< ئەزاكىيال 27 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Awurade asɛm baa me nkyɛn sɛ:
سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، تۇر توغرۇلۇق بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ | 2 |
“Onipa ba, ma kwadwom a ɛfa Tiro ho so.
ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق، دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر بىلەن سودىلاشقۇچى، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى تۇر، سەن «مېنىڭ گۈزەللىكىم كامالەتكە يەتتى!» دېدىڭ. | 3 |
Ka kyerɛ Tiro a ɔda ɛpo aboboano, na ɔne adwadifoɔ bebree a wɔwɔ mpoano nkuro so di edwa sɛ, yei ne asɛm a Otumfoɔ Awurade seɛ: “‘Woka sɛ, Ao Tiro, “Me ho yɛ fɛ yie.”
سېنىڭ چېگرالىرىڭ بولسا دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى؛ سېنى ياسىغانلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزدى. | 4 |
Wo tumidie wɔ ɛpo so akyirikyiri; wʼadansifoɔ maa wʼahoɔfɛ wiee pɛyɛ
ئۇلار بارلىق تاختايلىرىڭنى سېنىردىكى قارىغايلاردىن ياسىغان؛ ساڭا موما ئۈچۈن ئۇلار لىۋاندىن كېدىر دەرىخىنى ئېپكەلگەن؛ | 5 |
Wo nnua a wɔpaeɛ nyinaa yɛ pepeaa a ɛfiri Senir. Wɔde Lebanon ntweneduro na ɛyɛɛ ahyɛn so nnua maa woɔ.
پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛ پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ، كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن. | 6 |
Odum nnua a ɛfiri Basan na wɔde yɛɛ wʼatabono; Kwabɔhɔrɔ nnua a ɛfiri Kipro mpoano na wɔde yɛɛ wʼahyɛn abrannaa, a wɔde asonse asɛ so.
يەلكىنىڭ مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن كەشتىلىك لىباستىن ياسالغان، ئۇ ساڭا تۇغ بولغان؛ سايىۋىنىڭ بولسا دېڭىز بويىدىكى ئېلىشاھدىكى كۆك ۋە سۆسۈن رەختلەردىن ئىدى؛ | 7 |
Misraim nwera papa bi a wadi mu adwini na wɔde yɛɛ wʼahyɛn so mframatoma a ɛyɛɛ wo frankaa nso; wʼapono ɛne ntokua ano ntoma yɛ bibitoma ne beredumtoma a ɛfiri Elisa mpoano.
زىدوندىكىلەر ھەم ئارۋادتىكىلەر سېنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرىڭ ئىدى؛ سەندە بولغان دانىشمەنلەر، ئى تۇر، سېنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىڭ ئىدى. | 8 |
Sidonfoɔ ne Arwadfoɔ na wɔhare wʼahyɛn; wo mmarima anyansafoɔ, Ao Tiro na wɔyɛ adwumayɛfoɔ wɔ wʼahyɛn mu.
گەبالدىكى ئاقساقاللار ۋە ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى سەندە بولۇپ، كاۋاكلىرىڭنى ئېتەتتى؛ دېڭىز-ئوكياندىكى بارلىق كېمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى مال ئالماشتۇرۇشقا يېنىڭغا كېلەتتى. | 9 |
Gebal adwumfoɔ adadafoɔ tenaa wʼahyɛn mu sɛ dua dwumfoɔ a wɔtuatua ahyɛn no mu ntokuro. Ɛpo so ahyɛn ne wɔn hyɛn mufoɔ nyinaa baa wo nkyɛn ne wo bɛdii nsesadwa.
پارسلار، لۇدتىكىلەر، لىۋىيەدىكىلەر قوشۇنغا تىزىملىنىپ، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ بولغان؛ ئۇلار قالقان-دۇبۇلغىلىرىنى ئۈستۈڭگە ئېسىپ، سېنى ھەيۋەتلىك قىلغان؛ | 10 |
“‘Persia, Lidia ne Put mmarima someeɛ sɛ asraafoɔ wɔ wʼakodɔm mu. Wɔde wɔn akokyɛm ne dadeɛ ɛkyɛ sensɛnee wʼafasuo ho, de hyɛɛ wo animuonyam.
