< ئەزاكىيال 29 >
ئونىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
十年十月十二日,上主的話傳給我說:「
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە قارىتىپ ئۇنى ۋە مىسىرنىڭ بارلىق ئەھلىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنۇ سۆزلەرنى دېگىن: ــ | 2 |
人子,你面向埃及王法郎,講預言攻擊他和埃及全國。
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ دەريا ئۆزۈمنىڭكى، مەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن ياراتقانمەن» دېگۈچى بولغان، ئۆز دەريالىرى ئوتتۇرىسىدا ياتقان يوغان ئەجدىھا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن، مانا، مەن ساڭا قارشىمەن! | 3 |
你應發言說:吾主上主這樣說:埃及王法郎,你這臥在河中的大鱷魚! 看,我要攻擊你;你曾說過:『河是我的,是我造成的。』
مەن قارماقلارنى ئېڭەكلىرىڭگە سېلىپ، دەريالىرىڭدىكى بېلىقلارنى ئۆز قاسىراقلىرىڭغا چاپلاشتۇرۇپ سېنى دەريالىرىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىرىمەن؛ دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلار قاسىراقلىرىڭغا چاپلىشىدۇ. | 4 |
但是我要用鉤子鉤住你的鰓,使你河中的魚都附在你的鱗上,將你和你河中所有附在你鱗上的魚,從河中拉上來;
مەن سېنى، يەنى سەن ۋە دەريالىرىڭدىكى بارلىق بېلىقلارنى چۆل-باياۋانغا تاشلايمەن؛ سەن دالاغا چۈشۈپ يىقىلىسەن. ھېچكىم سېنى يىغمايدۇ، دەپنە قىلمايدۇ؛ مەن سېنى يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ئوزۇقى بولۇشقا تەقدىم قىلىمەن. | 5 |
將你和你河中的魚拋在曠野;你要倒斃在地面上,而無人收殮,也無人掩埋;我要把你交給地上的走獸和空中的飛鳥作食物;
شۇنىڭ بىلەن مىسىردا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىگە «قومۇش ھاسا» بولغان. | 6 |
如此,所有埃及的居民便承認我是上主,因為你曾作過支持以色列家族的蘆葦,
ئۇلار سېنى قول بىلەن تۇتقاندا، سەن يېرىلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل مۈرىلىرىنى تىلىۋەتتىڭ؛ ئۇلار ساڭا تايانغاندا، سەن سۇنۇپ، پۈتكۈل بەللىرىنى مىتكۇت قىلىۋەتتىڭ». | 7 |
當他們手中握著你時,你就破裂了,刺傷了他們的手掌;他們依靠你時,你就折斷了,使他們的腰顫慄;
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئۈستۈڭگە بىر قىلىچ چىقىرىپ، سەندىكى ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى قىرىۋېتىمەن. | 8 |
為此,吾主上主這樣說:看,我要使刀臨於你,消滅你境內的人和獸,
مىسىر زېمىنى ۋەيرانە ۋە خارابىلەر بولۇپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى پىرەۋن: «نىل دەرياسى مېنىڭكى، مەن ئۇنى ياراتقانمەن» دېگەنىدى. | 9 |
埃及地將成為荒野沙漠:這樣,他們便承認我是上主;因為你說過:『河是我的,是我造成的。』
شۇڭا مانا، مەن ساڭا ھەم سېنىڭ دەريالىرىڭغا قارشىمەن؛ مەن مىسىر زېمىنىنى مىگدولدىن سەۋەنگىچە، يەنى ئېفىئوپىيەنىڭ چېگراسىغىچە پۈتۈنلەي خارابە-ۋەيرانە قىلىۋېتىمەن. | 10 |
為此,看,我要攻擊你和你的河,我要使埃及地,由米革多耳到色威乃,直到雇士邊界,都成為荒野和沙漠。
قىرىق يىل ئىچىدە، ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ ئايىغى ئۇنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھېچ ئادەم تۇرمايدۇ. | 11 |
人足不再經過那裏,獸蹄也不從那裏踏過;無人居住凡四十年之久。
مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيران قىلىنغان زېمىنلار ئارىسىدا ۋەيران قىلىمەن؛ ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرى خارابە قىلىنغان شەھەرلەر ئارىسىدا قىرىق يىل ۋەيران بولىدۇ؛ مەن مىسىرلىقلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋېتىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەر ئارىسىغا تارىتىمەن». | 12 |
