< ئەزاكىيال 21 >
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
上主的話傳給我說:「
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى يېرۇسالېمغا قارىتىپ، «مۇقەددەس جايلار»نى ئەيىبلەپ، ئىسرائىل زېمىنىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ، | 2 |
人子,你轉面向耶路撒冷,發言攻斥聖所,講預言攻斥以色列地域,
يەنى ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن؛ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. | 3 |
向以色列地域說:吾主上主這樣說:看,我要攻擊你,我要拔劍出鞘,剷除你境內的義人和惡人,
مەن سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، قىلىچىم بارلىق ئەت ئىگىلىرى، يەنى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ھەممەيلەن بىلەن قارشىلىشىشغا غىلاپتىن چىقىدۇ؛ | 4 |
因為我要剷除你境內的義人和惡人,為此,我的劍從鞘內抽出,攻擊由南至北一切有血肉的人;
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ قىلىچ غىلاپقا قايتىدىن يېنىپ كىرمەيدۇ. | 5 |
這樣,凡有血肉的人都知道:是我,上主拔劍出鞘,決不再放回。
ئەمدى ئۇھ تارتقىن، ئى ئىنسان ئوغلى؛ ئىچ-باغرىڭ ئېچىشقۇدەك دەرد-ئەلەم بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇھ-زار قىل. | 6 |
人子,你應哀歎! 應在他們眼前傷心痛苦哀歎。
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا ئۇھ تارتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، سەن ئۇلارغا: «بولغان شۇم خەۋەر تۈپەيلىدىن! مانا، ئۇ كېلىدۇ! بارلىق يۈرەكلەر ئېرىپ، بارلىق قوللار بوشاپ كېتىدۇ، بارلىق روھلار زەئىپلىشىپ، بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ مانا ئۇ كېلىۋاتىدۇ! ئۇ يېتىپ كەلدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن. | 7 |
假使有人問你說:你為什麼哀歎﹖你就說:是為了一個凶信,當這事來到,所有的心靈必要沮喪,手臂必要無力,精神必要頹唐,膝蓋必要軟弱如水。看,災禍來到時,必將如此──吾主上主的斷語。」
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 8 |
上主的話傳給我說:「
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىر قىلىچ، بىر قىلىچ، بىسلانغان، پارقىرىتىلغان! | 9 |
人子,講預言罷! 吾主這樣說:你要說:有一把劍:是一把磨快而擦亮的劍。
ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ئۇنى يالتىراشقا پارقىراتقان؛ ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟ | 10 |
磨快了,是為大屠殺;擦亮了,是為閃爍發光。
ئۇ قىلىچنى پارقىرىتىلىشقا، قول بىلەن تۇتۇشقا بېكىتكەن؛ قىلىچ بىلەنگەن، پارقىرىتىلغان، قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشقا تەييارلانغاندۇر! | 11 |
把它拿去擦亮,好握在掌中;這把磨快的劍,這把擦亮的劍,是為交在屠殺者的手中。
نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ پىغان چەككىن، ئى ئىنسان ئوغلى، چۈنكى [قىلىچ] مېنىڭ خەلقىمگە قارشى چىققان؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ بارلىق شاھزادىلىرىگە قارشى چىققان؛ ئۇلار ئۆز خەلقىم بىلەن تەڭ قىلىچقا تاپشۇرۇلغان؛ شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن! | 12 |
人子,你要哀號痛哭,因為劍擊在我百姓身上,砍在以色列的一切首領身上。他們同我的百姓都喪身刀下。為此你應擊股示哀,
چۈنكى سىناق كەلدى؛ ئەمدى بۇ «شاھانە ھاسا» باشقا ياغاچلارنى كەمسىتكىنى بىلەن، ئۇ بەرىبىر تۈگىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 13 |
因為已試過一次,這要怎麼辦﹖它連權杖都輕視了,以致不叫它存在──吾主上主的斷語──
ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن! قىلىچ ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قىرسۇن! ئۇ قىرغۇچى قىلىچ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان زور قەتل قىلغۇچى قىلىچتۇر! | 14 |
人子,你講預言,且鼓掌罷! 那劍將是雙刃的,是屠殺的劍;那把大屠殺的劍向他們揮起,
ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى پۇتلىشىپ كەتسۇن دەپ، مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان؛ | 15 |
叫他們膽顫心驚,死亡的人加多。我將屠殺的劍尖指向他們所有的門戶上:劍擦亮了,是為閃爍;磨快了,是為屠殺。
ئى قىلىچ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈر بول! سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ چاپ! بىسىڭنى قەيەرگە قاراتقان بولسا شۇ يەرگە چاپ! | 16 |
你的刀鋒無論轉向何方,或向左,或向右,都應是鋒利的。
مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن چاۋاك چالىمەن، ئۆز قەھرىمنى تۆكۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. | 17 |
我也要親自鼓掌,以平息我的憤怒:這是我上主說的。」
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 18 |
上主的話傳給我說:「
