< ئەزاكىيال 14 >
ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بەزىلىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئالدىمدا ئولتۇرۇشتى. | 1 |
Then some of the elders of Israel came and sat down before me.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 2 |
And the word of the LORD came to me, saying,
«ئى ئىنسان ئوغلى، مۇشۇ ئادەملەر ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىگە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويغانىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدەپ مەندىن يول سورىشىنى قوبۇل قىلامدىمەن؟ | 3 |
“Son of man, these men have set up idols in their hearts and put wicked stumbling blocks before their faces. Should I consult with them in any way?
ئەمدى ئۇلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل جەمەتىدىكى كۆڭلىدە ئۆز بۇتلىرىنى تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن پەيغەمبەر ئالدىغا كېلىدىغان ھەربىر ئادەمنى بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇتلىرىنىڭ كۆپلۈكى بويىچە جاۋاب قايتۇرىمەن. | 4 |
Therefore speak to them and tell them that this is what the Lord GOD says: ‘When any Israelite sets up idols in his heart and puts a wicked stumbling block before his face, and then comes to the prophet, I the LORD will answer him according to his great idolatry,
شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە ئىگىلدۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بارلىق بۇتلىرى بىلەن ماڭا يات بولۇپ كەتتى». | 5 |
so that I may take hold of the hearts of the people of Israel. For because of their idols, they are all estranged from Me.’
ــ شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «توۋا قىلىڭلار! بۇتلىرىڭلاردىن يېنىپ [يېنىمغا] قايتىپ كېلىڭلار! بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلاردىن يۈزۈڭلارنى ئۆرۈڭلار! | 6 |
Therefore tell the house of Israel that this is what the Lord GOD says: ‘Repent and turn away from your idols; turn your faces away from all your abominations.
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئۆزلىرىنى مەندىن ئايرىپ، ئۆز بۇتلىرىنى كۆڭلىدە تىكلەپ، ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان ئۆز قەبىھلىكىنى كۆز ئالدىغا قويۇپ، ئاندىن مەندىن سوراش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىدىغان ھەرقايسى ئادەم ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىسرائىلدا تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى مۇساپىرلار بولسا، مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن؛ | 7 |
For when any Israelite or any foreigner dwelling in Israel separates himself from Me, sets up idols in his heart, and puts a wicked stumbling block before his face, and then comes to the prophet to inquire of Me, I the LORD will answer him Myself.
مەن مۇشۇ كىشىنى بىر ئاگاھ بېشارىتى قىلىپ ئۇنى سۆز-چۆچەككە قالدۇرۇشقا يۈزۈمنى ئۇنىڭغا قارشى قىلىمەن؛ مەن خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 8 |
I will set My face against that man and make him a sign and a proverb; I will cut him off from among My people. Then you will know that I am the LORD.
بىراق پەيغەمبەر ئۆزى ئېزىقتۇرۇلۇپ، بىر بېشارەتلىك سۆز قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۆزۈم پەرۋەردىگار شۇ پەيغەمبەرنى ئېزىتقۇغا ئۇچراتقانمەن؛ مەن ئۇنىڭغا قارشى قولۇمنى ئۇزارتىپ، ئۇنى خەلقىم ئارىسىدىن ھالاك قىلىمەن. | 9 |
But if the prophet is enticed to speak a message, then it was I the LORD who enticed him, and I will stretch out My hand against him and destroy him from among My people Israel.
ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ پەيغەمبەرگە بېرىلىدىغان جازا بىلەن سورىغۇچىغا بېرىلىدىغان جازا ئوخشاش بولىدۇ. | 10 |
They will bear their punishment—the punishment of the inquirer will be the same as that of the prophet—
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتى يەنە مەندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ، ياكى يەنە ئاسىيلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». | 11 |
in order that the house of Israel may no longer stray from Me and no longer defile themselves with all their transgressions. Then they will be My people and I will be their God, declares the Lord GOD.’”
