< ئەزاكىيال 16 >
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
És lett hozzám az Örökkévaló igéje, mondván:
ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆزىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يېرۇسالېمنىڭ يۈزىگە سېلىپ مۇنداق دېگىن: ــ | 2 |
Ember fia, tudasd Jeruzsálemmel az ő utáIatosságait.
رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئەسلىي زاتىڭ ۋە تۇغۇلۇشۇڭ قانائانىيلارنىڭ زېمىنىدا بولغان؛ سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي، ئاپاڭ ھىتتىي قىز ئىدى. | 3 |
És szólj: Így szól az Úr, az Örökkévaló Jeruzsálemhez: Eredeted és születésed a kánaáninak országából való; atyád emóri és anyád chittita nő.
سېنىڭ تۇغۇلۇشۇغا كەلسەك، سەن تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كىندىكىڭ كېسىلمىگەن، سەن سۇدا يۇيۇلۇپ پاكىز قىلىنمىغان؛ ھېچكىم ساڭا تۇز سۈركمىگەن ياكى سېنى زاكىلىمىغان. | 4 |
Születésed pedig: amely napon születtél, nem metszetett el köldököd, vízben nem fürösztettél tisztítás végett, sózni nem sózattál meg és pólyázni nem pólyáztattál be.
ھېچكىمنىڭ كۆزى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ساڭا رەھىم قىلمىغان ياكى ئىچىنى ساڭا ئاغرىتمىغان؛ ئەكسىچە سەن دالاغا تاشلىۋېتىلگەنسەن، چۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈڭدە كەمسىتىلگەنسەن. | 5 |
Szem nem sajnálkozott rajtad, hogy tettek volna veled egyet is ezek közül, megkönyörülve rajtad; hanem eldobattál a mező színére, mert lélek megutált téged, amely napon születtél.
شۇ چاغدا مەن يېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، سېنى ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقىنىڭنى كۆرگەن؛ ۋە مەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. بەرھەق، سەن ئۆز قېنىڭدا ياتقان ھالىتىڭدە مەن ساڭا: «ياشىغىن!» ــ دېدىم. | 6 |
Ekkor elmentem melletted és láttalak véredben fetrengve és mondtam neked: véredben élj, és mondtam neked: véredben élj!
مەن سېنى دالادىكى ئوت-چۆپلەردەك ئاينىتتىم؛ سەن ئۆسۈپ خېلى بوي تارتىپ چىرايلىق بېزىلىپ ۋايىغا يەتتىڭ؛ كۆكسىلىرىڭ شەكىللەندى، چاچلىرىڭ ئۈزۈن ئۆستى؛ بىراق سەن تېخى تۇغما-يالىڭاچ ئىدىڭ. | 7 |
Sok ezerré mint a mező növényét tettelek, gyarapodtál és naggyá lettél és a díszek díszébe jutottál; az emlők megszilárdultak, hajad megnőtt, de meztelen és mezítelen voltál.
مەن يەنە يېنىڭدىن ئۆتۈۋېتىپ ساڭا قارىدىم؛ مانا، ئىشق-مۇھەببەت مەزگىلىڭ يېتىپ كەلدى؛ مەن تونۇمنىڭ پېشىنى ئۈستۈڭگە يېيىپ قويۇپ، يالىڭاچلىقىڭنى ئەتتىم؛ مەن ساڭا قەسەم ئىچىپ، سەن بىلەن بىر ئەھدە تۈزدۇم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ۋە سەن مېنىڭكى بولدۇڭ. | 8 |
Elmentem melletted és láttalak s íme itt az időd, a szerelem ideje és rád terítettem ruhám szárnyát és befedtem meztelenségedet; megesküdtem neked és szövetségre léptem veled, úgymond az Úr az Örökkévaló, és enyém lettél.