ئارۋادتىكىلەر قوشۇنىڭ بىلەن ھەر تەرىپىڭدە سېپىللىرىڭدا تۇرۇپ كۆزەتتە بولغان؛ گاممادتىكىلەرمۇ مۇنارلىرىڭدا تۇرغان؛ ئۇلار قالقان-قوراللىرىنى ئەتراپىڭغا، سېپىللىرىڭغا ئېسىپ قويغان؛ ئۇلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزگەن؛ | 11 |
Arwad ne Helek mmarima wɛnee wʼafasuo ho nyinaa. Gammad mmarima tenaa wʼaban atentene mu. Wɔde wɔn akokyɛm sensɛnee wʼafasuo ho maa wʼahoɔfɛ dii mu.
تاۋارلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن تارشىش ساڭا خېرىدار بولغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن تېگىشىپ بەرگەن. | 12 |
“‘Wʼadwadideɛ a ɛmaa wo nyaa wo ho bebree enti, Tarsis ne wo dii edwa. Wɔde dwetɛ, dadeɛ, sanya ne sumpii sesaa wʼadwadideɛ.
جاۋان، تۇبال ۋە مەشەك سەن بىلەن سودا قىلغان؛ ئۇلار تاۋارلىرىڭغا ئادەملەرنىڭ جانلىرى، مىس قاچا-قازانلارنى تېگىشكەن. | 13 |
“‘Helafoɔ, Tubalfoɔ ne Mesekfoɔ ne wo dii edwa. Wɔde nkoa ne kɔbere nneɛma sesaa wʼadetɔndeɛ.
تورگاماھ جەمەتىدىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭ ئۈچۈن ئاتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلارنى تېگىشىپ بەرگەن. | 14 |
“‘Bet Togarma mmarima de adwumayɛ apɔnkɔ, ɔsa apɔnkɔ ne mfunumu mma bɛsesaa wʼadwadideɛ.
دېداندىكىلەر سەن بىلەن سودىلاشقان؛ دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ خەلق ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار ساڭا دەندان، ئەبنۇس ياغىچىنى تۆلىگەن؛ | 15 |
“‘Roda mmarima ne wo dii edwa, na mpoano nkuro bebree yɛɛ wʼadetɔfoɔ a wɔde asonse ne duaboɔ nnua tuaa wo ka.
سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار مەھسۇلاتلىرىڭغا ماۋى ياقۇتلار، سۆسۈن رەختلەرنى، كەشتىلەرنى، نەپىس كاناپ رەختلەرنى، مارجانلارنى، قىزىل ياقۇتلارنى تېگىشىپ بەرگەن. | 16 |
“‘Aram ne wo dii edwa ɛsiane wo nneɛma bebrebe a woyɛ nti; wɔde nsrammaboɔ, ntoma a ɛberedum, deɛ wɔadi mu adwinneɛ, nwera pa, nnenkyenema ne bota bɛsesaa wʼadwadideɛ.
يەھۇدا ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىكىلەردىنمۇ سەن بىلەن سودىلاشقۇچىلار بولغان؛ تاۋارلىرىڭغا ئۇلار مىننىتنىڭ بۇغدايلىرى، پېچىنىلەر، ھەسەل، زەيتۇن مېيى، مەلھەم دورىلارنى تېگىشىپ بەرگەن. | 17 |
“‘Yuda ne Israel ne wo dii edwa; wɔde ayuo a ɛfiri Minit ne krakase, ɛwoɔ, ngo ne aneneduhwam sesaa wʼadwadideɛ.
دەمەشق قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن، ھەرخىل بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ساڭا خېرىدار بولۇپ ساڭا خەلبوننىڭ شارابلىرىنى، ئاق يۇڭلارنى تېگىشىپ بەرگەن. | 18 |
“‘Damasko ne wo dii edwa wɔ nsã a ɛfiri Helbon ne nnwan ho nwi a ɛfiri Sahar mu, ɛsiane nneɛma a woyɛ ne wʼadwadideɛ a ama woanya wo ho bebree enti.
