< ئەزاكىيال 20 >
يەتتىنچى يىلى، بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سورىغىلى مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. | 1 |
et factum est in anno septimo in quinto mense in decima mensis venerunt viri de senioribus Israhel ut interrogarent Dominum et sederunt coram me
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 2 |
et factus est sermo Domini ad me dicens
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مەندىن سورىغىلى كەلدىڭلار؟ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مەن سىلەرنىڭ مەندىن سورىشىڭلارغا يولغا قويمايمەن. | 3 |
fili hominis loquere senioribus Israhel et dices ad eos haec dicit Dominus Deus num ad interrogandum me vos venistis vivo ego quia non respondebo vobis ait Dominus Deus
ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن، ئى ئادەم بالىسى، ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ | 4 |
si iudicas eos si iudicas fili hominis abominationes patrum eorum ostende eis
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئىسرائىلنى تاللىغان كۈنىدە، ياقۇپ جەمەتىنىڭ نەسلىگە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۆزۈمنى ئۇلارغا ئايان قىلغىنىمدا، يەنى ئۇلارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ئۇلارغا: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دېگىنىمدە | 5 |
et dices ad eos haec dicit Dominus Deus in die qua elegi Israhel et levavi manum meam pro stirpe domus Iacob et apparui eis in terra Aegypti et levavi manum meam pro eis dicens ego Dominus Deus vester
ــ شۇ كۈنى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزدەپ تاپقان سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىن ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزەل زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلدىم؛ | 6 |
in die illa levavi manum meam pro eis ut educerem eos de terra Aegypti in terram quam provideram eis fluentem lacte et melle quae est egregia inter omnes terras
مەن ئۇلارغا: «ھەربىرىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايڭلاردۇرمەن» ــ دېدىم. | 7 |
et dixi ad eos unusquisque offensiones oculorum suorum abiciat et in idolis Aegypti nolite pollui ego Dominus Deus vester
لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايتتى؛ ھېچقايسىسى نە ئۆز كۆزى ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمىدى، نە مىسىرنىڭ بۇتلىرىدىن ھېچ ئايرىلمىدى. ئاندىن مەن قەھرىمنى مىسىر زېمىنى ئىچىدە ئۇلارغا تۆكۈپ، ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى باسىمەن، دېدىم ــ | 8 |
et inritaverunt me nolueruntque audire unusquisque abominationes oculorum suorum non proiecit nec idola Aegypti reliquerunt et dixi ut effunderem indignationem meam super eos et implerem iram meam in eis in medio terrae Aegypti
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئۇلار تۇرغان ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن چىقىرىشىم بىلەن ئۆزۈمنى ئايان قىلغانىدىم؛ | 9 |
et feci propter nomen meum ut non violaretur coram gentibus in quarum medio erant et inter quas apparui eis ut educerem eos de terra Aegypti
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن [تولۇق] چىقىرىپ، چۆل-باياۋانغا ئاپاردىم. | 10 |
eieci ergo eos de terra Aegypti et eduxi in desertum
ۋە مەن بەلگىلىمىلىرىمنى بېرىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىمنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ــ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. | 11 |
et dedi eis praecepta mea et iudicia mea ostendi eis quae faciat homo et vivat in eis
ئۆزۈم ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى بېشارەت بولسۇن دەپ، مېنىڭ ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىدىغان پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن «شابات كۈن»لىرىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم؛ | 12 |
insuper et sabbata mea dedi eis ut esset signum inter me et eos et scirent quia ego Dominus sanctificans eos
لېكىن ئىسرائىل جەمەتى چۆل-باياۋاندا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىدى، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چەتكە قاقتى (ئەگەر ئادەملەر بۇ ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ۋە مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى قاتتىق بۇلغىدى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۆل-باياۋاندا ئۇلار ھالاك قىلىنغۇچە قەھرىمنى تۆكىمەن دېدىم ــ | 13 |
