< ئەزاكىيال 15 >
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
We Perwerdigarning sözi manga kélip mundaq déyildi: —
«ئى ئىنسان ئوغلى، ئۈزۈم تېلى ياغىچىنىڭ باشقا دەرەخ ياغاچلىرىدىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇنىڭ شېخىنىڭ ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ | 2 |
«I insan oghli, üzüm téli yaghichining bashqa derex yaghachliridin néme artuqchiliqi bar, uning shéxining ormandiki derexler arisida néme alahidiliki bar?
ئۇنىڭدىن بىرەر جابدۇقنى ياساشقا ماتېرىيال ئالغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن چىنىلەرنى ئاسقۇدەك قوزۇقنى ياسىغىلى بولامدۇ؟ | 3 |
Uningdin birer jabduqni yasashqa matériyal alghanning paydisi barmu? Uningdin chinilerni asqudek qozuqni yasighili bolamdu?
مانا، ئۇ ئوتقا يېقىلغۇ بولغاندا، ئوت ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى كۆيدۈرگەندە، ئوتتۇرىسىمۇ يېرىم كۆيگەندە، ئەمدى ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ | 4 |
Mana, u otqa yéqilghu bolghanda, ot uning ikki uchini köydürgende, otturisimu yérim köygende, emdi uni birer ishqa ishletkili bolamdu?
مانا، ئۇ ساق بولغاندا، ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمىغان يەردە، ئەمدى ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈپ يەپ كەتكەندە، ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ | 5 |
Mana, u saq bolghanda, héchqandaq ishqa ishletkili bolmighan yerde, emdi ot uni köydürüp yep ketkende, uni birer ishqa ishletkili bolamdu?
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ياغىچىنى ئوتقا تاپشۇرغىنىمدەك، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئوتقا تاپشۇرىمەن. | 6 |
Shunga Reb Perwerdigar mundaq deydu: «Men ormandiki derexler arisidiki üzüm télining yaghichini otqa tapshurghinimdek, Yérusalémda turuwatqanlarni otqa tapshurimen.
يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى قىلىپ قارىتىمەن؛ ئۇلار بىر ئوتتىن چىقسا، باشقا بىر ئوت ئۇلارنى يەۋېتىدۇ. ئۆز يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى بولۇپ قاراتقاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 7 |
Yüzümni ulargha qarshi qilip qaritimen; ular bir ottin chiqsa, bashqa bir ot ularni yewétidu. Öz yüzümni ulargha qarshi bolup qaratqanda, siler Méning Perwerdigar ikenlikimni tonup yétisiler.
ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». | 8 |
Ularning qilghan wapasizliqliri tüpeylidin men zéminni weyrane qilimen» — deydu Reb Perwerdigar».