مەن سېنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، قېنىڭنى تېنىڭدىن يۇيۇۋېتىپ، ساڭا پۇراقلىق ماينى سۈرتتۈم. | 9 |
És megfürösztöttelek vízben és leöblítettem rólad véredet és megkentelek olajjal;
مەن ساڭا كەشتىلىك كۆڭلەكنى كىيگۈزۈپ، ئايىغىڭغا دەلفىن تېرىسىدىن تىككەن كەشلەرنى ساپتىم؛ سېنى نېپىس كاناپ بىلەن ئوراپ، يىپەك بىلەن يېپىپ قويدۇم. | 10 |
felöltöztettelek hímes ruhába, felsaruztalak táchásbőrrel és felkötöttem rád bysszust és selyemmel takartalak be:
سېنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىم، قوللىرىڭغا بىلەزۈكلەرنى، بوينۇڭغا مارجاننى تاقاپ قويدۇم؛ | 11 |
és feldíszítettelek dísszel, karperecet adtam kezeidre és láncot a nyakadra.
بۇرنۇڭغا ھالقىنى، قۇلاقلىرىڭغا زىرىلەرنى، بېشىڭغا گۈزەل تاجنى كىيگۈزدۇم. | 12 |
Gyűrűt adtam orrodra, karikákat füleidbe és pompás koronát fejedre.
شۇنداق قىلىپ سەن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن پەردازلاندىڭ؛ كىيىم-كېچەكلىرىڭ نېپىس كاپاپ، يىپەك ۋە كەشتىلىك رەختتىن ئىدى. يېگىنىڭ ئاق ئۇن، بال ھەم زەيتۇن مېيى ئىدى؛ سەن ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، خانىش مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلدۇڭ. | 13 |
Díszítetted magadat arannyal és ezüsttel, öltözeted bysszus, selyem és hímes ruha; lánglisztet, mézet és olajat ettél és szép voltál igen nagyon és királyságra voltál alkalmas.
گۈزەللىكىڭ تۈپەيلىدىن ئەللەردە داڭقىڭ چىقتى؛ چۈنكى مەن ساڭا كۆركەملىكىمنى بېغىشلىشىم بىلەن گۈزەللىكىڭ كامالەتكە يەتتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 14 |
És hírnév terjedt rólad a nemzetek közt szépséged miatt, mert tökéletes volt az én ékességem által, melyet rádtettem, úgymond az Úr, az Örökkévaló.
بىراق سەن گۈزەللىكىڭگە تايىنىپ، داڭقىڭدىن پايدىلىنىپ پاھىشە بولدۇڭ؛ سەن ھەربىر ئۆتكۈچى كىشىگە پاھىشە مۇھەببەتلىرىڭنى تۆكتۈڭ؛ گۈزەللىكىڭ ئۇنىڭ بولدى! | 15 |
De elbizakodtál szépséged által és paráználkodtál hírnevednél fogva és kiöntötted paráznaságodat minden arra menőnek, hogy övé legyen.
سەن كىيىم-كېچەكلىرىڭدىن ئېلىپ ئۆزۈڭ ئۈچۈن رەڭگارەڭ بېزەلگەن «يۇقىرى جايلار»نى ياساپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. بۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ باقمىغان، ۋە ئىككىنچى يۈز بەرمەيدۇ! | 16 |
És vettél ruháidból és készítettél magadnak tarka magaslatokat és paráználkodtál rajtuk: ilyesmi nem esett meg és nem lesz.
سەن مەن ساڭا بېغىشلىغان گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىم ۋە ئالتۇن-كۈمۈشۈم بىلەن ئەركەك مەبۇدلارنى ياساپ ئۇلار بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغانسەن. | 17 |
És vetted pompás holmidat, az én aranyomból és ezüstömből, amelyet adtam neked és készítettél magadnak férfiképeket és paráználkodtál velük,
سەن ئۆز كەشتىلىك كىيىملىرىڭنى ئېلىپ ئۇلارغا كىيگۈزدۈڭ؛ مېنىڭ مېيىم ۋە مېنىڭ خۇشبۇيۇمنى ئۇلارغا سۇنۇپ بېغىشلىدىڭ؛ | 18 |
És vetted a te hímes ruháidat és betakartad őket; s olajomat és tömjénemet eléjük adtad.
