< ئەزاكىيال 26 >
ئون بىرىنچى يىلى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
On birinqi yili, ayning birinqi künidǝ xundaⱪ boldiki, Pǝrwǝrdigarning sɵzi manga kelip mundaⱪ deyildi: —
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ يېرۇسالېم توغرۇلۇق: «ۋاھ! ياخشى بولدى! ئەللەرنىڭ دەرۋازىسى بولغۇچى ۋەيران بولدى! ئۇ ماڭا قاراپ قايرىلىپ ئېچىلدى؛ ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن ئۆزۈمنى تويغۇزىمەن!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، | 2 |
I insan oƣli, Turning Yerusalem toƣruluⱪ: «Waⱨ! Yahxi boldi! Əllǝrning dǝrwazisi bolƣuqi wǝyran boldi! U manga ⱪarap ⱪayrilip eqildi; uning wǝyran ⱪilinixi bilǝn ɵzümni toyƣuzimǝn!» degini tüpǝylidin,
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى تۇر، مەن ساڭا قارشىمەن، دېڭىز دولقۇنلارنى قوزغىغاندەك، كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن قارشىلىشقا قوزغايمەن؛ | 3 |
— Xunga Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, i Tur, Mǝn sanga ⱪarximǝn, dengiz dolⱪunlarni ⱪozƣiƣandǝk, kɵp ǝllǝrni sǝn bilǝn ⱪarxilixⱪa ⱪozƣaymǝn;
ئۇلار تۇرنىڭ سېپىللىرىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى چېقىپ يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى توپىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇنى تاقىر تاش قىلىپ قويىمەن. | 4 |
ular Turning sepillirini bǝrbat ⱪilip, uning munarlirini qeⱪip yoⱪitidu. Uning üstidiki topilirini ⱪirip taxlap, uni taⱪir tax ⱪilip ⱪoyimǝn.
ئۇ پەقەت دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى تورلار يېيىلىدىغان جاي بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ئۇ ئەللەر ئۈچۈن ئولجا بولۇپ قالىدۇ. | 5 |
U pǝⱪǝt dengiz otturisidiki torlar yeyilidiƣan jay bolidu; qünki Mǝn xundaⱪ sɵz ⱪildim, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar; u ǝllǝr üqün olja bolup ⱪalidu.
ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرى قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. | 6 |
Uning ⱪuruⱪluⱪta ⱪalƣan ⱪizliri ⱪiliq bilǝn ⱪirilidu; xuning bilǝn ular Mening Pǝrwǝrdigar ikǝnlikimni tonup yetidu.
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن تۇر بىلەن قارشىلىشىشقا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، يەنى «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى»نى، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن، ئاتلىق چەۋەندازلار، قوشۇن ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن شىمال تەرىپىدىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن. | 7 |
— Qünki Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — Mana, Mǝn Tur bilǝn ⱪarxilixixⱪa Babil padixaⱨi Neboⱪadnǝsar, yǝni «padixaⱨlarning padixaⱨi»ni, atlar, jǝng ⱨarwiliri bilǝn, atliⱪ qǝwǝndazlar, ⱪoxun wǝ zor bir top adǝmlǝr bilǝn ximal tǝripidin qiⱪirip epkelimǝn.
ئۇ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرىنى قىلىچ بىلەن سويىدۇ، ساڭا مۇھاسىرە پوتەيلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكنى ياسايدۇ، ساڭا قاراپ قالقانلىرىنى كۆتۈرىدۇ. | 8 |
U ⱪuruⱪluⱪta ⱪalƣan ⱪizlirini ⱪiliq bilǝn soyidu, sanga muⱨasirǝ potǝylirini ⱪuridu, sepilƣa qiⱪidiƣan dɵnglükni yasaydu, sanga ⱪarap ⱪalⱪanlirini kɵtüridu.
ئۇ سېپىللىرىڭغا بۆسكۈچى بازغانلارنى قارىتىپ تىكلەيدۇ، قورال-پالتىلىرى بىلەن مۇنارلىرىڭنى چېقىپ غۇلىتىدۇ. | 9 |
U sepilliringƣa bɵsküqi bazƣanlarni ⱪaritip tiklǝydu, ⱪoral-paltiliri bilǝn munarliringni qeⱪip ƣulitidu.
