ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
ئینجا فەرمایشتی یەزدانم بۆ هات، پێی فەرمووم: |
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تېپىشماقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىل جەمەتىگە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ | 2 |
«ئەی کوڕی مرۆڤ، مەتەڵێک و پەندێک بۆ بنەماڵەی ئیسرائیل بهێنەوە و |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «كەڭ قاناتلىق، زىچ رەڭگارەڭ ئۇزۇن پەيلىك چوڭ بىر بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شاخنى ئالدى؛ | 3 |
بڵێ:”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: هەڵۆیەکی مەزنی باڵ بەهێزی شاپەڕ درێژی پەڕپەڕی ڕەنگاوڕەنگ هاتە لوبنان. لەسەر لووتکەی دار ئورزێک نیشتەوە، |
ئۇ ئەڭ يۇقىرى يۇمران بىخىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرنىڭ زېمىنىغا ئاپىرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ شەھىرىگە تىكتى. | 4 |
بەرزترین چڵەکەشی قرتاند و هێنای بۆ خاکی بازرگانی و لە شاری بازرگانەکان چاندی. |
ئۇ يەنە زېمىندىن باشقا ئۇرۇقنى ئېلىپ باغلىق بىر ئېتىزغا تىكتى؛ ئۇنى مول سۇلار بويىدا سېلىپ، سۈگەت تېلىدەك تىكلىدى. | 5 |
«”هەروەها هەندێک تۆوی خاکەکەی ئێوەی برد و لە زەوییەکی بەپیتدا چاندی. بردی و لەدەم ئاوێکی زۆر وەک داری بی چاندی. |
ئۇ ئۆسۈپ، كەڭ يېيىلىپ، پەس بويلۇق ئۈزۈم تېلى بولۇپ چىقتى؛ ئۇنىڭ شاخلىرى [بۈركۈت] تەرەپكە قاراپ ئۆستى، يىلتىزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاستىغا سوزۇلدى. شۇ يول بىلەن ئۇ ئۈزۈم تېلى بولۇپ، شاخلاندى، بىخلاندى. | 6 |
ڕوا و بوو بە دار مێوێکی پەل بڵاو و قەد کورت، لقەکانی بەرەو لای هەڵۆکە سووڕانەوە، ڕەگەکەشی لەژێر خۆیدا بوو، جا بوو بە دار مێو و لقی دا و چڵ و چرۆی کرد. |
ئەمدى كەڭ قاناتلىق، زىچ پەيلىك يەنە بىر چوڭ بۈركۈت پەيدا بولدى؛ ۋە مانا، بۇ ئۈزۈم تېلى «ئۇ مېنى سۇغارسۇن» دەپ، تىكىلگەن چۆنەكلىرىدىن يىلتىزلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ تارتتى، شاخلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ سوزدى؛ | 7 |
«”هەڵۆیەکی دیکە هەبوو، زل و باڵەکانی بەهێز و پەڕی زۆر بوو. ئیتر دار مێوەکە لەو شوێنەی کە تێیدا چێنرابوو ڕەگی درێژ کردەوە بۆ لای هەڵۆکە، لقیشی بەرەو لای ئەو هاویشت بۆ ئەوەی ئاوی لێ وەربگرێت. |
مانا، ئۇ ئوبدان شاخلاپ مېۋە بەرسۇن، ئېسىل ئۈزۈم تېلى بولسۇن دەپ مۇنبەت ئېتىزدا، مول سۇلار بويىغا تىكىلگەنىدى». | 8 |
ئەگەرچی لە کێڵگەیەکی باش و لە دەم ئاوی زۆردا چێنرابوو، هەتا لقەکانی نەشونما بکات و بەر بگرێت، ببێتە دار مێوێکی بڵاو.“ |
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇ روناق تاپامدۇ؟ ئۇنى قاقشال قىلىۋېتىش ئۈچۈن [بۈركۈت] يىلتىزلىرىنى يۇلۇپ، مېۋىسىنى كېسىۋەتمەمدۇ؟ ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى خازان بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنى يىلتىزلىرىدىن يۇلۇۋېلىشقا كۈچلۈك بىر بىلەك ياكى نۇرغۇن خەقلەرنىڭ ھېچ كېرىكى بولمايدۇ. | 9 |
«بڵێ:”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: ئایا سەرکەوتوو دەبێت؟ ئایا لە ڕەگەوە هەڵناکێشرێت و بەرەکەی ناڕنرێت هەتا وشک بێت؟ هەموو گەڵای لقەکانی وشک دەبێت پێویست بە بازووێکی بەهێز و خەڵکێکی زۆر ناکات هەتا لە ڕەگەوە هەڵیبکێشن. |
