< ئەزاكىيال 35 >

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 1
主の言葉がわたしに臨んだ、
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى سېئىر تېغىغا قارىتىپ، بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ 2
「人の子よ、あなたの顔をセイル山に向け、これに対して預言し、
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، ئى سېئىر تېغى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ مەن قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنى بىر ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىمەن. 3
これに言え。主なる神はこう言われる、セイル山よ、見よ、わたしはあなたを敵とし、わたしの手をあなたに向かって伸べ、あなたを全く荒し、
مەن شەھەرلىرىڭنى خارابە قىلىۋېتىمەن، ۋە سەن ۋەيرانە بولىسەن؛ ئاندىن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. 4
あなたの町々を滅ぼす。あなたは荒れはてる。そしてわたしが主であることを悟る。
چۈنكى سەن مەڭگۈگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كەلگەنسەن، ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، ئۇلارنى قىلىچ كۈچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، 5
あなたは限りない敵意をいだいて、イスラエルの人々をその災の時、終りの刑罰の時に、つるぎの手に渡した。
شۇڭا مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن ساڭا قان تۆكۈلۈشنى بېكىتتىم؛ قان سېنى قوغلايدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئەمدى قان سېنى قوغلاپ يۈرىدۇ. 6
それゆえ、主なる神は言われる、わたしは生きている。わたしはあなたを血にわたす。血はあなたを追いかける。あなたには血のとががあるゆえ、血はあなたを追いかける
مەن سېئىر تېغىنى ۋەيرانە ۋە چۆل-باياۋان قىلىپ، ئۇنىڭدىن بېسىپ ئۆتكۈچى ھەم ئۇنىڭغا قايتقۇچىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. 7
わたしはセイル山を全く荒し、そこに行き来する者を断ち、
مەن ئۇنىڭ تاغلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىرى بىلەن تولدۇرىمەن؛ سېنىڭ ئېگىزلىكلىرىڭدە، سېنىڭ جىلغىلىرىڭدا، سېنىڭ بارلىق جىرالىرىڭدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ. 8
その山々を殺された者で満たす。つるぎで殺された者が、あなたのもろもろの丘、もろもろの谷、もろもろのくぼ地に倒れる。
مەن سېنى مەڭگۈگە ۋەيرانە قىلىمەن؛ سېنىڭ شەھەرلىرىڭ ئادەمزاتسىز بولىدۇ؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 9
わたしはあなたを、永遠の荒れ地とし、あなたの町々には住む者がなくなる。そしてあなたがたは、わたしが主であることを悟る。
ــ چۈنكى سەن: «بۇ ئىككى ئەل، ئىككى مەملىكەت مېنىڭكى بولىدۇ، بىز ئۇلارغا ئىگە بولىمىز» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن ــ گەرچە مەن پەرۋەردىگار شۇ يەردە بولغان بولساممۇ ــ، 10
あなたは言う、『これら二つの国民、二つの国はわたしのもの、われわれはこれを獲よう』と。しかし主はそこにおられる。
ئەمدى مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سېنىڭ نەپرىتىڭدىن چىققان ئاچچىقىڭ بويىچە ۋە ھەسىتىڭ بويىچە ساڭا مۇئامىلە قىلىمەن؛ مەن ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىشىم بىلەن، مەن ئۇلار ئارىسىدا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن. 11
それゆえ、主なる神は言われる、わたしは生きている。あなたが彼らを憎んで、彼らに示した怒りと、ねたみにしたがって、わたしはあなたを扱う。わたしがあなたをさばく時、わたし自身をあなたに示す。
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىسرائىل تاغلىرىغا قاراپ: «ئۇلار ۋەيران بولدى، ئۇلار بىزگە يەم بولۇشقا تەقدىم قىلىندى» دېگەن بارلىق ھاقارەتلىرىڭنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاڭلىغىنىمنى سەنلەر تونۇپ يېتىسىلەر. 12
あなたがイスラエルの山々に向かって、『これは荒れはてて、われわれの食となる』と言ったもろもろのそしりを、主なるわたしが聞いたことをあなたは悟る。
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭلاردا سىلەر ماڭا قارشى چىقىپ ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىپ، ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغان سۆزۈڭلەرنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ مەن ئۇلارنى ئاڭلىدىم. 13
あなたがたは、わたしに対して口をもって誇り、またわたしに対して、あなたがたの言葉を多くした。わたしはそれを聞いた。
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ پۈتكۈل يەر يۈزى شادلىنىپ كەتكىنىدە، مەن سېنى ۋەيرانە قىلىمەن. 14
主なる神はこう言われる、全地の喜びのために、わたしはあなたを荒れ地とする。
ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مىراسى ۋەيران قىلىنغاندا بۇنىڭدىن سەن شادلانغىنىڭدەك، مەنمۇ ساڭا شۇنداق قىلىمەن؛ سەنمۇ، ئى سېئىر تېغى ۋە بارلىق ئېدوم ــ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ۋەيرانە بولىدۇ؛ ۋە [ئېدومىيلار] مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 15
あなたが、イスラエルの家の嗣業の荒れるのを喜んだように、わたしはあなたに、そのようにする。セイル山よ、あなたは荒れ地となる。エドムもすべてそのようになる。そのとき彼らは、わたしが主であることを悟るようになる。

< ئەزاكىيال 35 >