< ئەزاكىيال 25 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Och Herrans ord skedde till mig, och sade:
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ئاممونىيلارغا قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ | 2 |
Du menniskobarn, ställ ditt ansigte emot Ammons barn, och prophetera emot dem;
ــ ئاممونىيلارغا مۇنداق دېگىن ــ رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ مۇقەددەس جايىم بۇلغانغاندا، ئىسرائىل زېمىنى ۋەيران قىلىنغاندا، يەھۇدا جەمەتى سۈرگۈن قىلىنغاندا سەن ئۇلارغا قاراپ: «ۋاھ! ياخشى بولدى!» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، | 3 |
Och säg till Ammons barn: Hörer Herrans Herrans ord: Så säger Herren Herren: Derföre, att I om min helgedom sägen: Hej, det är ohelgadt, och om Israels land: Det är förödt, och om Juda, hus: Det är i fängelse bortfördt;
ئەمدى مانا، مەن سېنى شەرقتىكى ئەللەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئاراڭدا بارگاھ قۇرۇپ، ئاراڭدا چېدىرلىرىنى تىكىدۇ؛ ئۇلار مېۋىلىرىڭنى يەپ، سۈتۈڭنى ئىچىدۇ. | 4 |
Derföre, si, jag skall öfvergifva dig dem österländska barnomen, att de skola bygga der sina borger, och göra der sina boning; de skola äta dina frukt, och dricka dina mjölk.
مەن رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئۈچۈن ئوتلاق، ئاممونىيلارنىڭ يېرىنى قوي پادىلىرى ئۈچۈن ئارامگاھ قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 5 |
Och jag skall göra Rabbach till camelastall, och Ammons barn till fårastall; och I skolen förnimma att jag är Herren.
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن ئىسرائىل زېمىنىغا قاراپ چاۋاك چېلىپ، پۇتۇڭنى تېپچەكلىتىپ، قەلبىڭدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىك بىلەن خۇش بولغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، | 6 |
Ty så säger Herren Herren: Derföre, att du klappade med dina händer, och stampade med dina fötter, och så hånliga gladde dig af att hjerta öfver Israels land;
ئەمدى مانا، مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى ئۇزارتىپ، سېنى ئەللەرگە ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ مەن سېنى خەلقلەر ئىچىدىن ئۈزىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يوقىتىمەن؛ مەن سېنى ھالاك قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. | 7 |
Derföre, si, jag skall uträcka mina hand öfver dig, och gifva dig Hedningomen till spis, och utrota dig ifrå folken, och förgöra dig utu landen, och nederlägga dig, och du skall förnimma att jag är Herren.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى موئاب ۋە سېئىرنىڭ: «يەھۇدا پەقەت بارلىق باشقا ئەللەر بىلەن ئوخشاش، خالاس» دېگىنى تۈپەيلىدىن، | 8 |
Detta säger Herren Herren: Derföre, att Moab och Seir sagt hafva: Si, Juda hus är lika som andra Hedningar;
شۇڭا مانا، مەن موئابنىڭ يېنىنى ــ چېگراسىدىكى شەھەرلەرنى، زېمىنىنىڭ پەخرى بولغان بەيت-يەشىموت، بائال-مېئون ۋە كىرىئاتايىم شەھەرلىرىدىن باشلاپ يېرىپ ئاچىمەن؛ | 9 |
Si, så skall jag öppna Moab sidona i hans städer, och i hans gränsom, dess kosteliga landsens, BethJesimoth, Baal Meon och Kiriathaim;
ئۇلارنى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنى بىلەن بىللە شەرقتىكى ئەللەرگە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئاممونىيلارنىڭ يەنە ئەللەر ئارىسىدا ئەسلەنمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا تاپشۇرىمەن؛ | 10 |
Dem österländska barnomen, samt med Ammons barnom, och skall gifva dem dem till arfs, så att man uppå Ammons barn intet mer tänka skall ibland Hedningarna.
ۋە موئاب ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. | 11 |
Och skall jag låta gå rätten öfver Moab, att de skola förnimma att jag är Herren.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئېدوم يەھۇدا جەمەتىدىن ئۆچ ئېلىپ يامانلىق قىلىپ، شۇنىڭدەك ئېغىر گۇناھكار بولغىنى تۈپەيلىدىن، ئىنتىقام ئالغنىنى تۈپەيلىدىن، | 12 |
Så säger Herren Herren: Derföre att Edom hafver hämnat sig öfver Juda hus, och är med sine hämnd brottslig vorden;
ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئېدومغا قولۇمنى سوزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنى زېمىنىدىن ئادەملەر ھەم ھايۋانلاردىن مەھرۇم قىلىمەن؛ مەن ئۇنى تېمان شەھىرىدىن تارتىپ ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇلار دېدان شەھىرىگىچە قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ. | 13 |
Derföre säger Herren Herren alltså: Jag skall uträcka mina hand öfver Edom, och utrota der både folk och fä, och göra det öde, allt ifrå Theman intill Dedan, och fälla dem genom svärd.
شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ قولى ئارقىلىق ئېدوم ئۈستىدىن ئۆز ئىنتىقامىمنى ئالىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ ئاچچىقىم ھەم قەھرىم بويىچە ئېدومدا ئىش قىلىدۇ؛ ئېدومىيلار مېنىڭ ئىنتىقامىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 14 |
Och skall åter hämnas öfver Edom, genom mitt folk Israel, och de skola göra med Edom efter mina vrede och grymhet, att de skola förnimma mina hämnd, säger Herren Herren.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ فىلىستىيلەر ئىنتىقام نىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، كونا ئۆچمەنلىكى بىلەن يەھۇدانى يوقىتايلى دەپ ئىچ-ئىچىدىن ئۆچ ئالغىنى تۈپەيلىدىن، | 15 |
Detta säger Herren Herren: Derföre att de Philisteer hafva hämnats, och släckt sitt gamla hat, efter all sin vilja, med mins folks skada;
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن فىلىستىيەنىڭ ئۈستىگە قولۇمنى ئۇزارتىمەن؛ مەن كەرەتىيلەرنى قىرىۋېتىمەن، دېڭىز بويىدىكىلەرنىڭ قالدۇقلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن. | 16 |
Derföre säger Herren Herren alltså: Si, jag skall uträcka mina hand öfver de Philisteer, och förgöra de dräpare, och förstöra dem, som igenlefvas vid hafshamnena;
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىلىك تەنبىھلەرنى چۈشۈرۈپ قاتتىق ئىنتىقام ئالىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئىنتىقام ئالغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. | 17 |
Och göra en stor hämnd uppå dem, och näpsa dem med grymhet; att de förnimma skola att jag är Herren, när jag hafver mina hämnd öfver dem gå låtit.