< ئەزاكىيال 18 >
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
耶和華的話又臨到我說:
«ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق سىلەر: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېسە، بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر زادى نېمە دېمەكچىسىلەر؟ | 2 |
「你們在以色列地怎麼用這俗語說『父親吃了酸葡萄,兒子的牙酸倒了』呢?」
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، سىلەر ئىسرائىل ئىچىدە مۇشۇ ماقالنى قايتىدىن ئىشلەتمەيسىلەر. | 3 |
主耶和華說:「我指着我的永生起誓,你們在以色列中,必不再有用這俗語的因由。
مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ. | 4 |
看哪,世人都是屬我的;為父的怎樣屬我,為子的也照樣屬我;犯罪的,他必死亡。
بىرسى ھەققانىي بولسا، ئادىللىق ۋە ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، | 5 |
「人若是公義,且行正直與合理的事:
ــ ئۇ نە تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، نە ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، نە قوشنىسىنىڭ ئايالىنى ھېچ بۇزمىغان، نە ئاي كۆرگەندە ئايالغا يېقىن كەلمىگەن | 6 |
未曾在山上吃過祭偶像之物,未曾仰望以色列家的偶像,未曾玷污鄰舍的妻,未曾在婦人的經期內親近她,
نە ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، بەلكى قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرىدىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن؛ | 7 |
未曾虧負人,乃將欠債之人的當頭還給他;未曾搶奪人的物件,卻將食物給飢餓的人吃,將衣服給赤身的人穿;
پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمەيدىغان، جازانە ئالمايدىغان، بەلكى قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىپ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرىدىغان؛ | 8 |
未曾向借錢的弟兄取利,也未曾向借糧的弟兄多要,縮手不作罪孽,在兩人之間,按至理判斷;
مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان، باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈملىرىمنى تۇتىدىغان بولسا ــ مانا مۇشۇ كىشى ھەققانىي، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 9 |
遵行我的律例,謹守我的典章,按誠實行事-這人是公義的,必定存活。這是主耶和華說的。
ئەگەردە ئۆز پۇشتى بولغان، زوراۋانلىق قىلغۇچى، قان تۆككۈچى بولغان، شۇنداق يامانلىقلارنىڭ بىرىنى ئۆز قېرىندىشىغا قىلغان، ھەمدە يۇقىرىقى ياخشىلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىغان، بىر ئوغلى بولسا، ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزغان، | 10 |
「他若生一個兒子,作強盜,是流人血的,不行以上所說之善,反行其中之惡,乃在山上吃過祭偶像之物,並玷污鄰舍的妻,
ئاجىز-نامراتلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، بۇلاڭچىلىق قىلغان، قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرمىغان، بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىگەن، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان، | 12 |
虧負困苦和窮乏的人,搶奪人的物,未曾將當頭還給人,仰望偶像,並行可憎的事,
پۇلنى ئۆسۈمگە بەرگەن، جازانە ئالغان بىر ئوغلى بولسا ــ ئەمدى ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇ ھايات قالمايدۇ؛ ئۇ مۇشۇنداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ جەزمەن ئۆلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۆز قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە چۈشىدۇ. | 13 |
向借錢的弟兄取利,向借糧的弟兄多要-這人豈能存活呢?他必不能存活。他行這一切可憎的事,必要死亡,他的罪必歸到他身上。
بىراق مانا، مۇشۇ كىشىمۇ بىر ئوغۇل تاپسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ سادىر قىلغان بارلىق گۇناھلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ھەم كۆرگىنى بىلەن شۇنداق قىلمىسا | 14 |
「他若生一個兒子,見父親所犯的一切罪便懼怕,不照樣去做;
ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزمىغان، | 15 |
未曾在山上吃過祭偶像之物,未曾仰望以色列家的偶像,未曾玷污鄰舍的妻,
ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، قەرزداردىن كاپالەت ئېلىشنى ھېچ ئۆزىگە تۇتمىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن، | 16 |
未曾虧負人,未曾取人的當頭,未曾搶奪人的物件,卻將食物給飢餓的人吃,將衣服給赤身的人穿,