مەن ئۆزۈڭگە بەرگەن نېنىمنى، مەن ساڭا ئوزۇققا بەرگەن ئاق ئان، زەيتۇن مېيى ۋە بالنى بولسا، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا خۇشپۇراق ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتاپ سۇندۇڭ: ئىشلار دەل شۇنداق ئىدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 19 |
És kenyeremet, amelyet neked adtam – lánglisztet, olajat és mézet adtam enned – azt eléjük adtad kellemes illatul s így volt, úgymond az Úr, az Örökkévaló.
ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك، | 20 |
És vetted fiaidat és leányaidat, akiket szültél nekem és levágtad őket számukra eledelül; vajon kevés volt-e a te paráznaságodból,
سەن مېنىڭ بالىلىرىمنى سويۇپ ئۇلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ مەبۇدلارغا ئاتاپ قويدۇڭغۇ؟ | 21 |
hogy leölted fiaimat is és odaadtad, tűzön átvezetve őket számukra.
سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ھەم پاھىشە بۇزۇقلۇقلىرىڭدا، سەن ياشلىقىڭدا تۇغما-يالىڭاچ بولۇپ ئۆز قېنىڭدا ئېغىناپ ياتقان كۈنلىرىڭنى ھېچقاچان ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ. | 22 |
És mind a te utálatosságaid és paráznaságaid mellett nem emlékeztél meg ifjúkorod napjairól, amidőn meztelen és mezítelen voltál, véredben fetrengő voltál.
ئەمدى سېنىڭ بۇ رەزىللىكلىرىڭدىن كېيىن ــ (ۋاي، ھالىڭغا ۋاي! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار) | 23 |
És volt mind a te gonosztetteid után, jaj, jaj neked, úgymond az Úr, az Örökkévaló –
سەن يەنە ئۆزۈڭ ئۈچۈن بىر پەشتاق قۇرۇپ، ھەربىر مەيدانغا بىر «يۇقىرى جاي»نى ياسىدىڭ؛ | 24 |
építettél magadnak boltozatot és készítettél magadnak magaslatot minden piacon;
سەن ھەربىر كوچىنىڭ بېشىدا «يۇقىرى جاي»ىڭنى سالدىڭ؛ سەن ئۆز گۈزەللىكىڭنى يىرگىنچلىك قىلىپ، تېنىڭنى ھەربىر ئۆتكۈچىگە تۇتۇپ، پۇتۇڭنى ئېچىپ ئۆزۈڭنى بېرىپ پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. | 25 |
minden út elején építetted magaslatodat, utálattá tetted szépségedet és szétterpesztetted lábaidat minden aramenőnek és szaporítottad paráznaságaidat.
سەن ئىشقۋاز ئەرلىكى چوڭ قوشناڭ بولغان مىسىرلىقلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۈڭ؛ مېنىڭ ئاچچىقىمنى قوزغاپ، پاھىشە بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتتىڭ. | 26 |
Paráználkodtál Egyiptom fiai, nagytestű szomszédaid felé és szaporítottad paráználkodásaidat, hogy megharagíts engem.
ۋە مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۈستۈڭگە ئۇزارتىپ، سېنىڭ نېسىۋەڭنى ئازايتىپ قويدۇم. مەن سېنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان، بۇزۇق يولۇڭدىن نومۇس قىلىپ چۆچىگەنلەرنىڭ، يەنى فىلىستىيلەرنىڭ قىزلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. | 27 |
És íme kinyújtottam kezemet ellened és megcsökkentettem illetményedet és odaadtalak gyűlölőidnek dühébe, a filiszteusok leányainak, akik szégyenkeznek a te fajtalan utad miatt.
سەن يەنە قانماي يەنە ئاسۇرىيلىكلەر بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزدۇڭ؛ بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. | 28 |
És paráználkodtál Assúr fiai felé, mivelhogy nem laktál jól; paráználkodtál velük és nem is laktál jól.
