< ئەزاكىيال 14 >

ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئالدىمدا ئولتۇرۇشتى. 1
Israil aqsaqallirining beziliri Méning yénimgha kélip aldimda olturushti.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 2
We Perwerdigarning sözi manga kélip mundaq déyildi: —
«ئى ئىنسان ئوغلى، مۇشۇ ئادەملەر ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىگە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويغانىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدەپ مەندىن يول سورىشىنى قوبۇل قىلامدىمەن؟ 3
«I insan oghli, mushu ademler öz butlirini könglige tiklep, ademlerni putlashturidighan öz qebihlikini köz aldigha qoyghanidi. Emdi ularning Méni izdep Mendin yol sorishini qobul qilamdimen?
ئەمدى ئۇلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل جەمەتىدىكى كۆڭلىدە ئۆز بۇتلىرىنى تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن پەيغەمبەر ئالدىغا كېلىدىغان ھەربىر ئادەمنى بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بويىچە جاۋاب قايتۇرىمەن. 4
Emdi ulargha söz qilip mundaq dégin: — Reb Perwerdigar mundaq deydu: «Israil jemetidiki könglide öz butlirini tiklep, ademlerni putlashturidighan öz qebihlikini köz aldigha qoyup, andin peyghember aldigha kélidighan herbir ademni bolsa, Menki Perwerdigar uninggha butlirining köplüki boyiche jawab qayturimen.
شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە ئىگىلدۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بارلىق بۇتلىرى بىلەن ماڭا يات بولۇپ كەتتى». 5
Shundaq qilip Men Israil jemetining könglini Özümge igildurimen; chünki ular barliq butliri bilen Manga yat bolup ketti».
ــ شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «توۋا قىلىڭلار! بۇتلىرىڭلاردىن يېنىپ [يېنىمغا] قايتىپ كېلىڭلار! بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلاردىن يۈزۈڭلارنى ئۆرۈڭلار! 6
— Shunga Israil jemetige mundaq dégin: — Reb Perwerdigar mundaq deydu: «Towa qilinglar! Butliringlardin yénip [yénimgha] qaytip kélinglar! Barliq yirginchlik qilmishinglardin yüzünglarni örünglar!
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئۆزلىرىنى مەندىن ئايرىپ، ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىدە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن مەندىن سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان ھەرقايسى ئادەم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى مۇساپىرلار بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن؛ 7
Chünki Israil jemetidiki özlirini Mendin ayrip, öz butlirini könglide tiklep, ademlerni putlashturidighan öz qebihlikini köz aldigha qoyup, andin Mendin sorash üchün peyghemberning aldigha kélidighan herqaysi adem yaki shuninggha oxshash Israilda turuwatqan herqaysi musapirlar bolsa, Menki Perwerdigar Özüm ulargha jawab qayturimen;
مەن مۇشۇ كىشىنى بىر ئاگاھ بېشارىتى قىلىپ ئۇنى سۆز-چۆچەككە قالدۇرۇشقا يۈزۈمنى ئۇنىڭغا قارشى قىلىمەن؛ مەن خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 8
Men mushu kishini bir agah béshariti qilip uni söz-chöchekke qaldurushqa yüzümni uninggha qarshi qilimen; Men xelqimning arisidin uni üzüp tashlaymen; shuning bilen siler Méning Perwerdigar ikenlikimni tonup yétisiler.
بىراق پەيغەمبەر ئۆزى ئېزىقتۇرۇلۇپ، بىر بېشارەتلىك سۆز قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈم پەرۋەردىگار شۇ پەيغەمبەرنى ئېزىتقۇغا ئۇچراتقانمەن؛ مەن ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى ئۇزارتىپ، ئۇنى خەلقىم ئارىسىدىن ھالاك قىلىمەن. 9
Biraq peyghember özi éziqturulup, bir bésharetlik söz qilghan bolsa, u chaghda Özüm Perwerdigar shu peyghemberni ézitqugha uchratqanmen; Men uninggha qarshi qolumni uzartip, uni xelqim arisidin halak qilimen.
ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ پەيغەمبەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن سورىغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا ئوخشاش بولىدۇ. 10
Ular qebihlikining jazasini tartidu; peyghemberge bérilidighan jaza bilen sorighuchigha bérilidighan jaza oxshash bolidu.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتى يەنە مەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ، ياكى يەنە ئاسىيلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 11
Shuning bilen Israil jemeti yene Mendin chetnep ketmeydu, yaki yene asiyliqliri bilen özlirini bulghimaydu; ular Méning xelqim, we Men ularning Xudasi bolimen» — deydu Reb Perwerdigar».
