< ئەزاكىيال 28 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
Awurade asɛm baa me nkyɛn se:
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ شاھزادىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ: «مەن بىر ئىلاھتۇرمەن؛ مەن خۇدانىڭ تەختىگە، يەنى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ باغرىدا ئولتۇرىمەن»، دېگەنسەن؛ (بىراق سەن ئىنسان، خۇدا ئەمەسسەن!) سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ قالدىڭ. 2
“Onipa ba, ka kyerɛ Tiro sodifo no se: ‘Sɛɛ na Otumfo Awurade se: “‘Wufi wʼahantan koma mu ka se, “Meyɛ onyame; mete onyame bi ahengua so wɔ po mfimfini.” Nanso woyɛ onipa, wonyɛ onyame, ɛwɔ mu, wudwen sɛ wunim nyansa sɛ onyame bi.
مانا، سەن دانىيالدىن داناسەن؛ ھېچقانداق سىر سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛ 3
Wunim nyansa sen Daniel ana? Wunim kokoamsɛm biara ana?
دانالىقىڭ ۋە ئەقلىڭ بىلەن سەن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇڭ، ئالتۇن-كۈمۈشنى خەزىنىلىرىڭگە توپلاپ قويدۇڭ؛ 4
Wonam wo nyansa ne nhumu so anya ahode ama wo ho, woapɛ sikakɔkɔɔ ne dwetɛ bebree agu wʼadekoradan mu.
تىجارەتتە بولغان زور دانالىقىڭ بىلەن بايلىقلىرىڭنى ئاۋۇتتۇڭ؛ بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتتۇڭ: ــ 5
Wonam wʼaguadi mu nyansa so ama wʼahonya adɔɔso, na wʼahonya nti woahoran wɔ wo koma mu.
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ئۆز كۆڭلۈڭنى خۇدانىڭ كۆڭلى دەپ ئويلاپ كەتكەنلىكىڭدىن، 6
“‘Ɛno nti sɛɛ na Otumfo Awurade se: “‘Esiane sɛ wudwen sɛ wunim nyansa te sɛ Onyame nti,
ئەمدى مانا، مەن يات ئادەملەر، يەنى ئەللەرنىڭ دەھشىتىنى ئۈستۈڭگە ئېپكېلىمەن؛ ئۇلار دانالىقىڭنىڭ پارلاقلىقىنى يوقىتىشقا قىلىچلىرىنى سۇغۇرۇپ، شان-شەرىپىڭنى بۇلغايدۇ؛ 7
mede ananafo reba abetia wo, amanaman no mu ɔdesɛefo pa ara; wɔbɛtwetwe wɔn afoa wɔ wʼahoɔfɛ ne wo nyansa so na wɔahwirew wʼanuonyam no.
ئۇلار سېنى ھاڭغا چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ قوينىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈمىدە ئۆلىسەن. 8
Wɔde wo bɛto amoa no mu, na wubewu owu yaayaw wɔ ɛpo mfimfini.
ئەمدى سېنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ئالدىدا: «مەن خۇدا» ــ دەمسەن؟ بىراق سەن ئۆزۈڭنى سانجىپ ئۆلتۈرىدىغاننىڭ قولى ئاستىدا تەڭرى ئەمەس، ئىنسان بولۇپ چىقىسەن. 9
Afei wobɛka se, “Meyɛ onyame,” wɔ wɔn a wokum wo no anim ana? Wobɛyɛ onipa na ɛnyɛ onyame, wɔ wɔn a wokum wo no nsam.
سەن يات ئادەملەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغانلارغا لايىق بولغان ئۆلۈم بىلەن ئۆلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلغان»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 10
Wubewu momonotofo wu wɔ ananafo nsam. Me na maka, Otumfo Awurade asɛm ni.’”
