پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
וַיְהִ֥י דְבַר־יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ |
ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، قانلىق شەھەر ئۈستىگە ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ھۆكۈم چىقارمامسەن؟ ئەمدى ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ | 2 |
וְאַתָּ֣ה בֶן־אָדָ֔ם הֲתִשְׁפֹּ֥ט הֲתִשְׁפֹּ֖ט אֶת־עִ֣יר הַדָּמִ֑ים וְה֣וֹדַעְתָּ֔הּ אֵ֖ת כָּל־תּוֹעֲבוֹתֶֽיהָ׃ |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز جازا كۈنىنىڭ كېلىشى ئۈچۈن ئۆز ئىچىدە قان تۆككۈچى شەھەر، ئۆزىنى بۇلغاش ئۈچۈن ئۆزىگە مەبۇدلارنى ياسىغان شەھەر ــ | 3 |
וְאָמַרְתָּ֗ כֹּ֤ה אָמַר֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה עִ֣יר שֹׁפֶ֥כֶת דָּ֛ם בְּתוֹכָ֖הּ לָב֣וֹא עִתָּ֑הּ וְעָשְׂתָ֧ה גִלּוּלִ֛ים עָלֶ֖יהָ לְטָמְאָֽה׃ |
سەن تۆككەن قان تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولدۇڭ، ياسىغان مەبۇدلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ؛ سەن ئۆز جازا كۈنلىرىڭنى يېقىنلاشتۇردۇڭ، يىللىرىڭنى توشتۇردۇڭ؛ شۇڭا مەن سېنى ئەللەرگە رەسۋا، بارلىق مەملىكەتلەرگە مازاقنىڭ ئوبيېكتى قىلدىم. | 4 |
בְּדָמֵ֨ךְ אֲשֶׁר־שָׁפַ֜כְתְּ אָשַׁ֗מְתְּ וּבְגִלּוּלַ֤יִךְ אֲשֶׁר־עָשִׂית֙ טָמֵ֔את וַתַּקְרִ֣יבִי יָמַ֔יִךְ וַתָּב֖וֹא עַד־שְׁנוֹתָ֑יִךְ עַל־כֵּ֗ן נְתַתִּ֤יךְ חֶרְפָּה֙ לַגּוֹיִ֔ם וְקַלָּסָ֖ה לְכָל־הָאֲרָצֽוֹת׃ |
ساڭا يېقىندىكىلەر ھەمدە سەندىن يىراقتىكىلەر سېنى مازاق قىلىدۇ، ئى قىيا-چىياغا تولغان بەتناملىق شەھەر! | 5 |
הַקְּרֹב֛וֹת וְהָרְחֹק֥וֹת מִמֵּ֖ךְ יִתְקַלְּסוּ־בָ֑ךְ טְמֵאַ֣ת הַשֵּׁ֔ם רַבַּ֖ת הַמְּהוּמָֽה׃ |
ئىسرائىلنىڭ شاھزادىلىرى، ھەر بىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئىچىڭدە قانداق قان تۆككەنلىكىگە قارا! | 6 |
הִנֵּה֙ נְשִׂיאֵ֣י יִשְׂרָאֵ֔ל אִ֥ישׁ לִזְרֹע֖וֹ הָ֣יוּ בָ֑ךְ לְמַ֖עַן שְׁפָךְ־דָּֽם׃ |
سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى كۆزگە ئىلمىغان؛ ئاراڭلاردا مۇساپىرلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق قىلغان، يېتىم-يېسىرلەر ھەم تۇل خوتۇنلارغا ئۇۋال قىلغان؛ | 7 |
אָ֤ב וָאֵם֙ הֵקַ֣לּוּ בָ֔ךְ לַגֵּ֛ר עָשׂ֥וּ בַעֹ֖שֶׁק בְּתוֹכֵ֑ךְ יָת֥וֹם וְאַלְמָנָ֖ה ה֥וֹנוּ בָֽךְ׃ |
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى سەن كەمسىتكەن، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغاپ بۇزغانسەن؛ | 8 |
קָדָשַׁ֖י בָּזִ֑ית וְאֶת־שַׁבְּתֹתַ֖י חִלָּֽלְתְּ׃ |
سېنىڭ ئىچىڭدە قانغا تەشنا تۆھمەتخور ئادەملەر بولغان؛ ئۇلار تاغلار ئۈستىدە بۇتپەرەسلىك ئېشىنى يېگەن؛ سېنىڭ ئىچىڭدە ئۇلار بۇزۇقلۇق پەسەندىلىك قىلغان؛ | 9 |
