< ئەزاكىيال 3 >
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، ئېرىشكىنىڭنى يېگىن؛ بۇ يازمىنى يەپ، بېرىپ ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلغىن، دېدى. | 1 |
Awurade ka kyerɛɛ me sɛ, “Onipa ba, di deɛ wohunu wɔ wʼanim no, di saa nwoma mmobɔeɛ yi, na afei kɔ na kɔkasa kyerɛ Israelfoɔ.”
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاغزىمنى ئاچتىم، ئۇ ماڭا يازمىنى يېگۈزدى. | 2 |
Enti mebuee mʼanom na ɔde nwoma mmobɔeɛ no maa me diiɛ.
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قورسىقىڭنى توق قىلىپ، ئىچى-باغرىڭنى مەن ساڭا بەرگەن بۇ ئورام يازما بىلەن تولدۇرغىن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېدىم، ئاغزىمدا ئۇ ھەسەلدەك تاتلىق ئىدى. | 3 |
Afei ɔka kyerɛɛ me sɛ, “Onipa ba, di saa nwoma mmobɔeɛ a mede rema wo yi. Fa hyɛ wo yafunu ma.” Enti mediiɛ, na na ɛyɛ dɛ te sɛ ɛwoɔ wɔ mʼanom.
ۋە ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسان ئوغلى، بارغىن، ئىسرائىل جەمەتىگە بارغىن، مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزگىن. | 4 |
Na ɔka kyerɛɛ me sɛ, “Onipa ba, afei kɔ Israelfoɔ hɔ kɔka me nsɛm kyerɛ wɔn.
چۈنكى سەن غەيرىي يېزىقتىكى ياكى تىلى تەس بىر ئەلگە ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل جەمەتىگە ئەۋەتىلدىڭ؛ | 5 |
Ɛnyɛ nnipa bi a wɔn kasa mu nte anaa ɛyɛ dene nkyɛn na meresoma woɔ, mmom meresoma wo Israelfoɔ hɔ.
ــ غەيرىي يېزىقتىكى ھەم تىلى تەس، سۆزلىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان كۆپ ئەللەرگە ئەۋەتىلمىدىڭ؛ مەن سېنى شۇلارغا ئەتەتكەن بولسام، ئۇلار ساڭا قۇلاق سالاتتى! | 6 |
Ɛnyɛ nnipa bebree a wɔn kasa mu nteɛ na ɛyɛ den. Ɛnyɛ wɔn a wonte wɔn kasa ase nkyɛn. Ampa, sɛ mesomaa wo nnipa a wɔnte wo kasa a, anka wɔtiee wo.
بىراق ئىسرائىل جەمەتى ساڭا قۇلاق سالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايدۇ؛ چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قاپىقى توڭ ۋە كۆڭلى قاتتىقتۇر. | 7 |
Nanso Israelfoɔ mpɛ sɛ wɔtie wo, ɛfiri sɛ wɔmpɛ sɛ wɔtie me. Israel nyinaa ayɛ akoma pirim ne asoɔden.
مانا، مەن يۈزۈڭنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە قارشى تاشتەك، ۋە سېنىڭ پېشانەڭنى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىغا قارشى تاشتەك قىلدىم. | 8 |
Ɛno enti, mɛma woayɛ asoɔden ne akomapirim te sɛ wɔn.
بەرھەق، سېنىڭ پېشانەڭنى چاقماق تېشىدىن قاتتىق، ھەتتا ئالماستەك قىلدىم. ئۇلاردىن قورقما، ۋە ئۇلار تۈپەيلىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشمە؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر». | 9 |
Mɛyɛ wo aniɔden te sɛ ɛboɔ, deɛ ɛyɛ den sene twerɛboɔ. Nsuro wɔn, na mma wɔmmɔ wo hu, ɛwom sɛ wɔyɛ atuatefoɔ deɛ.”
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا ئېيتماقچى بولغان ھەممە سۆزلىرىمنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويغىن، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن. | 10 |
Na ɔka kyerɛɛ me sɛ, “Onipa ba, tie me nsɛm a meka kyerɛ wo no yie na dwene ho wɔ wʼakoma mu.