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 11
Awurade asɛm baa me nkyɛn se:
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ پادىشاھى توغرۇلۇق ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇ مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن، كامالەتنىڭ جەۋھىرى بولغان، دانالىققا تولغان، گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەنىدىڭ؛ 12
“Onipa ba, ma kwadwom a ɛfa Tirohene ho so na ka kyerɛ no se: ‘Sɛɛ na Otumfo Awurade se: “‘Na anka woyɛ pɛyɛ nhwɛso, na wowɔ nyansa na woyɛ ahoɔfɛdua.
سەن ئېرەم باغچىسى، يەنى خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغانسەن؛ ھەربىر قىممەتلىك تاشلار، يەنى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە ئالماس، بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق، ئانارتاش، كۆك ياقۇت، زۇمرەت ۋە كۆك قاشتاش ساڭا يۆگەك بولغان؛ ياقۇت كۆزلىرىڭ ۋە نەققاشلىرىڭ ئالتۇن ئىچىگە ياسالغان؛ سەن يارىتىلغان كۈنۈڭدە ئۇلار تەييارلانغانىدى. 13
Na anka wowɔ Eden Onyankopɔn turo no mu. Wɔde abohemaa nyinaa siesie wo: bogyanambo, akraatebo ne bɔwerɛbo sikabereɛbo, apopobibiribo ne ahwehwɛbo, hoabo, nsrammabo ne ahabammono bo; wɔde sika kɔkɔɔ na ayɛ wʼahyehyɛde, wosiesiee ne nyinaa da a wɔbɔɔ wo.
سەن بولساڭ مەسىھلەنگەن مۇھاپىزەتچى كېرۇب ئىدىڭسەن، چۈنكى مەن سېنى شۇنداق بېكىتكەنىدىم؛ سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس تېغىدا بولغانسەن؛ سەن ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدا يۈرەتتىڭ؛ 14
Wɔsraa wo ngo sɛ ɔhwɛfo kerub, efisɛ saa na mehyɛɛ wo. Na wowɔ Onyankopɔn bepɔw kronkron no so; wonantew ogya abo mu.
سەن يارىتىلغان كۈندىن بېرى، سەندە قەبىھلىك پەيدا بولغۇچە، يوللىرىڭدا مۇكەممەل بولۇپ كەلگەنىدىڭ. 15
Na anka wʼakwan ho nni asɛm efi da a wɔbɔɔ wo no kosii sɛ wohuu amumɔyɛ wɔ wo mu.
قىلغان سودىلىرىڭنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن سەن زورلۇق-زۇمبۇلۇق بىلەن تولۇپ، گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇڭا مەن سېنى خۇدانىڭ تېغىدىن ھارام نەرسە دەپ تاشلىۋەتكەنمەن؛ مەن سېنى، ئى مۇھاپىزەتچى كېرۇب، ئوتلۇق تاشلار ئارىسىدىن ھەيدەپ يوقاتقانمەن؛ 16
Wʼaguadi a mu trɛw no nti wɔde akakabensɛm hyɛɛ wo ma na woyɛɛ bɔne. Ɛno nti mepam wo fii Onyankopɔn bepɔw no so wɔ animguase mu, na miyii wo adi, ɔhwɛfo kerub, fii ogya abo no mu.
سېنىڭ كۆڭلۈڭ گۈزەللىكىڭ بىلەن تەكەببۇرلىشىپ كەتتى؛ پارلاقلىقىڭ تۈپەيلىدىن سەن دانالىقىڭنى بۇلغىغانسەن؛ مەن سېنى يەرگە تاشلىۋەتتىم؛ پادىشاھلار سېنى كۆرۈپ يېتىشى ئۈچۈن مەن سېنى ئۇلار ئالدىدا ياتقۇزدۇم. 17
Wohyerɛn wɔ wo koma mu wʼahoɔfɛ nti na womaa wo nyansa porɔwee, wʼanuonyam no nti. Enti metow wo kyenee fam; na mede wo yɛɛ ahwɛde wɔ ahemfo anim.