شۇڭا سەن سودىگەرنىڭ زېمىنى، يەنى كالدىيە بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقۇڭنى كۆپەيتىپ، بۇنىڭدىن يەنە قانائەت قىلمىدىڭ. | 29 |
És megsokasítottad paráználkodásodat a kalmárok országa, Kaszdím felé, de ezzel sem laktál jól.
مۇشۇنداق بارلىق ئىشلارنى، يەنى نومۇسسىز پاھىشە ئايالنىڭ ئىشلىرىنى قىلىسەن، نېمانچە سۇيۇق سېنىڭ قەلبىڭ! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، | 30 |
Mi hervatag a te szíved, úgymond az Úr, az Örökkévaló, midőn mindezeket cselekedted, önhatalmú paráznanőnek cselekedeteit!
ئۆزۈڭنىڭ پەشتىقىڭنى ھەر كوچىنىڭ بېشىدا قۇرىدىغان، ھەربىر مەيداندا «يۇقىرى جاي»ىڭنى ياسايدىغان! ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن پاھىشە ئايالدەك ئەمەس ئىدىڭ، چۈنكى سەن ھەقنى نەزىرىڭگە ئالمايتتىڭ! | 31 |
Midőn építetted boltozatodat minden út elején és magaslatodat készítetted minden piacon, és nem voltál olyan mint parázna nő, megvetve a paráznabért.
ئى ۋاپاسىز ئايال، ئېرىنىڭ ئورنىدا يات ئادەملەرگە كۆڭۈل بېرىدىغان! | 32 |
Házasságtörő asszony te, aki férje mellett idegeneket vesz el.
خەقلەر پاھىشە ئايالغا ھەمىشە ھەق بېرىدۇ؛ بىراق سەن ئاشنىلىرىڭنى بۇزۇقلۇق مۇھەببەتلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا ھەرياندىن يېنىڭغا كەلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۈستەك بېرىپ ئىنئام قىلىسەن؛ | 33 |
Mind a parázna nőknek adnak ajándékot, te pedig ajándékaidat adtad mind a szeretőidnek és megvesztegetted őket, hogy hozzád jöjjenek mindenünnen, a te paráznaságoddal.
بۇزۇقلۇقتا سەن باشقا ئاياللارنىڭ ئەكسىسەن، چۈنكى ھېچكىم سېنىڭ بۇزۇق مۇھەببىتىڭنى ئىزدەپ كەلمىدى؛ سەن ئۈستەك بەردىڭ، ھېچ ھەق ساڭا بېرىلمىدى ــ سەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەكسىسەن! | 34 |
Így történt veled a paráználkodásodban ellenkezője az asszonyoknak, utánad ugyanis nem paráználkodtak; és midőn paráznabért adtál, de neked nem adatott paráznabér, így lettél ellenkezőjükké.
شۇڭا، ئى پاھىشە ئايال، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا! | 35 |
Azért, paráznanő te, halljad az Örökkévaló igéjét.
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ تەڭگىلىرىڭ تۆكۈلۈپ، ئاشنىلىرىڭ بىلەن بولغان بۇزۇقلۇقلىرىڭ بىلەن سېنىڭ ئۇيات يېرىڭ ئاشكارىلانغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارلىق يىرگىنچلىك مەبۇدلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا ئاتاپ سۇنغان بالىلىرىڭنىڭ قېنى تۈپەيلىدىن ــ | 36 |
Így szól az Úr, az Örökkévaló, mivelhogy kiömlött az érced és feltáródott szemérmed a szeretőid felé omló paráználkodásaidban és mind a te utálatos bálványaid miatt és gyermekeid elontott vére fejében, akiket nekik adtál:
شۇڭا مانا، مەن سېنىڭ ئۆزۈڭگە ئەيش-ئىشرەت مەنبەسى قىلغان، بارلىق سۆيگەن ھەم بارلىق نەپرەتلەنگەن ئاشنىلىرىڭنى يىغىمەن ــ مەن ئۇلارنى ساڭا قارشى چىقىرىپ ئەتىراپىڭدىن يىغىپ، سېنىڭ ئۇيات يېرىڭنى ئۇلارغا ئاشكارە قىلىمەن، ئۇلار سېنىڭ بارلىق ئۇيات يېرىڭنى كۆرىدۇ. | 37 |
azért íme én összegyűjtöm szeretőidet mind, akiknek kellemes voltál és mindazokat, akiket szerettél, azokkal együtt, akiket gyűlöltél, összegyűjtöm őket ellened mindenünnen és föltárom előtted szemérmedet, hogy lássák egész szemérmedet.
