ئون بىرىنچى يىلى، ئۈچىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
וַיְהִי בְּאַחַת עֶשְׂרֵה שָׁנָה בַּשְּׁלִישִׁי בְּאֶחָד לַחֹדֶשׁ הָיָה דְבַר־יְהֹוָה אֵלַי לֵאמֹֽר׃ |
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟ | 2 |
בֶּן־אָדָם אֱמֹר אֶל־פַּרְעֹה מֶלֶךְ־מִצְרַיִם וְאֶל־הֲמוֹנוֹ אֶל־מִי דָּמִיתָ בְגׇדְלֶֽךָ׃ |
مانا، ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇچى بۇلۇتلارغا تاقاشقانىدى؛ | 3 |
הִנֵּה אַשּׁוּר אֶרֶז בַּלְּבָנוֹן יְפֵה עָנָף וְחֹרֶשׁ מֵצַל וּגְבַהּ קוֹמָה וּבֵין עֲבֹתִים הָיְתָה צַמַּרְתּֽוֹ׃ |
سۇلار ئۇنى يوغان قىلىپ، چوڭقۇر بۇلاقلار ئۇنى ئېگىز قىلىپ ئۆستۈرگەندى؛ ئېرىقلىرى ئۇنىڭ تۈۋىدىن، ئەتراپىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇلار ئۆز ئۆستەڭلىرىنى دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگىچە ئەۋەتكەنىدى. | 4 |
מַיִם גִּדְּלוּהוּ תְּהוֹם רֹמְמָתְהוּ אֶת־נַהֲרֹתֶיהָ הֹלֵךְ סְבִיבוֹת מַטָּעָהּ וְאֶת־תְּעָלֹתֶיהָ שִׁלְחָה אֶל כׇּל־עֲצֵי הַשָּׂדֶֽה׃ |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىخلانغان ۋاقىتتا، مول سۇلار بىلەن ئېگىزلىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز بولغان، ئۇنىڭ شاخلىرى كۆپەيگەن ۋە شاخچىلىرى ئۇزۇن بولغان؛ | 5 |
עַל־כֵּן גָּבְהָא קֹמָתוֹ מִכֹּל עֲצֵי הַשָּׂדֶה וַתִּרְבֶּינָה סַֽרְעַפֹּתָיו וַתֶּאֱרַכְנָה פֹארֹתָו מִמַּיִם רַבִּים בְּשַׁלְּחֽוֹ׃ |
ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلىغان، شاخچىلىرى ئاستىدا دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بالىلىغان؛ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا بارلىق ئۇلۇغ ئەللەر ياشىغان. | 6 |
בִּסְעַפֹּתָיו קִֽנְנוּ כׇּל־עוֹף הַשָּׁמַיִם וְתַחַת פֹּֽארֹתָיו יָֽלְדוּ כֹּל חַיַּת הַשָּׂדֶה וּבְצִלּוֹ יֵֽשְׁבוּ כֹּל גּוֹיִם רַבִּֽים׃ |
شۇنداق بولۇپ ئۇنىڭ شاخلىرى كېڭىيىپ، ئۇ بۈيۈكلۈكىدە گۈزەللەشكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزلىرى مول سۇلارغا يەتكەن. | 7 |
וַיְּיִף בְּגׇדְלוֹ בְּאֹרֶךְ דָּלִיּוֹתָיו כִּֽי־הָיָה שׇׁרְשׁוֹ אֶל־מַיִם רַבִּֽים׃ |
خۇدانىڭ باغچىسىدىكى كېدىر دەرەخلەرمۇ ئۇنى توسالمايتتى؛ قارىغايلار ئۇنىڭ شاخلىرىدەك، چىنار دەرەخلىرى ئۇنىڭ شاخچىلىرىدەكمۇ كەلمەيتتى؛ خۇدانىڭ باغچىسىدىكى ھېچقانداق دەرەخ گۈزەللىكتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. | 8 |
אֲרָזִים לֹֽא־עֲמָמֻהוּ בְּגַן־אֱלֹהִים בְּרוֹשִׁים לֹא דָמוּ אֶל־סְעַפֹּתָיו וְעַרְמֹנִים לֹא־הָיוּ כְּפֹרֹאתָיו כׇּל־עֵץ בְּגַן־אֱלֹהִים לֹא־דָמָה אֵלָיו בְּיׇפְיֽוֹ׃ |
مەن ئۇنى شاخلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن گۈزەل قىلغانمەن؛ خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغان بارلىق دەرەخلەر، يەنى ئېرەمدىكى دەرەخلەر ئۇنىڭدىن ھەسەت قىلغانىدى. | 9 |
יָפֶה עֲשִׂיתִיו בְּרֹב דָּלִיּוֹתָיו וַיְקַנְאֻהוּ כׇּל־עֲצֵי־עֵדֶן אֲשֶׁר בְּגַן הָאֱלֹהִֽים׃ |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، | 10 |
לָכֵן כֹּה אָמַר אֲדֹנָי יֱהֹוִה יַעַן אֲשֶׁר גָּבַהְתָּ בְּקוֹמָה וַיִּתֵּן צַמַּרְתּוֹ אֶל־בֵּין עֲבוֹתִים וְרָם לְבָבוֹ בְּגׇבְהֽוֹ׃ |
ئەمدى مەن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇستەبىتنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ مەن ئۇنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھەيدەپ چەتكە قاققانىدىم. | 11 |
וְאֶתְּנֵהוּ בְּיַד אֵיל גּוֹיִם עָשׂוֹ יַֽעֲשֶׂה לוֹ כְּרִשְׁעוֹ גֵּרַשְׁתִּֽהוּ׃ |
يات ئادەملەر، يەنى ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىلەر ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. شاخلىرى تاغلار ۋە بارلىق جىلغالارغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ شاخچىلىرى زېمىندىكى بارلىق جىرالارغا سۇندۇرۇلۇپ ياتىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭدىن نېرى كەتتى. | 12 |