我要使埃及地成為荒蕪地中最荒蕪的,使她的城變為荒廢城中最荒廢的,凡四十年之久;我便要把埃及人分散到外邦,散佈在各地。
بىراق رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قىرىق يىلنىڭ ئاخىرىدا مەن مىسىرلىقلارنى تارقىتىلغان ئەللەردىن يىغىپ قايتۇرىمەن؛ | 13 |
因為吾主上主這樣說:過了四十年,我必從各民族中把四散的埃及人聚集起來,
مەن مىسىرنى سۈرگۈندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى پاتروس زېمىنىغا، يەنى تۇغۇلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار شۇ يەردە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مەملىكەت بولىدۇ. | 14 |
我要轉變埃及人的命運,領他們回到他們出生的帕特洛斯地方,他們要在那裏成立一個小國。
ئۇ مەملىكەتلەر ئارىسىدا ئەڭ تۆۋەن تۇرىدۇ؛ ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى باشقا ئەللەر ئۈستىگە كۆتۈرمەيدۇ؛ مەن ئۇلارنى پەسەيتىمەنكى، ئۇلار قايتىدىن باشقا ئەللەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرمەيدۇ. | 15 |
在萬國中她是最小的,再也不得高踞萬民之上;我還要減少他們的人數,使她不再統治列國,
[مىسىر] قايتىدىن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تايانچىسى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە ئۇلار دائىم ئىسرائىل ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پاناھ ئىزدەش گۇناھىنىڭ ئەسلەتمىسى بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». | 16 |
也不再做以色列家族的靠山,卻使以色列記起求救於他們的罪行:如此,他們必承認我是上主。」
يىگىرمە يەتتىنچى يىلى، بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 17 |
二十七年一月一日,上主的話傳給我說:「
ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تۇرغا جەڭ قىلىشتا قوشۇنىنى قاتتىق جاپالىق ئەمگەككە سالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ھەربىر باش تاقىر بولۇپ كەتتى، ھەربىر مۈرە سۈركىلىپ يېغىر بولۇپ كەتتى؛ بىراق نە ئۇ نە قوشۇنى تۇر بىلەن قارشىلاشقان ئەمگەكتە ھېچقانداق ھەق ئالمىدى؛ | 18 |
人子,巴比倫王拿步高為攻打提洛,使自己的軍隊服了重役,他們的頭都禿了肩也磨破了;但是他和他的軍隊為攻打提洛所服的重役,從提洛卻沒有報酬;
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مىسىر زېمىنىنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارغا تەقدىم قىلىمەن؛ ئۇ ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ، ئولجىسىنى بۇلاپ، غەنىمىتىنى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ؛ بۇلار ئۇنىڭ قوشۇنى ئۈچۈن ئىش ھەققى بولىدۇ. | 19 |
為此吾主上主這樣說:看,我必將埃及地交給巴比倫王拿步高,他要運走她的財富,奪去她的掠物,搶去她的戰利品,作為自己軍隊的報酬。
مەن ئۇنىڭغا [تۇرغا] جەڭ قىلغاننىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن مىسىر زېمىنىنى تەقدىم قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار مېنى دەپ ئەجىر قىلدى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 20 |
我將埃及地賜給他,作為他服役的報酬,因為他們為我而工作──吾主上主的斷語──
ــ مەن شۇ كۈندە ئىسرائىل جەمەتى ئۈچۈن بىر مۈڭگۈز ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن، ۋە سەن [ئەزاكىيالنىڭ] ئاغزىڭنى ئۇلار ئارىسىدا ئاچىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. | 21 |
在那一天我要給以色列興起一位大能者,我要使你在他們中間開口:如此他們必承認我是上主。」