سەن ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچىنىڭ مېڭىشىغا تەييارلانغان ئىككى يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ ئىككىلىسى بىر زېمىندىن چىقىدىغان بولسۇن؛ [يېرۇسالېم] شەھىرىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بېشىدا بىر يول بەلگىسىنى تىكلەپ قويغىن؛ | 19 |
人子,你應劃出兩條路,叫巴比倫王的劍沿路而來。這兩條路應由一地出發;又劃出一隻手,置於通往城市的道路起點。
يەنى قىلىچنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىگە بىر يول ھەمدە يەھۇداغا، يەنى ئىستىھكامى مەستەھكەم يېرۇسالېم شەھىرىگە يەنە بىر يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ | 20 |
你所劃的路,一條使劍至阿孟子民的辣巴特;一條使劍至猶大的堅城耶路撒冷。
چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى ئاچا يولدا، يەنى ئىككى يولنىڭ بېشىدا پال ئاچقۇزىدۇ؛ ئۇ ئوقلارنى سىلكىيدۇ، «كۆچمە مەبۇدلار»دىن سورايدۇ، جىگەرنى تەكشۈرىدۇ. | 21 |
因為巴比倫王站在岔路上,在兩條路口上占卜、搖籤、求問「忒辣芬,」窺察牲肝。
ئەمدى سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەشنى، قان تۆكۈشكە پەرمان قىلىشنى، جەڭ ئېلان قىلىپ توۋلاشنى، دەرۋازىلارغا ئۇرۇلغۇچى بازغانلارنى تىكلەشنى، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى ياساشنى، پوتەيلەرنى قۇرۇشنى، يېرۇسالېمنى [مۇھاسىرىگە ئېلىشنى] كۆرسىتىدىغان پال ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا چۈشىدۇ؛ | 22 |
在他右手中出現了指向耶路撒冷的籤,他便下令屠殺,吶喊衝鋒,架起攻城門機,堆起高台,建造雲梯。
گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچكەن قەسەملەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ. | 23 |
可是在曾經發過誓願的以色列子民看來,那籤是假的。但他卻想起了他們的罪過,為使他們俯首就擒。
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ئاشكارىلىنىپ، بارلىق قىلمىشلىرىڭلاردا گۇناھلىرىڭلار كۆرۈنگەچكە، قەبىھلىكىڭلارنى ئەسكە كەلتۈرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن ــ يەنى ئۆزۈڭلار پاش قىلىنىپ ئەسكە ئېلىنغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، سىلەر قولغا ئېلىنىسىلەر. | 24 |
為此吾主上主這樣說:因為你們顯露了你們的過犯,在你們的行為上,現出你們的惡行,使我想起了你們的罪惡;你們既然使我想起你們的罪惡,你們必在他們手中俯首就擒。
ئەمدى سەن، ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى، قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ! | 25 |
你這無恥而萬惡的以色列首領,你的日子到了,犯罪的時候完了。
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەللىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋەت، تاجنى ئېلىۋەت؛ ئىشلار ئۆز پېتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ پەس تۇرغاننى ئېگىز قىل، ئېگىز تۇرغاننى پەس قىل؛ | 26 |
吾主上主這樣說:取下頭巾,摘去冠冕,一切都要轉變:卑下的要高陞,崇高的要降低。
ئۇنىڭ [تەختىنى] ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت! ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن. | 27 |
我必要使他的國澈底滅亡,再也不能存在,直到那掌權者來到,我再交給他。」「
ئەمدى ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار ئاممونىيلار ۋە ئۇلارنىڭ مازاقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ دېگىن! | 28 |
人子,你應講預言說,吾主上主這樣攻斥阿孟子民和他們的侮辱說:你要說:有一把劍,拔出是為屠殺,磨快是為毀滅,擦亮是為閃爍──
چۈنكى پالچىلار سەن قىلىچ توغرۇڭدا قۇرۇق ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، سەن ئۈچۈن يالغاندىن بىر پال سالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى كەلگەندە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلار سېنى شۇ قىرىلغان رەزىللەرنىڭ بويۇنلىرى ئۈستىگە قوشۇپ ياتقۇزىدۇ! | 29 |
那時人所給予你的,是虛假的異像,欺騙的占卜──是為砍在作惡犯罪者的脖子上,他們的日子到了,犯罪的時候完了。
بۇ قىلىچنى ئۆز غىلاپىغا قايتۇرۇپ سال! مەن سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئۆزۈڭ يارىتىلغان جايدا، يەنى سەن تۆرۈلگەن جايدا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. | 30 |
把劍插入鞘內,我要在你受造之地,在你生長之地裁判你。
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستۈڭگە قەھرىمنى تۆكۈپ ياغدۇرۇپ، غەزىپىمنىڭ ئوتى قىلىپ پۈۋلەيمەن؛ مەن سېنى قاتىللىققا ماھىر ياۋۇز ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ | 31 |
我要在你身上發洩我的怒氣,在你身上點起我的怒火,將你交在善於破壞的野蠻人手中。
سەن ئوتقا يېقىلغۇ بولىسەن؛ سېنىڭ قېنىڭ ئۆز زېمىنىڭدە تۆكۈلىدۇ؛ سەن قايتىدىن ئەسلەنمەيسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. | 32 |
你要成為烈火的燃料;你的血要傾流在國中,以後再沒有人記念你,因為我上主說了。」