ۋېدان ۋە ئۇزالدىن چىققان جاۋاندىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭغا سوقۇلغان تۆمۈر، قوۋزاقدارچىن، ئېگىرنى تېگىشكەنىدى. | 19 |
Danfoɔ ne Helafoɔ a wɔfiri Usal tɔɔ wʼadwadideɛ na wɔde dadeɛ a wɔaboro, bɛwewonua ne mmɛtire sesaa wʼadetɔndeɛ.
دېدان ساڭا ئات توقۇملىرىنى تېگىشىپ بەرگەن؛ | 20 |
“‘Dedan de apɔnkɔ so adwatoma ne wo dii edwa.
ئەرەبىستان ۋە كېداردىكى بارلىق شاھزادىلەر ساڭا خېرىدار بولدى؛ ساڭا پاخلانلار، قوچقارلار ۋە ئۆچكىلەرنى تېگىشىپ بەرگەن. | 21 |
“‘Arabfoɔ ne Kedar mmapɔmma nyinaa yɛɛ wʼadwadifoɔ a wɔde nnwammaa, nnwennini ne mpapo ne wo dii edwa.
شېبا ھەم رائاماھدىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار ھەرخىل سەرخىل تېتىتقۇلار، قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە ئالتۇن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. | 22 |
“‘Seba ne Raama adwadifoɔ ne wo dii edwa; wɔde nnuhwam ahodoɔ a ɛte apɔ, aboɔdemmoɔ ne sikakɔkɔɔ ne wo bɛdii nsesadwa.
ھاران، كاننەھ، ئېدەندىكىلەر ۋە شېبا، ئاشۇر، خىلمادتىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ | 23 |
“‘Haran, Kane ne Eden, adwadifoɔ a wɔfiri Seba, Asur ne Kilmad ne wo dii edwa.
ئۇلار ساڭا ھەشەمەتلىك كىيىم-كېچەك، سۆسۈن رەختلەر ۋە كەشتىلەر، رەڭمۇرەڭ گىلەملەرنى تېگىشىپ بەرگەن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈنچەكلىنىپ تانا-ئارغامچىلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ، بازارىڭغا كىردى. | 24 |
Wo dwaaso hɔ, wɔde ntoma a ɛyɛ fɛ, ɔpɔwtam a ɛyɛ tuntum, adwinneɛ ahodoɔ ne ntiasoɔtoma a ɛwɔ ahosu ahodoɔ a wɔde nhoma a wɔakyinkyim abobɔ no apɔɔpɔ na ayɛ ne wo bɛdii edwa.
تارشىشتىكى كېمىلەر تاۋارلىرىڭنى كۆتۈرگەن كارۋانلاردەك بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا مال بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنسەن؛ | 25 |
“‘Tarsis ahyɛn yɛ adwuma sɛ asoafoɔ ma wʼadwadideɛ. Adesoa duruduru ayɛ wo ma wɔ ɛpo no mfimfini.
سېنىڭ پالاق ئورغۇچىلىرىڭ سېنى ئۇلۇغ سۇلارغا ئاپاردى؛ شەرق شامىلى سېنى دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ | 26 |
Wʼaharefoɔ no fa wo de wo kɔ ɛpo so akyirikyiri nanso apueeɛ ahum bɛbubu wo mu nketenkete wɔ ɛpo no mfimfini.
سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭ، بازارلىرىڭ، دېڭىزچىلىرىڭ ۋە يول باشلىغۇچىلىرىڭ، كاۋاكلىرىڭنى ئەتكۈچىلەر، سەن بىلەن سودىلاشقان سودىگەرلەر، سەندە بولغان بارلىق لەشكەرلىرىڭ، جۈملىدىن ئاراڭدا توپلانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كۈنۈڭدە ئۆرۈلۈپ دېڭىز-ئوكياننىڭ قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ. | 27 |
Wʼahonya, adwadideɛ ne adetɔndeɛ wʼahyɛn kwankyerɛfoɔ, wʼahyɛn mufoɔ ne wɔn a wɔtuatua wʼahyɛn mu ntokuro, wʼadwadifoɔ ne wʼasraafoɔ nyinaa, ne obiara a ɔwɔ ɛhyɛn no mu bɛmem akɔ ɛpo ase tɔnn ɛda a wo hyɛn no bɛbɔ.