شۇنىڭ بىلەن سېنى بۇزۇقلۇق قىلغان ھەم قان تۆككەن ئاياللارنى جازالىغاندەك جازالايمەن؛ مەن قەھر بىلەن، ئوتتەك غەزىپىمنىڭ تەلىپى بىلەن ئۈستۈڭگە قانلىق جازانى چۈشۈرىمەن؛ | 38 |
És ítélek fölötted, amint télnek házasságtörő és vérontó nők fölött és harag meg bosszú vérévé teszlek.
ۋە مەن سېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ پەشتاقلىرىڭنى غۇلىتىدۇ، سېنىڭ «يۇقىرى جاي»لىرىڭنى چېقىپ تاشلايدۇ؛ ئۇلار كىيىم-كېچىكىڭنى ئۈستۈڭدىن سالدۇرۇپ تاشلاپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلاپ-تالاپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرىدۇ. | 39 |
És kezükbe adlak téged és lerombolják boltozatodat és lerontják magaslataidat és lehúzzák rólad ruháidat és elveszik díszes ékszereidet; és otthagynak meztelenül és mezítelenül.
ئۇلار ساڭا قارشى بىر توپ كىشىلەرنى يىغىپ ئېپكېلىدۇ، ئۇلار سېنى چالما-كېسەك قىلىدۇ ھەم سېنى قىلىچلىرى بىلەن چېپىۋېتىدۇ. | 40 |
És fölhoznak ellened gyülekezetet és megköveznek téged kővel és összevagdalnak téged kardjaikkal.
ئۇلار ئۆيلىرىڭنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىدۇ، كۆپ ئاياللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۈستۈڭگە جازالارنى چۈشۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى پاھىشە ئايال بولۇشتىن قالدۇرىمەن؛ سەن يەنە ھېچقانداق «مۇھەببەت ھەققى»نى بەرمەيسەن. | 41 |
És elégetik házaidat tűzben és végeznek rajtad büntetést sok asszony szeme láttára; és megszüntetem parázna létedet, és paráznabért sem fogsz többé adni.
شۇنىڭ بىلەن مەن ساڭا قاراتقان قەھرىمنى توختىتىمەن، مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپ سەندىن كېتىدۇ؛ مەن تىنچلىنىپ قايتا ئاچچىقلانمايمەن. | 42 |
És csillapítom az én hevemet rajtad és eltávozik bosszúságom tőled, és megnyugszom és nem haragszom többé.
سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن. | 43 |
Mivelhogy nem emlékeztél meg ifjúkorod napjairól és mindezekkel haragot okoztál nekem, tehát én is lám utadat fejedre hárítom, úgymond az Úr, az Örökkévaló; avagy nem cselekedted-e a fajtalanságot mind a te utálatosságaid mellett?
مانا، ماقاللارنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سەن توغرۇلۇق: «ئانىسى قانداق بولسا، قىزى شۇنداق بولار» دېگەن بىر ماقالنى تىلغا ئالىدۇ. | 44 |
Íme minden példázó terólad fog példázni, mondván: amilyen az anya, olyan a leánya.
سەن ئۆز ئېرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاناڭنىڭ قىزىدۇرسەن؛ ھەم ئۆز ئەرلىرى ھەم بالىلىرىدىن نەپرەتلەنگەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنىڭ ئارىلىقىدىكىسەن؛ سېنىڭ ئاناڭ بولسا ھىتتىي، سېنىڭ ئاتاڭ ئامورىي ئىدى. | 45 |
Anyádnak leánya vagy, megutálója férjének, és gyermekeinek és nővére vagy nővéreidnek, akik megutálták férjüket és gyermekeiket; anyátok chittita nő és atyátok emóri.