ئۇنىڭ ئاتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن چاڭ-توپىسى سېنى قاپلايدۇ؛ سېپىللىرى بۆسۈلگەن بىر شەھەرگە بۆسۈپ كىرگەندەك ئۇ سېنىڭ قوۋۇقلىرىڭدىن كىرگەندە، سېپىللىرىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ، چاقلارنىڭ ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ساداسى بىلەن تەۋرىنىپ كېتىدۇ. | 10 |
Uning atlirining kɵplükidin ularning kɵtürgǝn qang-topisi seni ⱪaplaydu; sepilliri bɵsülgǝn bir xǝⱨǝrgǝ bɵsüp kirgǝndǝk u sening ⱪowuⱪliringdin kirgǝndǝ, sepilliring atliⱪ ǝskǝrlǝrning, qaⱪlarning ⱨǝm jǝng ⱨarwilirining sadasi bilǝn tǝwrinip ketidu.
ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى بىلەن ئۇ بارلىق رەستە-كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ؛ ئۇ پۇقرالىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ، كۈچلۈك تۈۋرۈكلىرىڭ يەرگە يىقىلىدۇ. | 11 |
Atlirining tuyaⱪliri bilǝn u barliⱪ rǝstǝ-koqiliringni qǝylǝydu; u puⱪraliringni ⱪiliq bilǝn ⱪiridu, küqlük tüwrükliring yǝrgǝ yiⱪilidu.
ئۇلار بايلىقلىرىڭنى ئولجا، مال-تاۋارلىرىڭنى غەنىمەت قىلىدۇ؛ ئۇلار سېپىللىرىڭنى بۇزۇپ غۇلىتىپ، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىڭنى خارابە قىلىدۇ؛ ئۇلار سېنىڭ تاشلىرىڭ، ياغاچ-لىملىرىڭ ۋە توپا-چاڭلىرىڭنى دېڭىز سۇلىرى ئىچىگە تاشلايدۇ. | 12 |
Ular bayliⱪliringni olja, mal-tawarliringni ƣǝnimǝt ⱪilidu; ular sepilliringni buzup ƣulitip, ⱨǝxǝmǝtlik ɵyliringni harabǝ ⱪilidu; ular sening taxliring, yaƣaq-limliring wǝ topa-qangliringni dengiz suliri iqigǝ taxlaydu.
مەن ناخشلىرىڭنىڭ ساداسىنى تۈگىتىمەن؛ چىلتارلىرىڭنىڭ ئاۋازى قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ. | 13 |
Mǝn nahxliringning sadasini tügitimǝn; qiltarliringning awazi ⱪaytidin anglanmaydu.
مەن سېنى تاقىر تاش قىلىمەن؛ سەن تورلار يېيىلىدىغان بىر جاي بولىسەن، خالاس؛ سەن قايتىدىن قۇرۇلمايسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 14 |
Mǝn seni taⱪir tax ⱪilimǝn; sǝn torlar yeyilidiƣan bir jay bolisǝn, halas; sǝn ⱪaytidin ⱪurulmaysǝn; qünki Mǝnki Pǝrwǝrdigar xundaⱪ degǝnmǝn, dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.
رەب پەرۋەردىگار تۇرغا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن غۇلاپ كەتكىنىڭدە، يارىلانغانلار ئاھ-زارلىغىنىدا، ئوتتۇرۇڭدا قىرغىن-چاپقۇن قىلىنغاندا، دېڭىزنىڭ چەت ياقىلىرى تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ | 15 |
Rǝb Pǝrwǝrdigar Turƣa mundaⱪ dǝydu: — Sǝn ƣulap kǝtkiningdǝ, yarilanƣanlar aⱨ-zarliƣinida, otturungda ⱪirƣin-qapⱪun ⱪilinƣanda, dengizning qǝt yaⱪiliri tǝwrinip kǝtmǝmdu?
دېڭىزدىكى شاھزادىلەر تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى بىرياققا تاشلاپ، كەشتىلىك كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى قورقۇنچ-تىترەك بىلەن پۈركەيدۇ؛ ئۇلار يەرگە ئولتۇرۇپ، ھېچ توختاۋسىز تىترەپ، ساڭا قاراپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ. | 16 |
Dengizdiki xaⱨzadilǝr tǝhtliridin qüxüp, tonlirini biryaⱪⱪa taxlap, kǝxtilik kiyim-keqǝklirini seliwetidu; ular ɵzlirini ⱪorⱪunq-titrǝk bilǝn pürkǝydu; ular yǝrgǝ olturup, ⱨeq tohtawsiz titrǝp, sanga ⱪarap sarasimigǝ qüxidu.