ئۆز قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىدىغان، پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمىگەن، ئۆسۈم-جازانە ئالمىغان، بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان بولسا ــ ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلمەيدۇ، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ. | 17 |
縮手不害貧窮人,未曾向借錢的弟兄取利,也未曾向借糧的弟兄多要;他順從我的典章,遵行我的律例,就不因父親的罪孽死亡,定要存活。
ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا، زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، ئۆز قېرىندىشىغا بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ناتوغرا ئىشلارنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، مانا ئۇ ئۆز قەبىھلىكى ئىچىدە ئۆلىدۇ. | 18 |
至於他父親;因為欺人太甚,搶奪弟兄,在本國的民中行不善,他必因自己的罪孽死亡。
سىلەر: «نېمىشقا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؟» دەپ سورايسىلەر؛ بىراق ئوغۇل ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزگەن، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلغان؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ؛ | 19 |
「你們還說:『兒子為何不擔當父親的罪孽呢?』兒子行正直與合理的事,謹守遵行我的一切律例,他必定存活。
گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ | 20 |
惟有犯罪的,他必死亡。兒子必不擔當父親的罪孽,父親也不擔當兒子的罪孽。義人的善果必歸自己,惡人的惡報也必歸自己。
ۋە رەزىل كىشى بارلىق سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. | 21 |
「惡人若回頭離開所做的一切罪惡,謹守我一切的律例,行正直與合理的事,他必定存活,不致死亡。
ئۇنىڭ سادىر قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۇنىڭ ھېسابىغا ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ قىلغان ھەققانىيلىقى بىلەن ھايات بولىدۇ. | 22 |
他所犯的一切罪過都不被記念,因所行的義,他必存活。
مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھۇزۇر ئالامدىمەن؟ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ئەكسىچە، مەندىكى ھۇزۇر ئۇنىڭ ئۆز يولىدىن يېنىپ توۋا قىلغانلىلقىدىن ئەمەسمۇ؟ | 23 |
主耶和華說:惡人死亡,豈是我喜悅的嗎?不是喜悅他回頭離開所行的道存活嗎?
ھەققانىي كىشى ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلغان، رەزىل ئادەملەرنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىيلىقلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۆتكۈزگەن ئاسىيلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ ئىچىدە، ئۇ ئۆلىدۇ. | 24 |
義人若轉離義行而作罪孽,照着惡人所行一切可憎的事而行,他豈能存活嗎?他所行的一切義都不被記念;他必因所犯的罪、所行的惡死亡。
ئەمما سىلەر: «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئەمدى، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ئاڭلاڭلار؛ مېنىڭ يولۇم ئادىل ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئادىلسىزلىك ئەمەسمۇ؟ | 25 |
「你們還說:『主的道不公平!』以色列家啊,你們當聽,我的道豈不公平嗎?你們的道豈不是不公平嗎?
ھەققانىي كىشى ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ؛ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى بىلەن ئۇ ئۆلىدۇ. | 26 |
義人若轉離義行而作罪孽死亡,他是因所作的罪孽死亡。
ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ. | 27 |
再者,惡人若回頭離開所行的惡,行正直與合理的事,他必將性命救活了。
چۈنكى ئۇ ئويلىنىپ، بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن ياندى؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. | 28 |
因為他思量,回頭離開所犯的一切罪過,必定存活,不致死亡。
لېكىن ئىسرائىل جەمەتى «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيدۇ؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مېنىڭ يوللىرىم ئادىل ئەمەسمۇ؟ ئادىل بولمىغىنى سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەسمۇ؟ | 29 |
以色列家還說:『主的道不公平!』以色列家啊,我的道豈不公平嗎?你們的道豈不是不公平嗎?」
شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ. | 30 |
所以主耶和華說:「以色列家啊,我必按你們各人所行的審判你們。你們當回頭離開所犯的一切罪過。這樣,罪孽必不使你們敗亡。
ئۆزۈڭلاردىن بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار؛ نېمىشقا ئۆلمەكچىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ | 31 |
你們要將所犯的一切罪過盡行拋棄,自做一個新心和新靈。以色列家啊,你們何必死亡呢?
چۈنكى ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ شۇڭا يولۇڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىپ ھايات بولۇڭلار!». | 32 |
主耶和華說:我不喜悅那死人之死,所以你們當回頭而存活。」