< ئەزاكىيال 13 >
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ | 1 |
Y vino Palabra del SEÑOR a mí, diciendo:
«ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئىسرائىلنىڭ بېشارەت بەرگۈچى پەيغەمبەرلىرى، يەنى ئۆز تەسەۋۋۇرى بىلەن بېشارەت بەرگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!» ــ دېگىن. | 2 |
Hijo de hombre, profetiza contra los profetas de Israel que profetizan, y di a los que profetizan de su propio corazón: Oíd palabra del SEÑOR.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز روھىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ھېچ ۋەھىينى كۆرمىگەن ھاماقەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! | 3 |
Así dijo el Señor DIOS: ¡Ay de los profetas insensatos, que andan en pos de su propio espíritu, y nada vieron!
ئى ئىسرائىل، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭ خۇددى خارابىلەر ئارىسىدا يۈرۈۋاتقان تۈلكىلەردەك بولدى. | 4 |
Como zorras en los desiertos son tus profetas, oh Israel.
سىلەر بۆسۈلگەن جايلارغا چىقمىغانسىلەر، ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە بولىدىغان جەڭدە پۇختا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بۇزۇلغان تېمىنى ھېچ ياسىمىدىڭلار. | 5 |
Nunca subistes a los portillos, ni echasteis vallado para que la Casa de Israel, estuviera firme en la batalla en el día del SEÑOR.
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگۈچىلەر بولسا پەقەت ساختا بىر كۆرۈنۈشنى ۋە يالغان پالنى كۆرگەنلەردىن ئىبارەتتۇر؛ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەۋەتمىگەن؛ بىراق ئۇلار ئۆز سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. | 6 |
Vieron vanidad y adivinación de mentira. Dicen: Dijo el SEÑOR; y el SEÑOR nunca los envió; y hacen esperar que se confirme la palabra.
سىلەر «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دېگىنىڭلاردا، مەن ھېچ سۆز قىلمىغان تۇرسام، سىلەر ساختا بىر «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن، يالغان پالنى ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ | 7 |
¿No habéis visto visión vana, y no habéis dicho adivinación de mentira, por cuanto decís, Dijo el SEÑOR; no habiendo yo hablado?
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئويدۇرما سۆزلىگىنىڭلار، يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش»لەرنى كۆرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ئەمدى مانا، مەن سىلەرگە قارشىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، | 8 |
Por tanto, así dijo el Señor DIOS: por cuanto vosotros habéis hablado vanidad, y habéis visto mentira, por tanto, he aquí yo estoy contra vosotros, dijo el Señor DIOS.
ــ مېنىڭ قولۇم ساختا «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ۋە يالغان پالنى ئېيتقان پەيغەمبەرلەر بىلەن قارشىلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۆز خەلقىمنىڭ كېڭىشىدە ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار ئىسرائىل جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدە خاتىرىلەنمەيدۇ؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا ھېچ كىرگۈزۈلمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 9 |
Y será mi mano contra los profetas que ven vanidad, y adivinan mentira, no estarán en la congregación de mi pueblo, ni serán escritos en el libro de la Casa de Israel, ni a la tierra de Israel volverán; y sabréis que yo soy el Señor DIOS.
بەرھەق، ئۇلار تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ «تىنچ-ئامانلىق!» دەپ جار سېلىپ، خەلقىمنى ئېزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىرسى نېپىز ئارا تامنى قوپۇرسا، ئۇلار كېلىپ پەقەت ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ــ | 10 |
Por tanto, y por cuanto engañaron a mi pueblo, diciendo: Paz, no habiendo paz; y uno edificaba la pared, y he aquí que los otros la pañetaban con lodo suelto;
تامنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتىۋاتقانلارغا: «بۇ تام يىقىلىدۇ!» دېگىن! كەلكۈندەك بىر يامغۇر ياغىدۇ! ئى يوغان مۆلدۈرلەر، سىلەر چۈشىسىلەر! دەھشەتلىك بىر شامال چىقىدۇ؛ | 11 |
di a los pañetadores con lodo suelto, que caerá; vendrá lluvia inundante, y daré piedras de granizo que la hagan caer, y viento tempestuoso la romperá.
ۋە مانا، تام ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، خەق سىلەردىن: «سىلەر بۇ تامنى سۇۋىغان ھاك سۇۋاق قېنى!» دەپ سورىمامدۇ؟ | 12 |
Y he aquí, cuando la pared haya caído, no os dirán: ¿Dónde está la embarradura con que pañetasteis?
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز قەھرىم بىلەن دەھشەتلىك بىر شامال پارتلىتىپ چىقىرىمەن؛ مېنىڭ ئاچچىقىمدىن كەلكۈندەك بىر يامغۇر ۋە ھەممىنى ھالاك قىلىدىغان قەھرلىك مۆلدۈرلەر ياغىدۇ. | 13 |
Por tanto, así dijo el Señor DIOS: Y haré que la rompa viento tempestuoso con mi ira, y lluvia inundante vendrá con mi furor, y piedras de granizo con mi enojo para consumir.
شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەر ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقان تامنى غۇلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلىنى ئاشكارە قىلىپ، ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛ ئۇ غۇلاپ چۈشكەندە، سىلەر ئۇنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر؛ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 14 |
Así derribaré la pared que vosotros pañetasteis con lodo suelto, y la echaré a tierra, y será descubierto su cimiento, y caerá, y seréis consumidos en medio de ella; y sabréis que yo soy el SEÑOR.
شۇنداق قىلىپ مەن قەھرىمنى تام ھەم ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ ۋە: «تام يوق بولدى، شۇنداقلا ئۇنى ھاك سۇۋاق بىلەن ئاقارتقانلار، يەنى يېرۇسالېم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگۈچى، ھېچ تىنچ-ئامانلىق بولمىغاندىمۇ ئۇ توغرۇلۇق تىنچ-ئامانلىقنى كۆرسەتكەن «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرگەن ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ يوق بولدى» ــ دەيمەن». | 15 |
Cumpliré así mi furor en la pared y en los que la pañetaron con lodo suelto; y os diré: No existe la pared, ni aquellos que la pañetaron,
los profetas de Israel que profetizan a Jerusalén, y ven para ella visión de paz, no habiendo paz, dijo el Señor DIOS.
«ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئۆز تەسەۋۋۇرى بويىچە بېشارەت بەرگۈچى ئۆز خەلقىڭنىڭ قىزلىرىغا يۈزۈڭنى قارىتىپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ | 17 |
Y tú, hijo de hombre, pon tu rostro a las hijas de tu pueblo que profetizan de su propio corazón, y profetiza contra ellas,
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز بېغىشلىرىنىڭ ھەربىرىگە [سېھىرلىك] بىلەزۈكلەرنى قاداپ، جانلارنى تۇزاققا ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئېگىز-پاكار ئادەملەرنىڭ بېشىغا پەرەنچىنى ياسىغانلارغا ۋاي! ئەمدى سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ جانلىرىنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، جانلىرىڭلارنى ساق قالدۇرىمىز دەۋاتامسىلەر؟ | 18 |
Y di: Así dijo el Señor DIOS: ¡Ay de aquellas que cosen almohadillas a todos codos de manos, y hacen veletes sobre la cabeza de toda edad para cazar las almas! ¿Habéis de cazar las almas de mi pueblo, para mantener así vuestra propia vida?
نەچچە تۇتام ئارپا، نەچچە چىشلەم ناننى دەپ سىلەر ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىپ، يالغان سۆزگە قۇلاق سالىدىغان مېنىڭ خەلقىمگە يالغانچىلىقىڭلار ئارقىلىق ئۆلمەسكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، تىرىك قالماسلىققا تېگىشلىكلىرىنى ھايات قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟ | 19 |
¿Y habéis de profanarme entre mi pueblo por puñados de cebada y por pedazos de pan, matando las almas que no deben morir, y dando vida a las almas que no deben vivir, mintiendo a mi pueblo que escucha la mentira?
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن سىلەرنىڭ قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك كىشىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرگۈچى سېھىرلىك «تېڭىق»لىرىڭلارغا قارشىمەن، مەن ئۇلارنى بىلىكىڭلاردىن يىرتىپ تاشلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر قۇشلارنى تۇزاققا چۈشۈرگەندەك تۇتقان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئۇچۇرىۋېتىمەن. | 20 |
Por tanto, así dijo el Señor DIOS: He aquí yo estoy contra vuestras almohadillas, con que cazáis ahí las almas volando; yo las arrancaré de vuestros brazos, y soltaré las almas, las almas volando que cazáis.
مەن سىلەرنىڭ پەرەنجىلىرىڭلارنىمۇ يىرتىپ تاشلىۋېتىپ، خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلار يەنە قولۇڭلاردا ئولجا بولۇپ تۇرمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. | 21 |
Romperé asimismo vuestros veletes, y libraré mi pueblo de vuestra mano, y no estarán más en vuestra mano para caza; y sabréis que yo soy el SEÑOR.
سىلەر يالغانچىلىق بىلەن، ئۆزۈم ئازار بەرمىگەن ھەققانىي ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، شۇنداقلا رەزىل ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قۇتقۇزۇشقا ئۇلارنى رەزىل يولىدىن ياندۇرماي، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قولىنى كۈچەيتكىنىڭلار ئۈچۈن، | 22 |
Por cuanto entristecisteis con mentira el corazón del justo, al cual yo no entristecí, y fortalecisteis las manos del impío, para que no se apartase de su mal camino, infundiéndole ánimo;
سىلەر قۇرۇق «ئالامەت كۆزۈنۈش»لەرنى ئىككىنچى بولۇپ كۆرمەيسىلەر، ياكى يالغان پالچىلىق قىلمايسىلەر؛ مەن ئۆز خەلقىمنى قولۇڭلاردىن قۇتقۇزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». | 23 |
por tanto, no veréis vanidad, ni más adivinaréis adivinación; y libraré mi pueblo de vuestra mano; y sabréis que yo soy el SEÑOR.