< ئەزاكىيال 31 >
ئون بىرىنچى يىلى، ئۈچىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
I det ellevte Aar paa den første Dag i den tredje Maaned kom HERRENS Ord til mig saaledes:
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟ | 2 |
Menneskesøn, sig til Farao, Ægyptens Konge, og til hans larmende Hob: Ved hvem kan du lignes i Storhed?
مانا، ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇچى بۇلۇتلارغا تاقاشقانىدى؛ | 3 |
Se, du er en Libanonceder med smukke Grene og skyggefuld Krone, høj af Vækst, hvis Top rager op i Skyerne;
سۇلار ئۇنى يوغان قىلىپ، چوڭقۇر بۇلاقلار ئۇنى ئېگىز قىلىپ ئۆستۈرگەندى؛ ئېرىقلىرى ئۇنىڭ تۈۋىدىن، ئەتراپىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇلار ئۆز ئۆستەڭلىرىنى دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگىچە ئەۋەتكەنىدى. | 4 |
Vand gav den Vækst, Verdensdybet Højde; sine Strømme lod det flyde rundt om dens Sted og sendte sine Vandløb til hele dens Mark.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىخلانغان ۋاقىتتا، مول سۇلار بىلەن ئېگىزلىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز بولغان، ئۇنىڭ شاخلىرى كۆپەيگەن ۋە شاخچىلىرى ئۇزۇن بولغان؛ | 5 |
Derfor blev den større af Vækst end hvert Træ paa Marken; mange blev dens Kviste og Grenene lange af megen Væde.
ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلىغان، شاخچىلىرى ئاستىدا دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بالىلىغان؛ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا بارلىق ئۇلۇغ ئەللەر ياشىغان. | 6 |
Alle Himlens Fugle bygged i dens Grene, under dens Kviste fødte hvert Markens Dyr, i dens Skygge boede al Verdens Folk.
شۇنداق بولۇپ ئۇنىڭ شاخلىرى كېڭىيىپ، ئۇ بۈيۈكلۈكىدە گۈزەللەشكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزلىرى مول سۇلارغا يەتكەن. | 7 |
Den blev stor og dejlig med lange Grene, den stod jo med Roden ved rigeligt Vand.
خۇدانىڭ باغچىسىدىكى كېدىر دەرەخلەرمۇ ئۇنى توسالمايتتى؛ قارىغايلار ئۇنىڭ شاخلىرىدەك، چىنار دەرەخلىرى ئۇنىڭ شاخچىلىرىدەكمۇ كەلمەيتتى؛ خۇدانىڭ باغچىسىدىكى ھېچقانداق دەرەخ گۈزەللىكتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. | 8 |
Guds Haves Cedre var ikke dens Lige, ingen Cypres havde Mage til Grene, ingen Platan havde Kviste som den; intet Træ i Guds Have maalte sig med den i Skønhed.
مەن ئۇنى شاخلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن گۈزەل قىلغانمەن؛ خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغان بارلىق دەرەخلەر، يەنى ئېرەمدىكى دەرەخلەر ئۇنىڭدىن ھەسەت قىلغانىدى. | 9 |
Jeg gjorde den skøn med dens mange Kviste, saa alle Edens Træer i Guds Have misundte den.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، | 10 |
Derfor, saa siger den Herre HERREN: Fordi den blev høj af Vækst og løftede sin Krone op i Skyerne og Hjertet hovmodede sig over dens Højde,
ئەمدى مەن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇستەبىتنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ مەن ئۇنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھەيدەپ چەتكە قاققانىدىم. | 11 |
derfor overgiver jeg den til en, som er vældig blandt Folkene; han skal gøre med den efter dens Gudløshed og tilintetgøre den.
يات ئادەملەر، يەنى ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىلەر ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. شاخلىرى تاغلار ۋە بارلىق جىلغالارغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ شاخچىلىرى زېمىندىكى بارلىق جىرالارغا سۇندۇرۇلۇپ ياتىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭدىن نېرى كەتتى. | 12 |
Fremmede, de grummeste blandt Folkene hugger den om og kaster den hen; paa Bjerge og i alle Dale falder dens Kviste; dens Grene ligger knækket i alle Landets Kløfter, og alle Jordens Folkeslag gaar bort fra dens Skygge og lader den ligge.
ئۇنىڭ يىقىلغان غولى ئۈستىگە ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار قونۇپ ياشايدۇ؛ دالادىكى بارلىق جانىۋارلار شاخلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ. | 13 |
Paa den faldne Stamme slaar alle Himmelens Fugle sig ned, og paa Grenene lejrer alle Markens Dyr sig,
بۇنىڭ مەقسىتى، سۇلاردىن سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرمىسۇن، ياكى ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرمىسۇن، ياخشى سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۇنداق ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمىسۇن ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە بېكىتىلگەن ــ يەرنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ، ئۆلىدىغان ئادەم بالىلىرىنىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلارنىڭ قاتارىدىدۇر. | 14 |
for at ingen Træer ved Vande skal hovmode sig over deres Vækst og løfte deres Krone op i Skyerne og gøre sig til af deres Højde, ingen Træer, som smager Vand; thi alle er hjemfaldne til Døden og maa til Underverdenen, midt iblandt Menneskens Børn, blandt dem, der steg ned i Graven.
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ تەھتىساراغا چۈشكەن كۈنىدە، مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن بىر ماتەم تۇتقۇزغانمەن؛ چوڭقۇر سۇلارنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇلاق-ئېرىقلىرىنى توسۇۋەتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۇلىرى تىزگىنلەنگەن. مەن لىۋاننى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق كىيگۈزدۈم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى. (Sheol ) | 15 |
Saa siger den Herre HERREN: Den Dag den farer ned i Dødsriget, lukker jeg Verdensdybet for den og holder dets Strømme tilbage, saa de mange Vande standses; jeg lader Libanon sørge over den, og alle Markens Træer vansmægter over den. (Sheol )
مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە، ئۇنىڭ يىقىلغان چاغدىكى ساداسى بىلەن ئەللەرنى تەۋرىتىۋەتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغچىسىدىكى بارلىق دەرەخلەر، لىۋاندىكى سەرخىل ۋە ئەڭ ئېسىل دەرەخلەر، ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان. (Sheol ) | 16 |
Ved Drønet af dens Fald bringer jeg Folkene til at bæve, naar jeg styrter den ned i Dødsriget til dem, der steg ned i Graven; og nede i Underverdenen trøster alle Edens Træer sig, de ypperste og bedste paa Libanon, alle, som smager Vand. (Sheol )
ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ۋە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن. (Sheol ) | 17 |
Ogsaa de farer med den ned i Dødsriget til de sværdslagne, da de som dens Hjælpere har siddet i dens Skygge blandt Folkene. (Sheol )
قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن [مىسىرغا] تەڭ كېلەلەيتتى؟ بىراق سەنمۇ ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەر بىلەن تەڭ يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلىسەن؛ سەن خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە ياتىسەن؛ مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 18 |
Hvem var din Lige i Herlighed og Størrelse blandt Edens Træer? Og dog styrtes du med Edens Træer ned i Underverdenen; midt iblandt uomskaarne skal du ligge hos de sværdslagne. Dette er Farao og al hans larmende Hob, lyder det fra den Herre HERREN.