سېنىڭ ئاچاڭ بولسا سول تەرىپىڭدە تۇرغان سامارىيە، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى؛ سىڭلىڭ بولسا ئوڭ تەرىپىڭدە تۇرغان سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى. | 46 |
Nagyobbik nővéred Sómrón, ő meg leányai, aki balkezedről lakik, a náladnál kisebb nővéred pedig, aki jobbkezedről lakik, Szodoma meg leányai.
سەن نە ئۇلارنىڭ يوللىرىدىدا ماڭمىغان، نە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلمىغانسەن؛ ياق! بەلكى قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە سەن بارلىق يوللىرىڭدا ئۇلاردىن بۇزۇق بولۇپ كەتتىڭ. | 47 |
Avagy nem az ő útjaikon jártál és nem az ő utálatosságaik szerint cselekedtél Kevés híján még romlottabb voltál náluk mind a te utaidon.
ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ سىڭلىڭ سودوم، يەنى ئۇ ياكى قىزلىرى سەن ياكى سېنىڭ قىزلىرىڭنىڭ قىلمىشلىرىدەك قىلمىدى؛ | 48 |
Ahogy én élek, úgymond az Úr, az Örökkévaló, nem cselekedett Szodoma nővéred, ő meg leányai, amint cselekedtél te meg leányaid.
مانا، مۇشۇ سىڭلىڭ سودومنىڭ قەبىھلىكى ــ ئۇ ۋە قىزلىرىنىڭ تەكەببۇلۇقى، نانلىرى مول، ئەندىشىسىز ئازادىلىك كۈنلىرىدە ئاجىز-نامراتلارنىڭ قولىنى ھېچ كۈچەيتمىگەنلىكى ئىدى. | 49 |
Íme, ez volt Szodoma nővérednek bűne: gőgösség; kenyérnek bősége és nyugodt jólét jutott neki és leányainak, de szegénynek és szűkölködőnek kezét nem támogatta.
ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، مېنىڭ ئالدىمدا يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى؛ مەن بۇنى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى يوقاتتىم. | 50 |
És felfuvalkodtak és utálatosságot követtek el előttem, tehát eltávolítottam őket, amint láttam.
سامارىيە بولسا سېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ يېرىمىدەكمۇ گۇناھ سادىر قىلمىدى؛ ھالبۇكى، سەن بولساڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ ئاۋۇتۇپ قىلدىڭ؛ شۇنداق قىلىپ سەن يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاچا-سىڭلىڭنى خۇددى ھەققانىيدەك كۆرۈندۈرگەنىدىڭ. | 51 |
Sómrón pedig vétkeid felét sem vétkezte és te többé tetted utálatosságaidat az övéknél, úgy, hogy igazoltad nővéreidet mind a te utálatosságaid által, amelyeket elkövettél.
سەن ئەسلىدە ئۆز ئاچا-سىڭلىڭنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى ئىدىڭ؛ ئەمدى سەنمۇ، ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! سېنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن تېخىمۇ نەپرەتلىك گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئۇلار سەندىن ھەققانىي كۆرۈنىدۇ؛ شۇڭا سەنمۇ ئاچا-سىڭلىڭنى ھەققانىي كۆرسەتكىنىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قېلىپ شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرۈپ يۈر! | 52 |
Te is viseld gyalázatodat, mivelhogy mentségére lettél nővéreidnek: vétkeid által, melyekkel utálatosabban cselekedtél náluknál, ők igazoltabbak nálad; tehát te is szégyenkezzél és viseld gyalázatodat, midőn igazoltad nővéreidet.
ۋە مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن، يەنى سودوم ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن، سامارىيە ھەم قىزلىرىنى سۈرگۈندىن چىقىرىپ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سۈرگۈن بولغانلىرىڭنى چىقىرىپ سۈرگۈنلۈكتىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ | 53 |
Majd visszahozom foglyaikat, Szodomának meg leányainak foglyait és Sómrónnak meg leányainak foglyait és visszahozom a te foglyaidat közepettük;
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تەسەللى بەرگىنىڭدە، سەن ئۆز شەرمەندىلىكىڭنى كۆتۈرىسەن، سېنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن خىجالەتكە قالىسەن. | 54 |
azért, hogy viseld gyalázatodat és megszégyenülj mind amiatt, amit elkövettél, midőn megvigasztaltad őket.
سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، سودوم ھەم قىزلىرى ئەسلى ھالىغا، سامارىيە ھەم قىزلىرىمۇ ئەسلى ھالىغا كېلىدۇ؛ سەنمۇ ۋە سېنىڭ قىزلىرىڭ ئەسلىي ھالىڭلارغا كېلىسىلەر. | 55 |
És nővéreid, Szodoma meg leányai visszatérnek, előbbi módjukba állíttatnak és Sómrón meg leányai visszatérnek előbbi módjukba, és te meg leányaid visszatértek előbbi módotokba.
سېنىڭ رەزىللىكىڭ پاش قىلىنماي، تەكەببۇرلۇقتا يۈرگەن كۈنۈڭدە، سىڭلىڭ سودوم ئاغزىڭدا سۆز-چۆچەك بولغان ئەمەسمىدى؟ ئەمدى ھازىر سەن ئۆزۈڭ سۇرىيە قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەمدە فىلىستىيە قىزلىرى، يەنى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالدىڭ. | 56 |
Avagy nem volt-e a te Szodoma nővéred híresztelésül a te szájadban gőgösködésed napján?
Mielőtt nyilvánvalóvá lett a te gonoszságod, mint amely időben gyaláztak téged Arám leányai és mind a körülötte levők, a filiszteusok leányai, akik kigúnyoltak téged köröskörül.
سەن بۇزۇقلۇقۇڭ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 58 |
Fajtalanságodat és utálatosságaidat, te viselted azokat, úgymond az Örökkévaló.
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز قىلغانلىرىڭ، يەنى ئىچكەن قەسەمىڭنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزغانلىقىڭ بويىچە سېنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ | 59 |
Mert így szól az Úr, az Örökkévaló: Majd cselekeszem veled, amint cselekedtél te, aki megvetettél esküt, fölbontva szövetséget.
ھالبۇكى، مەن سېنىڭ بىلەن ياشلىق كۈنلىرىڭدە تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن، ھەم سەن بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن. | 60 |
De megemlékezem én az ifjúkorod napjaiban veled kötött szövetségemről és fönntartok számodra örök szövetséget.
شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆزۈڭدىن چوڭ ئاچىلىرىڭ ھەمدە سېنىڭدىن كىچىك سىڭىللىرىڭنى تاپشۇرۇۋالغىنىڭدا، سەن يوللىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجالەتكە قالىسەن؛ چۈنكى مۇشۇ [ئاچا-سىڭىللىرىڭنى] ساڭا قىزلار سۈپىتىدە تاپشۇرىمەن؛ بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭدىكى ئەھدە تۈپەيلىدىن بولمايدۇ. | 61 |
És meg fogsz emlékezni utaidról és megszégyenülsz, midőn magadhoz fogadod testvéreidet, a náladnál nagyobbakat a náladnál kisebbekkel együtt, és adom őket neked leányaidul, de nem a veled való szövetség folytán.
مەن ئۆز ئەھدەمنى سەن بىلەن تۈزىمەن، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن؛ | 62 |
És én fenntartom szövetségemet veled, hogy megtudjad, hogy én vagyok az Örökkévaló;
شۇنىڭ بىلەن سېنى كەچۈرۈم قىلغىنىمدا، سەن قىلمىشلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ خىجىل بولۇپ، شەرمەندىلىكىڭ تۈپەيلىدىن قايتىدىن ئاغزىڭنى ھېچ ئاچمايسەن.» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 63 |
hogy megemlékezzél és szégyenkezzél és ne legyen neked többé szájnak megnyílása gyalázatod miatt, amidőn engesztelést adok neked mind azért, amit elkövettél, úgymond az Úr, az Örökkévaló.