ئۇلار سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئاھالەڭ دېڭىزدىكىلەردىن بولغان، داڭقى چىققان، دېڭىز ئۈستىدىن كۈچلۈك ھۆكۈم سۈرگەن، ئۆز ۋەھشەتلىرىڭنى بارلىق دېڭىزدا تۇرۇۋاتقانلارغا سالغان شەھەر! سەن ۋە سەندا تۇرۇۋاتقانلار نەقەدەر ھالاك بولغان! | 17 |
Ular sǝn üqün bir mǝrsiyǝni oⱪup sanga mundaⱪ dǝydu: — «I aⱨalǝng dengizdikilǝrdin bolƣan, dangⱪi qiⱪⱪan, Dengiz üstidin küqlük ⱨɵküm sürgǝn, Ɵz wǝⱨxǝtliringni barliⱪ dengizda turuwatⱪanlarƣa salƣan xǝⱨǝr! Sǝn wǝ sǝnda turuwatⱪanlar nǝⱪǝdǝr ⱨalak bolƣan!
ھازىر سېنىڭ غۇلاپ كەتكەن كۈنۈڭدە، دېڭىز بويىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە قىرغاقتىكىلەر سېنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنىڭدىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى». | 18 |
Ⱨazir sening ƣulap kǝtkǝn kününgdǝ, Dengiz boyidikilǝr titrǝp ketidu; Dengizdiki arallar wǝ ⱪirƣaⱪtikilǝr sening yoⱪ bolup kǝtkiningdin dǝkkǝ-dükkigǝ qüxüp ⱪaldi».
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى ئادەمزاتسىز شەھەرلەردەك، خارابە شەھەر قىلغىنىمدا، مەن ئۈستۈڭگە دېڭىز چوڭقۇرلۇقلىرىنى چىقىرىپ سېنى چۆكۈرگىنىمدە، ئۇلۇغ سۇلار سېنى بېسىپ ياپقاندا، | 19 |
— Qünki Rǝb Pǝrwǝrdigar mundaⱪ dǝydu: — «Mǝn seni adǝmzatsiz xǝⱨǝrlǝrdǝk, harabǝ xǝⱨǝr ⱪilƣinimda, Mǝn üstünggǝ dengiz qongⱪurluⱪlirini qiⱪirip seni qɵkürginimdǝ, Uluƣ sular seni besip yapⱪanda,
شۇ تاپتا مەن سېنى ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە چۈشۈرىمەن، قەدىمكى زاماندىكىلەرنىڭ قاتارىغا چۈشۈرىمەن؛ سېنى يەرنىڭ تېگىلىرىدە تۇرغۇزىمەن؛ سېنىڭدە قايتىدىن ئادەمزات بولماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قەدىمكى خارابىلەر ئارىسىغا، ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە بولۇشقا چۈشۈرىمەن؛ بىراق تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولسا گۈزەللىك تىكلەپ قويىمەن؛ | 20 |
Xu tapta Mǝn seni ⱨangƣa qüxkǝnlǝr bilǝn billǝ qüxürimǝn, Ⱪǝdimki zamandikilǝrning ⱪatariƣa qüxürimǝn; Seni yǝrning tegiliridǝ turƣuzimǝn; Seningdǝ ⱪaytidin adǝmzat bolmasliⱪi üqün, Seni ⱪǝdimki harabilǝr arisiƣa, Ⱨangƣa qüxkǝnlǝr bilǝn billǝ boluxⱪa qüxürimǝn; Biraⱪ tiriklǝrning zeminida bolsa güzǝllik tiklǝp ⱪoyimǝn;
مەن سېنى باشقىلارغا بىر ئاگاھى-ۋەھشەت قىلىمەن؛ سەن قايتىدىن ھېچ بولمايسەن؛ ئۇلار سېنى ئىزدەيدۇ، بىراق سەن مەڭگۈگە تېپىلمايسەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 21 |
Mǝn seni baxⱪilarƣa bir agaⱨi-wǝⱨxǝt ⱪilimǝn; Sǝn ⱪaytidin ⱨeq bolmaysǝn; Ular seni izdǝydu, biraⱪ sǝn mǝnggügǝ tepilmaysǝn» — dǝydu Rǝb Pǝrwǝrdigar.