ئەمدى ھەتتا قايتىدىن تىكىلگەن بولسا، روناق تاپامدۇ؟ شەرق شامىلى ئۇنىڭغا تەگكەندىلا تازا قاغجىراپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ تىكىلىپ ئۆسكەن چۆنەكلىرىدە قاغجىراپ كېتىدۇ». | 10 |
ئەگەر بشچێنرێتەوە، ئایا گەشە دەکات؟ ئایا وەک ئەوەی بای ڕۆژهەڵات لێی دابێت بە تەواوی وشک نابێت؟ لەو شوێنەی لێی ڕواوە وشک نابێت؟“» |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ | 11 |
ئینجا فەرمایشتی یەزدانم بۆ هات، پێی فەرمووم: |
«ئاسىي جەمەتتىن: «مۇشۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سوراپ، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مانا، بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ھەم شاھزادىلىرىنى ئېلىپ ئۆزى بىلەن بابىلغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. | 12 |
«بە بنەماڵەی یاخی بڵێ:”ئایا لەم پەندە تێگەیشتن؟ بڵێ: پاشای بابل هاتە ئۆرشەلیم و پاشای یەهودا و میرەکانی برد و لەگەڵ خۆی ڕاپێچی کردن بۆ بابل. |
شۇ ۋاقىتتا ئۇ پادىشاھنىڭ نەسلىدىن بىر كىشىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ يەنە زېمىندىكى ئېسىل-مۆتىۋەر بولغانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كەتتى؛ | 13 |
ئینجا لە توخمی شاهانە کەسێکی هەڵبژارد و پەیمانێکی لەگەڵدا بەست و سوێندی دا. سەرەڕای ئەوەش، ڕابەرانی خاکەکەشی ڕاپێچ کرد |
مەقسەت، پادىشاھلىقنىڭ تۆۋەن ئاجىز ھالەتتە بولۇپ، قەددىنى رۇسلىيالماي، پەقەت ئۇنىڭ ئەھدىسىنى تۇتۇشى بىلەن جېنىنى جان ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى. | 14 |
بۆ ئەوەی پاشایەتییەکە سووک بێت و بەرز نەبێتەوە و پەیمانەکەی نەشکێت و جێگیر بێت. |
بىراق ئۇ مىسىر بىزگە ئاتلار ھەم چوڭ قوشۇننى تەمىنلىسۇن دەپ ئەلچىلىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى. ئەمدى ئۇ روناق تاپامدۇ؟ مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى تىرىك قالامدۇ؟ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تىرىك قالامدۇ؟ | 15 |
بەڵام پاشا لێی یاخی بوو بەوەی نێردراوانی خۆی بۆ میسر نارد بۆ ئەوەی ئەسپ و سوپایەکی گەورەی بداتێ. ئایا سەرکەوتوو دەبێت؟ ئایا ئەوەی ئەمە بکات دەرباز دەبێت؟ یان ئەوەی پەیمان بشکێنێت دەرباز دەبێت؟ |
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ يەنى ئۇنىڭ قەسىمىنى كەمسىتكەن، ئەھدىسىنى بۇزغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ ئۇنىڭ يېنىدا، بابىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلىدۇ. | 16 |
«”یەزدانی باڵادەست دەفەرموێت: بە گیانی خۆم، لە شوێنی ئەو پاشایەی کە کردی بە پاشا، ئەوەی سووکایەتی بە سوێندەکەی کرد و پەیمانەکەی شکاند، لەلای ئەو لە ناوەڕاستی بابل دەمرێت. |
بولىدىغان جەڭدە، ئۇلار كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىش ئۈچۈن [سېپىلغا] چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى سېلىپ، پوتەيلەرنى قۇرغاندا، پىرەۋن كۈچلۈك قوشۇن ھەم نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. | 17 |
فیرعەونیش بە سوپای گەورە و خەڵکێکی بێشومارەوە ناتوانێ لە جەنگدا یارمەتی بدات، ئەو کاتەی سەنگەر لێ دەدرێت و قوللە بنیاد دەنرێت بۆ لەناوبردنی خەڵکێکی زۆر. |