ۋە ھازىر بارغىن، سۈرگۈن بولغانلارغا، يەنى ئۆز ئېلىڭدىكىلەرگە سۆز قىل، ئۇلار ئاڭلىسۇن، ئاڭلىمىسۇن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ!» ــ دېگىن! ــ دېدى. | 11 |
Afei, kɔ wo nkurɔfoɔ a wɔwɔ nnommumfa mu na kasa kyerɛ wɔn. Ka kyerɛ wɔn sɛ, ‘Sei na Otumfoɔ Awurade seɛ,’ sɛ wɔbɛtie oo, sɛ wɔrentie oo.”
شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈردى، مەن ئارقامدىن زور شارقىرىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم ــ «پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئۆز جايلىرىدا ئوقۇلسۇن!» ــ | 12 |
Na Honhom no pagyaa me kɔɔ soro na metee sɛ nnyegyeeɛ denden bi reworo so wɔ mʼakyi sɛ, Nhyira nka Awurade animuonyam wɔ deɛ ɔteɛ hɔ!
ــ ھايات مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشكەن ئاۋازى، ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقلارنىڭ ئاۋازلىرى بەھەيۋەت شارقىراق بىر سادا ئىدى. | 13 |
Na ɛyɛ nnyegyeeɛ a ɛfiri ateasefoɔ no ntaban a ɛtwitwi ho ne ntwahonan a ɛwowɔ wɔn ho no. Nnyegyeɛ denden a ɛworo soɔ.
ۋە روھ مېنى كۆتۈرۈپ، يىراققا ئاپاردى؛ ۋە مەن قاتتىق ئازاب، روھىمدىكى غەزەپ بىلەن باردىم، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا كۈچلۈك ئىدى. | 14 |
Honhom no pagyaa me kɔɔ soro de me kɔɔ baabi. Mekɔɔ no nwononwono mu ne honhom mu abufuo so, a na Awurade tumi yɛ kɛse wɔ me so.
شۇنىڭ بىلەن مەن تەل-ئابىب شەھىرىدە سۈرگۈن بولغانلار، يەنى كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرغانلارنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدىم؛ مەن ئۇلار تۇرغان جايدا ئولتۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەتتە كۈن ھاڭ-تاڭ قېتىپ ئولتۇردۇم. | 15 |
Mebaa nnommumfoɔ a wɔtete Tel Abib a ɛbɛn Asubɔnten Kebar no nkyɛn. Na ɛhɔ, me ne wɔn tenaa nnanson, na me ho dwirii me.
مانا يەتتە كۈن توشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 16 |
Nnanson akyi no, Awurade asɛm baa me nkyɛn sɛ:
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن كۆزەتچى قىلىپ تىكلىدىم؛ سەن مېنىڭ ئاغزىمدىن سۆزنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا مەندىن بولغان ئاگاھنى يەتكۈزگىن. | 17 |
“Onipa ba, mayɛ wo ɔwɛmfoɔ ama Israel; ɛno enti tie asɛm a meka no, na bɔ wɔn kɔkɔ a ɛfiri me.
مەن رەزىللەرگە: «سەن جەزمەن ئۆلىسەن» ــ دېسەم، بىراق سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىساڭ ــ يەنى بۇ رەزىل ئادەمنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ رەزىل يولىدىن ياندۇرۇپ، ئۇنى ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرمىساڭ، شۇ رەزىل ئادەم ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ بىراق مەن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. | 18 |
Sɛ meka kyerɛ omumuyɛfoɔ sɛ, ‘Ampa ara wobɛwu’ na sɛ woammɔ no kɔkɔ anaasɛ woankasa ankyerɛ no amma wantwe ne ho amfiri nʼakwammɔne ho annya nkwa a, saa omumuyɛfoɔ no bɛwu wɔ ne bɔne mu, na mɛma woabu ne mogya ho akonta.
بىراق سەن ئاشۇ رەزىل ئادەمنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئۇ رەزىللىكىدىن، يەنى ئۆز رەزىل يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆز قەبىھلىكىدە ئۆلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. | 19 |
Nanso sɛ wobɔ omumuyɛfoɔ no kɔkɔ na sɛ wansakyera amfiri nʼamumuyɛ anaa nʼakwammɔne ho a, ɔbɛwu wɔ ne bɔne mu, nanso na woagye wo ho nkwa.