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 12 |
And the word of the LORD came to me, saying,
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەلۇم بىر زېمىن ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ گۇناھ قىلغاندا، مەن شۇنىڭ بىلەن قولۇمنى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزارتىپ، ئۇلارنىڭ يۆلەنچۈكى بولغان نېنىنى قۇرۇتۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچارچىلىقنى ئەۋەتىمەن ھەم ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ئۇنىڭدىن ئۈزىمەن؛ | 13 |
“Son of man, if a land sins against Me by acting unfaithfully, and I stretch out My hand against it to cut off its supply of food, to send famine upon it, and to cut off from it both man and beast,
ئەمدى ئۇ چاغدا نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز ھەققانىيلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت ئۆز جانلىرىنىلا ساقلىيالغان بولاتتى ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. | 14 |
then even if these three men—Noah, Daniel, and Job—were in it, their righteousness could deliver only themselves, declares the Lord GOD.
ئەگەر مەن زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆتكۈزسەم، ئۇلار ئۇنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلسا، ھايۋانلار تۈپەيلىدىن ئۇنىڭدىن ئۆتكۈچى ھېچبىر ئادەم بولماي، ئۇ ۋەيرانە بولسا، | 15 |
Or if I send wild beasts through the land to leave it childless and desolate, with no man passing through it for fear of the beasts,
ئەمدى مەن ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى، زېمىننىڭ ئۆزى ۋەيرانە پېتى قالاتتى. | 16 |
then as surely as I live, declares the Lord GOD, even if these three men were in it, they could not deliver their own sons or daughters. They alone would be delivered, but the land would be desolate.
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا قىلىچنى چۈشۈرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، | 17 |
Or if I bring a sword against that land and say, ‘Let a sword pass through it,’ so that I cut off from it both man and beast,
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مۇشۇ ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغۇللىرى نە قىزلىرىنى ساقلاپ قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. | 18 |
then as surely as I live, declares the Lord GOD, even if these three men were in it, they could not deliver their own sons or daughters. They alone would be delivered.
ياكى بولمىسا مەن شۇ زېمىنغا ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرۇپ، ئۆز قەھرىمنى قان تۆكتۈرۇلۈشى بىلەن ئۈستىگە تۆكسەم، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋەتكەن بولسام، | 19 |
Or if I send a plague into that land and pour out My wrath upon it through bloodshed, cutting off from it both man and beast,
ئەمدى ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ نۇھ، دانىيال ۋە ئايۇپتىن ئىبارەت ئۈچ ھەزرەت ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار نە ئۆز ئوغلىنى نە قىزىنى قۇتقۇزالمايتتى؛ ئۇلار پەقەت ھەققانىيلىقى بىلەن ئۆز جانلىرىنى قۇتقۇزالايتتى. | 20 |
then as surely as I live, declares the Lord GOD, even if Noah, Daniel, and Job were in it, they could not deliver their own sons or daughters. Their righteousness could deliver only themselves.
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەمدى شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئىنسان ھەم ھايۋاننى ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا تۆت جازايىمنى، يەنى قىلىچ، ئاچارچىلىق، يىرتقۇچ ھايۋان ۋە ۋابا كېسىلىنى چۈشۈرسەم قانداق بولار؟ | 21 |
For this is what the Lord GOD says: ‘How much worse will it be when I send against Jerusalem My four dire judgments—sword, famine, wild beasts, and plague—in order to cut off from it both man and beast?
بىراق مانا، ئۇنىڭدا قېلىپ قالغانلار بولىدۇ، يەنى ئوغۇل-قىزلار ئۇنىڭدىن چىقىرىلىپ قۇتقۇزۇلىدۇ؛ مانا، ئۇلار سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا چىقىپ، سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن يېرۇسالېمغا چۈشۈرگەن كۈلپەت، يەنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن بارلىق ئىشلار توغرۇلۇق تەسەللى ئالىسىلەر؛ | 22 |
Yet, behold, some survivors will be left in it—sons and daughters who will be brought out. They will come out to you, and when you see their conduct and actions, you will be comforted regarding the disaster I have brought upon Jerusalem—all that I have brought upon it.
ئەمدى سىلەر ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە تەسەللى ئېپكېلىدۇ؛ سىلەر مېنىڭ ئۇنىڭدا بارلىق قىلغان ئىشلىرىمنى بىكاردىن-بىكار قىلمىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». | 23 |
They will bring you consolation when you see their conduct and actions, and you will know that it was not without cause that I have done all these things within it,’ declares the Lord GOD.”