אַנְשֵׁ֥י רָכִ֛יל הָ֥יוּ בָ֖ךְ לְמַ֣עַן שְׁפָךְ־דָּ֑ם וְאֶל־הֶֽהָרִים֙ אָ֣כְלוּ בָ֔ךְ זִמָּ֖ה עָשׂ֥וּ בְתוֹכֵֽךְ׃ |
سەندە ئۆز ئاتىسىنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلەر بار؛ ئاي كۆرگەن قىز-ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلغانلارمۇ بار. | 10 |
עֶרְוַת־אָ֖ב גִּלָּה־בָ֑ךְ טְמֵאַ֥ת הַנִּדָּ֖ה עִנּוּ־בָֽךְ׃ |
بىرسى قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن يىرگىنچلىك بۇزۇقلۇق قىلغان؛ يەنە بىرسى ئۆز كېلىنىنى بۇزۇپ شەھۋانىيەت قىلغان؛ سەندە بولغان يەنە بىرسى ئۆز سىڭلىسىغا، يەنە ئاتىسىنىڭ قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان. | 11 |
וְאִ֣ישׁ ׀ אֶת־אֵ֣שֶׁת רֵעֵ֗הוּ עָשָׂה֙ תּֽוֹעֵבָ֔ה וְאִ֥ישׁ אֶת־כַּלָּת֖וֹ טִמֵּ֣א בְזִמָּ֑ה וְאִ֛ישׁ אֶת־אֲחֹת֥וֹ בַת־אָבִ֖יו עִנָּה־בָֽךְ׃ |
ئۇلار قان تۆكۈش ئۈچۈن ئاراڭدا «سوۋغاتلار»نى قوبۇل قىلغان؛ سەن ئۆسۈم-جازانە ئالغان؛ سەن ئۆز قوشنىلىرىڭدىن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىپ، مېنى ئۇنتۇغانسەن ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 12 |
שֹׁ֥חַד לָֽקְחוּ־בָ֖ךְ לְמַ֣עַן שְׁפָךְ־דָּ֑ם נֶ֧שֶׁךְ וְתַרְבִּ֣ית לָקַ֗חַתְּ וַתְּבַצְּעִ֤י רֵעַ֙יִךְ֙ בַּעֹ֔שֶׁק וְאֹתִ֣י שָׁכַ֔חַתְּ נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהוִֽה׃ |
ۋە مانا، مەن ھارامنى مەجبۇرىي يۇلۇۋېلىشىڭغا ۋە سەن ئۆز ئاراڭدا تۆككەن قانلارغا قاراپ قولۇمنى-قولۇمغا ئۇردۇم! | 13 |
וְהִנֵּה֙ הִכֵּ֣יתִי כַפִּ֔י אֶל־בִּצְעֵ֖ךְ אֲשֶׁ֣ר עָשִׂ֑ית וְעַ֨ל־דָּמֵ֔ךְ אֲשֶׁ֥ר הָי֖וּ בְּתוֹכֵֽךְ׃ |
مەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كۈنلەردىمۇ يۈرىكىڭ يەنىلا توق، قوللىرىڭ چىڭ تۇرىۋېرەمدۇ؟ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، ئۆزۈم ئۇنى ئادا قىلىمەن. | 14 |
הֲיַעֲמֹ֤ד לִבֵּךְ֙ אִם־תֶּחֱזַ֣קְנָה יָדַ֔יִךְ לַיָּמִ֕ים אֲשֶׁ֥ר אֲנִ֖י עֹשֶׂ֣ה אוֹתָ֑ךְ אֲנִ֥י יְהוָ֖ה דִּבַּ֥רְתִּי וְעָשִֽׂיתִי׃ |
مەن سېنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن، ئوتتۇراڭدا بولغان پەسەندىلىكىڭگە خاتىمە بېرىمەن. | 15 |
וַהֲפִיצוֹתִ֤י אוֹתָךְ֙ בַּגּוֹיִ֔ם וְזֵרִיתִ֖יךְ בָּאֲרָצ֑וֹת וַהֲתִמֹּתִ֥י טֻמְאָתֵ֖ךְ מִמֵּֽךְ׃ |
ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئارقىلىق ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغىنىسەن، ئاندىن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسەن. | 16 |
וְנִחַ֥לְתְּ בָּ֖ךְ לְעֵינֵ֣י גוֹיִ֑ם וְיָדַ֖עַתְּ כִּֽי־אֲנִ֥י יְהוָֽה׃ פ |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 17 |
וַיְהִ֥י דְבַר־יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ |
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ماڭا خۇددى داشقال بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇمداندا قالغان مىس، قەلەي، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇنلاردۇر؛ ئۇلار كۈمۈشنىڭ پوقى بولۇپ چىقتى. | 18 |
בֶּן־אָדָ֕ם הָיוּ־לִ֥י בֵֽית־יִשְׂרָאֵ֖ל לְסִ֑יג כֻּלָּ֡ם נְ֠חֹשֶׁת וּבְדִ֨יל וּבַרְזֶ֤ל וְעוֹפֶ֙רֶת֙ בְּת֣וֹךְ כּ֔וּר סִגִ֥ים כֶּ֖סֶף הָיֽוּ׃ ס |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەممىڭلار داشقال بولۇپ چىققاچقا، مانا ئەمدى مەن سىلەرنى يېرۇسالېم ئوتتۇرىسىغا يىغىمەن؛ | 19 |
לָכֵ֗ן כֹּ֤ה אָמַר֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה יַ֛עַן הֱי֥וֹת כֻּלְּכֶ֖ם לְסִגִ֑ים לָכֵן֙ הִנְנִ֣י קֹבֵ֣ץ אֶתְכֶ֔ם אֶל־תּ֖וֹךְ יְרוּשָׁלִָֽם׃ |
كىشىلەر ئۈستىگە ئوت پۈۋلەپ، ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاش ئۈچۈن كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن ۋە قەلەينى خۇمدان ئىچىگە يىغقاندەك، مەن غەزىپىم ۋە قەھرىم بىلەن سىلەرنى يىغىپ [شەھەر] ئىچىگە سېلىپ سىلەرنى ئېرىتىمەن. | 20 |
קְבֻ֣צַת כֶּ֡סֶף וּ֠נְחֹשֶׁת וּבַרְזֶ֨ל וְעוֹפֶ֤רֶת וּבְדִיל֙ אֶל־תּ֣וֹךְ כּ֔וּר לָפַֽחַת־עָלָ֥יו אֵ֖שׁ לְהַנְתִּ֑יךְ כֵּ֤ן אֶקְבֹּץ֙ בְּאַפִּ֣י וּבַחֲמָתִ֔י וְהִנַּחְתִּ֥י וְהִתַּכְתִּ֖י אֶתְכֶֽם׃ |
شۇنداق، مەن سىلەرنى يىغىپ، غەزىپىمنىڭ ئوتىنى ئۈستۈڭلەرگە پۈۋلەيمەن، سىلەر ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېرىپ كېتىسىلەر؛ | 21 |
וְכִנַּסְתִּ֣י אֶתְכֶ֔ם וְנָפַחְתִּ֥י עֲלֵיכֶ֖ם בְּאֵ֣שׁ עֶבְרָתִ֑י וְנִתַּכְתֶּ֖ם בְּתוֹכָֽהּ׃ |
كۈمۈش خۇمداندا ئېرىتىلگەندەك، سىلەر شەھەر ئوتتۇرىسىدا ئېرىتىلىسىلەر؛ ۋە سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قەھرىمنى ئۈستۈڭلەرگە تۆككەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 22 |
כְּהִתּ֥וּךְ כֶּ֙סֶף֙ בְּת֣וֹךְ כּ֔וּר כֵּ֖ן תֻּתְּכ֣וּ בְתוֹכָ֑הּ וִֽידַעְתֶּם֙ כִּֽי־אֲנִ֣י יְהוָ֔ה שָׁפַ֥כְתִּי חֲמָתִ֖י עֲלֵיכֶֽם׃ פ |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 23 |
וַיְהִ֥י דְבַר־יְהוָ֖ה אֵלַ֥י לֵאמֹֽר׃ |
ئى ئىنسان ئوغلى، شەھەرگە مۇنداق دېگىن: ــ غەزەپ چۈشكەن كۈندە سەن پاكلاندۇرۇلمىغان، يامغۇر چۈشمىگەن بىر زېمىنسەن. | 24 |
בֶּן־אָדָ֕ם אֱמָר־לָ֕הּ אַ֣תְּ אֶ֔רֶץ לֹ֥א מְטֹהָרָ֖ה הִ֑יא לֹ֥א גֻשְׁמָ֖הּ בְּי֥וֹם זָֽעַם׃ |
ئۆز ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان، ھۆركىرەيدىغان شىردەك ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇنىڭدا سۇيىقەست ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار جانلارنى يەۋېتىدۇ؛ خەزىنىلەرنى، قىممەتلىك نەرسىلىرىنى بۇلىۋالىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇل خوتۇنلارنى كۆپەيتمەكتە. | 25 |