ياكى بولمىسا بىر ھەققانىي ئادەم ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئالدىغا چوماق سالسام، ئۇ ئۆلىدۇ؛ چۈنكى سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرمىدىڭ، ئۇ ئۆز گۇناھىدا ئۆلىدۇ، ۋە ئۇ قىلغان ھەققانىي ئىشلار ئەسلەنمەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن سەندىن ھېساب ئالىمەن. | 20 |
“Bio, sɛ ɔteneneeni dane firi tenenee ho kɔyɛ bɔne a, mede suntidua bɛto nʼanim ama no ahwe ase, na wawu. Sɛ woammɔ no kɔkɔ enti, ɔbɛwu wɔ ne bɔne mu. Adetenenee ahodoɔ a ɔyɛeɛ no, wɔrenkae, na mɛma woabu ne mogya ho akonta.
ۋە ئەگەر سەن ھەققانىي ئادەمنى گۇناھ سادىر قىلما دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرساڭ، ۋە ئۇ گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ جەزمەن ھايات قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاگاھقا كۆڭۈل قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن». | 21 |
Nanso sɛ wobɔ ɔteneneeni no kɔkɔ sɛ ɔnnyae bɔneyɛ na ɔgyae a, ɔbɛnya nkwa, ɛfiri sɛ ɔtiee kɔkɔbɔ, na wo nso wobɛgye wo ho nkwa.”
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا تۇراتتى؛ ئۇ ماڭا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بارغىن، مەن شۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، ــ دېدى. | 22 |
Na Awurade tumi baa me so wɔ hɔ, na ɔka kyerɛɛ me sɛ, “Sɔre na kɔ ɛserɛ no so, na ɛhɔ na mɛkasa akyerɛ wo.”
شۇنىڭ بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە چىقتىم؛ ۋە مانا، مەن كېۋار دەرياسى بويىدا تۇرۇپ كۆرگەن شان-شەرەپتەك، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شۇ يەردە تۇراتتى؛ كۆرۈپلا مەن دۈم يىقىلدىم. | 23 |
Enti mesɔre kɔɔ ɛserɛ no so. Na Awurade animuonyam te sɛ deɛ mehunuu wɔ Asubɔnten Kebar ho no gyina hɔ, na mede mʼanim butuu fam.
ۋە روھ ئىچىمگە كىرىپ مېنى تىك تۇرغۇزدى؛ ئۇ ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «بارغىن، ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈڭنى بەند قىلغىن. | 24 |
Afei, Honhom no bɛhyɛɛ me mu na ɔpagyaa me gyinaa me nan so. Ɔka kyerɛɛ me sɛ, “Kɔ na kɔto wo ho ɛpono mu wɔ wo efie.
ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئۇلار ئارغامچىلارنى ئۈستۈڭگە سېلىپ، ئۇلار بىلەن سېنى باغلايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن سەن تالاغا چىقالماي، ئەل-يۇرت ئىچىگە ھېچ كىرەلمەيسەن. | 25 |
Na wo, onipa ba, wɔde ntampehoma bɛkyekyere wo sɛdeɛ worentumi mpue nkɔ nnipa no mu.
شۇنداقلا ئۇلارغا تەنبىھ بەرگۈچى بولماسلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى گاچا قىلىپ، تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاشتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. | 26 |
Na mɛma wo tɛkrɛma atare wʼanomu sɛdeɛ wobɛmua wʼano a worentumi nka wɔn anim, ɛfiri sɛ wɔyɛ atuatefoɔ
ۋە مەن سەن بىلەن سۆزلەشكىنىمدە، ئاغزىڭنى ئېچىپ، سەن ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەيسەن؛ كىم ئاڭلايمەن دېسە ئاڭلىسۇن، كىم ئاڭلىمايمەن دېسە ئاڭلىمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. | 27 |
Nanso sɛ mekasa kyerɛ wo a, mɛbue wʼano ama waka akyerɛ wɔn sɛ, ‘Sɛdeɛ Otumfoɔ Awurade seɛ nie!’ Deɛ ɔbɛtie no, ma no ntie, na deɛ ɔmpɛ sɛ ɔtie no, mma no nntie; na wɔyɛ atuatefoɔ.