וַיִּכְרְתֻהוּ זָרִים עָרִיצֵי גוֹיִם וַֽיִּטְּשֻׁהוּ אֶל־הֶהָרִים וּבְכׇל־גֵּאָיוֹת נָפְלוּ דָלִיּוֹתָיו וַתִּשָּׁבַרְנָה פֹֽרֹאתָיו בְּכֹל אֲפִיקֵי הָאָרֶץ וַיֵּרְדוּ מִצִּלּוֹ כׇּל־עַמֵּי הָאָרֶץ וַֽיִּטְּשֻֽׁהוּ׃ |
ئۇنىڭ يىقىلغان غولى ئۈستىگە ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار قونۇپ ياشايدۇ؛ دالادىكى بارلىق جانىۋارلار شاخلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ. | 13 |
עַל־מַפַּלְתּוֹ יִשְׁכְּנוּ כׇּל־עוֹף הַשָּׁמָיִם וְאֶל־פֹּרֹאתָיו הָיוּ כֹּל חַיַּת הַשָּׂדֶֽה׃ |
بۇنىڭ مەقسىتى، سۇلاردىن سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرمىسۇن، ياكى ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرمىسۇن، ياخشى سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۇنداق ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمىسۇن ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە بېكىتىلگەن ــ يەرنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ، ئۆلىدىغان ئادەم بالىلىرىنىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلارنىڭ قاتارىدىدۇر. | 14 |
לְמַעַן אֲשֶׁר לֹא־יִגְבְּהוּ בְקוֹמָתָם כׇּל־עֲצֵי־מַיִם וְלֹֽא־יִתְּנוּ אֶת־צַמַּרְתָּם אֶל־בֵּין עֲבֹתִים וְלֹֽא־יַעַמְדוּ אֵלֵיהֶם בְּגׇבְהָם כׇּל־שֹׁתֵי מָיִם כִּֽי־כֻלָּם נִתְּנוּ לַמָּוֶת אֶל־אֶרֶץ תַּחְתִּית בְּתוֹךְ בְּנֵי אָדָם אֶל־יוֹרְדֵי בֽוֹר׃ |
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ تەھتىساراغا چۈشكەن كۈنىدە، مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن بىر ماتەم تۇتقۇزغانمەن؛ چوڭقۇر سۇلارنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇلاق-ئېرىقلىرىنى توسۇۋەتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۇلىرى تىزگىنلەنگەن. مەن لىۋاننى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق كىيگۈزدۈم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى. (Sheol h7585) | 15 |
כֹּֽה־אָמַר אֲדֹנָי יֱהֹוִה בְּיוֹם רִדְתּוֹ שְׁאוֹלָה הֶאֱבַלְתִּי כִּסֵּתִי עָלָיו אֶת־תְּהוֹם וָֽאֶמְנַע נַהֲרוֹתֶיהָ וַיִּכָּלְאוּ מַיִם רַבִּים וָאַקְדִּר עָלָיו לְבָנוֹן וְכׇל־עֲצֵי הַשָּׂדֶה עָלָיו עֻלְפֶּֽה׃ (Sheol h7585) |
مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە، ئۇنىڭ يىقىلغان چاغدىكى ساداسى بىلەن ئەللەرنى تەۋرىتىۋەتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغچىسىدىكى بارلىق دەرەخلەر، لىۋاندىكى سەرخىل ۋە ئەڭ ئېسىل دەرەخلەر، ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان. (Sheol h7585) | 16 |
מִקּוֹל מַפַּלְתּוֹ הִרְעַשְׁתִּי גוֹיִם בְּהוֹרִדִי אֹתוֹ שְׁאוֹלָה אֶת־יוֹרְדֵי בוֹר וַיִּנָּחֲמוּ בְּאֶרֶץ תַּחְתִּית כׇּל־עֲצֵי־עֵדֶן מִבְחַר וְטוֹב־לְבָנוֹן כׇּל־שֹׁתֵי מָֽיִם׃ (Sheol h7585) |
ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ۋە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن. (Sheol h7585) | 17 |
גַּם־הֵם אִתּוֹ יָרְדוּ שְׁאוֹלָה אֶל־חַלְלֵי־חָרֶב וּזְרֹעוֹ יָשְׁבוּ בְצִלּוֹ בְּתוֹךְ גּוֹיִֽם׃ (Sheol h7585) |
قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن [مىسىرغا] تەڭ كېلەلەيتتى؟ بىراق سەنمۇ ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەر بىلەن تەڭ يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلىسەن؛ سەن خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە ياتىسەن؛ مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 18 |
אֶל־מִי דָמִיתָ כָּכָה בְּכָבוֹד וּבְגֹדֶל בַּעֲצֵי־עֵדֶן וְהוּרַדְתָּ אֶת־עֲצֵי־עֵדֶן אֶל־אֶרֶץ תַּחְתִּית בְּתוֹךְ עֲרֵלִים תִּשְׁכַּב אֶת־חַלְלֵי־חֶרֶב הוּא פַרְעֹה וְכׇל־הֲמוֹנֹה נְאֻם אֲדֹנָי יֱהֹוִֽה׃ |