ــ «ئەمدى سەن، ئىسرائىل شاھزادىلىرىگە بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ مۇنداق دەپ ئوقۇغىن: ــ | 1 |
خداوند فرمود که برای رهبران اسرائیل این مرثیه را بخوانم: |
«شىرلار ئارىسىدا ئاناڭ قانداق بىر چىشى شىر ئىدى! ئۇ ياش شىرلار ئارىسىدا ياتقان، ئۇ ئارسلانلىرىنى بېقىپ قۇۋۋەتلىدى. | 2 |
«مادر تو که بود؟ او ماده شیری بود که فرزندانش را میان شیران ژیان بزرگ میکرد! |
ئۇ ئارسلانلىرىدىن بىرىنى چوڭ قىلدى، ئۇ ياش شىر بولۇپ چىقتى؛ ئۇ ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. | 3 |
او یکی از بچههای خود را تربیت کرد تا شیری ژیان گردد. آن شیربچه شکار کردن را آموخت و آدمخوار شد. |
ئەللەر ئۇنىڭدىن خەۋەر ئاڭلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بۇرنىغا ئىلمەكنى سېلىپ، مىسىر زېمىنىغا ئېپكەتتى. | 4 |
وقتی خبر او به گوش قومها رسید، آنها شکارچیان خود را فرستادند و او را در دام انداختند و به زنجیر کشیده، به مصر بردند. |
چىش شىر ئۆزىنىڭ ئارمىنىنى بىكار كۈتكىنىنى، ئۈمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ باشقا بىر ئارسلىنىنى ئېلىپ، ئۇنى بېقىپ ياش شىر قىلدى؛ | 5 |
«وقتی مادرش از او قطع امید کرد، یکی دیگر از بچههای خود را گرفت و او را تربیت نمود تا شیری نیرومند گردد. |
ئۇ شىرلار ئارىسىدا ئۇيان-بۇيان كەزدى؛ ئۇ ياش شىر بولۇپ، ئوۋنى تۇتۇپ يىرتىشنى ئۆگەندى؛ ئۇ ئادەملەرنىمۇ يەۋېتەتتى. | 6 |
وقتی او بزرگ شد، شکار کردن را آموخت و آدمخوار شد و رهبر شیران گردید. |
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىستىھكاملىرىنى بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابە قىلىۋەتتى؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەممىسى ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى بىلەن دەككە-دۈككىگە چۈشتى. | 7 |
او کاخها را خراب و شهرها را ویران کرد. مزرعهها را بایر نمود و محصولاتشان را از بین برد. مردم همه از شنیدن غرش او، به خود میلرزیدند! |
ئاندىن ئەللەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن كېلىپ ئۇنىڭغا قارشى چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە تورىنى يېيىپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنىڭ ئورا توزىقىدا تۇتۇۋېلىندى. | 8 |
پس قومهای جهان از هر سو بر او هجوم آورده، او را به دام انداختند و اسیرش کردند. |
ئۇلار بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ قەپەسكە سولىدى؛ ئۇنى بابىلنىڭ پادىشاھىغا ئاپاردى؛ ئۇلار ئۇنى تورلىرىغا ئېلىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازى ئىسرائىل تاغلىرىدا قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ. | 9 |
سپس او را به زنجیر کشیدند و در قفس گذاشتند و به حضور پادشاه بابِل بردند. در آنجا او را تحت مراقبت نگه داشتند تا بار دیگر غرشش در کوههای اسرائیل شنیده نشود. |
سېنىڭ ئاناڭ ئۈزۈمزارىڭدا بىر ئۈزۈم تېلى ئىدى؛ ئۇ سۇ بويىدا تىكلەنگەنىدى؛ سۇلارنىڭ موللۇقىدىن، ئۇ ئىنتايىن مېۋىلىك، كۆپ شاخلىك بولدى. | 10 |
«مادر تو همچون درخت انگوری بود که در کنار نهر آب، در اثر آب فراوان، همیشه تر و تازه و پر شاخ و برگ بود. |
ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى بار ئىدى، ھۆكۈم سۈرگۈچىلەرنىڭ شاھانە ھاسىلىرىغا لايىق ئىدى؛ ئۇنىڭ بويى بۇلۇتلاردىنمۇ ئېگىز كۆككە تاقاشتى، ئۇ ئېگىزلىكى ۋە شاخلىرىنىڭ نۇرغۇنلىقى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئىدى؛ | 11 |
شاخههای قوی و محکم آن برای عصای سلاطین مناسب بود. آن درخت از درختان دیگر بلندتر گردید به حدی که از دور جلب توجه میکرد. |
بىراق ئۇ قەھر بىلەن يۇلۇندى، ئۇ يەرگە تاشلاندى، شەرق شامىلى مېۋىسىنى قۇرۇتىۋەتتى؛ ئۇنىڭ كۈچلۈك شاخلىرى سۇندۇرۇلدى، قاغجىراپ كەتتى؛ ئوت ئۇلارنى يۇتۇۋالدى. | 12 |
اما دستانی خشمگین، آن درخت را ریشهکن کرده، بر زمین انداخت. باد شرقی شاخههای نیرومندش را شکست و خشک کرد و آتش، آنها را سوزاند. |
ھازىر ئۇ چۆل-باياۋاندا، چاڭقاق، سۇسىز بىر يەردە تىكىلدى؛ | 13 |
اکنون آن درخت در بیابان کاشته شده است، در زمینی خشک و بیآب! |
ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ بىرسىدىن ئوت چىقىپ، ئۇنىڭ بىخلىرى ھەم مېۋىسىنى يۇتۇۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا ھۆكۈمدارنىڭ شاھانە ھاسىسى بولغۇدەك كۈچلۈك شېخى قالمىدى. بۇ سۆزلەر مەرسىيەدۇر، بۇلار پەقەت مەرسىيە ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ». | 14 |
از درون میپوسد و میوهاش از بین میرود، و از آن یک شاخه محکم نیز برای عصای سلاطین باقی نمیماند.» این یک مرثیه است و بارها سروده شده است! |