< ئەزاكىيال 19 >

ــ «ئەمدى سەن، ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ مۇنداق دەپ ئوقۇغىن: ــ 1
“Momma Israel mmapɔmma ho kwadwom
«شىرلار ئارىسىدا ئاناڭ قانداق بىر چىشى شىر ئىدى! ئۇ ياش شىرلار ئارىسىدا ياتقان، ئۇ ئارسلانلىرىنى بېقىپ قۇۋۋەتلىدى. 2
na monka se: “‘Na wo na yɛ gyatabere mu sononko wɔ gyata mu! Ɔdaa gyataforo mu yɛn ne mma.
ئۇ ئارسلانلىرىدىن بىرىنى چوڭ قىلدى، ئۇ ياش شىر بولۇپ چىقتى؛ ئۇ ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. 3
Ɔyɛn ne mma no mu baako ma ɔbɛyɛɛ gyata ɔhoɔdenfo. Osuaa sɛnea wɔtetew hanam mu, na ɔwee nnipa nam.
ئەللەر ئۇنىڭدىن خەۋەر ئاڭلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بۇرنىغا ئىلمەكنى سېلىپ، مىسىر زېمىنىغا ئېپكەتتى. 4
Amanaman no tee ne nka, na wɔn amoa yii no. Wɔkyekyeree no de no kɔɔ Misraim asase so.
چىش شىر ئۆزىنىڭ ئارمىنىنى بىكار كۈتكىنىنى، ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ باشقا بىر ئارسلىنىنى ئېلىپ، ئۇنى بېقىپ ياش شىر قىلدى؛ 5
“‘Bere a ohuu sɛ nʼanidaso anyɛ hɔ, na nea ɔrehwɛ anim ayera no, ɔfaa ne ba foforo yɛɛ no gyata ɔhoɔdenfo.
ئۇ شىرلار ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان كەزدى؛ ئۇ ياش شىر بولۇپ، ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. 6
Okyinkyin gyata no mu efisɛ na wayɛ gyata hoɔdenfo. Osuaa sɛnea wɔtetew hanam mu na ɔwee nnipa nam.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابە قىلىۋەتتى؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى بىلەن دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 7
Obubuu wɔn abandennen na ɔsɛee wɔn nkurow. Asase no ne wɔn a wɔte so nyinaa no, ne mmubomu bɔɔ wɔn hu.
ئاندىن ئەللەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كېلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تورىنى يېيىپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى. 8
Afei amanaman no sɔre tiaa no, wɔn a wofi nsase a atwa ahyia no so. Woguu no asau kyeree no wɔ wɔn amoa mu.
ئۇلار بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ قەپەسكە سولىدى؛ ئۇنى بابىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپاردى؛ ئۇلار ئۇنى تورلىرىغا ئېلىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى ئىسرائىل تاغلىرىدا قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ. 9
Wɔde nnarewa twee no kɔhyɛɛ buw mu na wɔde no brɛɛ Babilonia hene. Wɔde no too afiase, na wɔante ne mmubomu no bio wɔ Israel mmepɔw no so.
سېنىڭ ئاناڭ ئۈزۈمزارىڭدا بىر ئۈزۈم تېلى ئىدى؛ ئۇ سۇ بويىدا تىكلەنگەنىدى؛ سۇلارنىڭ موللۇقىدىن، ئۇ ئىنتايىن مېۋىلىك، كۆپ شاخلىك بولدى. 10
“‘Na wo na te sɛ bobedua a wɔatɛw no asu ho wɔ wo bobeturo mu. Na ɛsow aba, na eyiyii mman nsu a onya no bebree no nti.
ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى بار ئىدى، ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرنىڭ شاھانە ھاسىلىرىغا لايىق ئىدى؛ ئۇنىڭ بويى بۇلۇتلاردىنمۇ ئېگىز كۆككە تاقاشتى، ئۇ ئېگىزلىكى ۋە شاخلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئىدى؛ 11
Ne mman yɛɛ den yiye; edi mu sɛ wɔde yɛ ahemfo ahempema. Ɛkorɔn, bunkam faa nhaban a ayɛ kuhaa no so, ne sorokɔ ne ne mman bebree no maa no yɛɛ sononko.
بىراق ئۇ قەھر بىلەن يۇلۇندى، ئۇ يەرگە تاشلاندى، شەرق شامىلى مېۋىسىنى قۇرۇتىۋەتتى؛ ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى سۇندۇرۇلدى، قاغجىراپ كەتتى؛ ئوت ئۇلارنى يۇتۇۋالدى. 12
Nanso wɔde abufuwhyew tuu nʼase de no hwee fam. Apuei mframa maa no kasae, ɛsow aba tetew gui; na ne mman a ɛwɔ ahoɔden no twintwamee na ogya hyewee.
ھازىر ئۇ چۆل-باياۋاندا، چاڭقاق، سۇسىز بىر يەردە تىكىلدى؛ 13
Afei wɔakɔtɛw no wɔ sare so asase kesee a nsu nni mu mu.
ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارنىڭ شاھانە ھاسىسى بولغۇدەك كۈچلۈك شېخى قالمىدى. بۇ سۆزلەر مەرسىيەدۇر، بۇلار پەقەت مەرسىيە ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ». 14
Ogya trɛw fii ne mman baako so na ɛhyew nʼaba. Anka mman a ɛwɔ ahoɔden baako mpo wɔ so; nea wɔde yɛ ahemfo ahempema ma ɛyɛ yiye no.’ Eyi yɛ kwadwom na ma wɔnto no saa.”

< ئەزاكىيال 19 >