سېنىڭ قەبىھلىكلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، قىلغان سوداڭنىڭ ئادىلسىزلىقى تۈپەيلىدىن، ئۆز مۇقەددەس جايلىرىڭنى بۇلغىغانسەن؛ مەن ئۆزۈڭدىن بىر ئوتنى چىقاردىم، ئۇ سېنى كۆيدۈرۈپ يەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆز ئالدىدا، مەن سېنى يەردە قالغان كۈللەرگە ئايلاندۇرۇۋەتتىم. 18
Wode wo nnebɔne ne aguadi mu asisi agu wo kronkrommea ho fi ɛno nti memaa ogya fii wo mu na ɛhyew wo, na memaa wo dan nsõ wɔ fam wɔ wɔn a na wɔrehwɛ no nyinaa anim.
سېنى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ ساراسىمىدە قالىدۇ؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت بولۇپ قالدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن». 19
Aman a na wonim wo nyinaa ho adwiriw wɔn wɔ wo ho: wʼawiei ayɛ ahometew na wɔrenhu wo bio.’”
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 20
Awurade asɛm baa me nkyɛn se:
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى زىدونغا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ 21
“Onipa ba, fa wʼani kyerɛ Sidon na hyɛ nkɔm tia no
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ساڭا قارشى، ئى زىدون؛ ئۆزۈم ئاراڭدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۆزۈمنى ئۇنىڭدا پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 22
na ka se: ‘Sɛɛ na Otumfo Awurade se: “‘Me ne wo anya, Sidon na mɛda mʼanuonyam adi wɔ mo mu. Wubehu sɛ mene Awurade no, bere a mede asotwe aba ne so na mada me ho adi sɛ ɔkronkronni wɔ ne mu no.
مەن ئۇلارغا ۋابانى ئەۋىتىپ، رەستە-كوچىلىرىدا قان ئاققۇزىمەن؛ ئۇنىڭغا قارشى چىققان قىلىچنىڭ ھەر ئەتراپىدا بولغانلىقىدىن ئوتتۇرىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ 23
Mɛma ɔyaredɔm aba ne so na mama mogya ateɛ wɔ ne mmɔnten so. Apirafo bɛtotɔ wɔ ne mu, bere a afoa redi ahim wɔ ne ho nyinaa. Afei na wobehu sɛ mene Awurade no.
ئۇلار يەنە ئىسرائىل جەمەتىنى كۆزگە ئىلمىغان ئەتراپىدىكىلەر ئارىسىدا، ئىسرائىل ئۈچۈن ئادەمنى سانجىغۇچى جىغان ياكى دەرد-ئەلەملىك تىكەن بولمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 24
“‘Na Israelfo rennya yɔnkonom a wɔwɔ adwemmɔne, wɔn a wɔwowɔ yayaayaw sɛ ohwirem ne nsɔe bio. Afei na wobehu sɛ mene Otumfo Awurade no.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلار تارقىتىلغان ئەللەر ئارىسىدىن ئىسرائىل جەمەتىنى قايتىدىن يىغقىنىمدا، ئۇلاردا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مەن ئۆز قۇلۇم بولغان ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئولتۇرىدۇ؛ 25
“‘Sɛɛ na Otumfo Awurade se: Sɛ meboa Israelfo ano fi aman a wabɔ wɔn apete no so a, mɛda me kronkronyɛ adi wɔ wɔn mu, ama amanaman no ahu. Afei wɔbɛtena wɔn ankasa asase a mede maa me somfo Yakob no so.
ئۇلار ئۇنىڭدا تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ياشاپ، ئۆيلەرنى سېلىپ ئۈزۈمزارلارنى تىكىدۇ؛ مەن ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالىغىنىمدا، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». 26
Wɔbɛtena hɔ asomdwoe mu na wobesisi adan, ayeyɛ bobe nturo; Wɔbɛtena ase asomdwoe mu wɔ bere a matwe ne yɔnkonom a wɔkasa tiaa no no nyinaa aso. Afei wobehu sɛ mene Awurade, wɔn Nyankopɔn no.’”

< ئەزاكىيال 28 >