et inritaverunt me domus Israhel in deserto in praeceptis meis non ambulaverunt et iudicia mea proiecerunt quae faciens homo vivet in eis et sabbata mea violaverunt vehementer dixi ergo ut effunderem furorem meum super eos in deserto et consumerem eos
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. | 14 |
et feci propter nomen meum ne violaretur coram gentibus de quibus eieci eos in conspectu earum
مەن يەنە چۆل-باياۋاندا ئۇلارغا سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزمەيمەن دەپ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىمەن دېدىم | 15 |
ego igitur levavi manum meam super eos in deserto ne inducerem eos in terram quam dedi eis fluentem lacte et melle praecipuam terrarum omnium
(چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇتلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەچكە، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە ماڭمىغان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان)؛ ــ | 16 |
quia iudicia mea proiecerunt et in praeceptis meis non ambulaverunt et sabbata mea violaverunt post idola enim cor eorum gradiebatur
ھالبۇكى، كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلمىدىم ياكى ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا تۈگەشتۈرمىدىم. | 17 |
et pepercit oculus meus super eos ut non interficerem eos nec consumpsi eos in deserto
مەن چۆل-باياۋاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇنداق دېدىم: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بەلگىمىلىرىدە ماڭماڭلار، نە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتماڭلار نە بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. | 18 |
dixi autem ad filios eorum in solitudine in praeceptis patrum vestrorum nolite incedere nec iudicia eorum custodiatis nec in idolis eorum polluamini
مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ | 19 |
ego Dominus Deus vester in praeceptis meis ambulate et iudicia mea custodite et facite ea
مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلاڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن ۋە سىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى بىر بېشارەتتۇر. | 20 |
et sabbata mea sanctificate ut sit signum inter me et vos et sciatur quia ego Dominus Deus vester
لېكىن بالىلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ ئۇلار نە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىغان نە مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتمىغان (بىرسى ئۇلارغا ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلار بىلەن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغىغان؛ شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن، دېدىم؛ | 21 |
et exacerbaverunt me filii in praeceptis meis non ambulaverunt et iudicia mea non custodierunt ut facerent ea quae cum fecerit homo vivet in eis et sabbata mea violaverunt et comminatus sum ut effunderem furorem meum super eos et implerem iram meam in eis in deserto
لېكىن جازادىن قولۇمنى تارتىپ، نامىمنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانمىسۇن دەپ ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. | 22 |
averti autem manum meam et feci propter nomen meum ut non violaretur coram gentibus de quibus eieci eos in oculis earum
چۆل-باياۋاندا مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا سىلەرنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن دەپ قەسەم قىلىمەن، دېدىم؛ | 23 |
iterum levavi manum meam in eos in solitudine ut dispergerem illos in nationes et ventilarem in terras
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئادا قىلمىغان، بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان؛ ئۇلار كۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇتلىرىغا تىكمەكتە ئىدى؛ | 24 |
eo quod iudicia mea non fecissent et praecepta mea reprobassent et sabbata mea violassent et post idola patrum suorum fuissent oculi eorum
شۇڭا مەن ئۇلارغا ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى، ئۇلارنى ھاياتقا ئېلىپ بارمايدىغان ھۆكۈملەرنى بېغىشلىدىم؛ | 25 |
ergo et ego dedi eis praecepta non bona et iudicia in quibus non vivent
ۋە ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈپ، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆز ھەدىيەلىرى ئارقىلىق بۇلغىدىم، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە بارلىق تۇنجى بالىلىرىنى ئاتاپ قوياتتى. | 26 |