ئۇ قەسەمنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزدى؛ مانا، ئۇ قول ئېلىشىپ سۆز بەردى، بىراق ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى قىلدى؛ شۇڭا ئۇ تىرىك قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». | 18 |
ئەوەی سووکایەتی بە سوێند کرد و پەیمانی شکاند، دەستی دایە دەست و سەرەڕای ئەوەش هەموو ئەمانەی کرد، دەرباز نابێت. |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، ئۇ كەمسىتكەن قەسىمىم ھەمدە بۇزغان ئەھدەمنى بولسا، بۇلارنى ئۆز بېشىغا كىيگۈزىمەن. | 19 |
«”لەبەر ئەوە یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: بە گیانی خۆم، سزای دەدەم لەبەر ئەوەی سووکایەتی بە سوێندەکەم کرد و پەیمانەکەی منی شکاند. |
مەن ئۆز تورۇمنى ئۈستىگە يېيىپ تاشلايمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى بابىلغا ئاپىرىمەن ھەمدە شۇ يەردە ماڭا قىلغان مۇتلەق ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. | 20 |
تۆڕی خۆمی بۆ دادەنێمەوە، بە داوی منەوە دەبێت و دەیهێنمە بابل و لەسەر ئەو ناپاکییەی لە منی کرد لەوێ حوکمی بەسەردا دەسەپێنم. |
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارلىق قاچقانلار، بارلىق قوشۇنلىرى قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ بۇلاردىن قالغانلار ھەربىر شامالغا تارقىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىسىلەر». | 21 |
هەموو لەشکرە ڕاکردووەکەی بە شمشێر دەکوژرێن و ئەوانەش کە دەمێننەوە بەرەو ڕووی هەموو بایەک پەرتەوازە دەبن، جا ئێوە دەزانن کە من یەزدانم، ئەوەم فەرموو. |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ ئېگىز كېدىرنىڭ ئۇچىدىن بىخ ئېلىپ تىكىمەن؛ ئۇنىڭ ياپياش شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدىن يۇمران بىرسىنى ئۈزۈپ، ئېگىز ھەيۋەتلىك تاغ ئۈستىگە تىكىمەن؛ | 22 |
«”یەزدانی باڵادەست ئەمە دەفەرموێت: منیش لە لووتکەی دار ئورزێک لقێک دەبەم و دەیڕوێنم، چڵێک لە چڵەکانی لێ دەکەمەوە و لەسەر کێوێکی بەرزی سەرکەش دەیڕوێنم. |
ئىسرائىل ئېگىزلىكىدىكى تاغقا مەن ئۇنى تىكىمەن؛ ئۇ ئوبدان شاخلاپ، مېۋە بېرىپ، ئېسىل كېدىر دەرىخى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىغا ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار قونىدۇ؛ ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ سايىسىدا ئۇلار قونۇپ تۇرىدۇ؛ | 23 |
لە چیای بەرزی ئیسرائیل دەیڕوێنم، جا لقی لێ دەڕوێت و بەر دەگرێت و دەبێت بە دار ئورزێکی گەورە، هەموو جۆرە باڵندەیەک لەناوی نیشتەجێ دەبێت، هەموو باڵدارێک لەژێر سێبەری لقەکانی نیشتەجێ دەبێت. |
شۇنىڭ بىلەن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر بىلىدۇكى، مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم؛ مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق سۆز قىلدىم ۋە شۇنى ئادا قىلىمەن». | 24 |
ئەو کاتە هەموو درەختەکانی دەشتودەر دەزانن کە من یەزدانم ئەوەی داری بەرز نزم دەکاتەوە و داری نزم بەرز دەکاتەوە، ئەوەی سەوزەکەش وشک دەکات و چرۆ بە دارە وشکەکە دەکات. «”من یەزدانم، ئەوەم فەرموو، هەروەها بەجێی دەهێنم.“» |