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 12
We Perwerdigarning sözi manga kélip mundaq déyildi: —
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەلۇم بىر زېمىن ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ گۇناھ قىلغاندا، مەن شۇنىڭ بىلەن قولۇمنى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزارتىپ، ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولغان نېنىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچارچىلىقنى ئەۋەتىمەن ھەم ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ئۇنىڭدىن ئۈزىمەن؛ 13
«I insan oghli, melum bir zémin Manga asiyliq qilip gunah qilghanda, Men shuning bilen qolumni uninggha qarshi uzartip, ularning yölenchüki bolghan nénini qurutuwétip, uning üstige acharchiliqni ewetimen hem insan we haywanlarni uningdin üzimen;
ئەمدى ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلىيالغان بولاتتى ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 14
emdi u chaghda Nuh, Daniyal we Ayuptin ibaret üch hezret uningda turuwatqan bolsimu, ular öz heqqaniyliqi tüpeylidin peqet öz janlirinila saqliyalghan bolatti — deydu Reb Perwerdigar.
ئەگەر مەن زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆتكۈزسەم، ئۇلار ئۇنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلسا، ھايۋانلار تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولماي، ئۇ ۋەيرانە بولسا، 15
Eger Men zémindin yirtquch haywanlarni ötküzsem, ular uni baliliridin juda qilsa, haywanlar tüpeylidin uningdin ötküchi héchbir adem bolmay, u weyrane bolsa,
ئەمدى مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى، زېمىننىڭ ئۆزى ۋەيرانە پېتى قالاتتى. 16
emdi Men öz hayatim bilen qesem qilimenki, — deydu Reb Perwerdigar — mushu üch hezret uningda turuwatqan bolsimu, ular ne öz oghulliri ne qizlirini qutquzalmaytti; ular peqet öz janlirini qutquzalaytti, zéminning özi weyrane péti qalatti.
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا قىلىچنى چۈشۈرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، 17
Yaki bolmisa Men shu zémin’gha qilichni chüshürup, uningdin insan hem haywanni üzüwetken bolsam,
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى ساقلاپ قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. 18
emdi hayatim bilen qesem qilimenki, — deydu Reb Perwerdigar — mushu üch hezret uningda turuwatqan bolsimu, ular ne öz oghulliri ne qizlirini saqlap qutquzalmaytti; ular peqet öz janlirini qutquzalaytti.
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، 19
Yaki bolmisa Men shu zémin’gha waba késilini chüshürup, Öz qehrimni qan töktürulüshi bilen üstige töksem, uningdin insan hem haywanni üzüwetken bolsam,
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغلىنى نە قىزىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ھەققانىيلىقى بىلەن ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. 20
emdi hayatim bilen qesem qilimenki, — deydu Reb Perwerdigar — Nuh, Daniyal we Ayuptin ibaret üch hezret uningda turuwatqan bolsimu, ular ne öz oghlini ne qizini qutquzalmaytti; ular peqet heqqaniyliqi bilen öz janlirini qutquzalaytti.
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تۆت جازايىمنى، يەنى قىلىچ، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋان ۋە ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرسەم قانداق بولار؟ 21
Emdi Reb Perwerdigar mundaq deydu: — Emdi shundaq bolghandin kéyin, insan hem haywanni üzüwétish üchün Yérusalémgha töt jazayimni, yeni qilich, acharchiliq, yirtquch haywan we waba késilini chüshürsem qandaq bolar?
بىراق مانا، ئۇنىڭدا قېلىپ قالغانلار بولىدۇ، يەنى ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلىپ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ مانا، ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا چىقىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن كۈلپەت، يەنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تەسەللى ئالىسىلەر؛ 22
Biraq mana, uningda qélip qalghanlar bolidu, yeni oghul-qizlar uningdin chiqirilip qutquzulidu; mana, ular silerning yéninglargha chiqip, siler ularning yolliri hem qilmishlirini körüp yétisiler; shuning bilen siler Men Yérusalémgha chüshürgen külpet, yeni uninggha chüshürülgen barliq ishlar toghruluq teselli alisiler;
ئەمدى سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە تەسەللى ئېپكېلىدۇ؛ سىلەر مېنىڭ ئۇنىڭدا بارلىق قىلغان ئىشلىرىمنى بىكاردىن-بىكار قىلمىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 23
emdi siler ularning yolliri hem qilmishlirini körgininglarda, ular silerge teselli épkélidu; siler Méning uningda barliq qilghan ishlirimni bikardin-bikar qilmighanliqimni tonup yétisiler, — deydu Reb Perwerdigar».

< ئەزاكىيال 14 >