يول باشلىغۇچىلىرىڭنىڭ ئاھ-زارلىرىدىن دالادىكىلەر تەۋرەپ كېتىدۇ. | 28 |
Mpoano asase bɛwoso ɛberɛ a wo hyɛn mufoɔ no reteateam.
پالاق ئورغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، دېڭىزچىلار، دېڭىزدا بارلىق يول باشلىغۇچىلار ئۆز كېمىلىرىدىن چۈشىدۇ؛ ئۇلار قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ؛ | 29 |
Wɔn a wɔkurakura atabon no nyinaa bɛgya wɔn ahyɛn hɔ; hyɛn akwankyerɛfoɔ ne hyɛn mufoɔ nyinaa bɛgyinagyina mpoano.
ئۇلار ساڭا قاراپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، قاتتىق ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار توپا-چاڭ چىقىرىپ بېشىغا چاچىدۇ؛ ئۇلار كۈللەر ئىچىدە ئېغىنايدۇ. | 30 |
Wɔbɛma wɔn ɛnne so asu osu yaaya ama wo; wɔbɛpete mfuturo agu wɔn tiri so na wɔayantanyantam nsõ mu.
ئۇلار سېنى دەپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنى تاز قىلىپ، بۆز كىيىملەرگە ئورايدۇ؛ ئۇلار قاتتىق ماتەم تۇتۇپ سەن ئۈچۈن زور دەرد-ئەلەم ئىچىدە يىغلايدۇ. | 31 |
Wo enti wɔbɛbobɔ tikwa na wɔafirafira ayitoma. Wɔde ɔkra mu ahoyera ne awerɛhoɔ a emu yɛ den bɛgyam wo.
ئۇلار ئاھ-زارلىرىنى كۆتۈرگىنىدە سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ، سەن توغرۇلۇق ھازا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇر دېڭىز-ئوكيانلار ئوتتۇرىسىدا، ھازىر جىمجىت قىلىنغان! ئەسلى كىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ | 32 |
Ɛberɛ a wɔretwa adwo redi awerɛhoɔ no, wɔbɛma kwadwom bi a ɛfa wo ho so sɛ: “Hwan na wama no atɔre mumu te sɛ Tiro a ɛpo atwa ne ho ahyia yi?”
مەھسۇلاتلىرىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندە، سەن كۆپ خەلقلەرنى قانائەتلەندۈرگەن؛ بايلىقلىرىڭ ۋە تاۋارلىرىڭنىڭ موللۇقى بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى بېيىتقانسەن. | 33 |
Ɛberɛ a wʼadwadideɛ kɔɔ ɛpo ahodoɔ so no woboaa aman bebree; Wʼahonyadeɛ ne wʼadwadideɛ maa asase so ahemfo nyaa wɔn ho.
سەن سۇلارنىڭ چوڭقۇر تېگىدە دېڭىز-ئوكيانلار تەرىپىدىن پارە-پارە قىلىنغاندا، تاۋارلىرىڭ ھەم ئاراڭدا بولغان توپ-توپ ئادەملىرىڭمۇ ئۆرۈلۈپ غەرق بولۇپ كەتتى. | 34 |
Afei ɛpo abubu wo mu nketenkete wɔ nsuo no bunu mu wʼadwadideɛ ne wʼadwumayɛfoɔ nyinaa ne wo amem kɔ nsuo ase.
بارلىق دېڭىز بويىدىكىلەر ساڭا قاراپ ئالاقزادە بولغان؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى دەھشەت قورقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سۇر باسقان. | 35 |
Wɔn a wɔtete mpoano nyinaa ho adwiri wɔn wɔ wo ho; ehu ma wɔn ahemfo ho popo na wɔn anim sinsiam.
خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدى؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»». | 36 |
Aman no mu adwadifoɔ bɔ nsɔm gu wo so woaba awieeɛ a ɛyɛ hu na wɔrenhunu wo bio.’”