קֶ֤שֶׁר נְבִיאֶ֙יהָ֙ בְּתוֹכָ֔הּ כַּאֲרִ֥י שׁוֹאֵ֖ג טֹ֣רֵֽף טָ֑רֶף נֶ֣פֶשׁ אָכָ֗לוּ חֹ֤סֶן וִיקָר֙ יִקָּ֔חוּ אַלְמְנוֹתֶ֖יהָ הִרְבּ֥וּ בְתוֹכָֽהּ׃ |
ئۇنىڭ كاھىنلىرى تەۋرات-قانۇنۇمنى بۇزۇپ تاشلاپ، پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىغان؛ ئۇلار پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىي نەرسىلەرنى پەرق قىلمايدۇ؛ ئۇلار «شابات كۈن»لىرىمگە كۆزىنى يۇمۇپ يۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ماڭا بەتنام چاپلىنىدۇ. | 26 |
כֹּהֲנֶ֜יהָ חָמְס֣וּ תוֹרָתִי֮ וַיְחַלְּל֣וּ קָדָשַׁי֒ בֵּֽין־קֹ֤דֶשׁ לְחֹל֙ לֹ֣א הִבְדִּ֔ילוּ וּבֵין־הַטָּמֵ֥א לְטָה֖וֹר לֹ֣א הוֹדִ֑יעוּ וּמִשַׁבְּתוֹתַי֙ הֶעְלִ֣ימוּ עֵֽינֵיהֶ֔ם וָאֵחַ֖ל בְּתוֹכָֽם׃ |
ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاھزادىلەر خۇددى ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان بۆرىلەردەك؛ ئۇلار قان تۆكۈشىدۇ، جانلارنى نابۇت قىلىشىدۇ، ھارام مەنپەئەتنى بۇلىشىدۇ. | 27 |
שָׂרֶ֣יהָ בְקִרְבָּ֔הּ כִּזְאֵבִ֖ים טֹ֣רְפֵי טָ֑רֶף לִשְׁפָּךְ־דָּם֙ לְאַבֵּ֣ד נְפָשׁ֔וֹת לְמַ֖עַן בְּצֹ֥עַ בָּֽצַע׃ |
ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنىڭ [قىلمىشلىرىنى] «ھاك سۇۋاق» بىلەن ئاقارتقان، «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ!» دەپ ساختا كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈۋېلىپ، پال سېلىپ يالغانچىلىق يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارغا سۆز قىلغان ئەمەس. | 28 |
וּנְבִיאֶ֗יהָ טָח֤וּ לָהֶם֙ תָּפֵ֔ל חֹזִ֣ים שָׁ֔וְא וְקֹסְמִ֥ים לָהֶ֖ם כָּזָ֑ב אֹמְרִ֗ים כֹּ֤ה אָמַר֙ אֲדֹנָ֣י יְהוִ֔ה וַֽיהוָ֖ה לֹ֥א דִבֵּֽר׃ |
زېمىندىكى ئاددىي پۇقرالارمۇ جەبىر-زۇلۇم قىلىشىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاجىز-نامراتلارنى بوزەك قىلىپ، مۇساپىرلارغا زۇلۇم سېلىپ ئۇۋال قىلىدۇ. | 29 |
עַ֤ם הָאָ֙רֶץ֙ עָ֣שְׁקוּ עֹ֔שֶׁק וְגָזְל֖וּ גָּזֵ֑ל וְעָנִ֤י וְאֶבְיוֹן֙ הוֹנ֔וּ וְאֶת־הַגֵּ֥ר עָשְׁק֖וּ בְּלֹ֥א מִשְׁפָּֽט׃ |
مەن ئۇلار ئارىسىدىن تامنى قايتىدىن ياسىتىپ بېرىدىغان، مېنى ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىشىمدىن ياندۇرىدىغان، ئۇنىڭ يېرىقىنى ئەتكۈدەك، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدىغان ئارىچى بىر ئەزىمەتنى ئىزدەپ كەلدىم؛ بىراق ھېچبىرنى تاپالمىدىم. | 30 |
וָאֲבַקֵּ֣שׁ מֵהֶ֡ם אִ֣ישׁ גֹּֽדֵר־גָּדֵר֩ וְעֹמֵ֨ד בַּפֶּ֧רֶץ לְפָנַ֛י בְּעַ֥ד הָאָ֖רֶץ לְבִלְתִּ֣י שַׁחֲתָ֑הּ וְלֹ֖א מָצָֽאתִי׃ |
شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۈستىگە تۆكىمەن؛ غەزىپىمنىڭ ئوتى بىلەن مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 31 |
וָאֶשְׁפֹּ֤ךְ עֲלֵיהֶם֙ זַעְמִ֔י בְּאֵ֥שׁ עֶבְרָתִ֖י כִּלִּיתִ֑ים דַּרְכָּם֙ בְּרֹאשָׁ֣ם נָתַ֔תִּי נְאֻ֖ם אֲדֹנָ֥י יְהֹוִֽה׃ פ |