et pollui eos in muneribus suis cum offerrent omne quod aperit vulvam propter delicta sua et scient quia ego Dominus
شۇڭا، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار شۇ ئىشتىمۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغانكى، ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان؛ | 27 |
quam ob rem loquere ad domum Israhel fili hominis et dices ad eos haec dicit Dominus Deus adhuc et in hoc blasphemaverunt me patres vestri cum sprevissent me contemnentes
ئۇلار مەن ئۆز قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان يەرگە كىرگەندە، ئۇلار شۇ يەردىكى ئۇدۇل كەلگەن ھەربىر يۇقىرى دۆڭ ھەم باراقسان دەرەخنى كۆرۈپلا شۇ جايلاردا ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ، مېنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان ھەدىيەلەرنى قىلاتتى؛ ئۇلار شۇ يەردىمۇ «خۇشپۇراق ھەدىيە»لىرىنى پۇرىتىپ، «شاراب ھەدىيە»لىرىنى تۆكەتتى؛ | 28 |
et induxissem eos in terram super quam levavi manum meam ut darem eis viderunt omnem collem excelsum et omne lignum nemorosum et immolaverunt ibi victimas suas et dederunt ibi inritationem oblationis suae et posuerunt ibi odorem suavitatis suae et libaverunt libationes suas
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلاردىن: «سىلەر چىقىدىغان بۇ يۇقىرى جاي دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئىسمى «باماھ»دۇر. | 29 |
et dixi ad eos quid est excelsum ad quod vos ingredimini et vocatum est nomen eius Excelsum usque ad hanc diem
شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدا ئۆزلىرىڭلارنىمۇ بۇلغىماقچىمۇسىلەر؟ ئۇلارنىڭ نەپرەتلىك قىلمىشلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلماقچىمۇسىلەر؟ | 30 |
propterea dic ad domum Israhel haec dicit Dominus Deus certe in via patrum vestrorum vos polluimini et post offendicula eorum vos fornicamini
ئەمدى سىلەر ھەدىيەلىرىڭلارنى سۇنۇپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بارلىق بۇتلىرىڭلار بىلەن بۇلغاۋاتىسىلەر؛ ئەمدى مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويامدىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويمايمەن! | 31 |
et in oblatione donorum vestrorum cum transducitis filios vestros per ignem vos polluimini in omnibus idolis vestris usque hodie et ego respondebo vobis domus Israhel vivo ego dicit Dominus Deus quia non respondebo vobis
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردىكى «بىز يات ئەللەردەك، باشقا يۇرتلاردىكى جەمەتلەردەك ياغاچ ھەم تاش مەبۇدلارغا چوقۇنىمىز» دېگەن كويۇڭلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ! | 32 |
neque cogitatio mentis vestrae fiet dicentium erimus sicut gentes et sicut cognationes terrae ut colamus ligna et lapides
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرغان قەھرىم بىلەن ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. | 33 |
vivo ego dicit Dominus Deus quoniam in manu forti et brachio extento et in furore effuso regnabo super vos
مەن كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرۇلغان قەھر بىلەن سىلەرنى ئەللەردىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن، تارقىتىلغان مەملىكەتلەردىن سىلەرنى يىغىمەن؛ | 34 |
et educam vos de populis et congregabo vos de terris in quibus dispersi estis in manu valida et brachio extento et in furore effuso regnabo super vos
سىلەرنى ئەللەرگە تەۋە بولغان چۆل-باياۋانغا كىرگۈزۈپ، شۇ يەردە ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ | 35 |
et adducam vos in desertum populorum et iudicabor vobiscum ibi facie ad faciem
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىدىن مىسىر زېمىنىدىكى چۆل-باياۋانغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالغىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 36 |
sicut iudicio contendi adversum patres vestros in deserto terrae Aegypti sic iudicabo vos dicit Dominus Deus
مەن سىلەرنى ھاسا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەھدىنىڭ رىشتىسىگە باغلاندۇرىمەن. | 37 |
et subiciam vos sceptro meo et inducam vos in vinculis foederis
مەن ئاراڭلاردىن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئاسىيلارنى شاللاپ چىقىرىمەن؛ ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چىقىرىمەن، بىراق ئۇلار ئىسرائىل زېمىنىغا كىرمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 38 |
et eligam de vobis transgressores et impios et de terra incolatus eorum educam eos et terram Israhel non ingredientur et scietis quia ego Dominus
ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، رەب پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالمايمىز دېسەڭلار، بېرىۋېرىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنىۋېرىڭلار! بىراق سىلەر يەنە ھەدىيەلىرىڭلار ھەم مەبۇدلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ نامىمنى ئىككىنچى بۇلغىمايسىلەر! | 39 |
et vos domus Israhel haec dicit Dominus Deus singuli post idola vestra ambulate et servite eis quod si et in hoc non audieritis me et nomen meum sanctum pollueritis ultra in muneribus vestris et in idolis vestris
چۈنكى مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغدا، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بارلىق ئىسرائىل جەمەتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا زېمىندە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ؛ مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۇ يەردە مەن سىلەردىن «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىڭلارنى، تۇنجى ھوسۇل بولغان كۆكتات-مېۋىلىرىڭلارنى، شۇنداقلا بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىپ بېغىشلىغان نەسرىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. | 40 |
in monte sancto meo in monte excelso Israhel ait Dominus Deus ibi serviet mihi omnis domus Israhel omnes inquam in terra in qua placebunt mihi et ibi quaeram primitias vestras et initium decimarum vestrarum in omnibus sanctificationibus vestris
مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن چىقىرىپ، مەملىكەتلەردىن ئېلىپ يىغقىنىمدا، ئېسىل خۇشبۇيدەك سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاراڭلاردا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن. | 41 |
in odorem suavitatis suscipiam vos cum eduxero vos de populis et congregavero vos de terris in quas dispersi estis et sanctificabor in vobis in oculis nationum
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان ئىسرائىل زېمىنىغا سىلەرنى كىرگۈزگىنىمدە، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. | 42 |
et scietis quia ego Dominus cum induxero vos ad terram Israhel in terram pro qua levavi manum meam ut darem eam patribus vestris
سىلەر ئۇ يەردە ئۆز يوللىرىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بارلىق قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كۆزگە ئىلمايسىلەر، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر. | 43 |
et recordabimini ibi viarum vestrarum et omnium scelerum vestrorum quibus polluti estis in eis et displicebitis vobis in conspectu vestro in omnibus malitiis vestris quas fecistis
مەن رەزىل يوللىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، ياكى بۇزۇق قىلمىشلىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز نامىم ئۈچۈن سىلەرگە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلغاندىن كېيىن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 44 |
et scietis quia ego Dominus cum benefecero vobis propter nomen meum non secundum vias vestras malas neque secundum scelera vestra pessima domus Israhel ait Dominus Deus
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 45 |
et factus est sermo Domini ad me dicens
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى تېمان شەھىرىگە قارىتىپ، جەنۇبتىكىلەرنى ئەيىبلەپ، نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەت بېرىپ، ــ | 46 |
fili hominis pone faciem tuam contra viam austri et stilla ad africum et propheta ad saltum agri meridiani
يەنى نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا بىر ئوت ياقىمەن؛ ئۇ سەندىكى ھەممە يېشىل دەرەخنى ھەمدە ھەممە قاقشال دەرەخنى يەۋېتىدۇ؛ يالقۇنلۇق ئوت ھېچ ئۆچمەيدۇ، جەنۇبتىن شىمالغىچە پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ؛ | 47 |
et dices saltui meridiano audi verbum Domini haec dicit Dominus Deus ecce ego succendam in te ignem et conburam in te omne lignum viride et omne lignum aridum non extinguetur flamma succensionis et conburetur in ea omnis facies ab austro usque ad aquilonem
بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ياققانلىقىمنى كۆرۈپ يېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمەيدۇ!». | 48 |
et videbit universa caro quia ego Dominus succendi eam nec extinguetur
ۋە مەن: ــ ئاھ، پەرۋەردىگار! ئۇلار مەن توغرۇلۇق: «ئۇ پەقەت تەمسىللەرنىلا سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ! ــ دېدىم. | 49 |
et dixi ha ha ha Domine Deus ipsi dicunt de me numquid non per parabolas loquitur iste