و تمام دستورها و قوانین مرا اطاعت نموده، خواستههایم را بجا خواهند آورد. |
ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ. | 25 |
آنها در سرزمینی که پدرانشان زندگی کردند، ساکن میشوند، یعنی همان سرزمینی که به خدمتگزارم یعقوب دادم. خود و فرزندان و نوههایشان، نسل اندر نسل، در آنجا ساکن خواهند شد. خدمتگزارم داوود تا به ابد پادشاه آنان خواهد بود. |
مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنى جايىدا ماكانلاشتۇرۇپ ئاۋۇتىمەن؛ ۋە مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۇلار ئارىسىغا مەڭگۈگە تىكلەيمەن. | 26 |
من با ایشان عهد میبندم که تا به ابد ایشان را در امنیت نگه دارم. من آنها را در سرزمینشان مستقر کرده، جمعیتشان را زیاد خواهم نمود و خانهٔ مقدّس خود را تا به ابد در میان ایشان قرار خواهم داد. |
مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. | 27 |
خانهٔ من در میان ایشان خواهد بود و من خدای ایشان خواهم بود و آنها قوم من. |
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس جايىم ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تىكلەنگەندە، ئەمدى ئەللەر ئۆزۈم پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». | 28 |
وقتی خانهٔ مقدّس من تا ابد در میان ایشان برقرار بماند، آنگاه سایر قومها خواهند دانست من که یهوه هستم قوم اسرائیل را برای خود انتخاب کردهام.» |